jasur يوللانغان ۋاقتى 2007-3-2 15:40:53

ASP نى ياخشى ئۆگىنىشتىكى 28 خىل كۆز قاراش

ASP نى ياخشى ئۆگىنىشتىكى 28 خىل كۆز قاراش

1. ھەرقانداق بىر كۆرۈنۈشكە ئاسان بولغان پروگرامما تۈزۈشنىڭ كىچىك مەسىلىلىرىگىمۇ سەل قارىماسلىق _ _ ئۇلار ئادەتتە ئۇنچىلىك ئاددىي ئەمەس، ياكى ئۇلاردىن نۇرغۇنلىغان بىلىم نۇقتىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ.

2. asp نى ئىشلىتەلىگىنىڭىز، ھەرگىزمۇ asp نى بىلىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلىمەيدۇ.

3.asp نىڭ كىتابىنى كۆرۈش بىلەنلا ،asp تىلىنى ئۆگەنگىلى بولمايدۇ.

4.مىجەزى ئىتتىك ئادەملەر ئوڭايلا : asp تىلى بولماي قالدى ئەمدى yy نى ئۆگىنىش كېرەك دەيدۇ . _ _ ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىز بولالماي قالغانسىز ! ؟

5. مىجەزى ئىتتىك ئادەملەر ئوڭايلا : مەن زادى نېمىنى ئۆگىنىشىم كېرەك؟دەپ سورايدۇ . _ _ بولدى سورىماي، ئۆگەنسڭىزلا توغرا بولىدۇ.

6.مىجەزى ئىتتىك ئادەملەر ئوڭايلا : asp نىڭ ئىستىقبالى بارمۇ ؟دەپ سورايدۇ. _ _ ئۇنداقتا بېرىپ بانكا بۇلاڭ .

7. مىجەزى ئىتتىك ئادەملەر ئوڭايلا : ماڭا خەنزۇچە نەشرى كېرەك، ! مېنىڭ ئىنگىلىز تىلى سەۋىيەم ياخشى ئەمەس ! دەيدۇ . _ _بىلمىسىڭىز، ئۆگىنىڭ !

8. مىجەزى ئىتتىك ئادەملەر ئوڭايلا : asp بىلەن yy دىن قايسىسى ياخشى ؟ دەپ سورايدۇ . _ _ سىزگە دېسەم، ئىككىلىسى ياخشى _ _ پەقەت سىز ئۆگەنسىڭىزلا .

9. مىجەزى ئىتتىك ئادەملەر ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ : a) پەقەت ئىنتىلىدىغان لېكىن ئۆگەنمەيدىغان ئادەملەر . b) پەقەت ئۆگىنىدىغان لېكىن داۋاملاشتۇرمايدىغان ئادەملەر .

10. يېڭى تېخنىكىلارنى ئېغىزدىلا دېگەندىن كۆرە ، كونا تېخنىكىلارنى كۆڭلىدە ساقلاپ قويغان ياخشى .

11. پروگرامما تۈزۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇللىرىدىن بىرى بولسا ئەسلى كودىنى ئوقۇش .

12.ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆزىڭىزدىكى كىتاپلارنى يېتەرلىك دەپ قارىماڭ.

13. ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان كىتابلارنى تەپسىلىي كۆرۈڭ،ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدىغان كىتابلارنى مەجبۇرىي كۆرۈڭ.

14.ھەرگىزمۇ كىتاپنى بىر قېتىم كۆرۈپلا بىر نەرسىنى ئېسىمدە تۇتىۋالىمەن ياكى ئىگەللىۋالىمەن دېمەڭ _ _چوقۇم ئىككى قېتىم،ئۈچ قېتىم ئوقۇڭ.

15.باشقىلار بىلەن asp نىڭ بولىدىغان -  بولمايدىغانلىقى ياكى yy  بىلەن zz نىڭ قايسىسىنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلماي،بەلكى ئەھمىيەتلىك asp بىلىملىرى توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىڭ.

16. پروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىشنىڭ سىرى بولسا : قايتا-قايتا(ئۈزلۈكسىز) پروگرامما تۈزۈش .

17. يۈرۈشلەشكەن ئوپتىك دېسكىدا ئەسلى كود بولغان تەقدىردىمۇ ، كىتاپتىكى تۈزۈپ قويغان پروگراممىلارنى ئۆز قولىڭىز بىلەن كومپيۇتېردا يېزىپ ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىڭ .

18. كىتاپتا كۆرگەن ئەھمىيەتلىك مىساللارنى كېڭەيتىڭ .

19. دائىم ئۆزىڭىز بۇرۇن يازغان پروگراممىلارنى ئەسلەپ، ھەمدە ئۆگەنگەن يېڭى بىلىملىرىڭىزنى ئىشلىتىپ قايتا يېزىپ سىناپ بېقىڭ.

20. كىتاپتىكى ھەرقانداق بىر مەشقنى تاشلاپ قويماڭ_ _ ھەممىنى ئىشلەپ تۈگىتىڭ ھەمدە يېشىش يولىنى خاتىرلەپ قويۇڭ .

21. asp تىلىنىڭ ھەرخىل ساھە ۋە ئېچىش مۇھىتلىرى كەسكىن رىقابەتلىشىۋەرسۇن، بىز asp تىلىنىڭ ئۆزىنى ئۆگىنىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىمىز .

22. ھەرگىزمۇ پروگراممىنىڭ "بەك كىچىكلىكى"دىن بەزىبىر سىزگە پىششىق بولمىغان قائىدىلەرگە ئەمەل قىلماي قالماڭ_ _ ياخشى ئادەتنى بىر قېتىمدىلا ئەستە تۇتۇۋالغىلى بولمايدۇ، بەلكى تەدرىجىي يېتىلدۈرىمىز .

23. asp نىڭ ھەربىر قىيىن نۇقتىسىنى ئۆگەنگەن چاغدا، مۇشۇ نۇقتىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىشنى ھەمدە ئۇلارغا چۈشەندۈرۈشنى سىناپ بېقىڭ_ _ سىزنىڭ ئېنىق سۆزلەپ بېرەلىگىنىڭىز راستتىنلا چۈشەنگەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ .

24. باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا بايقىغان ئۆزىڭىز سەل قارىغان ياكى چۈشەنمىگەن بىلىم نۇقتىلىرىنى خاتىرىلەپ مېڭىڭ .

25. سىزنىڭ پروگراممىلىرىڭىزنىڭ نۇسخا نومۇرى xx.version 100 غا ئۆزگىرىپ قالغان تەقدىردىمۇ ، سىز ئۆزىڭىز تۈزگەن پروگراممىلارغا ئۈزلۈكسز ھالدا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇڭ .

26. ئۆزىڭىز يازغان بارلىق پروگراممىلارنى ياخشى ساقلاڭ_ _ ئۇلار بولسا سىزنىڭ ئەڭ ياخشى توپلانمىلىرىڭىزنىڭ  بىرى .

27. ھەرگىزمۇ مىجەزى ئىتتىك ئادەم بولماڭ .

28. asp نى قىزغىن سۆيۈڭ.

iz_007 يوللانغان ۋاقتى 2007-3-2 17:52:16

ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯚﮔﻪﻧﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺗﯧﺰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﻪﻟﻪﻳﻤﻪﻥ. ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ . ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2007-3-2 18:50:14

PHP ﻧﯩﯔ ﻳﻮﻗﻤﺎ؟

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2007-3-2 20:54:25

asp ﺩﯨﮕﻪﻧﻨﻰ Php ﻏﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ...

Seher يوللانغان ۋاقتى 2007-3-2 21:05:57

ﻣﻪﻧﻐﯘ ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻕ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﯘﺷﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ  ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ !!!!! ﺋﯚﮔﯩﻨﻪﻳﻤﯘ ﻳﺎ !!!!

balajan يوللانغان ۋاقتى 2007-3-2 21:15:29

ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﺧﻪﺕ ﺑﯘ .........................




UqBulung يوللانغان ۋاقتى 2007-3-5 01:06:56

ﺟﻪﺳﺴﯘﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﻰ، ﺧﺎﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﺰ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎﻕ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ.
120154024 ﺑﯘ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﭺ ﭺ ﻧﻮﻣﯘﺭﯗﻡ.

sarkarda1 يوللانغان ۋاقتى 2008-7-30 09:40:53

ماھىيىتىگە يەتسىڭىز، بۇ پەقەت تەييار قىلىپ قويغان ئاشنى ئەپلەپ يىيەلمىگەنلىك ۋە يىيەلىگەنلىك بىلەن باراۋەر، asp نى بىز ئىجاد قىلىمىغان . پەقەت بىز ئۇنى ئۈگەنسەك بولدى، ئۈگىنەلمەسلىكتىكى ئاجىزلىقىمىز، تىل بىلمەيمىز، بىر نەرسىگە كۆڭۈل بۆلمەيمىز، ھەرقانداق ئىشنى قولىمىزنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ ئۈگنىپ قالغان،

ئۇنداق ئەمەس بىلىم ئىگەللەشكە يۈكسەك تىرىشچانلىق، شىجائەت ۋە سەۋىرچانلىق كېتىدۇ!!!

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2008-7-30 10:30:32

asp  قىزغىن سۆيۈش كېرەك

font يوللانغان ۋاقتى 2009-1-7 10:46:31

توغرا!

ASP نى ياخشى ئۆگىنىش ئۈچۈن ASP نى قىزغىن سۆيۈش كىرەك!

بەت: [1]
: ASP نى ياخشى ئۆگىنىشتىكى 28 خىل كۆز قاراش