yultuz20 يوللانغان ۋاقتى 2007-3-26 21:01:54

ﺋﻪﻱ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﮔﺎﮬ ﺑﻮﻟﯘﯓ - ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻨﯩﺶ

ئۆزىگە بولغان تاغدەك ئىشەنچ يەنە شۇ تاغدەك-تاغدەك ئىشلارنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ئۈچۈن كۈچلۈك مەنىۋى قۇرال بولۇپ كەلگەن. بۇ مەنىۋى قۇرالدىن ئايرىلغان ئىش كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەيدۇ. ئۈنداقتا ، ئەي گۈزەل قىز ! سىزدە ئۆزىڭىزگە ئىشنىدىغان قەيسەر يۈرەك بارمۇ؟

ھاياتلىقتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىگە ئىشنىش، ئۆزىنى يېتىشتۇرۇش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ بىز قىزلار ئۈچۈن شۇنداق...

بۈگۈنكى دۇنيادا قىزلارنىڭ ئىلگىرلىشىگە توساق بولۇۋاتقان نۇرغۇن«تاملار»ئۆرۇۋىتىلدى، چەكلىمىلەر ئېلىپ تاشلاندى.

قىزلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيتىنى كەڭ-كۇشادە جارى قىلالايدىغان، ئۆزىنى نامايەن قىلالايدىغان، ئۆزلىرىنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىرنى ئاشكارا جاكارلىيالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئېرىشتى. ئاتا-ئانىلارنىڭ، بولۇپمۇ زىيالى ئاتا-ئانىلارنىڭ قىزلىرىغا بولغان  كۆز-قارشى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئۇلار قىزلىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشىنى قوللايدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئوقۇتۇشقا ھەر دائىم تەييار، ئۇلار ئامال بار قىزلىرىنىڭ يۇقىرى مەلۇماتلىق بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ، ھالبۇكى، بەزى ئاتا-ئانىلار نۆۋەتتىكى ۋاقىتلىق رېئاللىققا ئاساسەن بۇرنىنىڭ ئۇچنىلا كۆرۇپ، ئوقۇسىمۇ خىزمەت تېپىشنىڭ تەسلىكى، تاپقان تەقدىردىمۇ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن تۇرمۇشلۇق قىلىش بىلەن قىلغان ئەجىرىنىڭ «بىكار»بولۇپ كېتىشىنى كۆزدە تۇتۇپ:«قىزبالا دىگەن كۆپ ئوقۇسا بولمايدۇ، بەرىبىر ئوغۇل بالىلاردەك چوڭ-چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلىشى مۇمكىن ئەمەس» دىگەننى باھانە قىلىپ، قىزلارنىڭ يۇقىرى مەلۇماتلىق بولۇپ، جەمئىيەتكە بىر كىشلىك تۆھپە قۇشۇش، كەلگۈسىدە ياراملىق ئانا بولۇپ پەرزەنىتلەرنى تەربىيلەشتەك مۇھىم ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئىمكانىيتنى ئامالنىڭ بارىچە بۇزماقتا، ئۇلارنىڭ ئوتلۇق ئىنتىلىشلىرىگە سوغۇق سۇ سەپمەكتە....

yawayibala يوللانغان ۋاقتى 2007-3-26 23:51:12

ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ، ﻣﯩﯟﯨﺴﻰ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ.  ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﺎﯕﻼﯕﻼ!
بەت: [1]
: ﺋﻪﻱ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﮔﺎﮬ ﺑﻮﻟﯘﯓ - ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻨﯩﺶ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻣﯘﮬ