[ئەسلى]ئەي قىز ئاگاھ بولۇڭ- لايىق تاللاشتا نەزەر دائ
قىزلارنىڭ لايىق تاللاش سەرگۈزەشتىللىرى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدۇ. ئەگەر قىزلارنىڭ كۆزدە تۇتقىنى كەسىپچانلىقى كۈچلۇك، مەسئۇلىيەتچان، ئىستىقباللىق ئەرلەر بولسا، بۇنداق ئەرلەر ئەتراپىمىزدا ناھايىتى نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىش ۋە سىردىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، چۈنكى يېزىش ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىلىملىك يىگىتلەر ھەمىشە كىتاب كۆرۇش، ماتېرىيال توپلاش، تەجىربە ئىشلەش، خاتىرە يېزىش قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرگەچكە، لايىق تاللاشقا ئاجىرىتىدىغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسنىڭ كۆڭلىدىكىدەك لايىقى بولمايدۇ. بۇ خىلدىكى يىگىتلەر ئاممىۋى سۇرۇنلارغا ناھايىتى ئاز بارغاچقا، ياخشىراق بىر لايىق تېپىش كويىدا يۈرگەن قىزلار ئۇلار بىلەن ئاسانلىقچە ئۇچرىشالمايدۇ ياكى سىردىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.ئۇتۇق قازانغان سودىگەرلەر ، مائارىپ سېپىدىكىلەر بىلەن رەھبەرلىك قاتلىمىدا سىياسى خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياخشى ئەرلەر قاتارىغا كىرىدۇ. ئەپسۇسكى، سودىگەرلەر كۈچلۇك رىقابەت بىلەن تولغان سودا دېڭىزىدا پۇل تېپىش بىلەن ئالدىراش يۈرگەچكە، ئوخشاشلا ئۆزلىرىگە لايىق تاللاشقا ۋاقىت ۋە پۇرسەت چىقىرالمىغان بولۇشى مۇمكىن.
قىزلارنىڭ ئۆلچىمى بويچە كەسىپچانلىقى كۈچلۈك، مەسئۇلىيەتچان، ئىستىقباللىق يىگىتلەرنى تېپىش ئاسان ئەمەس، ئەمما ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، ياخشى يىگىتلەر ھەممە يەردە بار. گەپ سىزنىڭ ئۇلارنى بايقاش- بايقىيالماسلىقىڭىزدا. ئۇلارنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى بىلىش-بىلمەسلىكىڭىزدە. بۇ جەھەتتە سىزگە ھېچكىم ياردەم بېرەلمەيدۇ. سەمىڭىزدە بولسۇنكى باشقا ئىشلارنى قىلىشتا بىر نەچچە قېتىم سىناپ كۆرۇشكە بولىدۇ، ئەمما لايىق تاللاش ئىشى بۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.....
؟؟؟ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ :
ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ .ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺷﯩﺮﯨﻦ-ﺷﯩﻜﻪﺭ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻳﻨﯘﺗﯘﭖ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻮﺥ ﮔﻪﭘﭽﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ. ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ (ﻗﯩﺰﺩﻭﺳﺘﯩﻨﯩﯔ)ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ-ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﺗﯘﺗﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ
ﺑﺎﻳﻘﯩﻤﺎﻳﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﻛﯚﺯﻗﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﮕﺘﻠﻪﺭ ﺷﯩﺮﯨﻦ-ﺷﯩﻜﻪﺭ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ
ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻗﺎﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﻼ ﮬﻮﺩﯗﻗﯘﭖ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﯸﻐﯩﺮ-ﺑﯩﺴﯩﻖ ﻛﻪﺳﯩﭙﻜﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ
ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯚﭘﻨﭽﻪ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ
ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﭼﯩﻜﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﭼﻪﻛﺘﯜﺭﯨﺪﯗ!









ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﻛﻪﺳﯩﭙﭽﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﯩﭙﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﻛﯧﺮﻩﻙ....

ﻳﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﮔﯘﺯﻩﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.... ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﮔﯘﺯﻩﻝ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯗﺵ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﺘﻰ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﮔﯘﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ.~~
بەت:
[1]