ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2007-4-6 23:53:22

ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺴﯩﻢ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ

ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ، ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯜﭼﻪﭖ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺳﺎﮬﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺷﻤﯘ - ﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻗﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﻳﯩﺘﻠﻪﺭﺩﻩ ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﻪﺯﯨﻲ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ - ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺭﻩﺩﺩﯨﻴﻪﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﮭﺘﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﺎﺷﻼﺷﺘﻰ .
ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﭘﯧﻘﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﻳﻮﻕ ؟ ( ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﺎ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ - ﻳﻮﻕ ؟ ) ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ؟ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ؟ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﺪﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﯨﻢ . ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ، ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﯧﺰﺭﺍﻕ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻮﺯﯗﺭﯨﻐﺎ ﺳﯘﻧﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﺪﯨﻢ . ( ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻢ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻘﻪﺩﻩﺭ ﺗﯧﺰﺭﺍﻕ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺶ  ﺋﯩﺪﻯ .) ﺷﯘﯕﺎ ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ.

ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ 4 ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ( ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ 5-6 ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﻚ ) ، ﺋﯩﺴﻤﻰ ، ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ، ﺑﻮﯞﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ.

ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ :
Ali bin Ahmed bin Saleh Al-Fulani.
ﺋﻪﻟﻰ ﺑﯩﻦ ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﺑﯩﻦ ﺳﺎﻟﯩﮭ ﺋﻪﻝ - ﻓﯘﻻﻧﻰ
ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺋﺎﺗﺎ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺑﻮﯞﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ
ﺋﻪﻝ - ﻓﯘﻻﻧﻰ ﺑﯘ ﺋﻪﺭﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﺪﯗﺭ.
ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﯨﺲ ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ - ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺑﻮﯞﯨﺴﯩﻐﯩﭽﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﻧﻪﺳﻪﺑﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﮬﻪﺗﺘﺎ ، ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻡ - ﺷﻪﺭﯨﻔﯩﻨﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺧﺎﮬﯩﺶ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ :
Fahad bin Abdul Aziz bin Abdul Rahman Al-Sa'ud.
ﻓﺎﮬﯩﺪ ﺑﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻝ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺑﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻝ ﺭﺍﮬﻤﺎﻥ ﺋﻪﻝ - ﺳﻪﺋﯘﺩﯨﻲ .
ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ  ﺋﻪﻝ - ﺳﻪﺋﯘﺩﯨﻲ .

ﺑﻪﮬﺮﻩﻳﯩﻦ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ:

Isa bin Salman bin Hamad Al-Khalifa
ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺑﯩﻦ ﺳﺎﻟﻤﺎﻥ ﺑﯩﻦ ﮬﺎﻣﺎﺩ ( ﮬﺎﻣﯩﺪ ) ﺋﻪﻝ ﺧﻪﻟﯩﻔﻪ
ﺑﯘﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﺋﻪﻝ - ﺧﻪﻟﯩﻔﻪ .
ﺋﻮﻣﺎﻥ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ -  ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ:

Qaboos bin Said bin Taimur Al-Busaid
ﻗﺎﺑﯘﺱ ﺑﯩﻦ ﺳﻪﺋﯩﺪ ﺑﯩﻦ ﺗﯧﻤﯘﺭ ﺋﻪﻝ - ﺑﯘﺳﻪﻳﯩﺪ.
ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﺋﻪﻝ - ﺑﯘﺳﻪﻳﯩﺪ.

ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ:

Hamad bin Khalifa bin Hamad Al-Thani
ﮬﺎﻣﯩﺪ ﺑﯩﻦ ﺧﻪﻟﯩﻒ ﺑﯩﻦ ﮬﺎﻣﯩﺪ ﺋﻪﻝ - ﺗﮭﺎﻧﻰ
ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﺋﻪﻝ - ﺗﯩﮭﺎﻧﻰ.
ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺋﻪﻣﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ :

Khalifa bin Zayed bin Sultan Al-Nahyan
ﺧﻪﻟﯩﻔﻪ ﺑﯩﻦ ﺯﺍﻳﯩﺪ ﺑﯩﻦ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﻪﻝ - ﻧﺎﮬﻴﺎﻥ.
ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﺭﺏ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺋﻪﻣﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻔﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﺋﻪﻝ - ﻧﺎﮬﻴﺎﻥ .

ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﺩﻩ  ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ؟!

ﻳﯘﻗﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﻟﻰ ( ﺋﻪﻟﻰ ﺑﯩﻦ ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﺑﯩﻦ ﺳﺎﻟﯩﮭ ﺋﻪﻝ - ﻓﯘﻻﻧﻰ ) ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ:

Nura bint Ahmed bin Saleh Al-Fulani.
ﻧﯘﺭﺍ ﺑﯩﻨﺖ ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﺑﯩﻦ ﺳﺎﻟﯩﮭ ﺋﻪﻝ - ﻓﯘﻻﻧﻰ
ﻳﯘﻗﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻨﺖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﻝ - ﻓﯘﻻﻧﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ ، ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﺱ ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﻰ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﺪﺍ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﯘﭼﻪ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻏﻪﺭﯨﺒﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﺩﯨﻜﯩﻠﺪﻩ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﻳﻪﻧﻰ  ﻧﯘﺭﺍ ﺑﯩﻨﺖ ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﺑﯩﻦ ﺳﺎﻟﯩﮭ ﺋﻪﻝ - ﻓﯘﻻﻧﻰ  ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ
Abdullah bin Mohammed bin Faisal Al-Hijazi
ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺑﯩﻦ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺑﯩﻦ ﻓﺎﻳﺴﺎﻝ ﺋﻪﻝ - ﮬﯩﺠﺎﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺭ - ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺳﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯜﮔﻪﻟﻠﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻦ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﻣﯩﺰ!
ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﯩﺴﻪﻛﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺗﻪﮬﻘﯩﻘﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺧﯘﺳﯘﺳﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﺪﺍ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻢ .
ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﯚﻟﮕﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﻰ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﯞﻩ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ....  ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﻘﯘﺳﻰ ....

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2007-4-7 09:20:46

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻝ ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﯘ....
ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭ ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺕ، ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ، ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻧﻜﯩﺘﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﺭﻛﯩﭙﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﯩﻢ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪﻙ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.

ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ، ﺋﯜﭼﻼ ﺗﻪﺭﻛﯩﭙﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ:
  ﺋﯩﺴﯩﻢ+ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ+ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ
ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯖﻜﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﺗﻮﻏﯘﻟﯘﭖ ﺋﯚﻟﮕﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ.

ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﺷﯘﻛﻰ: ﺋﯩﺴﯩﻢ -ﻓﺎﻣﯩﻠﻪ-ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻛﺎﺗﻪﻛﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﺕ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﭺ ﺗﻪﺭﻛﯩﭙﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺧﯧﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﻼﺷﻘﺎﻥ ﻓﺎﻣﯩﻠﻪ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻤﺪﻩ ﻓﺎﻣﯩﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺗﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﭖ-ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﻳﻐﯘﺭﭼﯩﺪﺍ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺭﻭﺷﻪﻥ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ، ﺋﻮﻗﯘﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ. ﺑﯘ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ، ﺩﯨﻤﻪﻙ، ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻼﺭﺩﺍ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﺷﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻖ ﻛﻮﻣﯩﺘﯩﺘﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﭽﻪ ﺋﯩﺰﻻﭖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ  ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﯘﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ  ﺧﻪﺕ ﺭﺍﻣﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺧﻪﺕ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺧﻪﺕ ﺭﺍﻣﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ، ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻧﻜﯩﺘﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﺎﺗﻪﻛﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﭘﯩﻼﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ.

ay~chiwar يوللانغان ۋاقتى 2007-4-7 10:18:11

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻜﻜﻪﻥ ﺭﺍﺳﺖ . ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯟﻩﺭﺳﻪ ، ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻰ ﺩﺍﺩﺍ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﻪﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﺎ ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﻩﻛﻼ .... ﺋﻮﻏﯘﻝ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺗﻪﮔﺌﻪﺕ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ -ﻧﯧﻤﻪ ؟ ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺑﻪﻙ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻤﻤﯘ ... ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2007-4-7 17:41:53

ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺪﺍﺭ - ﻗﯘﺗﻼﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﯩﺪﯨﻨﯩﯔ <<  تەگئاتىمنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلدىم  >>  ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯛﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﯞﯨﺴﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ - ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﭘﯧﻘﯩﺮﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺪﺍﺭ - ﻗﯘﺗﻼﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺟﻪﻟﺐ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻠﯩﺮﻯ :

Bidar-Qutlan (ساقىشچى)

بۇيەردە مۇسۇلمان ئەرەپلەرنىڭ تەگئاتى ھەققىدە دەسلەپكىي ئىزدىنىش. بارىكەن. مېنىڭچە بىز ئىشنى قىينغا تارتىشتىن ئىزدەنمەي، توغرىسىنى تېپىشتىن ئىزدەنسەك.

Eagle (بۈركۈت)

ئەرەپنى دورىساق تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. داموللا ھاجىمنىڭ پىكرى ئەڭ توغرىسى بولىدۇ. بىز ئەرەپ ئەمەس، ئەمما مۇسۇلمان.

Bidar-Qutlan (ساقىشچى)

سىزنىڭ بۇ تىمىدا ئالغان دىنى دەلىللىرىڭىزدىن ئىتىقاتلىق ئادەملىكىڭىزنى ۋە كومپيۇتېردىكى ئىستىداتىڭىزگە قاراپ سىزنىڭ پۈتۈن ئادەملىكىڭىزدىن سۆيۈندىم. تەگئات ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭىزدىن تېخىمۇ خۇرسەن بولدۇم، ئەپسۇسكى يۇقۇرىدىكى سۆزلىرىڭىز سىزگە مۇناسىپ بولمىغان بىر سۆز بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەجەپلەندىم.
داموللا ھاجىمنىڭ پىكرى ئەڭ توغرىسى بولىدۇ.
داموللاجىكام ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بىلىملىك ئادەم، ئەمما ئۇ پەيغەمبەر ئەمەس، ئۇمۇ پەقەت ئاللاھ بىلدۈرگەننىلا بىلەلەيدىغان، دىنى بىلىملەرنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇكەممەل بىلىپ كېتىشى ناتايىن بولغان ئادەم. تەگئات ھەققىدە دىنى نۇقتىدىن كۈزەتكەندە داموللاجىكامنىڭلا كۆزىدىن كۈزىتىمىز، باشقىلىرى ئىتىبارغا ئېلىنمايدۇ دېسىڭىز دۇرۇس بولۇرمۇ؟ داموللاجىكام ئىسلام دۇنياسىنىڭ قازىسىمۇ؟

ئەرەپنى دورىساق تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. بىز ئەرەپ ئەمەس، ئەمما مۇسۇلمان.
سىزنىڭ بۇ سۆزىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلغان بولمامدۇ؟ سىز بۇنىڭغا دىنى نۇقتىدىن قاراشقا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەمدىلىكتە مىللەت نۇقتىسىدىن چۈشسىڭىز، ئەرەپلەردە مۇسۇلمان يوقمۇ؟ ئۇلار سىز ئوتتۇرىغا قويغان دەلىلنى بىلمەسمۇ؟

مەن سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەردە ئۆزەمنىڭ بىلگەنلىرىم بويىچە تولۇق جاۋاپ بېرىشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم، سىز بىرنەرسىنى بىلمەي تۇرۇپ، مۇجىمەل گەپ قىلىدىغان ئادەم ئەمەس، شۇڭا سىز ئەمدى ئۇيغۇر تەگئات قوللانسا بولمايدىغان تەرەپلەرنى ۋە مېنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمدا، سۇئاللىرىڭىزغا بەرگەن جاۋاپلىرىمدا خاتالىق بولسا قايسى نۇقتىدىن بولمىسۇن كۆرسىتىپ بېرىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىمەن،

Eagle (بۈركۈت)

مېنىڭ كەسپىم ئىجتىمائى پەن بولمىغاچقا، تەگئات ھەققىدە كۆپ سۆزلىيەلمەيمەن. مەن بۇرۇنقى يازمامدا «ئۇيغۇرلارنىڭ تەگئات ئىشىنىڭ ھۆددىسىدىن پەقەت زىيالىلارلا چىقالمايدۇ، ئۇنىڭغا دىنى ئالىملىرىمىزمۇ قاتنىشىشى لازىم» دەپ ئۆز كۆز قارىشىمنى بايان قىلسام، بۇ گېپىم، ئىزدىنىشتىكى مەن يۈكسەل قېرىندىشىمىزنىڭ قۇلىقىغا قانداق ئاڭلانغان، «بىز زىيالىلار ئۇيغۇرلارنى كۇپۇرلۇققا باشلاۋاتىمىزمۇ» دىگەندەك گەپنى قىلىپتۇ.

مەن يېقىندىن بۇيان بۇ تور دۇنياسىدا ئىلمى ئادەملەر ئارامۇ گەپ چۈشەندۈرۈشنىڭ شۈنچە قىيىن ئىكەنلىگىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم.

ھەر قانداق بىر زىيالى بىرەر لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. ئىسلام دىنىغا، قۇرئان كەرىمدىكى بۇيرۇقلارغا زىت بولۇپ قالمىسىلا، مېنىڭ ھىچ قانداق پىكرىم يوق. بۇرۇنمۇ مەن يۈكسەل ئەپەندىم ۋە سىزنىڭ قارىشىڭىزدىكى بەزى نامۇۋاپىق جايلارنى دەلىلىم بىلەن كۆرسۈتۈپ بەرگەن ئىدىم.

مېنىڭ بۇ يەردە پىكىر قاتناشتۇرۇشىمدىكى ئاساسى سەۋەپ، تەگئاتنىڭ بەزى پىرىنسىپلىرى، مەسىلەن قىز-ئاياللارنىڭ تەگئاتى، توي قىلىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى تەگئاتى، بېقىۋېلىنغان بالىلارنىڭ تەگئاتى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى بەزى پىرىنسىپلار ئىسلام دىنى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ روھى، بۇيرۇقىغا خىلاپ بولۇپ قالمىسۇن دىمەكچىمەن.

ئەمدى نىمىنىڭ ئاسان، نىمىنىڭ قىيىنلىقىغا كەلسەك، بۇ مەسىلىدە 5000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئەرەپلەردىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۇلاردىن سوراپ يۈرمەي، ئۆزىمىزنىڭ مەھەللىسىدىكى خوشنىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىكامدىن بەزى ئورۇنلارنى سوراپ بىلىۋالايلى، شۇ ئاسان بولىدۇ دىمەكچىمەن.

مەن بۇرۇن دىيارىمىزدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، سىزگە ئوخشاش ئەرەپلەرنى بەك چوڭ بىلەتتىم، بۇ بەلكىم «يېقىندىكى موللام ساختا موللام، يىراقتىكى موللام ھەقىقى موللام» دىگەن گەپنىڭ تەسىرىمىكىن، بەلكىم. لېكىن يۇرت ئاتلاپ، ئەرەپلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ ئويۇمنىڭ ئىنتايىن خاتا ئىكەنلىگىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم.

مەن بۇ يەردە ئوقۇش جەريانىدا، ئىككى ياتاق ئۆيى بار بىر يۈرۈش ئۆيدە، يەنە بىر ئوقۇغۇچى بىلەن قىسقا مەزگىل بىرگە تۇرۇشقا توغرا كېلىپ، يىمەك-ئىچمەك، دىنى ئېتىقاد ئىشىدا بولسىمۇ بىر ئاز قولاي بولۇشنى ئويلاپ، توڭگۇز گوشى يەيدىغانلار بىلەن بىرگە تۇرغىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا كەلگەن بىر ئەرەپ بىلەن بىرگە تۇرۇشنى تاللىدىم. ئۇنىڭدىن سورىسام، سەئۇدىدا، يەسلىدىن باشلاپ قۇرئان كەرىم ئۆگۈتىلىدىكەن. ئەمما بۇ ئەرەپ 20 يىل مەكتىپىدە مەجبۇرى قۇرئان كەرىم ئۆگۈنۈپ، 2 مىنۇتلۇق بىرەر سۆرىنى يادقا بىلمەيدىكەن. ئانا تىلى ئەرەپ تىلى تۇرۇپ، پەيغەمبىرىمىز دىيارىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ، بىرەر ۋاق ناماز ئوقۇمايدىكەن. تېخى ئۆيگە ھاراق-پىۋىلارنى كۆتۈرۈپ كىرىپ، ماڭا ئانچە-مۇنچە تەڭلەپ قويۇشلىرى بار ئىدى...

مېنىڭ يۇرتۇمدا، يېزىدا، مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن ساۋاتسىز تۇققانلىرىم بار، شۇلار چېغىدا پۈتۈن قۇرئان كەرىمنى يادقا بىلىدىغان قارىم. بۇلارنى سېلىشتۇرۇپ، ھەم تاشقى دۇنيادا ئەرەپلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ، ھېلىمۇ مۇشۇلار ھازىرمۇ مۇشۇنچىلىك كۈن كۆرگەنگە شۈكرى دىسە بولغىدەك دىگەن قاراشقا كەلدىم.

شۇڭا ئەرەپ دىگەنلىك مۇسۇلمان دىگەنلىك ئەمەس. تەگئات ئىشىدا، بەزى نۇقتىلاردا، قېشىمىزدىكى داموللا ھاجىكامدىن مەسلىھەت سوراپ كۆرەيلى دىسەم، ئىشنى «ئاسانلاشتۇرۇپ»، 5000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئەرەپلەردىن ئۈلگە ئالايلى دىگەن گەپ چىقتى. ئۇ ئەرەپلەرنىڭ تېگىنى بىز بىلمىگەندىكىن (بەلكىم تىلغا ئېلىنغان مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلماندۇر، لېكىن مەن شۇنداقتىمۇ ھازىرقى سەئۇد جەمەتىنىڭ مۇكەممەل مۇسۇلمانلىقىغا ئىشەنمەيمەن)، ھەم ئۇلار بىزدىن 5000 كىلومېتىر يىراقتا بولغاچقا، ھەم ئۇلار بىرلا ۋاقىتتا نەچچە ئەۋلاد دادىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى قوشۇۋالغاچقا، بۇ بىزگە ماس كەلمەيدۇ.

يىراقتىكى ئەرەپلەردىن سورىسىڭىز «ئىسلام دىنىدا پەقەت ئىككى بايرام بار، ئۇ روزا ھېيىت بايرىمى بىلەن قۇربان ھېيىت بايرىمىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا بايراملار بىدئەتتۇر، سىلەرنىڭ نورۇز بايرىمىڭلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدەدۇر» دەپ جاۋاپ بېرىپ، تېخىمۇ ئۇماچ قىلىشتىن يانمايدۇ. بىز يىراقتىن ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلىپلا، كۆچۈرۈپ ئەكەلمەي، قېشىمىزدىكى، ئۆزىمىزنىڭ دىنى ئالىمىمىزدىن سوراپ باقساق ئىش تېخىمۇ ئاسان، توغرا بولمامدۇ؟

مەن يەنىلا باشتىكى گېپىمنى تەكرارلاپ قوياي. مەن تەگئات قوللۇنۇشقا قارشى ئەمەس، ئەكىسچە قوللايمەن. لېكىن ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرىنىڭ ئىسلام دىنى، قۇرئان كەرىم روھىغا زىت بولۇپ قېلىشىنى قوبۇل قىلالمايمەن. شۇڭا بۇرۇنمۇ «روزىگۈل يۈكسەل خانىم» نىڭ تەگئاتىغا دەلىلىم بىلەن پىكىر بەرگەن ئىدىم.

ئۇيغۇر جەمىيىتىدە، قارا يىتىم بالىلارنى بېقىۋېلىش، ياكى تۇغماسلىق سەۋەبىدىن ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى بېقىۋالىدىغان ئادەت يەنىلا مەۋجۇت. خوش، بۇ مەسىلىدە سىزلەرنىڭ ھازىرچە قانداق پىرىنسىپىڭلار بار؟ بۇنى 5000 كىلومېتىر يىراقتىكى ھېلىقى ئەرەپلەردىن سوراپ بىلىش قېشىمىزدىكى ئۆزىمىزنىڭ دىنى ئالىمىمىزدىن سوراپ بىلىۋېلىشتىن ئاسانمىدۇر؟ ھېلىقى ئەرەپلەر بىلگەننى ئۆزىمىزنىڭ دىنى ئالىمىمىز بىلمەسمۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى ھېلىقى ئەرەپلەر ياخشى بىلەرمۇ ياكى ئۆزىمىزنىڭ ئالىمىمىز ياخشى بىلەرمۇ؟

قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرنىڭ ھىچ قانداق بىر يېرىدە ئەرەپ مىللىتى باشقا مىللەتلەردىن يۇقۇرى مەرتىۋىلىك، ئۈستۈن دىگەن ئايەت، ھەدىسلەر يوق. داڭلىق ھەدىس توپلىغۇچى بۇخارىمۇ ئەرەپ ئەمەس، بەلكىم بۇخارادىن چىققان بىر دىنى ئالىم ئىدى. ھەر يىلى سەئۇدىدىكى قىرائەت مۇسابىقىسىدە غەيرى ئەرەپ مۇسۇلمانلىرى ئالدىنقى دەرىجىلەرنى ئالىدىكەن. مەككىدىكى كەبە جايلاشقان چوڭ ھەرەم مەسجىدىنىڭ ئىماملىقىنىمۇ ئۇزۇن يىل بىر ئۇيغۇر قىلىپ كەپتىكەن...

شۇڭا ئىشنىڭ توغرىسى، ئاسىنى يىراقتىكى ئەرەپلەردىن ئۈلگە ئېلىش ئەمەس، قېشىمىزدىكى ئۆزىمىزنىڭ دىنى ئالىمىمىزدىن سوراپ بىلىشتۇر. ناۋادا مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ بۇ ئىشقا بىلىمى تېيىزلىق قىلسا (مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن)، يەنە شۇ ئالىمىمىزدىن سوراپ بىلىپ، قايسى ئەرەپ دىنى ئۆلىماسىدىن سوراپ بىلسەك ئەڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالساق بولىدۇ.

مېنىڭ ھازىرچە تەگئات ھەققىدە بېرىدىغان پىكرىم تۈگىدى. سىزلەر قاچان بېقىۋېلىنغان بالىلارنىڭ فامىلىسى، تەگئاتى ھەققىدە گەپ باشلىغاندا، مەن يەنە ئۆز پىكرىمنى قويۇشۇم مۇمكىن.

خۇددى ئۆزىڭىزنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «بىز بىر-بىرىمىزنىڭ ئەينىگى».

گەپ بىلەن يۈز تۇرانە دىيىشسە، پىكىر چېچىلىپ كەتمەيدىغان، 5 مىنۇتتا تۈگەيدىغان ئىشمۇ، كۇنۇپكا تاختىسىدا 30 مىنۇتقا ئۇزىراپ، پىكىر چېچىلىپ، تىللار كالۋا بولۇپ قالىدىكەن. بەكىم ئىنكاسلارنىڭ ئۇزىراپ، كۆپىيىپ، خاتا چۈشىنىشلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىمۇ مۇشۇ سەۋەپتىنمىكىن، بەلكىم.

ئۆزىڭىزنىڭ تەگئاتىنى ئايالىڭىزغا ئىشلەتسىڭىز ئىسلام دىنى نۇقتىسىدىن توغرا قىلمىغان بولىسىز. ئايالىڭىز بىلەن سىزنىڭ قانداش ئەمەسلىگىڭىزنى سىزلەر بىلگەن بىلەن باشقىلار بىلمەيدۇ. بۇ يەردە تەگئات قوللۇنۇشتىكى زورۈرىيەتمۇ باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.

سىزنىڭ ئىسمىڭىز بىلەن يەڭگىمىزنىڭ ئىسمىنى بىر يەردە كۆرۈپ قالغانلار ھەر خىل ئويلىشى مۇمكىن، بەزىلىرى بۇلار نەۋرە بولۇشى مۇمكىن دىسە، بەزىلىرى چەۋرە بولۇشى مۇمكىن دەپ... بۇلار ئەر-ئايال دەپ ئويلايدىغانلارمۇ چىقىپ قالار بەلكىم، لېكىن ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك.

توي قىلىشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن، يەڭگىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ تەگئاتى بولمىسا ئۇ باشقا گەپ. يوقكەن دەپ ئۆزىڭىزنىڭكىنى قوشۇپ قويسىڭىز، ئۇ باشقا گەپ بولىدۇ. بار بولسۇن، يوق بولسۇن، ئۆزىڭىزنىڭكىنى ئىشلەتسىڭىز بولمايدۇ.

مەن باشقىلاردىن سوراپ كۆرسەم، مەن بۇرۇن كەلتۈرگەن دەلىللەردىكى «ئۇلارنى ئۆز ئاتىلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىڭلار»، «سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ ئىسمى ۋە ئاتاڭلارنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىسىلەر» دىگەن جۈملىلەردىكى ئاتا سۆزىگە ئەسلى ئىشلىتىلگەن ئەرەپچە سۆزنىڭ «ئاتا»، «تەگئات» دىگەندەك مەنىلىرىمۇ بارمىش. قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان تارىخى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار تېخى تەگئات ئىشلەتمىگەچكە پەقەت «ئاتا» مەنىسىنىلا ئالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدىغانلار بار ئىكەن. بۇ گەپنى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئۆزىدىن سوراپ بىلىش زۆرۈر، تەخىرسىز بولۇپ قالدى...

نىمىلا دىگەن بىلەن، سىزنىڭ تەگئاتىڭىزنى يەڭگىمىزگە ئىشلىتىشىڭىز ئىسلام دىنى نۇقتىسىدىن خاتا بولۇپ قالىدۇ. مېنىڭ بۇرۇن دىگەن «تەگئاتنىڭ ھۆددىسىدىن پەقەت زىيالىلارلا چىقالمايدۇ» دىگەن گېپىم بۇ يەردە ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىپتۇ.

ئەسلى بۇ ھەقتە ئىنكاس يازماي دەپ ئويلىغان. سىزنىڭ رەڭلىك ئىنكاسىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ تېمىنى باشتىن تەپسىلى ئوقۇپ، نۇرغۇن جايلىرىغا پىكىر بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بايقىدىم. بۇ گەپلەر چۇۋۇلۇپ چىقىپ، ئۇزىراپ كېتىدىغان بولدى.

مەن بۇرۇن دېدىم، مېنىڭ نەزىرىمدە ئەرەپ بىلەن مۇسۇلمان بىر گەپ ئەمەس، مەنىداش، تەڭداش گەپ ئەمەس. ئەرەپنىڭ كاپىرىمۇ بار، خىرىستىيانىمۇ بار، يەھۇدى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىرىمۇ بار، دىنسىزىمۇ بار...

مەن ئۆزەم بىلمەيدىغان، تونۇمايدىغان بىر ئەرەپتىن، ئۆزەم بىلىدىغان، غەيرى ئەرەپ مىللىتىدىن بولغان بىر مۇسۇلماننى ئۇلۇق بىلىمەن. ھازىرقى ئوتتۇرا شەرقتىكى مەسىلىلەر ئامېرىكىنىڭ كاساپىتىن ئەمەس، ئەسلى ئاشۇ ئەرەپلەرنىڭ كاساپىتىدىن بولغان دەپ بىلىمەن.

يەنى چۈشەنمىسىڭىز، دۇنيا تارىخىغا قاراپ بېرىڭ. ھازىرقى سەئۇد جەمەتى، پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقنى باشقۇرىۋاتقان، مۇسۇلمان ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىگە قارشى، ئۇلۇق بىرىتانىيە بىلەن كېلىشىپ، تۈركلەرنى ئوتتۇرا شەرقتىن قوغلاپ چىقىرىپ، بىرىتانىيەلىكلەرنى، يەھۇدىلارنى ئوتتۇرا شەرققە باشلاپ كەلدى.

يەھۇدىلار بىرىتانىيەلىكلەرنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىنلا، ئۇ يەردە يېرۇسسالىم (بەيتۇلمۇقەددەس) ئىككىگە پارچىلىنىپ، ئەرەپلەر ئۆزلىرىنىڭ تۈركلەردىن قۇتۇلغان، بەختلىك كۈنلىرىنى كۆرۈشكە باشلىدى. بۇ بەختلىك كۈنلەر تاكى مۇشۇ دەقىقىگىچە داۋام ئېتىۋاتىدۇ.

ئۇ ئەرەپلەر ئەجىبا ئەرەپ تىلىدا، ئۆز تىلىدا نازىل بولغان، قۇرئان كەرىمدىكى «ئى مۇسۇلمانلار جامەسى! يەنە بىر مۇسۇلمان جامەسىگە قارشى كاپىرلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزىمەڭلار!» دىگەن ئايەتنى، ئاللاھنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىنى بىلمەسمىدى...

شۇڭا ئەرەپلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۆرۇۋاتقان كۈنى ئۆزلىرىگە يېتىپ ئاشىدۇ. بىز يەنە ئۇلارنىڭ پوق-سۈيدۈكلىرىگە تېيىلىپ يۈرمەيلى. مەن يۈكسەل ئەپەندىم مىسال قىلغان ئەرەپچە ئىسىملار پۈتۈنلەي ئەرەپ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىرى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپلا كۆڭلۈم ئاينىدى، مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنى چوڭقۇر سېغىندىم.

شۇڭا مەن ئەرەپلەرنى بىر نەرسە بىلمەيدۇ دەپ قارايمەن. مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا سۈكۈت قىلىشمۇ ئىسلامنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس. ئۆز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا مۇستەبىتلىك قىلىشمۇ ئىسلامنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس. شۇڭا ئەرەپلەرنى تىلغا ئالمايلى. بۇ تېمىغا ئەرەپلەر ئارىلىشىپ قالسا، ئاخىرى چىقمايدۇ...

مەن ئەرەپ بىلەن مۇسۇلماننى بىر سۆز دەپ قارىمايمەن، مەنىداش، تەڭداش دەپمۇ قارىمايمەن. بۇ ھەقتە ئىككىمىزنىڭ كۆز قارىشىدا پەرقلەر بار ئىكەن. شۇڭلاشقا مېنىڭ سۆزلىرىم سىزنى ئەجەپلەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن.

سىز ئاۋال ئەرەپلەرگە مۇراجەت قىلايلى دەپ قاراپسىز. «يىراقتىكى موللام ھەقىقى موللام، يېقىندىكى موللام ساختا موللام» ئىدىيىسى سىزدە ئازدۇر-كۆپتۈر بار ئوخشايدۇ. مەن ئەرەپلەرنى ئېسىمگىمۇ كەلتۈرۈپ قويماي، داموللا ھاجىكامغا مۇراجەت قىلايلى دېدىم. مېنىڭچە تەگئات مەسىلىسى، ئىسلام دىنىدا، قۇرئان كەرىمدە ئانچە مۇرەككەپ نەرسە بولۇشى ناتايىن، بۇ ئىشتا داموللا ھاجىكام بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزدىن تولۇق چىقالايدۇ دەپ قارايمەن.

مەن مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئەل سەئۇدتىن ئۇلۇق، چوڭ، پاك، دىيانەتلىك، ئىسلام دىنىدا تېخىمۇ بىلىملىك دەپ بىلىمەن.


مەن بۇرۇن دېدىم، مېنىڭ نەزىرىمدە ئەرەپ بىلەن مۇسۇلمان بىر گەپ ئەمەس، مەنىداش، تەڭداش گەپ ئەمەس. ئەرەپنىڭ كاپىرىمۇ بار، خىرىستىيانىمۇ بار، يەھۇدى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىرىمۇ بار، دىنسىزىمۇ بار...

مەن ئۆزەم بىلمەيدىغان، تونۇمايدىغان بىر ئەرەپتىن، ئۆزەم بىلىدىغان، غەيرى ئەرەپ مىللىتىدىن بولغان بىر مۇسۇلماننى ئۇلۇق بىلىمەن. ھازىرقى ئوتتۇرا شەرقتىكى مەسىلىلەر ئامېرىكىنىڭ كاساپىتىن ئەمەس، ئەسلى ئاشۇ ئەرەپلەرنىڭ كاساپىتىدىن بولغان دەپ بىلىمەن.

يەنى چۈشەنمىسىڭىز، دۇنيا تارىخىغا قاراپ بېرىڭ. ھازىرقى سەئۇد جەمەتى، پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقنى باشقۇرىۋاتقان، مۇسۇلمان ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىگە قارشى، ئۇلۇق بىرىتانىيە بىلەن كېلىشىپ، تۈركلەرنى ئوتتۇرا شەرقتىن قوغلاپ چىقىرىپ، بىرىتانىيەلىكلەرنى، يەھۇدىلارنى ئوتتۇرا شەرققە باشلاپ كەلدى.

يەھۇدىلار بىرىتانىيەلىكلەرنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىنلا، ئۇ يەردە يېرۇسسالىم (بەيتۇلمۇقەددەس) ئىككىگە پارچىلىنىپ، ئەرەپلەر ئۆزلىرىنىڭ تۈركلەردىن قۇتۇلغان، بەختلىك كۈنلىرىنى كۆرۈشكە باشلىدى. بۇ بەختلىك كۈنلەر تاكى مۇشۇ دەقىقىگىچە داۋام ئېتىۋاتىدۇ.

ئۇ ئەرەپلەر ئەجىبا ئەرەپ تىلىدا، ئۆز تىلىدا نازىل بولغان، قۇرئان كەرىمدىكى «ئى مۇسۇلمانلار جامەسى! يەنە بىر مۇسۇلمان جامەسىگە قارشى كاپىرلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزىمەڭلار!» دىگەن ئايەتنى، ئاللاھنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىنى بىلمەسمىدى...

شۇڭا ئەرەپلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۆرۇۋاتقان كۈنى ئۆزلىرىگە يېتىپ ئاشىدۇ. بىز يەنە ئۇلارنىڭ پوق-سۈيدۈكلىرىگە تېيىلىپ يۈرمەيلى. مەن يۈكسەل ئەپەندىم مىسال قىلغان ئەرەپچە ئىسىملار پۈتۈنلەي ئەرەپ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىرى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپلا كۆڭلۈم ئاينىدى، مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنى چوڭقۇر سېغىندىم.

شۇڭا مەن ئەرەپلەرنى بىر نەرسە بىلمەيدۇ دەپ قارايمەن. مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا سۈكۈت قىلىشمۇ ئىسلامنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس. ئۆز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا مۇستەبىتلىك قىلىشمۇ ئىسلامنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس. شۇڭا ئەرەپلەرنى تىلغا ئالمايلى. بۇ تېمىغا ئەرەپلەر ئارىلىشىپ قالسا، ئاخىرى چىقمايدۇ...

ئۇيغۇرلار تەگئات قوللانسا بولمايدۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە بولىدۇ. لېكىن ئايالى ئېرىنىڭ تەگئاتىنى قوللانسا بولمايدۇ. بېقىۋېلىنغان بالىلارنىڭ (ناۋادا مەلۇم بولسا) ئاتىسىنىڭ ئىسمى ۋە جەمەتىنىڭ تەگئاتى ئۆزگەرتىلسە بولمايدۇ. (لېكىن ئۇلارنى ئۆز نوپۇسىمىزغا ئالدۇرۇش، بىئولوگىيەلىك ئەمەس، قانۇنلۇق ئاتا-ئانىسى ئىكەنلىگىنى قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلىش دىيارىمىزدا بىر مەسىلە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.)

مېنىڭ يۇرتۇمدا، مەن تونۇيدىغان بىر ئائىلىدە، ئايال تەرەپ تۇغماس بولغاچقا، ئۇلار، ئەر تەرەپنىڭ سىڭلىسىنىڭ بىر ئوغلىنى بالا قىلىپ بېقىۋالغان بىر ئەھۋال مەۋجۇت. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۇ بالىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ نوپۇسقا ئورناتقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى ئۆزگىرىپ كەتكەن. ناۋادا ئۇلار تەگئات قوللانغان زاماندا ياشىغان بولسا، ئۇ بالىنىڭ تەگئاتىمۇ ئۆزگىرىپ كەتكەن بولاتتى.

مەن قۇرئان كەرىمدىكى ئۇ ئايەتنى ۋە مەن كۆرسەتكەن ھەدىسنى ئوقۇپ، بۇنىڭدىن سەل چۆچۈپ قالغان ئىدىم...

ئەمدى ھېلىقى ئايەت ۋە ھەدىستىكى ئۇيغۇرچە «ئاتا» سۆزگە ماس كەلگەن ئەسلى ئەرەپچە سۆزنىڭ ھەقىقەتەن «تەگئات» دەپمۇ مەنىسى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىش جەريانىدا «تەگئات» مەنىسى تاشلىۋېتىلىپ، پەقەت «ئاتا» مەنىسىلا ئىشلىتىلگەنلىكىگە جاۋاپ بېرىشكە، ئەڭ ھەقلىق كىشى يەنىلا مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم دەپ قارايمەن. بۇ نۇقتىنىڭ ئايدىڭ بولۇپ كېتىشى، سىزنى ئابدۇخالىقجان قۇتلان دەپ چاقىرسىمۇ، ئىسلام دىنىغا زىت بولمايدىغانلىقىنى بىردىن-بىر كۈچلۈك دەلىل بىلەن تەمىنلەيدۇ دەپ قارايمەن.

بۇلار ھازىرچە مەن بايقىغان، ھىس قىلغان نۇقتىلار. ناۋادا مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئالدىغا بارساق، بىز بايقىيالمىغان يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاۋال ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇزلۇق دىنى ئالىملىرىنىڭمۇ پىكىرلىرىنى ئېلىپ كۆرسەك، ناۋادا ئۇلارنىڭ بىلىمى يەتمىسە، ئۇلار بىزگە، باشقا، ئىلىمدە تولغان، نوپۇزلۇق دىنى ئالىملارنىڭ پىكرىنى ئېلىپ بەرسە، بىزنىڭ تەگئاتىمىز مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە بولىدۇ ۋە كەڭ يېزا قىشلاقلاردىمۇ ئومۇملاشتۇرۇشقا كۆپ پايدىسى بولىدۇ دەپ قارايمەن.

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2007-4-7 18:03:27

ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺪﺍﺭ ﻗﯘﺗﻼﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ << ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ >> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﺎﺯﻣﺎﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ : سالام ئابدۇخالىقجان ئابلىمىت قۇتلان ئەپەندىم،

ئاۋال بۇ قۇتلۇق ئىشنى باشلاپ ۋە ئۆز ئەمىلىيىتىڭىزدە كۆرسىتەلىگەنلىكىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن.

مېنىڭ يۇقۇردىكى بايانلارنىڭ بەزىلىرىگە ئازراق پىكرىم بار ئىدى، ئاۋال «قۇرئان كەرىم» دىن دەلىلىمنى ئوتتۇرىغا قوياي:


33-سۈرە ئەھزاب

مەدىنىدە نازىل بولغان، 73 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

اﷲ ھېچ ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈرەك ياراتقىنى يوق، سىلەر زىھار* قىلغان ئاياللىرىڭلارنى اﷲ سىلەرگە ئانا قىلغىنى يوق، سىلەر بالا قىلىۋالغانلارنىمۇ اﷲ (ھەممە ھۆكۈمدە ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولغان) بالىلىرىڭلارنىڭ ھۆكمىدە قىلمىدى، بۇ (يەنى ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولمىغانلارنى بالا دېيىش) پەقەت ئاغزىڭلاردا ئېيتىلغان سۆزدۇر، اﷲ ھەق (سۆز)نى ئېيتىدۇ، توغرا يولغا باشلايدۇ .

ئۇلارنى ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار، بۇ ﷲنىڭ دەرگاھىدا توغرىدۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، ئۇ چاغدا ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلاردۇر، دوستلىرىڭلاردۇر، سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بەلىدۇ)، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر .

(«قۇرئان كەرىم»، 419-بەت)

«قۇرئان كەرىم» دىكى ئۇشبۇ ئايەتلەر بار ئەسلى بەت:
(ئىككى چېكىپ ئايرىم ۋىندوۋزدا كۆرۈش ياكى چاشقاننىڭ ئوتتۇرا چاقىنى دۆگۈلۈتۈپ، ئەسلى ھالەتتە كۆرۈش مۇمكىن.)



يەنە سەھىھ ھەدىسلەردە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان:
«قىيامەت كۈنىدە، سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ ئىسمى ۋە ئاتاڭلارنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىسىلەر، شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئىسىملارنى قويۇڭلار ۋە ئىشلىتىڭلار.»

يۇقۇردىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا، ئىسلام دىنى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ (بىئولوگىيەلىك) ئاتىسى ئېنىق بولغان ئىكەن، ئۇ ئىنساننىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ھەر قانداق ۋاستە ياكى سەۋەپ بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىشكە بولمايدۇ. سىز باشقا بىرەر بالىنى (مەيلى قانداق سەۋەپ بىلەن) بېقىۋالغان بولسڭىز، ئەگەر ئۇ بالىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى مەلۇملا بولسا، سىز ئۇنى xxx ئادۇخالىقجان ياكى xxx ئادۇخالىقجان قۇتلان دەپ ئاتىىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ چاقىرسىڭىز بولمايدۇ.

مۇشۇ دەلىلگە ئاساسەن، يۇقۇردىكى «روزىگۈل ئابدۇلھېكىم رۇسلان» قىزچاق توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن «روزىگۈل يۈكسەل رۇسلان»، «روزىگۈل رۇسلان» ياكى «روزىگۈل يۈكسەل» خانىم بولۇپ قالسا بولمايدۇ.

بىزدە ئىسلامىي ھىس-تۇيغۇلار تېخى يوقالغىنى يوق. ئاساسەن ھەممە ئۇيغۇرلار، ھەتتا ئاغزىدىن ھاراق پۇراپ تۇرغان ئۇيغۇرلارمۇ «مەن مۇسۇلمان» دىگەن گەپنى قىلىدۇ.

شۇڭا تەگئات قوللۇنۇش سەۋەپلىك، مېھرىبان اللەنىڭ ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ. مېنىڭ پىكرىم مۇشۇ نۇقتا دىققەت قىلىنسا دىمەكچىمەن.


ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ : ( ﺑﯘﻣﯘ ﺑﯩﺪﺍﺭ ﻗﯘﺗﻼﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﮔﻪ ﻳﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ )

ئەسلى يوللىغۇچى: ManYuksel ، مەنبە: http://www.izdinix.com/munbar/Sh ... &ThreadID=25189
ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ - ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻛﯚﭘﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﻛﯚﭖ، ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﮬﻪﻗﺘﻪ ! ﺑﯩﺰ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﮕﯜﭼﻰ ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﯚﻛﯜﻣﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮔﻪﭖ. ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯨﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﮬﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺳﻪﻝ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﺴﺎﻕ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻏﻪﺭﺏ ﯞﻩ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺧﻪﻟﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺩﻩﺗﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﻰ - ﺗﻪﻛﺘﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺱ ﻣﯚﻟﻜﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺋﯩﺪﻯ. ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻜﻰ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯦﻨﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻕ - ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﺗﯩﯟﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﻧﯘﺭﯨﻨﻰ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﭘﺘﯘ . ( ﺋﺎﻟﻼﮬﯩﻢ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻨﻰ ﺋﻪﭘﯘ ﺋﻪﺗﻜﻪﻱ ! )
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﯞﻩ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ، ﺑﯘ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺧﻪﻟﻘﻰ، ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰ، ﺭﻭﺱ، ﻧﯧﻤﯩﺲ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎﻧﻼﺭ ، ﻳﺎﭘﯘﻧﻼﺭ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ + ﺋﺎﺗﺎ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘ ﺳﺎﮬﻪﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﻟﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﺭﻩ ، ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺗﯩﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ . ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻗﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﯞﻣﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯ ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.
ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯚﭖ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯘﺭ !


ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ :

مەن بۇ ھەقتە، مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمدەك بىرەر نوپۇزلۇق زاتلارنىڭ بىرەر پەتىۋا بېرىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. بۇ ئۇلۇق زات بىلەن بىرەرسىڭلار ئۈرۈمچىدە ئالاقە قىلالامسىلەر، تەگئات توغۇرلۇق؟

مەن بۇ زاتنىڭ ئۆزىنىڭ تورغا كىرىپ بۇ تالاشمىلارنى كۆرۈشىنى ئەزەلدىن ئارزۇ قىلمىغان. پەقەت بىرەرسىڭلارنىڭ ئۇ زات بىلەن ئالاقە قىلىپ، كۇلۇبتىكى بۇ پىكىرنى ئۇ زاتقا يەتكۈزسەڭلار، ھەم ئاندىن، ئۇ زاتنىڭ پىكرىنى كۇلۇبتا بىزگە يەتكۈزسەڭلار دەپ ئارزۇ قىلاتتىم.

ھەممىمىزگە تونۇشلۇق، ياش، داڭلىق شائىر ئادىلجان تۇنىياز مۇشۇ داموللا ھاجىمنىڭ كۈيئوغلى بولىدۇ. مېنىڭچە بۇ كۇلۇبتا ئادىلجاننى تونۇيدىغانلار، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلالايدىغانلار چوقۇم بار.

مەن جېك ئەپەندىمنىڭ «زىيالى، قىلغان ئىشى خىيالى» دىگەن تېمىسىنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن. ئۇ تېمىدا ھازىرقى بەزى زىيالىلار ۋە زىيالىلىق بەكمۇ ياخشى تەسۋىرلەنگەن.

«قۇرئان كەرىم» دە، «اللە ھالال قىلغاننى ھارام قىلغان، اللە ھارام قىلغاننى ھالال قىلغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ!؟» دىگەن مەزمۇندا ئىنتايىن قاتتىق بىر ئاگاھلاندۇرۇش بار.

ھازىرقى زىيالىلىرىمىز ئىسلام دىنى، «قۇرئان كەرىم» دىن بەكمۇ يىراق ياشاۋاتقان بولغاچقا، تەگئات ئىشىدا پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى «زالىم» قىلىپ قويۇش خەۋىپى بار. مەن مۇشۇ نۇقتىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن. بۇ نۇقتىنى يەنە چۈشەنمىسىڭىز، مەن تەپسىلى چۈشەندۈرۈشكە تەييار.

ﻣﻪﻥ ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﻢ - ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﺸﺘﺮﺍﻙ ﺋﯧﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﺧﻴﺎﻟﻪﻥ ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﮬﻪﺷﻘﺎﻟﻼ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻘﻰ ﻗﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ( ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﻮﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ) ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺳﻪﻝ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ، ﺩﯨﻠﯩﻤﻨﻰ ﭼﯩﮕﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﭙﯩﺮﻻﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ .
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺩﯗﻡ  ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﻢ ﺑﯩﺪﺍﺭ ﻗﯘﺗﻼﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻳﻮﻟﻼﻧﺪﻯ :

ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ .
ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺋﯩﺸﺘﺮﺍﻛﭽﯩﺴﻰ ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
-----------------
ھازىرقى زىيالىلىرىمىز ئىسلام دىنى، «قۇرئان كەرىم» دىن بەكمۇ يىراق ياشاۋاتقان بولغاچقا، تەگئات ئىشىدا پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى «زالىم» قىلىپ قويۇش خەۋىپى بار. مەن مۇشۇ نۇقتىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن. بۇ نۇقتىنى يەنە چۈشەنمىسىڭىز، مەن تەپسىلى چۈشەندۈرۈشكە تەييار.
----------------
ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺯﺍﻟﯩﻤﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻤﯩﺪﯗﻕ؟! ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ << ﺯﺍﻟﯩﻢ >> ﻟﯩﻖ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ، ﻛﯘﭘﯘﺭﻟﯘﻕ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﭖ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﻤﯩﺪﯗﻕ؟! .....
ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻢ ﺷﯘﻛﻰ ، ﻳﺎﻕ !
ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﺷﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ، ﺩﻩﯕﺴﻪﭖ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺶ ﺗﯘﺗﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺧﯘﺳﯘﺳﻪﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﮬﻪﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ. ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻕ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﯘﺷﻜﯘﻝ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﻛﯘﭘﯘﺭﻟﯘﻗﻘﺎ ﺟﻮﺭﯗﭖ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺧﯩﺮﻩﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﮬﯧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﻪﻙ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﮔﻪﻧﺴﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺗﻮﻏﺮﺳﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺗﯜﺯﻩﺗﺴﻪﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ . ( ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻛﯧﻴﯩﻨﺮﻩﻙ ﺗﻪﭘﺴﻠﯩﻲ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺴﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻤﺎﻱ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ )

ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ 4 ﺑﯚﻟﻪﻛﺘﯩﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﯚﻟﻜﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﻰ ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﯚﻟﻜﻰ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ ، ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﯚﻟﯩﻜﻰ ﺑﻮﯞﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ، ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺑﯚﻟﻜﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ : ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺴﻤﻰ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ
( Faisal ibn Abdul Aziz ibn Abdul Rahman al Saud )
ﻳﻪﻧﻰ ، ﻓﺎﻳﺴﺎﻝ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺮﻩﮬﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﺴﻪﺋﯘﺩﯨﻲ
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻓﺎﻳﺴﺎﻝ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺮﻩﮬﻤﺎﻥ ﺑﻮﯞﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ، ﺋﻪﻟﺴﻪﺋﯘﺩﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﺪﯗﺭ.
ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺴﻤﻰ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﮔﺎﮬﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ، ﮔﺎﮬﯩﺪﺍ ﺑﻮﯞﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﺎﺭ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻼﻣﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺩﯨﻴﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﯩﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ :
Mohammed Abed Ar\"ouf Arafat ﺋﺎﺩﺩﯨﻴﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، Arafat ﻧﯩﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ.

ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﯞﻩﻳﻨﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﭘﻪﻟﻪﺳﺘﯩﻦ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﻩﻟﯩﻞ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ << ﻛﯘﭘﯘﺭﻟﯘﻕ >> ﻗﻘﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪﺗﯩﻤﯩﺰ.
ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ، ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﻘﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ . ﯞﻩ ﺷﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯗﺭ .

ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ :

بىدارئېرفان ئەپەندىم،

مەن سىز قالدۇرغان ئۇلانمىدىكى ManYuksel ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ چىقتىم.

مەن ئەزەلدىن «تەگئات قوللانساق، كۇپۇر بولۇپ كېتىمىز» دىگەن گەپنى قىلمىغان، «مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم بۇ مۇنبەرگە كىرىپ، بۇ تالاشمىلارنى كۆرسە بولاتتى» دىگەن ئارزۇنىمۇ قىلمىغان. ئارىمىزدىكى ساۋاتلىق، ئىلمىي، زىيالى ئادەملىرىمىزنىڭ ئۆز-ئارا مەقسەت-مۇددىئالىرىنى توغرا چۈشەندۈرەلمىگىنى، چۈشىنەلمىگىنىگە قارىغاندا، باشقىلار قانداق جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتىپ قالار؟

مەن بىر ماتىريالدا ئوقۇساممۇ، «دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئارىسىدكى ئۇرۇش، جەڭلەرنىڭ كۆپ قىسمىمۇ بىر-بىرىنىڭ مەقسەدلىرىنى تولۇق چۈشىنەلمەسلىگىدىن بولىدۇ» دىگەن بىر گەپ بار ئىدى.

ئەمدى گەپنىڭ ئۆزىگە كېلەي.

ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىن تەگئاتى قانداق بولىدۇ؟ بېقىۋېلىنغان بالىلارنىڭ تەگئاتى، تولۇق ئىسىم-فامىلە-تەگئاتى قانداق بولىدۇ؟... بۇ يەردە بىز بىلمەيدىغان، تەتقىق قىلىپ باقمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر بار.

ئىسلام دىنى بىر ئابىستىراكىت دىن ئەمەس. ئۇ بىزنى ياراتقۇچى، مېھرىبان، قادىر اللەنىڭ بىزگە كۆرسۈتۈپ بەرگەن مۇكەممەل ھاياتلىق يولى. ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم» بىزنى پەقەت، اللەنىڭ بىرلىگى، ناماز، روزا، ھەج قاتارلىق دىنىي ئەھكاملاردىنلا خەۋەرلەندۈرۈپ قالماي، بەلكىم، بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى بارلىق ھاياتلىق پائالىيىتىمىزنىڭ ھەركەت مىزانىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەڭ ئاددىسى، «قۇرئان كەرىم» دە، توي قىلىپ، ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلماقچى بولغانلارغا «ھەيىز مەزگىلىدە ئاياللىرىڭلار بىلەن 'يېقىنچىلىق' قىلماڭلار»، «ئاياللىرىڭلار بىلەن 'اللە بۇيرۇغان جايدىن' يېقىنچىلىق قىلىڭلار»، «نەسەب ئارىلىشىپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن ھەيىزنى ساناڭلار» دىگەندەك بېرىلگەن بۇيرۇقلارمۇ نۇرغۇن...

يەنە مەسىلەن، سىز بىر (يىتىم) قىزنى بېقىۋالدىڭىز، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمىنى فامىلە ئىسمى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ جەمەتىنىڭ تەگئاتىنى ئۇ قىزغا تەگئات قىلىپ قوللاندىڭىز. كەلگۈسىدە بۇ بېقىۋېلىنغان قىز بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئوغلى «توي قىلىپ قېلىش» ئېھتىماللىقىمۇ يوق ئەمەس. ئەمدى سۇئال، ئۇلار توي قىلسا، ئىسلام دىنى نۇقتىسىدىن دۇرۇس بولامدۇ؟ ئەگەر ئۇلارنىڭ توي قىلىشىنى توسۇپ قويساق بۇمۇ دۇرۇس بولامدۇ؟ ئۇلار ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ، قانۇنلۇق توي خېتى ئېلىشى مۇمكىنمۇ؟ زادى قايسى يول ھالال، قايسى يول ھارام؟...

مېنىڭ يۇقۇرىدا تىلغا ئالغان، «قۇرئان كەرىم» دىكى «اللە ھالال قىلغاننى ھارام قىلغان، اللە ھارام قىلغاننى ھالال قىلغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ!» دىگەن مەزمۇندىكى ئايەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلىرى مۇشۇنداق زىل، ئىنچىكە ئورۇنلارغا بېرىشىپ تاقىشىدۇ.

شۇڭا تەگئات ھەققىدىكى تەتقىقات نۇقۇل زىيالىلارلا قىلىپ كېتەلەيدىغان ئىش ئەمەس. ئۇنىڭغا نوپۇزلۇق ئىسلام دىنى ئالىملىرىمىز قاتناشمىسا، ئاقىۋىتىنى پەرەز قىلماق ئاسان ئەمەس...




ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2007-4-7 18:20:38

ﻣﻪﻥ ﺩﻩﻝ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺗﺎﻻﺷﻤﯩﻼﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﯩﻠﻜﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﺘﺎ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﻣﯧﻨﯩﯖﺪﻩ << ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ؟ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﭽﯘ ؟ ... >> ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺷﯘ ﺗﯜﺭﯛﺗﻜﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﻧﻰ ، ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻧﻰ << ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ >> ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺷﻪﺭﺋﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻢ . ﯞﻩ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ <<  ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﮬﻮﺯﯗﺭﯨﻐﺎ ﺳﯘﻧﺪﯗﻡ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﯩﻼﭖ ﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ، ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻭﺭﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺧﺎﻻﺱ .
ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﻪﺧﺴﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﻮﺭﺩﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻧﻪﺯﻩﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ . ﮬﻪﻡ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻤﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ - ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﺘﯩﻢ .
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺷﯘﻛﻰ ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ  ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﺭﺗﯩﻤﯩﻼﺷﻼﺭ  ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ . ....  
ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯘﯞﺍﻟﭽﺎﻕ ، ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﺋﻪﺗﺘﻰ ... ﺷﯘﻧﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺗﻪﺱ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻰ ، ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ  ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ ﯞﻩ ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﻤﯩﺰ ....
ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ، ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯧﻤﺎ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﯖﯩﺰ .... ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﻪﮬﺲ - ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﺎﺭﺯﯗﻳﯩﻤﯩﺰ ! ...

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2007-4-7 19:44:37

ﻣﻪﻥ ﻳﯚﺗﻜﻪﻱ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ..ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ . ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺗﻤﯩﺴﺎ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ ،ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯩﻤﯩﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ ...

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2007-4-7 21:58:39

ﺷﯘ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﻗﯩﺴﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﯩﺮﻩﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ...

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2007-4-8 08:27:10

ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ!
ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺋﯚﭺ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻤﻨﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ،،،،،،،،،،،
ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯘﻧﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ!

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2007-4-8 17:10:36

ﻣﻪﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﻘﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ - ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺪﻯ ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ << ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ >> ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎ - ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﮕﻪ ﻳﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ!
ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﻚ ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﯞﻩ ﺯﯦﮭﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺧﻮﺭﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ !
ﺷﯘﯕﺎ ، ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺷﺒﯘ << ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ >> ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ ! ...

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2007-4-8 22:40:59

ﺷﯘ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﻗﯩﺴﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ . ﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﯩﺮﻩﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ...  
ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﯩﺪﻩﻙ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ؟

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2007-4-8 23:33:12

ﻣﻪﻥ  ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﻼ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ . ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺗﯩﻨﻪﭖ - ﺗﻪﻣﺘﺮﻩﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪﻥ ، ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ .

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2007-4-9 00:52:40

ﺳﯩﺰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺗﻪﻣﺘﯩﺮﯨﻤﻪﻳﺴﯩﺰ، ﺗﻪﻣﺘﯩﺮﯨﻤﻪﻳﺴﯩﺰ، ﺳﻪﻟﻜﯩﻨﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻜﻪ ﺗﻪﻣﺘﯩﺮﯨﻤﻪﻱ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ؟ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﺎ ﺑﻮﺧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯜﺗﯜﭖ ﺗﻪﻣﺘﯩﺮﯨﻤﻪﻱ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻧﺎﺗﻮﻧﯘﺵ ﺋﯘﭼﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺗﻪﻣﺘﯩﺮﻩﻣﺪﯗﻕ؟

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2007-4-9 14:28:39

ﺑﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ \"ﺑﯘﺭﻛﯘﺕ\" ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ <ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ> ﻛﻪ ﻛﯩﺮﻩﺗﺘﻰ ﮬﻪﻡ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ . ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺋﯘ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﺍﺵ ﺋﯩﻜﻪﻥ !

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2007-4-10 14:26:38

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﯞﻩ ﻳﯩﮕﺎﻧﻪ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻛﻪﯓ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺳﯧﻠﯩﯖﮕﺎﮬ ﺩﻩﺭﻳﺎ ، ﺋﯩﺮﺗﯩﺶ ﺩﻩﺭﻳﺎ  ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﻯ، ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺭﺍﻳﯘﻧﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻪﯓ ﺯﯨﻤﯩﻨﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ،
ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻤﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻗﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻤﯘ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ،
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﻤﺰﻧﻰ ﺋﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﺭﯨﺴﺘﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﺮﻩﻙ.
ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻻﻻﻳﻠﻰ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﭘﺎﺭﯨﺲ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﺎﻻﻳﺴﯩﻴﺎ ، ﮬﯩﻨﺪﻭﻧﯩﺰﯨﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺷﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺴﺎﻗﻼ ﺋﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2007-4-10 15:40:48

ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺩﻩﻝ ﭘﯩﺲ ﭘﺎﺳﺠﺎﻥ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺷﯘﺧﯩﻞ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ... ﺧﯘﺩﺍ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻮﺯﯗﺭﯨﻐﺎ ﺳﯘﻧﻤﺎﻗﭽﯩﻤﯩﺰ ! ...
ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﻣﯘﺧﻠﯩﺴﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﻪﯓ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﻗﯩﻠﺪﯨﻦ ﻗﯩﻴﺎﻕ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺷﯘ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﭘﯩﻜﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ،  ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﻗﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺩﻩﺗﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺧﺎﮬﯩﺸﻰ . ﺧﯘﺳﯘﺳﻪﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﯩﺸﯩﺪﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﺮﯨﻤﯩﺰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﻣﺪﯗ ؟ .... ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺘﻘﺎﺗﻘﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ؟ ... ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.
ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﭘﯧﻘﯩﺮ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﺘﯩﻢ . ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ، ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﻭﺭﯨﺴﺎﻕ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﻤﺎﻳﻤﯩﺰ ... ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻛﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﻪﻟﻜﻰ ، ﺑﯘ ﺳﺎﮬﻪﺩﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻤﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ...
ﺷﯘﯕﺎ، ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻩﺏ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺳﯚﺭﯛﭖ ﻛﯩﺮﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ !

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 14:17:02

3- قەۋەتتىكى ManYukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل




ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، يۈكسەك ئەپەندى.

بۇ تېمىدىكى ئىنكاسلارنى سىز تېرىپ تۆشەپ يوللىغاندىكىن، سىزگە سوئال قويدۇم. تۆۋەندىكىلەرگە جاۋاب بەرسىڭىز:



يىراقتىكى ئەرەپلەردىن سورىسىڭىز «ئىسلام دىنىدا پەقەت ئىككى بايرام بار، ئۇ روزا ھېيىت بايرىمى بىلەن قۇربان ھېيىت بايرىمىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا بايراملار بىدئەتتۇر، سىلەرنىڭ نورۇز بايرىمىڭلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدەدۇر» دەپ جاۋاپ بېرىپ، تېخىمۇ ئۇماچ قىلىشتىن يانمايدۇ. بىز يىراقتىن ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلىپلا، كۆچۈرۈپ ئەكەلمەي، قېشىمىزدىكى، ئۆزىمىزنىڭ دىنى ئالىمىمىزدىن سوراپ باقساق ئىش تېخىمۇ ئاسان، توغرا بولمامدۇ؟

====================

بۇ تېما يوللانغىلى 4 يىل  بولۇپ قاپتۇ. بىرەر ئالىم ئىسلام دىنىدا ئىككىدىن ئارتۇق بايرام بار، دېدىمۇ؟


«قۇرئان كەرىم» دە، توي قىلىپ، ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلماقچى بولغانلارغا «ھەيىز مەزگىلىدە ئاياللىرىڭلار بىلەن \"يېقىنچىلىق\" قىلماڭلار»، «ئاياللىرىڭلار بىلەن \"اللە بۇيرۇغان جايدىن\" يېقىنچىلىق قىلىڭلار»، «نەسەب ئارىلىشىپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن ھەيىزنى ساناڭلار» دىگەندەك بېرىلگەن بۇيرۇقلارمۇ نۇرغۇن...

=====================

مۇنۇ ئايەت تەرجىمىسىنى قۇرئاننىڭ قايسى نۇسخىسىدىن، قايسى سۈرە، قايسى ئايەتتىن ئالدىڭىز؟



سەھىھ ھەدىسلەردە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان:

«قىيامەت كۈنىدە، سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ ئىسمى ۋە ئاتاڭلارنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىسىلەر، شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئىسىملارنى قويۇڭلار ۋە ئىشلىتىڭلار.»


=========================


بۇ جۈملىنى قايسى ھەدىسشۇناس سىزگە سەھىھ دەپ بەردى؟

بەت: [1]
: ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺴﯩﻢ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ