Bidarerfan يوللانغان ۋاقتى 2007-3-22 19:06:08

[ﭼﯘﻗﺎﻥ]ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻏﺎ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻻﺯﯨﻢ

تەگئاتىمنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلدىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلار.
مەن بۇ تېمىدا ئۆزىمىزنىڭ نورۇز  بايرىمىي مۇناسىبىتى بىلەن، ئەجدادلار بىلەن ئەۋلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزۈكچىلىك http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=6479&extra=page%3D1 نىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، ئەۋلاتلارنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاددى ئەمما كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ھەر بىرىمىز تەخىرسىز ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك بولغان ئۇسۇل -- تەگئات قوللۇنۇش ھەققىدە يەنە قايتا چۇقان سالماقچىمەن.
مەن بۇ تېمىدا تەگئات قوللۇنۇش ھەققىدە ئويلىنىۋاتقان ياكى بۇنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلىپ بولالمىغان ۋە ياكى تەگئات قوللانغان بولسىمۇ ئۇنى قانۇنلۇق ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى تاپالمىغان دوستلارغا ئۆز تەجرىبەم ئارقىلىق مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە قىلماقچى، شۇڭا بۇنى تۆۋەندىكى بىرقانچە ئۇششاق تىمىلار ئارقىلىق بايان قىلىمەن.

1. تەگئات قوللۇنۇشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە يۈزەكىي ئويلىغانلىرىم
"تەگئات" دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئىجات قىلغۇچىسىنىڭ كىملىكى ئېسىمدە يوق، بۇندىن بەش يىللار بۇرۇنقى شىنجاڭ ياشلىرى ﮊورنىلىنىڭ بىرسانىدا  "تەگئات" توغرىسىدىكى ماقالا ئاپتۇرىنىڭ قوللانغانلىقى ۋە ئۇ ماقالا ئاپتۇرىنىڭ مۇنداقراق تەبىرى ئېسىمدە، "<تەگ> تەكتى، يىلتىزى دېگەن مەنىدە، <ئات> ساپ ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ ئادەمنىڭ ئىسمىي دېگەن مەنىدە، بۇ ئىككى ساپ ئۇيغۇرچە سۆز بىرىككەندە <تەگئات> بولىدۇ، بۇنىڭ مەنىسى ئىسىمنىڭ ئەسلى تەكتى، يىلتىزى دېگەن بولىدۇ،" دېگەن تەبىرنى كۆرگەن ئىدىم، شۇڭا ئۇ سۆزنى ULY بىلەن يازغاندا teg`at دەپ يېزىشقا توغرا كىلىدۇ، ناۋادا tegat (تەگات)  دەپ يازساق، ئۇنىڭ مەنىسى رۇشەن بولمايدۇ. ھازىرقى تىلىمىزدا فامىلە دەپ قوللىنىلىۋاتىدۇ، "فامىلە" دېگەن بۇ سۆز ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن سۆزمۇ ياكى باشقا تىلدىن كىرگەن سۆزمۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، لىكىن بۇ سۆزنىڭ كىرمە سۆزلىكى مۇجىمەل ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ تەگئاتى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىشى كېرەك بولغانىكەن، بۇنىڭغا ئىشلەتكەن ئاتالغۇمۇ ئۇيغۇرچە بولمىقى لازىم دەپ قاراپ ئىزچىل تۈردە "تەگئات" سۆزىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن ھەم تەشۋىق قىلىۋاتىمەن.
يىقىنقى زامان تارىخىمىزدا ئالىملىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمەن دەپ بىچارىلارچە پالاقلاپ يۈرگەن بولغىيمىتۇق بىلمەيمەن، ئەمما ھازىرقى زامان تارخىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئىسمىي خەنزۇچىلىشىپ كەتكەن بۇرۇنقى زاماندىكى تۆمۈر تۆبرۈك قاتارلىقلاردىن تارتىپ ھازىرقى زاماندا ئۆتكەن جىئەنبوزەنگىچە، ئىسمىي ئەرەپچە قويۇلغان مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپخاس ھاجىپ ۋە ناۋايلارغىچە بولغان بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىغىنى ئىسپاتلىماق ئۈچۈن ئالىملىرىمىز ئاز جاپا تارتمىدى ۋە تارماقتا، ناۋادا شۇ بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىسىملىرىنىڭ كەينىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىرەر سۆز بولغان بولسا ئىھتىمال بۇنداق ئارتۇق ئەمگەك بولماس ئىدى، مۇشۇ ھالەت بىلەن ماڭساق يەنە بۇندىن كىينكى ئەۋلاتلار بۇنداق تراگىدىيەلەردىن ساقلىنالارمۇ؟ ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىھتىمال بىرەر مىڭ يىلدىن كىيىنمۇ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قايسى مىللەت كىشىسى ئىكەنلىكىگە شەك كەلتۈرىدىغانلار بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇنداق بولسا ھەممىمىز ئىسمىمىزنىڭ كەينىگە ئۇيغۇر سۆزىنى قوشۇشىمىز كېرەكمۇ؟  شۇنداق قىلىش مۇمكىنمۇ؟ ياكى ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ ئەرەپچە ئىسىم قويۇشتىن ۋاز كىچىپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويىشىمىز كېرەكمۇ؟ مۇسۇلمانلار ئەرەپچە ئىسىم قويمىسمۇ بولىدىغان بولسا، نېمىشقا بىزنىڭ سۇتۇق بۇغرا بوۋىمىز  ئىسمىنى ئۆزگەرتىدۇ؟ نېمىشقا تۇڭگانلار ئىككى ئىسىم قوللىنىدۇ؟ نېمىشقا ھازىر غەرپ ئەللىرىدە مۇسۇلمان بولغان ياۋرۇپالىقلار ئۆزىنىڭ ئىسمىي تۇرۇپ يەنە ئەرەپچە ئىسىم قوللىنىدۇ؟ مانا بۇ مەسىلىلەر مۇسۇلمان دەپ قارىغان ئۇيغۇرنىڭ ئەرەپچە ئىسىم قوللىنىشتىن باش تارتىپ بولمايدىغانلىقى ئېنىق، ئۇنداق ئىكەن، بۇ نوقتىدىن بىزنىڭ يەنە «تەگئات» قوللۇنىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.
تەگئات قوللانغاندا يەنە بىر نوقتىدىن بىزنىڭ كىملىكىمىزنى تونۇتۇپلا قالماي يەنە جەمەتىمىزنى بىلدۈرىدىغان، ئەجدادنى ئەۋلاتقا باغلاپ تۇرىدىغان مۇستەھكەم ئارغامچا بولۇپ، كەلگۈسىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن ئىنىرگىيە بولىدۇ. مانا بۇ مېنىڭ تەگئات قوللۇنۇشقا دەۋەت قىلىشىمنىڭ سەۋەبىي.

2. مېنىڭ تەگئات تاللىشىم
مەن 88- يىلى تارىم ﮊورنىلىدا <<ئويلۇنۇش ئىچىدە ئىلگىرىلەش>> ناملىق ماقالىدا تۇنجى قېتىم تەگئات ھەققىدە بىر باياننى كۆرگەندىن كېيىن تەگئات قوللۇنۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلىپ، 89 - يىلى تۇنجى پەرزەنتىمنىڭ ئىسمىنى ئېرفانئالىم قويدۇم، ئۇ چاغلاردا بىزدە تەگئات قوللانغانلار بەكلا ئاز ۋە بۇ ھەقتە بىرەر تەتقىقات ماقالىسى ئۇچراتمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەخمەتجان قاسىم، ماينۇر قاسىم، پەرىدە قاسىم، تۇرغۇن ئالماس، ئازات ئالماس، ئادىل ئالماس، سەيپىدىن ئەزىزى ئايىم ئەزىزى دېگەندەك تونۇش ئىسىلارغا قاراپلا نەۋرىلىرىمدىن باشلاپ ئىسمىنىڭ كەينىدە "ئېرفان" سۆزى قوشۇلۇپ كەلسە، تەگئات قوللانغان بولىمەن دېگەن خىيال|لا بار ئىدى. ھەم تەگئات قوللۇنۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئانچە چۇڭقۇر چۈشۈنۈپ كەتمىگەچ ئاددىلا تەييارلىق قىلغاچ تۇرغان ئىدىم. بۇ خىيالىم ئۆتكەن يىلىغىچە داۋاملاشتى، 99- يىلىدىكى نوپۇس ئالماشتۇرۇشتا قىزىمنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى ئانىسىنىڭ يېشىدىنمۇ بىر ياش چوڭ قىلىپ ئورنۇتۇپ قويغانلىقى، ئوغلۇمنىڭ ئىسمىنى ئۆلچەملەشكەن خەت بىلەن يازمىغانلىقى ئۈچۈن،  ئۆتكەن يىلى(2006.يىلى) بۇ خاتالىقنى ئوڭشاپ بېرىش تەلىۋىنى قويسام، ئوغلۇمنىڭ ئىسمىنى 依力番 غا ئۆزگەرتىپ  قويۇپتۇ(ئالىمنى تاشلىۋىتىپتۇ)، خاتالىقىنى قايتا تۈزۈتۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلسام سوغاق مۇئامىلىگە ئۇچرۇدۇم، باشلىقى بىلەن كۆرىشىشكە پۇرسەت بولماي قايتىپ كەلدىم، ئوغلۇم بۇنى كۆرۈپ، - دادا مۇشۇنداق تۇرىۋەرسۇن، - دەپ ئۆتۈنۈپ قالدى، مەنمۇ ئويلۇنۇپ، ھازىرقى چاغدا ئىسىمنىڭ قىسقىراق بولغىنىمۇ ياخشىكەن دېگەن خىيال بىلەن كارىم بولمىدى، ئەمما تەگئات ھەققىدىكى خىيالىم زادى نىرى كەتمىدى.
تەگئاتنى نەۋرىدىن باشلاپ ئەمەس، بەلكى ئۆزەمدىن ھەتتا دادامدىن باشلاپ قويساممۇ بولىدىغانلىقىنى بۇلتۇردىن بىرى تونۇپ يەتتىم، ئاخىرى دادامنىڭ دادىسى بوۋامنىڭ ئىسمىي قۇربان ئىدى، مەن قۇرباننى تەگئات قىلىشنى توغرا تاپتىم دە، نوپۇسقا ئۆزەمنىڭ ئسمىنى ئابدۇخالىق ئابلىمىت قۇربان، ئوغلۇمنىڭ ئىسمىنى ئېرفان ئابدۇخالىق قۇربان قىلىپ ئۆزگەرتكۈزمەكچى بولدۇم، لىكىن توربەتلىرىدە مۇشۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەردە تەگئات ئۇيغۇرچە بولۇش كېرەك دېگەن سادالارنى ئاڭلاپ تۇردۇم، قۇرباننىڭ ئەرەپچە ئۇيغۇرچە لۇغەتتىن قۇربانلىق قىلىش(قۇربان ھېيىتقا ئاتاپ ئۇلاغ ئۆلتۈرۈش) دېگەن مەنىسىنىڭ بارلىقىنى بىلدىم. ئەمما ئۇيغۇرچە مۇۋاپىق سۆز تاپالمىدىم، تاپقانلىرىم باشقىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىپ بولۇنغان سۆزلەر بولۇپ چىقتى. تەگئات بىر جەمەتكە، توغرىسى بۇندىن كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمغا ئەجدادلىق سۈپىتىدە مىراس قالدۇرىدىغان مۇھىم ئەڭگۈشتەر بولغاچ بىرەر كىم تېخى ئىشلەتمىگەن ئۇيغۇرچە سۆز تېپىشنى ئولاپ، بۇ سۆزگە "قۇربان" دېگەن بۇ سۆز بىلەن مەنىداش ياكى ئاھاڭداش بولۇش شەرتىدە نۇرغۇن لۇغەت كۆردۈم، قەدىمقى سۆزلىرىمىز يېزىلغان كىتاپلارنى ۋاراقلىدىم، ئەپسۇس تاپالمىدىم، ئاخىرى ئۆزەم بىر سۆز ياساپ باقايچۇ دەپ ئويلاپ، "قۇتاتقۇ بىلىك"تىكى "قۇت" دېگەن سۆزگە، شاتلان، روھلان دېگەن سۆزلىرىمىزدىكى "لان" دېگەن سۆزنى ئېلىپ "قۇتلان" دېگەن سۆزنى توغرا تاپتىم، بۇ سۆز يۇلغۇن، ئۇيغۇر سوفت لۇغىتىدىنمۇ چىقمىدى، باشقا لۇغەتتىنمۇ كۆرۈلمىدى، شۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن ياسالغان "قۇتلان(قۇربانغا ئاھاڭداش)" دېگەن بۇ سۆزنى تەگئات قىلىپ مۇقىملاشتۇردۇم. ھەم بۇ سۆزنى ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ  19- چىسلا نوپۇس دەپتىرىمگە مۇۋەپىققىيەتلىك ھالدا ئورۇنلاشتۇرىۋالدىم.
(داۋامىي بار)

Bidarerfan يوللانغان ۋاقتى 2007-3-22 19:40:45

ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻘﺎ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ، ﺷﯘﯕﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﻰ http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=8578 ﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﯖﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯜﻣﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.
ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﻧﺎﻡ ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺭﻩﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯩﮭﺘﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ، ..... ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ.

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2007-3-22 21:31:43

ﺑﯩﺪﺍﺭﺋﺎﻛﺎ ﺗﻮﻻ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﯞﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭙﺴﯩﺰ. ﺑﯘ ﺩﻩﻝ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﻨﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﺗﯧﻨﻤﯩﺴﯩﺰ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.  ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﺳﻪﻝ ﻗﯩﺲ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺷﯘﯕﺎ، ﺳﻪﻝ ﺋﻪﯞﻩﻟﺮﻩﻙ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺯﻣﺎﻣﻨﻰ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﺎﭘﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ.
------------------------------------
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ



ﻛﯩﺮﯨﺸﻤﻪ



ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ



ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﻰ، ﻧﻪﺳﯩﻞ - ﻧﻪﺳﻪﺑﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﺭﯗﻕ - ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ؛ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺩﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻲ ﺧﺎﺱ ﻧﺎﻡ.
ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﺎﻏﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻏﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ( ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﯞﻻﺩﻧﻰ ) ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭﭼﺎﺱ ﺑﺎﻏﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﺱ ﺋﯧﻘﻨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﯘﺭﯗﻕ - ﺟﻪﻣﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﻳﺎﺩﺭﻭ.
ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﮬﺮﯗﻡ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﯩﺘﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺯﻭﺭ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺧﻪﻟﯩﻘﺌﺎﺭﺍ ﺳﻪﮬﻨﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺴﯩﻢ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺗﺎﺭﺗﺘﻰ. ﺷﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ، ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻗﻪﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﻪﯞﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻗﻮﻳﯘﻗﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺧﻪﻗﺌﺎﺭﺍ ﺳﻪﮬﻨﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺩﯨﺸﯩﯟﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻧﯧﺮﻯ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ، ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻻ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﯨﻐﯩﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﯞﺍﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯘﺩﯗﻥ ( ﺋﺎﯞﺍﻡ ﺧﻪﻟﻖ ) ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﺭﯗﻕ - ﺟﻪﻣﻪﺕ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﻻ ﺳﯘﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ، ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯜﭺ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﯞﻩ ﺗﺎﺭ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯘﺭﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﯜﺗﯜﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﻩ، ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪﯞﯨﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﺎﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ( ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ) ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺗﺎﻛﻰ 14 - ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﻛﻰ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﺋﯘﺭﯗﻕ ، ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﺗﯧﻢ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ( ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻗﻮﻏﯘﺭﺳﯘ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ، ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﻗﯘﺗﺎﺩﯨﻤﯩﺶ، ﻗﯩﭙﭽﺎﻕ ﻳﯜﺭﯛﻙ، ﺷﺎﮬﻘﯘﻟﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﻣﻪﯕﻠﯩﻚ ﺷﯩﯖﻘﯘﺭ، ﺋﺎﻟﯩﭗ ﺷﯩﯖﻘﯘﺭ، ﺗﺎﺑﻐﺎﭺ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ، ﮬﻪﺳﻪﻥ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ، ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ، ﮬﺎﺭﯗﻥ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ... ) ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺷﯘﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻻﺯﯨﻤﻜﻰ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﻏﺎﻥ - ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻼﺭ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﻪﺑﯩﻘﻪ ، ﺋﻪﮬﻠﻰ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭﻟﻪﺭ، ﺋﺎﻟﯩﻢ - ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ، ﺋﯩﻠﯩﻤﺪﺍﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﯩﺴﭙﯩﻲ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﮬﻪﻡ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﯨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﯞﻩ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﻪﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﻳﺎﺕ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺳﺴﯩﯧﺘﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻩﻟﻤﯩﺪﻯ. 14 - ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻳﯧﻤﯩﺮﯨﻠﯩﺸﻰ، ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻖ، ﺟﻪﻣﻪﺕ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﺳﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﺠﯩﺴﯩﺪﻩ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺭﺍ - ﺑﺎﺭﺍ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺷﺘﻰ.
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﻠﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ 3000 ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻳﺎﯞﯗﺭﯗﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﯧﻠﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻐﺎ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﻟﯘﺷﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ 300 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ. ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭ، ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﺎﮬﻪﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻻ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 1890 - ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺳﺎﻣﺎﯞﯨﻲ ﺷﺎﮬ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺧﺎﻥ ﻳﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ، ﺑﺎﺭﭼﻪ ﻳﺎﭘﻮﻥ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻰ 1934 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ، ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻙ ﭘﯘﻗﺮﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ، ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﺎﭖ ﺗﯜﺭﯛﻛﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺗﯜﺭﯛﻛﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻪﯞﯨﻤﻠﻪﺭ ﺳﯧﭙﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ.
ﺷﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺋﯧﻨﻘﻜﻰ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ( ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﯩﻠﯩﻚ ) ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻪﯓ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ( ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻳﻮﻗﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ ) ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻴﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭖ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯧﻜﺎﮬ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺋﯘﺭﯗﻕ - ﺗﻮﻏﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﺗﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ، ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ، ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ ﻧﯧﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﯞﯗﺟﯘﺗﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ. ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ، ﻧﻪﺳﻪﺏ، ﺟﻪﻣﻪﺕ،ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﻗﯩﻨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﺘﻰ.
ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ! ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﻪﺏ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﺘﯩﺪﻩ ﮬﻪﺭﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺗﯧﮕﻰ - ﺗﻪﻛﺘﯩﻨﻰ ﯸﺴﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﻳﯧﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺩﺍﻻﻟﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻻﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻲ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﭗ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺋﻪﺯﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺐ ﺩﻩﭘﺘﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ. ﻛﯜﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻴﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﻭﻧﻴﺎﺩﺍ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ - ﺟﻪﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯘﺭﯗﻕ - ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﭖ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻗﻪﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﻛﯜﭺ - ﻣﺎﻏﺪﯗﺭ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﻳﺪﯗ!
ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﯩﺘﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭﺩﯗﺭ!

----------------------------------------------


ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ 2



ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﯩﺮﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﯘﺩﺍ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻴﺮﻩﻙ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ.
ﺷﯘﻧﯩﺴﻰ ﺋﯧﻨﻘﯩﻜﻰ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ - ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺱ ﺗﺎﻣﻐﯩﺴﻰ. ﺋﯘ ﺋﺎﻏﯘﻥ - ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﻪﺏ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺩﺍﻻﻟﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺑﯘﻏﯘﻥ - ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ، ﺗﯧﮕﻰ - ﺗﻪﻛﺘﯩﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﻪﻣﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﺑﯘﺭﭺ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﺴﻤﻰ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ. ﺋﯩﺴﻤﯩﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻘﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻛﻪﻣﺘﯜﻛﻠﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻤﯜﺵ ﯞﻩ ﺑﯚﮔﯜﻧﻤﯩﺰﺩﻩ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﺸﯩﯟﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﯘﭖ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯜﻙ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﮕﻪﻧﺴﯧﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﻪﺩﯨﺮﯨﻴﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻤﯘ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺯﯙﺭﯛﺭﯛﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺗﻤﺎﻗﺘﺎ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻳﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯘﻗﯘﻡ، ﻏﻪﺭﯨﭙﺘﯩﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯘﻳﻐﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﻡ ﺋﺎﻏﯘﻥ - ﺋﺎﺑﺎﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺕ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻛﻪﺯﮔﻪﻥ ﺷﺎﮬﺎﻧﻪ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯟﯨﻲ ﺋﻪﻧﮕﯜﺷﺘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺮﻣﯩﺰ ﺑﯩﺨﻪﺳﺘﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﮔﯚﮬﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺗﺎﺟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻗﯩﺴﺎﻗﻼ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ !
ﺧﻮﺵ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺭﻭﻟﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻪﻳﻠﻰ. ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ - ﻗﻪﯞﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﯩﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
1. ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻱ - ﭘﯩﻜﺮﻯ ﯞﻩ ﮬﯧﺴﺴﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﭖ، ﺷﯘ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﺷﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ.

2. ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺟﻪﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻱ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻣﯩﺰﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ، ﺟﻪﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﻪﻧﯩﮕﻪ ﺩﺍﻍ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺶ - ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯ - ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﻛﯜﭺ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ، ﺟﻪﻣﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ، ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﮕﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

3. ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺶ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻻﺭﻏﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪﻩﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

4. ﺋﯘﺭﯗﻕ - ﺟﻪﻣﻪﺕ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﺳﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﯘﻧﯘﻛﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ، ﺗﯧﺮﯨﻘﺘﻪﻙ ﭼﯧﯩﭽﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﻨﻰ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﯧﺴﺎﺑﺴﯩﺰ ﺋﺎﭘﻪﺕ. ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻕ - ﺟﻪﻣﻪﺕ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﻜﯩﻠﻰ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ، ﺟﻪﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻖ ، ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﺎﻗﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﻣﻪﺷﺌﻪﻟﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

5. ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﺷﻪﭘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﻜﯩﻠﻰ، ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

6. ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ. ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﻪﺟﻪﺭﯨﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﻐﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ - ﻏﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯟﯨﻲ ﺑﻪﻟﮕﻪ. ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﺗﺎﻛﻰ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﻪﺏ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺭﻭﻟﯩﻐﺎ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻻﻳﻠﯘﻕ، ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ، ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﺐ، ﺋﻪﻟﺸﯧﺮ ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ ﻛﻪﺑﻰ ﺑﻮﯞﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻏﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺗﺎﻻﺵ - ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﻻﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﻤﯩﺪﻯ؟! ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺟﯜﺳﯜﭖ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺕ ﻗﻮﻳﯘﺷﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮬﻪﻳﻜﻪﻟﻠﻪﺭ ﺗﯩﻜﻠﻪﭖ ، ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻻﺭﻣﯩﺪﻯ؟! ... ... ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻗﻪﯞﯨﻤﻼﺭ ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﺋﺎﺭﺯﻟﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﻩﺭﻣﯩﺪﯗﻕ؟ ! ...
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻼﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺰ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻣﯘﮬﯩﻤﺮﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯩﺰ ﻗﻪﻟﻪﻣﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻣﮕﻪﻥ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺭﻭﻟﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﺎﻕ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﺪﯗﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ، ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺶ، ﺳﯩﯖﯩﺸﯩﺶ، ﺋﯚﺗﯜﺷﯜﺷﻨﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ، ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻗﯩﻴﻨﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﯘﻟﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﮔﯚﮬﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﺰﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﺎﻗﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ، ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺟﻪﯞﻻﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻤﯩﺰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ.

----------------------------------------------

ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻳﺎﺯﻣﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﯩﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ. ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﺷﺘﻰ. ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﯧﺮﻧﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯘﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﮬﻪﺭﻗﺎﺭﻳﺴﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﻜﺮﯨﻲ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﻪﻳﻤﯩﺰ.

1. ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﯩﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟

ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﺸﯩﻰ ﺋﯩﺴﯩﻢ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ. ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﯩﺪﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻛﺸﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﯩﺪﺍ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻛﯚﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻤﺎﻱ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﻧﻪﻕ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﻼ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯩﺴﯩﻤﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻛﻪﯕﺮﺍﻕ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯩﺰﻣﯘ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.


ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺋﺎﺗﺎ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:
ﺋﻪﻟﻘﻪﻡ + ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ + ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ

ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯩﺴﯩﻢ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﺎ، ﺋﯩﺨﭽﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﯩﻼ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:
ﺋﻪﻟﻘﻪﻡ ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ.
ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﺘﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﻘﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:
ﺋﻪﻟﻘﻪﻡ .....
ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ....

ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﭼﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯟﯨﻲ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﻩﺳﻤﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

2. ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ
ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰﻻﺭﻣﯘ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﻪﻝ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ


ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺋﺎﺗﺎ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:
ﺭﻭﺯﯨﮕﯜﻝ + ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﮭﯧﻜﯩﻢ + ﺭﯗﺳﻼﻥ


ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯚﺯ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯚﺭ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﯩﻼ ﻗﻮﻟﻠﻼﻧﺴﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ

ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ + ﺋﺎﺗﺎ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:
ﺭﻭﺯﯨﮕﯜﻝ + ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﮭﯧﻜﯩﻢ + ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ

ﻳﺎﻛﻰ

ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ + ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:
ﺭﻭﺯﯨﮕﯜﻝ + ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ + ﺭﯗﺳﻼﻥ


ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯩﺴﯩﻢ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯩﺨﭽﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻗﯩﺰﻻﺭﻣﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻳﻪﻧﻰ

ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ + ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ

ﻳﺎﻛﻰ

ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ

ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:

ﺭﻭﺯﯨﮕﯜﻝ + ﺭﯗﺳﻼﻥ

ﻳﺎﻛﻰ

ﺭﻭﺯﯨﮕﯜﻝ + ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ


ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﺘﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﻘﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﺗﯩﺴﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ، ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:

ﺭﯗﺳﻼﻥ ﺧﯧﻨﯩﻢ، ﺭﯗﺳﻼﻥ ﻗﯩﺰ ....

ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ

ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺧﯧﻨﯩﻢ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺧﺎﻧﯩﻢ ....


ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺴﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﯩﻨﺲ ﺗﯜﺳﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﺋﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭘﻼ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯜﻧﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ﺟﯩﻨﯩﺲ ﺗﯜﺳﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ، ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺟﻨﺴﯩﻲ ﺗﯜﺱ ﻗﻮﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

3. ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ

ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯜﭼﯜﭖ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻛﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﯨﭽﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﻙ. ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻘﻰ ﻳﻮﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﯩﻴﻨﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:

ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺗﯘﺭﺍﻥ
ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺗﯘﺭﺍﻥ

ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺩﺍﯞﯗﺕ ﺋﻮﻏﯘﺯ
ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﻨﯩﻴﺎﺯ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻮﻏﯘﺯ

ﻏﺎﻟﯩﺐ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ
ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺖ ﺟﻪﻟﯩﻞ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ


ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯘﻟﯘﻗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﺍﻧﻰ، ﺋﻮﻏﯘﺯﻯ، ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ، ﺋﯚﺯﮬﺎﻝ ، ﺋﻪﺭﻗﯘﺕ، ﻛﯚﻙ، ﺋﻪﻣﯩﻨﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

4. ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺗﺎﻟﻼﺷﺘﺎ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ

ﮬﻪﻣﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻳﺎﻧﻜﻰ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﻪﺟﻪﺭﯨﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﻐﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯧﺘﯩﻨﯩﻚ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ - ﻏﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺑﻪﻟﮕﻪ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﻨﻰ، ﺋﯚﺗﻤﯜﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻨﻰ، ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﺎﺭ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﻪﻣﯩﻨﻪ ﻛﻪﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻘﻪﺩﻩﺭ ﺳﺎﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﯞﻩ ﻧﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﯩﻨﻰ، ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﻲ ﯞﻩ ﻓﺎﺭﯨﺴﯩﻲ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﭽﻪ ﺳﯚﺯ - ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻧﯧﺮﻯ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺋﯧﺘﯩﻤﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﯚﺯﯨﺰﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻗﯩﻤﯩﺰ، ﺋﺎﺭﺯﯗﺭ - ﮬﻪﯞﻩﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻲ ﻣﻪﻧﺴﯘﺑﻠﯘﻗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺗﺎﻣﻐﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯘ ﺗﺎﻣﯩﻐﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﯩﻞ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻳﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
5. ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﺎ ﺳﯩﺰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭ

ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭﺳﻰ .

<< ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ >> ﯞﻩ << ﺩﯨﯟﺍﻧﯘﻟﻮﻏﻪﺗﯩﺖ ﺗﯜﺭﻙ >> ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺒﺎﮬﺎ ﺋﯩﺰﺍﮬﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯨﻤﺎﺱ ﺑﯘﻟﯩﻘﻰ.

ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ - ﺗﻮﻣﯘﺭﻯ

ﮬﯚﻧﻪﺭ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ، ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﯩﺨﺘﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﯚﺯ - ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﻛﯜﭼﻰ.

ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻟﻪﻗﻪﻣﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ

ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ. ﻳﻪﻧﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ، ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺶ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯩﻴﻪﺕ - ﺋﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯗﺭ.
ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻼﺷﻘﺎﻥ، ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ - ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯩﻼﺟﻨﯩﯔ ﺑﯧﺮﯨﭽﻪ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﭖ، ﺋﻪﯓ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺋﻪﯓ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ، ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ، ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﻗﻮﻻﻱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﯞﻩ ﻧﺎﻣﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺧﯘﻻﺳﻪ ﻛﺎﻻﻡ !

ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ .


ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻨﯩﯔ 2006 ﺳﻰ ، 12 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2 - ﻛﯜﻧﻰ.

qwe يوللانغان ۋاقتى 2007-3-23 08:20:29

ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺒﻪﮒ ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ،ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯨﺮﯨﺴﯩﺘﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﻗﯩﻠﻐﺎﻥ،ﺋﺎﺯﺍﺕ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﻓﺎﻣﯩﻠﻪ(ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻘﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ،ﺋﯩﻨﯩﻖ ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﻩ ﻗﺎﻟﻤﻪﭘﺘﯘ)ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﺎ ﺑﯘﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﮬﻪﻝ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﭼﺎﺭﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ.
.
ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ
ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺋﺎﺗﺎ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:
ﺭﻭﺯﯨﮕﯜﻝ + ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﮭﯧﻜﯩﻢ + ﺭﯗﺳﻼﻥ


ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯚﺯ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. . ﻳﻪﻧﻰ

ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ + ﺋﺎﺗﺎ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ + ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:
ﺭﻭﺯﯨﮕﯜﻝ + ﺭﯗﺳﻼﻥ+ ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ



Bidarerfan يوللانغان ۋاقتى 2007-3-23 10:06:30

ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﻪﻣﺘﯜﻙ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭘﺘﯘ، ﺷﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﺒﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﮕﻪ ﮬﻪﺷﻘﺎﻟﻼ.
3. تەگئاتنىڭ نام - شەرىپىمىزدىكى قوللۇنۇش ئورنى
دەسلەپ تەگئاتنى قولۇنۇشنى ئويلىغىنىمدا تەگئات بىزدە قانداق قوللىنىلىدۇ، خەنزۇلارغا ئوخشاش ئۆزىمىزنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىدا كىلەمدۇ ياكى ئىسمىمىزدىن كىيىن  دادىمىزنىڭ ئىسمىنىڭ ئورنىغا كىلەمدۇ؟ بۇلار ماڭا ئېنىق ئەمەس ئىدى، ھىچقانداق ماتېرىيال مەنبەسى بولمىغان ئەھۋالدا مەن يۇقۇرىدا مىسال ئالغان مەشھۇرلىرىمىزنىڭ ئات ناملىرىغا قاراپلا ئوغلۇمغا ئىسىم قويغاندا «ئالىم»نى ئۆزىنىڭ ئىسمىي، «ئېرفان»نى كېيىنكى نەۋرىلىرىمنىڭ ئىسمىغا قوشۇپ ئىشلىتىشكە قالدۇرۇپ، ئىككى ئىسىمنى بىرلەشتۈرۈپ «ئېرفانئالىم» قويغان ئىدىم، يېقىندىن بىرىقى تەتقىقاتلار ۋە «مەدەنىيەت بوستانى» پروگراممىسىدا سۆز قىلغان زىيالىلىرىمىزنىڭ ئىسمىغا قاراپ تەگئات ئۈچۈنجى ئورۇندا تۇرىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلدىم، بۇنداق بولغاندا بىرىنجىدىن بىزنىڭ ئۇزاق يىللىق ئەنئەنىمىزمۇ ساقلىنىپ قالىدىكەن، ئىككىنجىدىن جەمەت نامىي قوشۇلغاندىن كېيىن ئاتىنىڭ نامىي چۈشۈپ قالمىغاندا دادا - بالا، ئاكا - ئىنىلەرنىڭ قانداشلىق مۇناسىبىتى ئىسىمدىنلا بىلىنىپ، بۇلار دادا - بالىمۇ ياكى ئاكا ئىنى(ئاكا - سىڭىل)مىدۇ دېگەندەك سۇئاللارنىڭ قويىلىشىغا ھاجەت قالمايدىكەن. شۇڭا ئۆزەمنىڭ نام شەرىپىنى ئابدۇخالىق ئابلىمىت قۇتلان، ئوغلۇمنىڭكىنى ئېرفان ئابدۇخالىق قۇتلان، ....... دېگەن ناملار بىلەن نوپۇسقا ئالدۇردۇم.

4. تەگئاتىمنى نوپۇسقا ئالدۇرۇش ئۈچۈن باسقان قەدەملىرىم
تەگئات مۇقىملىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ۋىلايىتىمىزنىڭ خەنزۇچە گېزىتىگە ئىسىم ئۆزگەرتىش ئىلانى بەردىم:

گېزىتقا بېسىلغان ئېلان
بۇ ئېلاندا ئاتا ئىسمىي بىلەن تەگئات ئارىسىدا بىر چىكىت قويۇلغان، لىكىن نوپۇسقا ئالدۇرغاندا مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن چىكىتنى قالدۇرۋىۋەتتىم ھەم تەگئات ئىشلىتىش ئىلتىماسىم ۋە مۇناسىبەتلىك ئالاقىلەردە 库特兰 دەپ يازدىم.

2. قەدەمدە شەخسى نامىمدا تەۋەلىكىمىزگە مەسئۇل ساقچىخانىغا بىرنۇسخا خەنزۇچە ئىلتىماس يازدىم، خىزمەت ئورنۇمنىڭ نامىدا ج خ ئىدارىسىگە بىر پارچە ئالاقە( 函) يازدۇرۇپ، ساقچىخانىغا ئېلىپ باردىم،  نوپۇسقا مەسئۇل ساقچى خادىمىي بىرپارچە جەدۋەل چىقىرىپ، مۇناسىبەتلىك جايلىرىنى ئىلتىماسىمنىڭ مەزمۇنى بويىچە تولدۇرۇپ، تامغۇ بېسىپ، جەدۋەلگە مېنىڭ ئىلتىماسىم بىلەن ئىدارەمنىڭ خېتىنى بىرگە قوشۇپ، بىزنىڭ تەۋەلىككە مەسئۇل ساقچى(ئۇيغۇر) ۋە ساقچىخانىنىڭ باشلىقى(سوجىڭى)غا  قول قويدۇرۇپ، ج خ ئىدارىسىنىڭ مەسۇل خادىملىرىغا تەستىقلىتىپ ئەكىلىشىمنى ئېيتتى، شۇ تەلەپ بويىچە ساقچىخانا چىقىرىپ بەرگەن جەدۋەلگە ساقچىخانىدىن ئىككى نەپەر، ج خ ئىدارىسىدىن نوپۇسقا مەسئۇل ئىككى نەپەر خادىمنىڭ ئىمزا ۋە تامغۇلىرىنى باستۇرۇپ ئەكىلىپ بەرگەندىن كېيىن نوپۇسىتىكى مېنىڭ، ئايالىمنىڭ ۋە ئىككى پەرزەنتىمنىڭ ئاتلىرىنى تەلىۋىم بويىچە ئورنۇتۇپ بەردى. تونۇش ساقچىلار يېقىندىن ھەمكارلاشتى (شۇ مۇناسىبەت بىلەن مۇشۇ ئىھتىياجىم ئۈچۈن ھەمدەم بولغان، تەستىق سالغان ساقچىلىرىمىزغا ئالاھىدە رەخمەت ئەيتىمەن).


ئوغلۇمنىڭ يېڭى نوپۇسى

Bidarerfan يوللانغان ۋاقتى 2007-3-23 10:14:01

ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﻛﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.
مەن ئەسلىدە بۇ تېمىنىڭ داۋامىنى يۇقۇرىدىكى ئۇسلۇپتا يازماقچى ئىدىم، يۇقۇرىدا پىسپاس ئەپەندىم مەندىن بىرقانچە سۇئالنى سوراپتۇ، شۇڭا ئۇسلۇبىمنى ئۆزگەرتىپ تۆۋەندە سۇئالنى چۆرىدەپ جاۋاپ تەرىقىسىدە بايان قىلاي.

引用
ئەسلى يوللىغۇچى: pis-pas ، ۋاقتى: 2007-3-22 11:25
بىدار ئەپەندىمدىن بىرنەچچە سۇئال سوراپ باقسام بولىتى( سەل ئالدىراپ سورىلىپ قالدى، چۈنكى داۋامى بار دەپ ئەسكەرتكەن ئىدىڭىز)

سىز بۇ سۇئاللارنى سورىمىغان بولسىڭىز بەلكىم مەن بىرقىسىم مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىش خىيالىمغا كەلمەس ياكى ئەتراپلىق بولماس ئىدى، شۇڭا، سىزنىڭ تۆۋەندىكى سۇئاللارنى سورىغانلىقىڭىزغا ھەشقاللا.
引用
1. تەگئاتنى بىزغۇ قوللاندۇق دەيلى، ئەمىسە نۇپۇس كىنىشكىسىدىن باشقا، پاسپورت، ئۆي كىنىشكىسى، يەر كىنىشكىسى، توي خېتى، بانكا ھىساۋاتىدىكى ئىسىملار، ھەرخىل جەدۋەللەر ، يەنە تېخى ئارخىپ دەپ بىرنىمىمىز بار. .... مۇشۇلارنىمۇ ئۆزگەرتىش كىرەكمۇ ،  ........
2. ئەگەر پەقەتلا نوپۇس كىنىشكىسىنى ئۆزگەرتىپ ، كىملىك، پاسپورت قاتارلىق ئەمىلىي قوللىنىدىغان كىنىشكىلەردىكىنى ئۆزگەرتمىسەك، قالايمىغانچىلىق كىلىپ چىقماسمۇ؟ چۈنكى نوپۇس بىلەن باشقا كىنىشكىلەردىكى ئىسىم ئوخشىمايدۇ دە.

تەگئات ئالدى بىلەن نوپۇستىن ئورۇن ئالالسىلا، ماڭا ئوخشاش تېخى يېڭى ئەۋلات كىملىك بىجىرتمىگەن بولسىڭىز(مۇشۇ ئىشنى بىرياقلىق قىلىپ بولۇپ ئىشلىتەي دەپ ھازىرغىچە ئىشلەتمىگەن ئىدىم) ئارتۇق چىقىم تارتىپمۇ يۈرمەيسىز، ئۆز تەرتىپى بويىچە ئىشلەپ بېرىدۇ، بىرقېتىم ئىشلىتىپ بولغان بولسىڭىز كىملىكنىڭ ئازىراق چىقىمىدىن قاچمىسىڭىز تەبىئىي ھالدا نوپۇسنى ئۆزگەرتىپ بەرگەنلەر ئۇنىمۇ ئۆزگەرتىپ بېرىدۇ. ئەمما بۇرۇنقى بىرقىسىم نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىش ئەسلا مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن، ھەم ئۆزگەرتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، سەۋەپ: بۇنىڭدا بۇرۇنقى ئىسمىي بىلەن ھازىرقى ئىسمىي نوپۇسقا تەڭ يېزىلغانلىقى(يۇقۇرىدا ئوغلۇمنىڭ يېڭى نوپۇسىنىڭ بىر بۆلىكىنى چىقىرىپ قويىشىمنىڭ سەۋەبىي بۇرۇنقى ئىسىمنىڭمۇ ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن)، ھەم كىملىكتە ئاخىرقى بىر ئىسىمنىڭ قېتىلمىقى بىلەن ئىسىم تۈتىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئادەملەرنىڭ ئالدىدا بۇرۇنقى سىز بىلەن ھازىرقى سىز يەنىلا بىر ئادەم بولىۋىرىسىز. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىم لازىمكى، مەن قوللانغان تەگئات(ئۈچۈنجى رەتتىكى ئىسىم)نىڭ ئالدىغا قايىدە بويىچە قويىلىدىغان چىكىتنى قويمىدىم، يەنى 阿布都哈力克. 阿布力米提库特兰 دەپ يازدىم. سەۋەپ: كىملىكنى بىجىرگەن ئورۇندا مەن بولمىغانلىقىم ئۈچۈن ھەم ئۈچ ئىسىمنى كىملىككە ئورنۇتۇشقا بولۇش - بولماسلىق ھەققىدىكى بەلگىلىمىنىڭ بار يوقلىقىنى بىلمىگىنىم ئۈچۈن، ئۇقۇشماستىن كىملىك ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈچۈنجى ئىسىمنى قىسقارتىۋﯨﺘﯩﭗ،阿布都哈力克. 阿布力米提 ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ئەنسىرەپ، ۋاقتىنچە ئىككى ئىسىم阿布力米提.库特兰نى تۇتاش 阿布力米提库特兰يازدىم. يەنە بىرسى مېنىڭ ئىسمىم ئەسلىدە قىلىپلاشقان شەكىلدە يېزىلسا 阿卜杜哈力克 شەكلىدە يېزىلاتتى، تايىنلىق ئۆزگەرتكەندىن كېيىن شۇ ئۆلچەملىك يېزىلىشقا ئۆزگەرتەيمۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، كېيىن سىز ئېيتقاندەك بىر قاتار ئەۋارىچىلىقلارنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ ئەسلىدىكى يېزىلىشىنى ساقلاپ قالدىم. ئەڭ دەسلەپ ئويلىغىنىم باللىرىمنىڭكىنىلا ئۆزگەرتىپ ئۆزەمنىڭ ۋە ئايالىمنىڭكىنى ئۆزگەرتمەسلىكنىمۇ ئويلىغان ئىدىم، ئاخىرى ئۆزگەرتەي، ئەمما ئەسلىدىكىسىنى ساقلاپ قالغان ھالدا ئۆزگەرتەي دېگەن يەكۈنگە كەلدىم. مېنىڭچە بۇ يەكۈنىم ھەرگىز پۇشايمەن ئېلىپ كەلمەيدۇ. چۈنكى نوپۇستا ئەسلىدىكىسىمۇ يېزىغلىق،  كونا كىملىكمۇ يىغىۋىلىنمايدىكەن.
引用
1.  .........  تەگئات قېتىلسا، ئىسمىمىز تېخىمۇ ئۇزىراپ، خەنزۇ يولداشلارنىڭ بېشى تېخىمۇ قېتىپ ، تەگئاتنى قىسقارتىپلا شىياۋ كۇ ياكى لاۋ كۇ ( 小库, 老库) دەپ( قۇتلان دەپ ئاتالمىغاندىكىن). دەپ ئاتىسا بولارمۇ؟

ھازىر تەگئات ئىشلەتمىگەنلەرگە ئۆز ئىسمىگە دادىسىنىڭ ئىسمىنىلا قوشۇپ يازىدىغان ئادەت بولسىمۇ، لىكىن يوقلىما ۋە ئالاھىدە ھاللاردىن باشقا چاغلاردا ئادەتتە ئاتىغاندا دادسىنىڭ ئىسمىنى قوشماي كۆپ ھاللاردا ئۆز ئىسمىنىلا ئاتايدىغان، يازىدىغان ئادىتىمىز بار، بۇ ئادەت تەگئات ئىشلەتكەندىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا داۋاملىشىۋىرىدۇ. يوقلىما ۋە ۋە ئالاھىدە ھاللاردا چاقىرغاندا تەگئاتنى قوشۇپ ئىشلەتسىمۇ قوشمىسىمۇ بولىدۇ، مېنىڭچە تەگئاتنى قانۇنىي ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ئەسەر ۋە پاتىنىت ھوقۇقىي قاتارلىقلاردىلا ئىشلىتىش كېرەك دەپ قارايمەن، ئۇزۇن تارىختىن بىرى تەگئات قوللانغان باشقا مىللەتلەردىمۇ ۋلادىمىر. ئىلئىچ لېنىن، ئالىكسى ماكسىمىۋىچ گوركىلارنىمۇ لېنىن، گوركى دەپلا ئاتايدۇ ھەم ئاتاۋاتىمىزغۇ؟
باشقىلارنىڭ شىياۋ كۇ ياكى لاۋ كۇ ( 小库, 老库) دەپ ئاتىشى، ئاتىغۇچىغا ئەمەس، ئاتىڭىز ئەزان چىللاپ قويغان نام شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان سىزنىڭ قانداق قوغدىشىڭىزغا باغلىق، تەگئات ئىشلەتمەيمۇ شۇنداق ئاتىلىۋاتقانلار يوق ئەمەس، شۇنچە ئۇزۇن ئىسملارنى قىسقارتقۇزماي ئاتاتقۇزىۋاتقانلارمۇ بىر تالاي، بۇ ئۆزىڭىزگە باغلىق. مەن ئېغىز تىلىمىزدا ئوغلۇمنىڭ ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمىنى ئائىلىدە، مەھەللىدە يەنىلا ئەسلىسى بويىچە «ئېرفانئالىم» دەپ ئاتايمەن ھەم باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق ئاتىشىنى تەلەپ قىلىپ كىلىۋاتىمەن، ئوغلۇممۇ ساۋاقداش ۋە دوستلىرىدىن شۇنداق ئاتىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
引用
3. 10 مىليۇن نۇپۇستىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەگئاتنى قانداق بىر بىرلەپ قانات يايدۇرۇش مەسىلىسى، مىنىڭچە بۇ ناھايىتى چوڭ بىر قۇرۇلۇش، بۇنىڭغا ھۆكۈمەت مەبلەغ ئاجراتمايدۇ. بۇنى قانداق ئومۇملاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئويلاشقىلى بولارمۇ؟

دۇنيادا يول يوق ئىدى، كىشىلەر ماڭغاندىن كېيىنلا يول پەيدا بولغان دەيمىز، بىزنىڭمۇ نۇرغۇن ئادەتلىرىمىز ئۇزاق تارىخمىز جەريانىدا سىز، بىزگە ئوخشاش كىشىلىرىمىزنىڭ باش بولىشىدا پەيدا بولغان ۋە تەرەققىي قىلغان، شۇڭا بىز ئالدى بىلەن بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتەلىسەك ئۆزىمىزدىن باشلاپ يولغا قويۇپ، باشلامچىلىق قىلالايمىز، كەڭ تەشۋىق قىلالايمىز، تەشۋىقاتنىڭ كۈچى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تونۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي ئاساس تىكلىيەلەيمىز، ئىجتىمائىي ئاساس تىكلەنسە، باشقا ئىشلارغا ئوخشاش تەكلىپ پىكىر سۇنۇش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مۇناسىبەتلىك ئورۇنلاردا بۇ مەسىلىگە چوقۇم كۆڭۈل بۆلىدىغانلار بارلىققا كىلىدۇ، نەتىجىدە ھۆكۈمەتنىڭ تەشەببۇس قىلىشى، يېتەكلىشى، ئاخىرىدا تەدبىر قوللىنىشى بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىدە تەگئات ئومۇملىشىش بارلىققا كىلىپ قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولىدۇ، ئۇچاغدا مەنمۇ تەگئاتىم بىلەن ئاتامنىڭ ئىسمىنىڭ ئارىسىغا يۈرەكلىك بىلەن بىر بوش ئورۇن قويۇش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشەلەيمەن.  
引用
4. ھازىر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىسىم فەمىلىسىنى خەنزۇچىدا قانداق يېزىشنى قېلىپلاشتۇرۇش دولقۇنى پەيدا بولۇپ قالدى، يەنى مەمەت دىگەن ئىسىمنى پەقەتلا 买买提 دەپلا يېزىش كىرەك دەپ تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ، ئەگەر تەگئات ئىسىملار بىلەن بىللە يېزىلسا ، ئىسىم ئۇزىراپ كېتىدۇ،( خەنزۇلارنىڭ يەنە بېشى قاتىدىغان بولدى ) بۇلارنى ھەل قىلىشنىمۇ ئويلىشىپ باققىلى بولارمۇ؟

يۇقۇرىدا مەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ قىسمەن ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، ئەمدى ئىسىملىرىمىزنى خەنزۇچە يېزىش ۋە ئۇنى قىلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە مېنىڭچە خەنزۇچە خەت بىزنىڭ ئىسمىمىزدا پەقەت تاۋۇشنى مەلۇم دەرىجىدە ئىپادىلەشتىن باشقا ھىچقانداق ئەھمىيەتكە ئىگە بولمىسىمۇ، قېلىپلاشتۇرۇش بىز ئۈچۈن قىسمەن ئەۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرىۋاتقان بولسىمۇ، لىكىن تۈرلۈك ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىدە قىلىپلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكى بارغانسىرى تونۇلماقتا، شۇڭا قېلىپلاشتۇرۇش بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزدە بارغانسىرى كۈچۈيۈپ بېرىشى مۇمكىن، ئەمما ھازىرقى بىرقىسىم ئىسىملارغا يېزىلغان قېلىپلاشتۇرۇلغان خەتلەر توغرا بولمايۋاتىدۇ،  بىرقىسىم ئىسىملارنىڭ خەنزۇ يېزىقىدىكى تەلەپپۇزىنى مۇتلەق توغرا ئىپادىلىگىلى بولمىسىمۇ، نۇرغۇنلىرىنى توغرا ئىپادىلەشكە ئىمكانىيەت تۇرۇپ توغرا ئىپادىلىمەسلىك خائىشى مەۋجۇت(ئاڭلىسام غالىپ بىلەن ئالىپ پەرقلەندۈرۈلمەي ئوخشاش خەتلەر بىلەن يېزىلارمىش، بەلكىم سەھۋەنلىك بۇلا ئەمەستۇ؟)، بۇنى ئىسىم ئىگىسى يۇقۇرىدا مەن كۆرسەتكەن ئۇسۇللار بىلەن تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلسا بولىدۇ، پاسپورتقا خەنزۇ يېزىقىنىڭ پىنيىنى بويىچە يازىدىغان بەلگىلىمە بار دەپ ئاڭلىدىم، بۇ بەلگىلىمنىڭ دەرىجىسى قانچىلىك بۇنى بىلمەيمەن، ئەمما بۇ بەلگىلىمىگە قارىتا خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى مۇۋاپىق تەكلىپ پىكىر بېرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى ئېنگىلىزچە يازغاندا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئارقىلىق يېزىشى(ھۆكۈمەتمۇ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى كەڭ تەشۋىقى قىلىشى)، ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىنى توغرا تەلەپپۇز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان يېزىقنىڭ سەھۋەنلىكىنى ئىتراپ قىلىپ، پۇقرالارنىڭ نام ھوقۇق مەنپەتىگە دەخلى قىلىنماسلىقى، توغرا ئىپادىلىيەلمىگەن يېزىقنىڭ سەھۋەنلىكى ئۈچۈن، باشقا توغرا ئىپادىلىگىلى بولىدىغان(ئېنگىلىزچە) يېزىقتىمۇ يەنە سەھۋەنلىك سادىر قىلىپ، ئىسىم ئىگىسىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىنماسلىقى لازىممىكىن دەپ قارايمەن، بۇ مەسىلىنى سۆبەتلىشىش، تەكلىپ پىكىر سۇنۇش ئارقىلىق ھەل قىلىش، سىزنىڭ، مېنىڭ ۋە ھەممىمىزنىڭ بۇرچى.

Bidarerfan يوللانغان ۋاقتى 2007-3-23 10:15:25

سۆزۈمنى تۆۋەندىكى نەقىل ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇراي.
引用
مەنبە: http://misran.erdem.googlepages.com/ozimizdinbashlayli
Uyghur kishi isimlirining yezilishini, atilishini qeliplashturush we Uyghurlarda omumyuzluk famile qollunush mesilisi toghrisida tetqiqat elip berish, izdinishlar xeli burunla bashlanghan bolsimu, bu ishqa kongul bolidighan orun bolupmu shexislerning az bolghanliqidin hazirghiche hel bolmay keliwatqan mesililerning biri bolup qaldi. Peqet herbir Uyghur bu ishni ozimizning burchi dep qaraydighanla bolsaq bu nishangha yetish anche uzungha sozulup ketmeydu.

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ يېزىلىشىنى، ئاتىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلاردا ئومۇميۇزلۇك فامىلە قوللۇنۇش مەسىلىسى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئىزدىنىشلار خېلى بۇرۇنلا باشلانغان بولسىمۇ، بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئورۇن بولۇپمۇ شەخسلەرنىڭ ئاز بولغانلىقىدىن ھازىرغىچە ھەل بولماي كىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. پەقەت ھەربىر ئۇيغۇر بۇ ئىشنى ئوزىمىزنىڭ بۇرچى دەپ قارايدىغانلا بولساق بۇ نىشانغا يېتىش ئانچە ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتمەيدۇ.

بۇ ھەقتىكى سۇئاللار بولسا داۋاملىق سورىساڭلار بولىدۇ، ھەمكارلىشىدىغان ئىش بولسا ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ. قولۇمدىن كىلىشچە مەن خىزمىتىڭلەرگە تەييار.

tugyan يوللانغان ۋاقتى 2007-3-23 11:31:39

ﺑﯩﺪﺍﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﻪﮔﺌﯧﺘﯩﻤﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻧﺪﺍ (ﭺ ﭺ ﺩﺍ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ)ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ)ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭺ ﭺ ﻧﻮﻣﯘﺭﯗﻡ :ﺩﻭﻻﻥ 531100546

Bidarerfan يوللانغان ۋاقتى 2007-3-23 11:37:19

ﻛﯩﯘ-ﻛﯩﯘ ﻧﯘﻣﯘﺭﯗﻡ: 280151573

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2007-3-23 13:35:52

ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ  ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺋﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻨﻼ ﺑﺎﺷﻠﯩﺴﺎﻡ ﺑﯩﺮﺋﺎﺯ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ  ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﯘﻧﺎﺭﻣﯘ ؟ﻛﯩﻴﯩﻨﭽﻪ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﺎ -ﺳﯩﯖﻠﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﯞﺍﻟﻤﺎﺱ ﮬﻪ

Estami يوللانغان ۋاقتى 2007-3-23 20:21:14

ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﯧﭙﺘﻜﯩﻦ ﺩﯦﮕﻪﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ﻳﺎ ﺑﻮﻟﻤﺴﺎ ﻛﯚﻙ ﺑﯚﺭﻩ ﺩﯦﮕﻪﻧﻰ  

ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻳﯧﺰﯨﭙﯩﺴﺰ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ

Bidarerfan يوللانغان ۋاقتى 2007-3-23 20:33:21

ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﯧﭙﺘﻜﯩﻦ ﺩﯦﮕﻪﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ﻳﺎ ﺑﻮﻟﻤﺴﺎ ﻛﯚﻙ ﺑﯚﺭﻩ ﺩﯦﮕﻪﻧﻰ
================
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻳﻼﭘﺴﯩﺰ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﻧﻮﭘﯘﺳﻘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺧﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ+ﺩﺍﺩﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ+ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻻﺭ ﻛﺎﺗﻪﻛﻜﻪ ﭘﺎﺗﻤﺎﻱ ﻗﺎﻻﺭﻣﯩﻜﯩﻦ؟ ﺷﯘﯕﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺨﭽﺎﻣﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

Bidarerfan يوللانغان ۋاقتى 2007-3-23 20:38:24

ﻣﻪﻥ ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﺑﺎﺭﯨﻜﻪﻥ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﯘﯕﻘﯘﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﯕﻼﺭ:
http://bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=8578&page=2#pid59447
      15. ﻗﻪﯞﻩﺕ

Haktayur يوللانغان ۋاقتى 2007-3-24 09:11:45

ﮬﺎ ﮬﺎ ﮬﺎ !!! ﮬﻪﺟﻪﭖ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺷﻼﭘﺴﯩﺰ ، ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﺎ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ <ﺑﯩﺨﺴﯜﺭ> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﺳﯩﺰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﻮﻝ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﭗ ﺗﺎﺯﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﯩﺴﻪﻡ !!!

Estami يوللانغان ۋاقتى 2007-3-24 09:23:07

ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ ، ﺩﯦﮕﯧﻨﯩﯖﯩﺰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻕ.  
ﺩﺍﺩﺍﻣﯩﻨﯔ ﺋﯩﺴﻤﻨﻰ ﺋﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻱ .

ﺋﯩﺴﻤﯩﻢ + ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﯩﻤﺎ ؟

Bidarerfan يوللانغان ۋاقتى 2007-3-24 10:24:06

引用
دادامىنڭ ئىسمنى ئشلەتمەي .
ئىسمىم + تەگئات قىلسام بولماسىما ؟


引用
<<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا تۇراقلىق فامىلە قوللىنىشنى تەتقىق قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى>> تارقاتقان <<ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا تۇراقلىق فامىلە قولىنىش توغرىسىدا لاھىيە(لاھىيە، پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)>>نىڭ  5-بېتىدە مۇنداق دېيىلگەنكەن:
ئالدى بىلەن بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەشەببۇسلارغا نەزەر سالايلى. <<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا تۇراقلىق فامىلە قوللىنىشنى تەتقىق قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى>>دىكى مۇتەخەسىسلەر ئۆز پىكىرلىرىدە ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، شەخسنىڭ ئىسمى ئالدىدا فامىلە كەينىدە بولىدىغان شەكىلنى تەشەببۇس قىلىدۇ ھەمدە مەملىكىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى، دەۋر تەلىپىگە ماسلىشىشنى ۋە تەرەققىياتنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ئىسىم-فامىلىلەرنىڭ ئىمكانقەدەر قىسقا بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇشۇ تەلەپ بويىچە \"شەخس ئىسمى + ئاتا ئىسمى + فامىلە\" (A+B+C) فورمۇلىسىنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەخسنىڭ ئىسمىدىن كېيىنلا فامىلە كېلىدىغان فورمۇلا (A+C)نى ئومۇملشتۇرۇشنى تەۋىسىيە قىلىدۇ. ھازىرغىچە ئارىلىقتا ئۆزىگە تۇراقلىق فامىلە تاللاپ بېكىتىپ بولغان ئايرىم شەخسلەر ئىچىدە \"شەخس ئىسمى + ئاتا ئىسمى + فامىلە (A+B+C)\" شەكلىنى قوللىنىپ بولغانلار بولسا، ئۆزلىرى تاللىغان شەكىلنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ(مەنبە: http://biliwal.com/modules.php?name=Forums&file=viewtopic&p=3325#3325).


ﻣﻪﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ:
تەگئات قوللۇنۇشنىڭ سەۋەپلىرىنى چىقىش قىلغىنىمىزدا، يۇقۇرىدىكى تەشەببۇس(A+C) بويىچە بولغاندا تەگئاتنىڭ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪﺭ ئۇچۇن بىرمۇنچە باش ئاغرىقى ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﯧرىشى مۇمكىن، مەسىلەن: ھازىر بىزدە بىر ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ئىككى داڭلىق ئەرباپ بارلىققا كەلگەن بولسۇن دەيلى، بۇلارنىڭ ئىسىملىرى مۇھەممەد ئۇيۇل، ئامىنە ئۇيۇل(A+C ﻓﻮﺭﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ)  بولسۇن دىسەك، كېيىنكىلەر ئۇچۇنلا ئەمەس ھازىرقىلار ئۇچۇنمۇ ئۇيۇل جەمەتىدىكى بۇ ئىككى شەخسنىڭ دادا - بالىمۇ ياكى ئاكا - سىڭىلمۇ؟ بۇلارنى ئىسىملىرىدىن ئايرىۋىلىش مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر مۇھەممەد توختى ئۇيۇل، ئامىنە توختى ئۇيۇل دەپ ئېلىنغاندا رۇشەنكى بۇلار ئاكا - سىڭىل بولىدۇ، مۇھەممەد توختى ئۇيۇل، ئامىنە مۇھەممەد ئۇيۇل بولغاندا بۇلار رۇشەنكى دادا - بالا بولغان بولىدۇ، شۇڭا مەن تەگئاتنىڭ يەنىلا \"A+B+C\" فورمىلىسىدا بولىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.
ﺑﯩﺰ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﺎﻕ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﻪﯞﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻩﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯘﻧﯘﭖ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻳﺎﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﺴﻪﻙ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﯘﻗﯘﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﭘﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ،  ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯘﻧﯘﺵ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻡ ﻗﻮﺯﯗﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻘﻰ ﻻﺯﯨﻢ.

Bidarerfan يوللانغان ۋاقتى 2007-3-24 10:43:52

ﻣﻪﻥ ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﯧﻤﺎﻣﻐﺎ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﻣﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﺑﯘ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﮬﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﯨﻜﯩﻦ؟

引用
سالام ئابدۇخالىقجان ئابلىمىت قۇتلان ئەپەندىم،

ئاۋال بۇ قۇتلۇق ئىشنى باشلاپ ۋە ئۆز ئەمىلىيىتىڭىزدە كۆرسىتەلىگەنلىكىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن.

مېنىڭ يۇقۇردىكى بايانلارنىڭ بەزىلىرىگە ئازراق پىكرىم بار ئىدى، ئاۋال «قۇرئان كەرىم» دىن دەلىلىمنى ئوتتۇرىغا قوياي:


33-سۈرە ئەھزاب

مەدىنىدە نازىل بولغان، 73 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

اﷲ ھېچ ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈرەك ياراتقىنى يوق، سىلەر زىھار* قىلغان ئاياللىرىڭلارنى اﷲ سىلەرگە ئانا قىلغىنى يوق، سىلەر بالا قىلىۋالغانلارنىمۇ اﷲ (ھەممە ھۆكۈمدە ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولغان) بالىلىرىڭلارنىڭ ھۆكمىدە قىلمىدى، بۇ (يەنى ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولمىغانلارنى بالا دېيىش) پەقەت ئاغزىڭلاردا ئېيتىلغان سۆزدۇر، اﷲ ھەق (سۆز)نى ئېيتىدۇ، توغرا يولغا باشلايدۇ .

ئۇلارنى ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار، بۇ ﷲنىڭ دەرگاھىدا توغرىدۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، ئۇ چاغدا ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلاردۇر، دوستلىرىڭلاردۇر، سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بەلىدۇ)، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر .


(«قۇرئان كەرىم»، 419-بەت)

«قۇرئان كەرىم» دىكى ئۇشبۇ ئايەتلەر بار ئەسلى بەت:
(ئىككى چېكىپ ئايرىم ۋىندوۋزدا كۆرۈش ياكى چاشقاننىڭ ئوتتۇرا چاقىنى دۆگۈلۈتۈپ، ئەسلى ھالەتتە كۆرۈش مۇمكىن.)



يەنە سەھىھ ھەدىسلەردە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان:
«قىيامەت كۈنىدە، سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ ئىسمى ۋە ئاتاڭلارنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىسىلەر، شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئىسىملارنى قويۇڭلار ۋە ئىشلىتىڭلار.»

دەلىلىم ئاخىرلاشتى. ئەمدى ئۆز پىكرىمنى بېرەي. بۇ مەزمۇنغا ئازراق پىكرىم بار:

引用
ئەسلى يوللىغۇچى: bidarerfan ، ۋاقتى: 2007-3-23 10:31  

2. ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ
ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰﻻﺭﻣﯘ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﻪﻝ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ
ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺋﺎﺗﺎ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:
ﺭﻭﺯﯨﮕﯜﻝ + ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﮭﯧﻜﯩﻢ + ﺭﯗﺳﻼﻥ

ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯚﺯ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯚﺭ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﯩﻼ ﻗﻮﻟﻠﻼﻧﺴﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ
ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ + ﺋﺎﺗﺎ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:
ﺭﻭﺯﯨﮕﯜﻝ + ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﮭﯧﻜﯩﻢ + ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ
ﻳﺎﻛﻰ
ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ + ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:
ﺭﻭﺯﯨﮕﯜﻝ + ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ + ﺭﯗﺳﻼﻥ

ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯩﺴﯩﻢ - ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯩﺨﭽﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻗﯩﺰﻻﺭﻣﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻳﻪﻧﻰ
ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ + ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ
ﻳﺎﻛﻰ
ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:
ﺭﻭﺯﯨﮕﯜﻝ + ﺭﯗﺳﻼﻥ
ﻳﺎﻛﻰ
ﺭﻭﺯﯨﮕﯜﻝ + ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ

ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﺘﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﻘﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﺗﯩﺴﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ، ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:
ﺭﯗﺳﻼﻥ ﺧﯧﻨﯩﻢ، ﺭﯗﺳﻼﻥ ﻗﯩﺰ ....
ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ
ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺧﯧﻨﯩﻢ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺧﺎﻧﯩﻢ ....



يۇقۇردىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا، ئىسلام دىنى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ (بىئولوگىيەلىك) ئاتىسى ئېنىق بولغان ئىكەن، ئۇ ئىنساننىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ھەر قانداق ۋاستە ياكى سەۋەپ بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىشكە بولمايدۇ. سىز باشقا بىرەر بالىنى (مەيلى قانداق سەۋەپ بىلەن) بېقىۋالغان بولسڭىز، ئەگەر ئۇ بالىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى مەلۇملا بولسا، سىز ئۇنى xxx ئادۇخالىقجان ياكى xxx ئادۇخالىقجان قۇتلان دەپ ئاتىىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ چاقىرسىڭىز بولمايدۇ.

مۇشۇ دەلىلگە ئاساسەن، يۇقۇردىكى «روزىگۈل ئابدۇلھېكىم رۇسلان» قىزچاق توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن «روزىگۈل يۈكسەل رۇسلان»، «روزىگۈل رۇسلان» ياكى «روزىگۈل يۈكسەل» خانىم بولۇپ قالسا بولمايدۇ.

بىزدە ئىسلامىي ھىس-تۇيغۇلار تېخى يوقالغىنى يوق. ئاساسەن ھەممە ئۇيغۇرلار، ھەتتا ئاغزىدىن ھاراق پۇراپ تۇرغان ئۇيغۇرلارمۇ «مەن مۇسۇلمان» دىگەن گەپنى قىلىدۇ.

شۇڭا تەگئات قوللۇنۇش سەۋەپلىك، مېھرىبان اللەنىڭ ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ. مېنىڭ پىكرىم مۇشۇ نۇقتا دىققەت قىلىنسا دىمەكچىمەن.

ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﭼﺎﻏﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺳﯩﻤﯘ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯨﯟﯨﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ.
http://bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=8578&page=2#pid59447
      15. ﻗﻪﯞﻩﺕ

Bidarerfan يوللانغان ۋاقتى 2007-3-24 11:11:00

引用
ﻣﻪﺳﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺋﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻨﻼ ﺑﺎﺷﻠﯩﺴﺎﻡ ﺑﯩﺮﺋﺎﺯ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﯘﻧﺎﺭﻣﯘ ؟ﻛﯩﻴﯩﻨﭽﻪ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﺎ -ﺳﯩﯖﻠﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﯞﺍﻟﻤﺎﺱ ﮬﻪ

ﺗﺎﺭﯨﻤﯩﻲ ﺧﺎﻧﻘﯩﺰ، ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﯘﺋﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺑﯘﺗﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﺮﯨﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﻩﻱ:

5. ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻢ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻢ
ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺷﯜﻛﺮﯨﻜﻰ، ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﺎ ﻛﻪﻡ 20 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻘﻰ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﮬﺎﺭﭘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﺘﻰ،  ﺋﻪﻣﺪﻩ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﯩﻼﻧﯩﻢ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ: ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﯘﻗﻘﯘﻧﯘﯓ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﺩﺍﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯩﻼ، ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﺸﻜﻪ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺗﯘﻗﻘﯘﻧﯘﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﭼﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺋﯘﻗﯘﺷﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻗﻘﯘﻧﯘﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﯞﺍﻻﻻﻳﺪﯗ.
ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻢ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ، ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺳﺎﻧﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯘﻧﯘﺷﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺭﺳﺎﺭﺍﻕ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ، ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺕ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﻣﻪﻱ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﭺ ﺗﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﯞﻻﺗﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﯘ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺟﻪﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﺩﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.
ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯘﺗﯘﻕ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2007-3-24 19:10:26

ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ - ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻛﯚﭘﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﻛﯚﭖ، ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﮬﻪﻗﺘﻪ ! ﺑﯩﺰ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﮕﯜﭼﻰ ، ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﯚﻛﯜﻣﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮔﻪﭖ.  ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯨﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.  ﺑﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﮬﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺳﻪﻝ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﺴﺎﻕ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻏﻪﺭﺏ ﯞﻩ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺧﻪﻟﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺩﻩﺗﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﻰ - ﺗﻪﻛﺘﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺱ ﻣﯚﻟﻜﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺋﯩﺪﻯ. ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻜﻰ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯦﻨﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻕ - ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﺗﯩﯟﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯕﮕﯜﺷﺘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﻧﯘﺭﯨﻨﻰ  ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﭘﺘﯘ . ( ﺋﺎﻟﻼﮬﯩﻢ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻨﻰ ﺋﻪﭘﯘ ﺋﻪﺗﻜﻪﻱ ! )
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﯞﻩ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ، ﺑﯘ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺧﻪﻟﻘﻰ، ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰ، ﺭﻭﺱ، ﻧﯧﻤﯩﺲ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎﻧﻼﺭ ، ﻳﺎﭘﯘﻧﻼﺭ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ + ﺋﺎﺗﺎ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘ ﺳﺎﮬﻪﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﻟﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﺭﻩ ، ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﭖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺗﯩﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ . ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻗﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻗﯩﻞ - ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﯞﻣﻼﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯ ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.
ﺑﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯚﭖ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯘﺭ !

Bidarerfan يوللانغان ۋاقتى 2007-3-25 11:27:20

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ + ﺋﺎﺗﺎ ﺋﯩﺴﻤﻰ + ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘ ﺳﺎﮬﻪﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﺳﯩﺰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ  A+B+C ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ B ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﯩﺮﯨﺪﯗ، C ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯩﻜﺎﮬﺴﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﺒﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ C ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ، ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﻮﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ(ﻗﻪﻳﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﻡ)ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ(ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﯩﻲ+ﺩﺍﺩﺍ ﺋﯩﺴﻤﻰ) ﮬﺎﻟﺪﺍ \"ﻗﯘﺗﻼﻥ\"ﻧﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻢ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ A+C ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ C(ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﻰ) ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﺎﻕ ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻘﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ.
ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﮔﺌﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﻰ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﺘﯩﻠﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﺳﺎﻧﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ(A+B+C) ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻛﯧﻴﻨﮕﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺍﻕ ﺧﻪﺑﻪﺭﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ، ﺑﯩﻠﯩﻚ  ﺋﻪﮬﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺳﯜﻛﯜﺗﻜﻪ ﭼﯜﻣﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻴﻼﺷﺘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ، ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﭘﯩﻜﯩﺮﺩﺍﺷﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﺪﻩﻙ؟
بەت: [1] 2
: [ﭼﯘﻗﺎﻥ]ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻏﺎ ﺗﻪﮔﺌﺎﺕ ﻻﺯﯨﻢ