ئەي يىگىت ئاگاھ بولۇڭ-توي قىلىشتا بىخۇت بولماڭلار....
توي قىلىش ھەرقانداق بىر ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ. تەجىربە-ساۋاقلار تەكرار-تەكرار ئىسپاتلىغانكى، ياخشى ئايالغا ئۆيلىنەلمىگەن ئەر تۈگمەس باش ئاغىرىقىغا دۇچار بولۇپ، بۇ دۇنيادىكى ھاياتى جەڭگە-جىدەل بىلەنلا ئۆتۇپ كىتىدۇ، ئۆز ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى ئاز بولىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بىرى بۇنداق ئائىلە ئىشىدا مەغلۇپ بولغۇچىلار كۆپ بولماقتا....چۈنكى، يىگىتلەر ياشلىقىدىكى ئازراق قىزغىنلىقىنى دەستەك قىلىپ ئالدىراپ-تېنەپ توي قىلىپ قويۇپ، پشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي يۇرمەكتە. ئۇلار توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزى توي قىلماقچى بولغان قىزنىڭ دىيانىتى ، ئەخلاقى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىگە، شىرىن-شېكەر سۆزلىرىگە ئالدىنىپ كەتكەچكە، كۈتكەن مېھرى-مۇھەببەتكە، ئىللىقلىققا، بەخىتكە ئېرىشەلمەي، ھەتتاكى دەردىنى ھاراق-شاراپتىن، بۇزۇقچىلقتىن ئېلىشتەك ناچار قىلىقلارنى سادىر قىلىپ، يارىماس ئادەملەردىن بولۇپ قالماقتا.بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇنداقلارنى كۆپ كۆرگەن ھەم بۇ ھەقتە ئاز بولمىغان نەسھەت دۇردانىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن، تۆۋەندىكىسى ئەنە شۇ دۇردانىلارنىڭ جەۋھەرلىرىدۇر:
ئەي ئوغۇل، ئەگەر خۇتۇن ئالساڭ، ئىززەت-ئېكرام بىلەن تۇتقىن، بۇ دۇنيالىقتا ھەرقانداق ئەزىز نەرسە بولسا، ئالدى بىلەن ئاتا-ئاناڭدىن، قېرىنداشلىرىڭدىن، ئاندىن قالسا، خۇتۇنۇڭ ۋە بالاڭدىن ئايىما، خۇسۇسەن، قولۇڭدا بولسىلا جاپاكەش ئاتا-ئاناڭدىن، كۆيۇمچان خۇتۇنۇڭدىن، پەرمانبەردار ۋە مېھېرىبان پەرزەنتىڭدىن ھېچنىمەڭنى قىزغىنما.
ئەمما خۇتۇن ئال، لىكىن خۇتۇنۇڭنىڭ مال-مۇلكىنىڭ پېيىدا بولما، ئالغان خۇتۇنۇڭ پاك دىن، چىرايى پاكىز، ئەر جىنىسقا يېقىن يولمىغان، ئېتقادلىق، شەرم-ھايالىق ۋە سادىق، جاۋاپ ياندۇرمايدىغان، تاپقان مال-دۇنيالىرىڭنى ياخشى ساقلايدىغان بولسۇن، «ئوبدان خۇتۇن يىراقنى ئويلايدۇ، يەنى كەلگۇسنى ئويلاپ ئىش قىلىدۇ.»دېگەن گەپ بار. ئەمما خۇتۇنۇڭ ھەرقانچە مېھرىبان ۋە خۇشخۇي بولسىمۇ، ئۆزۇڭنى بىراقلا ئۇنىڭ قوينىغا تاشلاپ بەرمە، پەرمانى ئاستىغا چۇشۇپ قالما.
يېقىنلىرى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيندىن :«نىمە ئۈچۈن دارانىڭ قىزىنى ئالمايسەن؟» دەپ سورغاندا ئىسكەندەر:«ئۇ ناھايتى گۈزەل، شۇڭا ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن، چۈنكى، پۇتۇن ئالەمگە مەن غالىپ كەلگنىم بىلەن، ئۇ بىر خۇتۇن ماڭا غالىپ كېلىدۇ»دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئۆزۇڭدىن چوڭ خۇتۇننى ھەم ئالما، ئىمكان بار قىز ئال، ئۇنىڭ كۆڭلىدە سېنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىڭدىن بۆلەك ھەرقانداق بىر كىشنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى قارار تاپمىسۇن، سەندىن باشقا كىشنىڭ تەمەيى كۆڭلىدە ئورۇن تۇتمىغاي!
ھازىر جاۋاب يامان خۇتۇن شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر ئەسكىلىكى تۇتۇپ قالسا، بارلىق تاپقان-تەرگىنىڭنى، يەنى مال-مۇلۇكىڭنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالىدۇ. سىنى ھېچنەرسىگە ئىگە بولغىلى قويمايدۇ. شۇڭا بۇ تەرقىدىكى، يەنى خۇتۇننىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغان ئەرلەرنى كىشلەر «خۇتۇن كىشى»دېيشىدۇ.
ئەگەر خۇتۇن ئالماقچى بولساڭ، ياخشى ئائىلنىڭ بالاۋاقىسىدىن ئال، ئەمما كىچىك ھەم بويىغا يەتمىگەن قىزنى ئالما، چۈنكى، ئۆيلەنمەكتىن مەقسەت ئۆي تۇتماقتۇر، مەنپەئەت ئېلىش ئەمەس. شۇڭا ئالىدىغان خۇتۇن چۇقۇم يېتىلگەن ۋە ئەقىللىق، ئۆي تۇتۇشنىڭ يوللىرىنى ئاتا-ئانىسنىڭ ئۆيىدە كۆرۇپ بىلگەن بولسۇن، بۇنداق خۇتۇن تاپساڭ ھەرگىز سەۋەب كۆرسەتمە، تىرىشىپ ئېلىشنىڭ كويىدا بول، ھەرقانداق ئىشتا ئۆزۇڭگە يېقىن تۇت، يات كۆرمە، خۇتۇننى يات كۆرۇش يولدىن چىقارغان بىلەن باراۋەردۇر.چۈنكى خۇتۇنلار ئەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى يات كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك يولدىن چىقىدۇ ھەم ئۆزىنى پەس كىشلەرگە پىدا قىلىۋېتىدۇ. ئەگەر يات كۆرمىسەڭ، يەنى ئۆز كۆرسەڭ، ساڭا مىڭ ئاتا-ئانىدىن ئۆتە سادىق ۋە مېھرىبان بولىدۇ. ناۋادا ئۆزۇڭنى يات كۆرسەتسەڭ، مىڭ دۇشمەندىن ئۆتە دۇشمەن بولۇپ كىتىدۇ. يات دۇشمەندىن ئېھتىيات قىلىغىلى، يەنى ساقلانىغىلى بولىدۇ، ئەمما خۇتۇنۇڭ دۇشمەن بولسا، ئېھتىيات قىلىش ساقلىنىش تۇلىمۇ تەس....
مەنبە:ئەي يىگىت ئاگاھ بولۇڭدىن
ﻛﯚﭖ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ . ﺑﺎﺭﻣﯘ ﺳﯩﺰ؟ﺑﻪﻛﻼ ﻛﻪﻡ ﺩﯨﺪﺍﺭ ﺑﻮﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﯩﺰﻏﯘ؟

ﺋﺎﺗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﯖﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﻛﯚﺭﺳﯘﺗﻤﻪﻱ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺴﯩﺰ.... ﺭﺍﺳﯩﺖ ﺋﯩﺴﯩﻞ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﻛﻪﻥ ،،،،،، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﻮﻻﺭﻣﯘ ؟ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﺗﺎﺭﭘﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻼ ﺑﺎﺭ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻛﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﺳﯩﯟﯦﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .


ﻣﯘﺯﻟﯩﻐﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ....ﻛﯩﺮﭘﯩﻜﺘﻪ ﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺵ....
ﻣﻪﯕﮕﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯘﺷﯘﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﻳﺎﺵ، ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ......

ﻗﯩﺰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ 1. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﻰ 2. ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻨﻰ 3. ﻧﻪﺳﻪﺑﯩﻨﻰ 4. ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ.... ﺋﺎﺋﯩﻼ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ.ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻢ،ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﯨﯔ ﺗﯩﻜﻪﻥ ﺗﯧﺮﯨﺴﺎ،ﺋﻪﯞﻻﺩﻧﯩﯔ ﭘﯘﺗﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ.ﺷﯘﯕﺎ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ،ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ،ﯸﺘﯩﻘﺎﺩﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﻪﺧﯩﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺯﺍﯞﺍﻟﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ،ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ،ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﻠﻰ. ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﯩﯔ ﺗﯧﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯜﻡ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ!


بەت:
[1]
2