alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2007-2-17 11:10:03

نەپ بېرىدىغان 8 دانەWORD ئىشلىتىش ھۈنىرى

نەپ بېرىدىغان 8 دانەWORD ئىشلىتىش ھۈنىرى

ئىش ئۈنۈمى قاتتىق تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى زاماندا، Wordئىشخانا ئىشلىرىدا كۆپ ئىشلىتىدىغان بولۇپ قالدى، قانداق قىلغاندا Word كارامىتىنى جازى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا مەن سىلەرگە Word دا تېز مەشغۇلات قىلىشنىڭ 8 تېخنىكىسىنى سىلەرگە تۇنۇشتۇراي، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن بۇلارنىڭ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز!
1. تېزلىكتە ئالدىنقى قېتىم تەھرىرلىگەن ئورۇنغا يۆتكلىش.
ئادەتتە Word دا ماتېرىيال تەھرىرلەپ ساقلاپ قويۇپ، كېيىن داۋاملاشتۇرۇپ تەھرىرلەشكە توغرا كېلىپ بۇ ھۆججەتنى ئاچقاندا تەھرىرلەپ قەيەرگە كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئامالى ھۆججەتنى ئېچىپ كۇنۇپكا تاختىسدىن shift+F5 كۇنۇپكىسىنى باسساق قىستۇرۇش نوقتىسىنىڭ ئالدىنقى قېتىم تەھرىرلىگەن ئورۇنغا بارغانلىقىنى ھىس قىلىسىز.
2.چېسلا ۋە ۋاقىتنى تېزلىكتە قىستۇرۇش.
ئادەتتە بىز ماتېرىيال بېسىپ ئاخىرىغا چېسلا ۋە ۋاقىتنى قىستۇرۇشقا توغرا كەلگەندە تىزىملىك مەشغۇلاتى ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يېتىمىز. ئەمەلىيەتتە كۇنۇپكا تاختىسىدىن Alt+Shfit+D نى باسساق چېسلانى Alt+Shfit+T كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ۋاقىتنى قىستۇرۇشقا بولىدۇ.
3. فورمات چوتكىسى (格式刷) نى تېزلىكتە كۆپ قېتىم ئىشلىتىش
Word دا فورمات چوتكسىنى كۆپ قېتىم ئىشلىتىشنىڭ ئامالى: فورمات چوتكسىنى قوش چەكسەك تاللانغان فورمات كۆپ يەرگە كۆچۈرىلىدۇ، ئاندىن فورمات چوتكىسىنى تاق چەكسەك ياكى كۇنۇپكا تاختىسىدىن Esc كۇنۇپكىسىنى باسساق فورمات چوتكسى ئەمەلدىن قالىدۇ.
4. كۆپ بەتلىك جەدۋەلنىڭ ماۋزۇسىنى تېزلىكتە بېسىپ چىقىرىش
جەدۋەلنىڭ ماۋزۇسىنى تاللاپ، 表格 تىزىملىكىدىن 标题行重复 تۈرىنى تاللاپ قويساق، بېسىپ چىقىرىشنى ئالدىن كۆرگەندە ياكى بېسىپ چىقارغاندا ماۋزۇنىڭ ھەربىر بەتنىڭ ئۈستىگە چىققانلىقىنى بايقايمىز. ئەلۋەتتە جەدۋەل ئاپتوماتىك ھالدا بەتلەرگە پارچىلانغان بولۇشى كېرەك.
5. تېكسىتنى تېزلىكتە ماۋزۇ دەرىجىسىگە ئۆزگەرتىش
ئاۋۋال ئۆزگەرتمەكچى بولغان تېكىستنى تاللاپ كۇنۇپكا تاختىسىدىن Ctrl+Shift+ﺳﻮﻟﻐﺎ ﻳﯚﻧﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﺘﯩﺮﯨﻠﻜﺎ كۇنۇپكىسىنى باسساق، تاللانغان تېكىست ماۋزۇغا ئۆزگىرىدۇ. يەنى 样式 سى 标题1 غا ئۆزگىرىدۇ، يەنە Ctrl+Shift+ﺋﻮﯕﻐﺎ ﻳﯚﻧﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﺘﯩﺮﯨﻠﻜﺎ كۇنۇپكىسنى باسساق، تۆۋەنلەپ،标题1،标题2 .... 标题9 لارغا ئۆگىرىدۇ.
6. خەت نومۇرىنى تېزلىكتە ئۆزگەرتىش
ئادەتتە Word دا خەت نومۇرى تىزىملىكىنى ئاچىدىغان بولساق خەنزۇچە خەت نومۇرىدىن بىرىنچى نومۇرلۇق خەتتىن 8- نومۇرلۇققىچە، ئېنگىلىزچە خەت نومۇرىدىن 5 قاداقتىن 72 قاداققىچە خەت نومۇرى بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ ئادەتتە ئىشخانىلاردا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر ئۈچۈن يېتەرلىك. بىراق چوڭ لوزۇنكا قاتارلىق يەرلەردە ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە دائىم خەت نومۇرى كاتىكىگە بىۋاستە خەت نومۇرىنى كىرگۈزىمىز. بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئاماللار بار.
1) خەت نومۇرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان خەتنى تاللاپ، كۇنۇپكا تاختىسىدىن Ctrl+Shift+> كۇنۇپكىسىنى باسساق، نۆۋەتتىكى خەت نومۇرىغا 10 قاداق قوشۇلۇپ چوڭىيىدۇ. Ctrl+Shift+< كۇنۇپكىسىنى باسساق ئەكسىچە بولىدۇ.
2) خەت نومۇرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان خەتنى تاللاپ، كۇنۇپكا تاختىسىدىن Ctrl+] كۇنۇپكىسىنى باسساق خەت نومۇرىغا بىر قاداق قوشۇلىدۇ. Ctrl+[ كۇنۇپكىسىنى باسساق ئەكسىچە بولىدۇ.
7. تېزلىكتە يۇقىرى تۆۋەن ئىندىكىس تاللاش
ئۆزگەرتمەكچى بولغان مەزمۇننى تاللاپ، كۇنۇپكا تاختىسىدىن Ctrl+Shift+= كۇنۇپكىسىنى باسساق، يۇقىرى ئىندىكىسغا ئۆزگىرىدۇ. يەنە بىر قېتىم باسساق، ئەسلىگە قايتىدۇ. Ctrl+ = كۇنۇپكىسىنى باسساق تۆۋەن ئىندىكىسقا ئۆزگىرىدۇ. يەنە بىر قېتىم باسساق ئەسلىگە قايتىدۇ.
8. گەرچە Word نىڭ ئاپتوماتىك رەت نومۇرى قېتىم ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئادەتتە بىز ئىشلەتكەن ۋاقتىمىزدا دائىم قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ ئامالى:
1) خەت بېسىۋاتقان ۋاقتىمىزدا ئاپتوماتىك رەت نومۇرى قېتىلىپ قالسا، كۇنۇپكا تاختىسىدىن Ctrl+Z كۇنۇپكىسىنى بېسىۋەتسەك، ئاپتوماتىك رەت نومۇرى ئەمەلدىن قالىدۇ.

9999 يوللانغان ۋاقتى 2007-2-17 13:53:40

ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯩﻤﯩﻜﻪﻥ ..
ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ .

bariber يوللانغان ۋاقتى 2007-3-3 21:38:07

ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯩﻤﯩﻜﻪﻥ ..
بەت: [1]
: نەپ بېرىدىغان 8 دانەWORD ئىشلىتىش ھۈنىرى