yultuz20 يوللانغان ۋاقتى 2007-2-7 19:40:13

دانىشمەنلەر قىزلارغا نىمە ﺩﻩﻳﺪﯗ !!!

دانىشمەنلەر قىزلارغا نىمە دەيدۇ



1- ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئۇرالغىنىدۇر. ھەقىقەتەنمۇ قىزلار قەلەم قاش، شەھلا كۆز ، ئۇزۇن چاچ، كېلىشكەن، گۈزەل بولسمۇ شەرم-ھايالىق بولمىسا، ئۇلارنى ھېچكىم گۈزەل دېمەيدۇ. ئىپپەتلىك قىز دېگەندە، كۆز ئالدىمىزغا تەبئىي مۇلايىم، ئەقىل-پاراسەتلىك، ھايالىق، نۇمۇسچان، ئاتا-ئانىغا مېھرىبان، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈمچان، چوڭ-كىچىكلەرگە ئېتىبارلىق قىز نامايەن بولىدۇ ۋە بۇنداقلار كۆزىمىزگە چىرايلىق، يېقملىق كۆرىىندۇ. ھايا كىشلەرنى يامان يولدىن قايتۇرغۇچى ۋە ياخشىلىققا ئۈندىگۈچىدۇر. كىمنىڭ ھاياسى بولمىسا، شۇنىڭ ئۇيتى بولمايدۇ ۋە بارچە قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ.

2- ئەي قىزىم، ئىپپەت- ۋىجدانىي پاكلىق، نۇمۇس، ھايا دېگەنلىكتۇر. قىزلارنىڭ تەبئىيتىگە خاس پاكىزلىق، ھايا، نەپسىلىك، زىيانلىق، ھوشيارلىق كەبى پەزىلەتلەر ئۇلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن، لاتاپىتىگە لاتاپەت قوشىدۇ. قىزنىڭ ھۆسنى-يېرىم بايلىق، ئەقلى بولسا خەزىنە. ئۇلۇغ ئالىم ئىبىن سىنا:<<ئىنساندا مەڭگۇ تۇرىدىغان ھۆسۈن ۋە لاتاپەتلىك ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر، ھاياسىز يۈز جانسىز جەسسەت كەبىيدۇر>> دېگەن ئىدى. دەر ھەقىقەت ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىغان، ئسسق كۆرستىدىغان نەرسە-كشنىڭ ھايا ۋە ئپپتىدۇر. ھايا ۋە ئىپپەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەنگەن قىز ھامانەم ھەققىي ئنسانلىق خاراكترىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.

3- ئەي قىزىم، تىل بىلەن يۈرەك- ياخشلىق بىلەن يامانلىقىنىڭ بۇلىقى. بۇ ئىككىسى ياخشى بولسا، ئادەممۇ بەختلىك ۋە ياخشى بولىدۇ. بۇ ئىككىسى يامان بولسا، ئادەممۇ يامانلىق ۋە بەختىسىزلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب: تىل-يۈرەكنىڭ جارچىسى. يۈرەك نېمىنى ئويلسىا، تىل شۇنى سۆزلەيدۇ، كۆڭۈلگە كەلگەننى ئالەمگە ئايان قىلىدۇ، كىشلەر سۆزگە ئۇستىلىقى بىلەن ماختانسا، سەن سۈكۈت قىلىش بىلەن ماختان. ھەر نەرسنىڭ دەلىلى بار. ئەقىلىنىڭ دەلىلى-پىكىر، پىكىرنىڭ دەلىلى-سۈكۈتتۇر. سەن سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق ئۆز مەقستىڭگە يېتەلەيسەن. سۈكۈتتىن يىراقلاشساڭ مەغلۇبىيەت سېنى قارشى ئالىدۇ.

4-ئەي قىزىم، كىشنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا مەسىلە سورىما. ئەگەر سېنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىڭدا بىراۋ مەسلە سۇرىسا، سۆزىگە قاراپ جاۋاب بەر، ئەقلىڭ يەتمەس سۆزنى سۆزلىمە، كۈچۈڭ يەتمەس ئىشقا ئېسىلما. ھەر ئىشتا ئوتتۇرا ھالقىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك . جامائەت بار يەردە، مەجلىستە بىرگە سۆزۈڭ بولسا، ئاشكارە سۆزلە، زۆرۈر بولمسا، پىچچرلاپ سۆزلىشىشنىڭ ھېچ پايدىسى يوق. ھەر تۈرلۈك سۆزنى ئاڭلىساڭ گوياكى ئاجىزلىقنتىن كۈچلەنگەندەك ئاڭلىغىن. بۇ سۆزلەر مەيلى كېرەككە كەلسۇن-كەلمسىۇن، جېنىڭ، تېنىڭ بىلەن ئاڭلا. چۈنكى سۆز بىر سەدەپكە ئوخشايدۇ. ئۇ كۆڭۈل دەرياسىدىن چىقىدۇ.

5-ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نازاكىتنى، قىزلىق قەدىر-قىممىىتنى ئاشۇردىغان ئەمەللەرنىڭ كاتتىسى سىلىق-سىپايە، دەل جايغا كەلتۈرۈپ، مېھرىبانلىق پۇرىقىنى سىڭدۈرۈپ تۇرۇپ ئەدەپلىك سۆزلەشتۇر. سۆزلىگەندىمۇ راست سۆزلەش، گەپنى قىسقا، مېغىزلىق قىلىشقا، مەنىلىك، ئورۇنلۇق سۆزلەشكە ئادەتلىنىش؛ ئۇزۇن، بىمەززە سۆزلەپ كىشلەرنى بىزار قىلىماسلىق كېرەك. خەلقىمىز تولا گەپ قىلدىغان كىشلەرنى ئەدەپسىز، كوت-كوت، لاۋزا دەپ ئاتايدۇ. كۆپ گەپ قىلىغۇچىلار ئۆزىنىڭلا گېپىنى يورغىلتىدۇ، خاراكتېرىدىن ھەمەندانلىق چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ گەپ قىلىشىدىكى مەقستى ئۆزىنى كۆرسىتىشتۇر.  
ﻣﻪﻧﺒﻪ: www.diyarim.com

Naxputum يوللانغان ۋاقتى 2007-2-7 20:06:38

1- ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئۇرالغىنىدۇر.
2- ئەي قىزىم، ئىپپەت- ۋىجدانىي پاكلىق، نۇمۇس، ھايا دېگەنلىكتۇر.
3- ئەي قىزىم، تىل بىلەن يۈرەك- ياخشلىق بىلەن يامانلىقىنىڭ بۇلىقى.
4-ئەي قىزىم، كىشنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا مەسىلە سورىما.
5-ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نازاكىتنى، قىزلىق قەدىر-قىممىىتنى ئاشۇردىغان ئەمەللەرنىڭ كاتتىسى سىلىق-سىپايە، دەل جايغا كەلتۈرۈپ، مېھرىبانلىق پۇرىقىنى سىڭدۈرۈپ تۇرۇپ ئەدەپلىك سۆزلەشتۇر.

mux يوللانغان ۋاقتى 2007-2-7 21:09:33

Naxputum
ﺳﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﭼﺎﭘﻼﺵ ﮬﯚﻧﯩﺮﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﻗﻮﻝ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ .

  ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﯩﻠﯩﻘﻰ ﭺ ﭺ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺗﯩﻤﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺮﯨﭗ ﺋﻪﭼﯩﻘﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ  


  ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﯨﯖﻼﺭ ﺗﯩﻤﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯟﻩﺗﺴﺰ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ    ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻼﺭﺩﺍ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﻣﻪﻥ

swan يوللانغان ۋاقتى 2007-2-10 19:27:39

ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ
بەت: [1]
: دانىشمەنلەر قىزلارغا نىمە ﺩﻩﻳﺪﯗ !!!