ﺧﻪﻳﺮﯨﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﺳﻮﻡ (ﻛﻪﯞﺳﻪﺭ)
گۈللەر ئېچىلسۇن گۈللەر يىتىلسۇن ،
قەلىپلەرگە ھەم خۇشپۇراق چاچسۇن .
خەيرى - ئىھساندا ماڭدى بۇ بىرسوم،
پۈرەكلەپ مەڭگۈ ئەلگە تارالسۇن .
دىللار سۆيۈنگەن خەيرىلىك بىرسوم .
غېرىپ كۆرمىدى ئازكەن قىممەت دەپ،
سۆزلەپ ھارمىدى ياخشىغا ئۈندەپ .
ئەگەر ئۆچسە شام ساخاۋەت يوقاپ ،
نورلاندى يۈرەك بۇ بىرسوم پۈۋلەپ .
مىھرى باغلىغان خەيرىلىك بىر سوم .
كىسەل قەلبىنى ئۆرتىسە ئاغرىق ،
تەسەللى سالام گىپىمىز سىلىق .
كۆزگە ئىلمايمىز ئاز كۆرەپ بىرسوم،
قىممەت ھېچ بىر يوق بىلىنىپ تېرىق ،
جۇغلىغان قىممەت خەيرىلىك بىرسوم .
مۇھتاج زارىنى مۇھتاجلار بىلەر ،
مىھرى - شەپقەت يوق بەزىلەر يۈرەر،
غېرىپ ئىزدەيدۇ ئەتىكى غىزا ،
ئازغىنا ئىھسان بولاتتى گۆھەر .
گۆھەر تامچىتقان خەيرىلىك بىرسوم .
شۇئارلار تولاي بولسۇن داغدام يول ،
جۇغلاشسۇن ئۇيغۇر قول ئۈستىگە قول.
يىتىم يىسىرلار سۆيۈنسۇن سەندىن ،
ئەلگە نەپ بىرىپ ياخشى نامدا بول .
ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯜﯓ خەيرىلىك بىرسوم . ﺋﯩﺴﯩﻞ ...ﺋﯩﺴﯩﻞ ...





بەت:
[1]