hamakat يوللانغان ۋاقتى 2007-1-11 00:13:49

ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﺩﺍﺩﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻭﺭﯨﻴﺎﻟﯩﺪﻯ؟

ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﺯﯛﻛﭽﯩﻠﯩﻜﻰ

"مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ۋە ئۈزۈكچىلىكى" دېگەن بۇ تېما كەڭ دائىرىلىك تېما بولىشىغا قارىماي، "قالپاققا لايىق قىرغىز يوق" دېگەن ماقالغا پەرۋا قىلماي،  ئۆزەمنىڭ بۇ چوڭ تېمىغا ماس بولمىغان قەلىمىمنى يۈگۈرتىشىمگە نۆۋەتتە كۆرسىتىلىپ ئۆتكەن ھېندىستاننىڭ كۆپ قىسىملىق فىلىمىي "سۈيقەست ۋە نىكاھ"، كورىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق فىلىمىي "يەنە بىر كۆرسەم" ۋە ئوغلۇم بىلەن ئۆزۈمنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى سېلىشتۇرما تۈرتكە بولدى.

1. مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىم
مەن ناھىيە بازىرىدىكى ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمەن، ئەقلىمگە كەلسەم ئائىلىمىزدە ئۇلۇق مومام، بوۋام، مومام، دادام، ئانام، ئېنى - سىڭىللىرىم تۆت ئەۋلات بىر ئائىلىدە ياشايدىكەنمىز. ئۇلۇق مومام 90 ياشتىن ئاشقان مەزلۇم بولۇپ، ئۆمرىدە 12 پەرزەنت يۈزى كۆرۈپتىكەن، ئۇلۇق بوۋام ئاخىرەتكە سەپەر قىلغان 50 يىلدىن بىرى قايتا ياتلىق بولماي، نەۋرە، چەۋرە ۋە ئەۋرىلىرىنى بېقىپ كەپتۇ. مەن 11 ياشقا كىرگەن يىلى بۇ ئۇلۇق موماممۇ قازا قىلغان ئىدى. ئائىلىمىزدە يىراق - يېقىندىن كىلىدىغان مىھمان كەم بولمايتى، مەكتەپ يېشىغىمۇ يەتمىگەن چاغلىرىمدا مويسىپىتلەردىن ئاجايىپ مول ھىكمەتلەرنى ئاڭلايتىم، چوڭلار ئائىلىدە مەن قىلالايدىغان ئىشلار بولسا مېنى قىلغۇزاتتى، مىھمانلارنىڭ قولىغا سۇ بېرىشتىن تارتىپ، مەزە تەييارلاشقىچە ھەمكارلىشاتتىم، مىھمانلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ، سۆھبەتلەرگە قۇلاق سالاتتىم، مەكتەپتىن قايتىپ كەلگىنىمدە تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن، ئائىلىدىكى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىمنى قىلىپ بولۇپ، مەھەللىدىكى تەڭتۇش دوستلىرىم ۋە ئاكا - ھەدىلىرىم بىلەن ھەرخىل قىزىقارلىق، بەدەن چىنىقتۇرىدىغان، ئەقىل - زىھىن ئاچىدىغان، چىدامچانلىقنى،  باتۇرلۇقنى، مەرتلىكنى، ئىتتىپاق - ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئويۇنلارنى ئوينايتىم، كەچلىرى ئايدىڭ كەچلەردە چوڭ ئاكىلارنىڭ، بوۋىلارنىڭ ئاجايىپ مەناغا باي ئەپسانىلىرىنى، رىۋايەتلىرىنى، چۆچەكلىرىنى ئاڭلايتىم، ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەدەپ - قايىدىلەرنى ئۆگىنەتتىم، ئۆلۈم - يېتىم، توي - تۆكۈن ئىشلىرىدا مەھەللىدىكىلەرنىڭ يېغىسىغا يىغلاپ، كۈلكىسىگە كۈلۈپ چوڭ بولغان ئىدىم.

2. ئوغلۇمنىڭ بالىلىق دەۋرى
مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئائىلەمدىن بەش يىل ئايرىلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاشۇ ئۈچ ئەۋلات بىرگە ياشاۋاتقان ئائىلەمگە يەنە قايتىپ كەلدىم. خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇپ، مۇئاشلىق كادىر بولدۇم، ئائىلەمدىكىلەر تاپقان لايىققا مەن قوشۇلماي، مېنىڭ تاپقىنىمغا ئائىلەمدىكىلەر قوشۇلماي، بىر يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى، ئاخىرى ئائىلەمدىكىلەرنى بەكمۇ تەسلىكتە قايىل قىلىپ، تويمۇ قىلىۋالدىم، يېرىم يىل چاممىسىدا ئەنئەنىمىز بويىچە بىرگە تۇرمۇش كەچۈردۇق، ئايالىمنىڭ بېسىمىي، ئايىلەمدىكى ئاتالمىش "قالاقلىق" سەۋەپلىك، چوڭلارنى يېرىم رازى قىلىپ، دادامغا نەۋرە تۇققانلىرىمىزدىن بىرى مۇتقا ئولتىرىۋاتقان باشقا مەھەللىدكى زىمىن ئۆيىمىزدە ئۆي تۇتىۋالدىم.  يېرىم يىل ئۆتۈپ بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك، بىر يېرىم يىل ئۆتۈپ بىر قىز پەرزەنتلىك بولدۇم، پەرزەنتلىرىم 40 كۈنلۈك بولغىچە ئانىسىنىڭ ۋە مومىسىنىڭ بېقىشىدا بولدى، ئايالىممۇ، مەنمۇ خىزمەتتە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بالىنى بېقىش مەسىلىسى باش قاتۇرىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى، پەرزەنتلىرىم يەسلى يېشىغىچە، 10 ياشتىن تارتىپ 15 ياشقىچە بولغان، ھەرخىل خۇي پەيلىدىكى 6 نەپەر بالا باققۇچى قولىدا، بەزى ئامالسىز قالغان چاغلاردا چوڭ ئۆيدە، تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولدى،  يەسلى يېشىغا كەلگەندىن كېيىنلا بالا باققۇچىغا ھاجەت قالمىدى. شۇنداق قىلىپ پەرزەنتلىرىم يەسلىدىن تا ھازىرقى تولۇق ئوتتۇرىغىچە ئاتا - ئانا، ئاكا - سىڭىلدىن ئىبارەت تۆت نوپۇسلۇق ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلدى. مەن ئىشتىن كىرىپلا بالىلىرىمنى ئوقۇش ئورنىدىن ئەكىلىۋىتىپ، سىرتتا يۈگۈر - يېتم ئىشلار بولسا بىجىرىۋەتكەندىن كېيىن، چوڭلارنى يوقلايمەن، ئاندىن ئەتە قىلىدىغان خىزمەتلەرنىڭ تەييارلىقى بىلەن، ئايالىم تاماق ئېتىش بىلەن، پەرزەنتلىرىم ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىدىنمۇ  ئېغىر سومكىلىرىنى ئۆيگە ئاران تاشلىغاندىن كېيىن، تاپشۇرۇق ئىشلەش بىلەن، ئاخىرىدا ھەممىمىز تېلۋىزوردىكى "جەلپكار"لىقلار بىلەن كۈنلەر ئۆتۈپ كەتمەكتە ئىىدى،  لىكىن شۇنداقتىمۇ مەھەللە، كويلاردىكىلەر بىلەن ئانچە - مۇنچە ئەھۋاللىشىش بولۇپ تۇراتتى، پەرزەنتلەرمۇ تەڭتۈشلىرى بىلەن ئويناپمۇ قالاتتى. لىكىن ئۇلار باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆيلىرىمىز بىنالىشىپ كەتتى، بۇرۇن مەھللىدىكىلەر بىلەن بىر ياكى ئىككى تام خوشنا ۋە ياكى ئۆي ئارىلىقى خىلى يېراق بولسىمۇ، كەسپىمىز، ئورنىمىز ئوخشاش بولمىسىمۇ  قويۇق ئارىلىشىپ تۇراتتۇق، دەرۋازىلىرىمىز ياتىدىغان ۋاقىت بولمىغىچە ئېتىلمەيتى، لىكىن بىنالاشقاندىن كېيىن، ئىشىك ئالدىمىزدىكى خوشنىمىز بىلەنمۇ خىزمەت ئورنىدا كۆرىشىپ قالمىساق، ئۆيىمىزگە قايسىمىزنىڭ قاچان كىرىدىغانلىقىنىمۇ بىلەلمەيمىز. پەرزەنتلىرىمىزنىڭمۇ بۇرۇنقىدەك ئىشىك ئالدىغا چىقىپ تەڭتۈشلىرى بىلەن ئۇچراشمىقى ئانچە ئاسان بولمىدى، ئۇلار ماڭا ئوخشاش ساماۋى چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ باقمىدى، قوي، توخىغا يەم بېرىپمۇ باقمىدى، چوڭلارنىڭ ئالدىدا قانداق سالام بېرىش، قانداق ئولتۇرۇش، قانداق قوپۇشنىمۇ  تۈزۈكرەك ئۆگىتىشىمگە ئىمكانىيەت بولمىدى. شۇڭا، مەن - تىزگىنەكنى قەيەردە قويدۇڭ؟ - دېسەم، "ياۋكۇڭ"نى مەن كۆرمىدىم، - دەيدۇ، - بىرتال شېشىق ياكى تەمەچ تېپىپ كىرگىن، - دېسەم، - قانداق نەرسە ئۇ؟ - دەيدۇ. - تۇپراق بېشىغا چىقىپ كىرەيلى، - دېسەم، -نېمە ئىش قىلىمەن ئۇ زاراتكارلىقتا؟  - دەيدۇ...........

3. "چوڭ - كىچىكلەر بىرگە ياشاش ساداسى"
ياپۇنىيەلىك ئەدىپ ئىكارى كوئىچنىڭ غەيرەت شاۋۇدۇن ئەپەندى تەرجىمە قىلغان "چوڭ - كىچىكلەر بىرگە ياشاش ساداسى –– دادا، ئاپا، خوشال ئۆتەيلى" ناملىق كىتاپتا ئۇيغۇر تۇرمۇشى بىلەن ياپۇنىيە تۇرمىشى سېلىشتۇرما قىلىنغان ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بايانلار بار. مەن بۇ بايانلاردىن بىر، ئىككى تامچە قىستۇرما قىلاي:
نارىسىدە بالا بىلەن ياشانغانلار ئوتتۇرىسىدا چۇڭقۇر باغلانغان رىشتە، يالغۇز ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدىلا ئورنىتىلغان مۇناسىبەت ئەمەس. بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا چوڭلار ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ بېرىدىغان يۆلەنچۈكلۈك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. (44. بەت)
كىچىك ئائىلىدىكى بالىلار قاچقىلى يەر يوق ماكاندا، باشقا بالىلار بىلەن ئاداش بولۇشتىنمۇ قورقىدۇ، پەقەت ھىسيات جەھەتتىن كامالەتكە يەتمىگەن ئانىسى بىلەنلا مۇناسىبەتلىشىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. بۇ خىل ھالەتتىن قۇتقۇزىدىغان خاسىيەتلىك قول ھىچ يەردە يوق.(67. بەت)
يەنە بىرقېتىم دەلىللەش زۆرۈر بولغىنى شۇكى: بۇخىل كىچىك ئائىلە قايىدىسىدە چوڭلارنىڭ ئورنى پۈتۈنلەي قايرىۋېتىلگەن. ئائىلە كاتېگورىيىسىدىن چوڭ ئانا، چوڭ دادىلارنى چىقىرىپ تاشلىغان، بالىنىڭ كىشىلىك مۇناسىبىتىدە شۇنداق خاراكتېر پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ ياشانغانلار بىلەن بولغان مۇناسىبىتىنى ئۈزۈپ قويغان. (70. بەت)
كىچىك ئائىلە تۈزىمى –– ئىجتىمائىي جەھەتتىن، ھىسيات جەھەتتىن پېشىپ يېتىلگەن ئوغۇل – قىزلار  جەمىيەت ئىتراپ قىلغان ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىبىتى بىلەن باغلىنىپ، ئائىلە قۇرۇپ، بالىنى تەربىيىلەيدۇ، – دېگەن ئالدىنقى شەرت ئاستىدا قۇرۇلىدىغان سىستېمىدىن ئىبارەت. ئەمما، بۇ شەرتلەرنىڭ ھەممىسىنى ھازىرلىغان كىچىك ئائىلىلەر ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاز. (67. بەت)

مەن ئۆزەمنىڭ ۋە پەرزەنتىمنىڭ كەچمىشى بىلەن ھېندىستاننىڭ كۆپ قىسىملىق فىلىمىي "سۈيقەست ۋە نىكاھ"، كورىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق فىلىمىي "يەنە بىر كۆرسەم"لەردىكى ئائىلە تۇرمۇشىدىكى كىيىم كىچەك، گەپ – سۆز، توي – تۆكۈن، ئۆلۈم  - يېتىم، ئەدەپ – ئەخلاق قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەدەنىيەت ئىزچىللىقى مېنى چۇڭقۇر ئويلارغا سېلىپ قويدى، يۇقارقى ئابزاسلار يېزىلغان كىتاپنى ئوقۇغاندىن كېيىن بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدىكى ياتلىشىش، شالغۇتلىشىتەك يېقىنقى ئۆزگۈرۈشنىڭ سەۋەپلىرىنى ھىس قىلغاندەك بولدۇم، دە، مۇنداق بىر فورمىلىنى يەكۈنلەپ قالدىم:
ئومومەن، بوۋىلار مەدەنىيەتنى مۇتەئەسسىپلىك بىلەن، جاھىللىق بىلەن قوغدىغۇچى، شالغۇت نەرسىلەرگە قاتتىق قارشى تۇرغۇچى؛ دادىلار يوقىلىۋاتقاننى، پەيدا بولىۋاتقاننى كۆزىگە سىڭدۈرۈپ، بىغەم ھالەتتە سۈكۈت قىلىپ تاماششا قىلغۇچىسى، تىنىچ ئۆزگۈرۈۋاتقاننىڭ گۇۋاھچىسى؛ نەۋرىلەر نېمىلەرنىڭ يوقۇلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز، پەيدا بولغانلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەرققىي قىلدۇرغۇچىسى.

خوش، ئەمدى سىز ئويلاپ بېقىڭ،  مەن سىزگە نېمە دېمەكچى؟

Watandax يوللانغان ۋاقتى 2007-1-11 00:42:25

ﺑﯩﺰ ﺑﻮﯞﺍ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﻮﯞﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻪ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﻪﻥ.

DELL يوللانغان ۋاقتى 2007-1-11 08:55:58

ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ...

tugyan يوللانغان ۋاقتى 2007-1-11 12:03:49

ﺑﻮﯞﯨﻼﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﯞﻩﺭﺭﯛﻙ.ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻛﻮﻧﯩﻠﯩﻘﺘﻪﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯧﻜﻤﻪﺕ ﻛﯚﭖ.ﻧﻪﯞﺭﯨﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ--ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﺍ ﻛﯚﯞﺭﯛﻛﻠﯜﻙ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ،ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﯞﻩ ﺋﻪﯞﻻﺩﻧﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﻳﯜﻙ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯﯨﻤﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﯜﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﭺ ﺋﯘﻻﺵ ﻛﺎﻟﺘﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺗﻮﻧﯘﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ !!

tugyan يوللانغان ۋاقتى 2007-1-11 12:04:20

ﺑﻮﯞﯨﻼﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﯞﻩﺭﺭﯛﻙ.ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻛﻮﻧﯩﻠﯩﻘﺘﻪﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯧﻜﻤﻪﺕ ﻛﯚﭖ.ﻧﻪﯞﺭﯨﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ--ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﺍ ﻛﯚﯞﺭﯛﻛﻠﯜﻙ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ،ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﯞﻩ ﺋﻪﯞﻻﺩﻧﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﻳﯜﻙ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯﯨﻤﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﯜﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﭺ ﺋﯘﻻﺵ ﻛﺎﻟﺘﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺗﻮﻧﯘﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ !!

salma يوللانغان ۋاقتى 2007-1-11 13:36:21

ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻕ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﻪﺭﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ... ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.

ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2007-1-11 16:59:48

سىزچە ھازىرقى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدىكى مەدەنىيەت ئىزچىلمۇ ياكى ئۈزۈكمۇ؟

hamakat يوللانغان ۋاقتى 2007-1-11 18:18:42

ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﺱ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﻟﺒﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﻟﺒﻪﺗﺘﻪ \"ﺋﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ\" ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﮬﻪﻡ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﭘﻪﺭﻕ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯕﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻤﺎﻗﺘﺎ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺩﯦﻤﻪﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺩﺍﺩﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺩﺍﺩﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﯞﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮔﻪﭖ. ﺷﯘﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯜﺯﯛﻙ ﺩﯦﻤﻪﻱ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ.
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺭﻩﻗﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ، ﮬﻪﺭ ﭘﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺟﯜﻣﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺳﯜﭘﯜﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ، ﺩﯗﺋﺎ ﺗﯩﻼﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﻗﻪﯞﺭﻩ ﻳﻮﻕ ﺩﯦﻴﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻗﻪﯞﺭﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻣﯘ ﭼﯚﻟﺪﻩﺭﻩﭖ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﺘﺎ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﻪﯞﺭﻩﻣﮕﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ، ﮬﯧﻴﯩﺖ ﮬﺎﺭﭘﯩﺴﯩﺪﯨﻼ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﺷﯘ ﺑﯩﺮﻻ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﭗ، ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﻧﯧﻨﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ  ﻳﻮﻻﺗﻤﺎﻳﺘﻰ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻧﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﺯﻯ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺗﯩﺮﻧﺎﻗﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺑﻪﻛﻼ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺋﯩﺪﻯ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺗﯩﺮﻧﺎﻕ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﻣﻮﺩﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺑﯩﺰﺩﻩ ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﭗ، ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﭼﯩﻜﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ، ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ (ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ) ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻐﺎ ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﺎﺱ ﺋﯩﺪﻯ. ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﯘ؟ ﺭﯨﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻼﺭ ﺋﻪﻧﻪﺷﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﺗﻼﺷﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﻪﻣﺪﻩ ﺷﯘ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﻯ، ﻧﻪﯞﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ؟
ﮬﯧﻴﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺷﻼﺭ، ﺗﻮﻧﯘﺵ - ﺑﯩﻠﯩﺶ، ﺩﻭﺳﺖ - ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﻪﺭ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ - ﻛﻮﻳﻼﺭ ﭼﺎﻻ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﭘﻪﺗﯩﻠﯩﺸﻪﺗﺘﻰ، ﻛﯩﺴﻪﻟﺠﺎﻥ، ﺋﺎﺟﯩﺰ، ﻏﯧﺮﯨﭙﻼﺭﻧﻰ، ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻗﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻜﻰ، ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻨﺎﺩﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺷﻼﺭﻣﯘ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭘﻪﺗﯩﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ،  ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﮬﺎﺭﺍﻕ ﻗﯘﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﭘﻪﺗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﯩﻼﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﺧﺎﻻﺱ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻧﺎﭖ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﮬﺎﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻧﻪﯞﺭﻩﻣﻨﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ  ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﺗﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻼﻻﺭﻣﯘ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

hamakat يوللانغان ۋاقتى 2007-1-13 20:30:32

ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭﻧﻰ ﺑﯘ ﺗﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ  ﺗﺎﻻﺵ - ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺴﺎ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺳﯘﺋﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﺋﯚﺯﻩﻡ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﻩﻣﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺮﺍﻕ
ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﺭﯗﻡ مەن مۇنداق دېمەكچى ﺋﯩﺪﯨﻢ:
يۇقۇرىدا مەن نامىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن كېنولار، ياپۇنىيىلىك ئالىم يازغان كىتاپتىن ئالغان تەسىراتىم ۋە ئۆزەمنىڭ بىۋاستە بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارغا ئاساسەن، سىز ئۆي تۇتۇش ئالىدا تۇرغان بىر ياش بولسىڭىز ئاتا - ئانىڭىز بىلەن بىرگە تۇرغىدەك ئىمكانىيەتلەر بولسىلا ئاتا - ئانىڭىز بىلەن بىرگە تۇرۇڭ، ھىچ بولمىغاندا ئاشۇ پەرزەنتلىرىڭىز مەكتەپ يېشىغىچە بولسىمۇ چوڭ ئۆيدە تۇرۇڭ، پەرزەنتلىرىڭىز بوۋىسى، مومىسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، تەربىيىسىدە چوڭ بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئىش ھەركەتلىرىدىن سەبىي قەلبىدە ئۈلگە قالسۇن. ئايالىڭىز ئانا بولۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش، نېمىلەرنى قىلماسلىقنى، ئايال بولۇشنىڭ نېمىلىكىنى شۇ تەجىربىگە مول پىشقان ئانىڭىزدىن ئۆگەنسۇن، سىزمۇ دادىڭىزدىن دادا بولۇشنى، ئايالىڭىزنىڭ، ئۆيىڭىزنىڭ قوغدۇغىچىسى، تۈۋرىكى بولۇشنى ئۆگىنىڭ.
ئەگەر سىز كىلىنلىك بولۇش ئالدىدا تۇرغان بولسىڭىز، پەرزەنتلىرىڭىزنى ئالدىراپ باشقا ئۆيلۈك قىلىشقا ئالدىرىماڭ، ئۇلارغا، ئۇلارنىڭ بالىسىغا ئۆگىتىشكە، بىلدۈرۈشكە تىگىشلىك نەرسىلەرنى ئۆگىتىڭ، بىلدۈرۈڭ، ئۇلار تېخى خام، سىزدىن نېنى نەرسىلەرنى ئۆگەنمىسە، نەۋرىڭىز كەلگۈىسدە سىزنىڭ ئەۋلادىڭىزغا خاس ئادەم بولۇپ چىقمىسا بولمايدۇ، دېمەكچى ﺋﯩﺪﯨﻢ.
=======
مەن شۇنداق ئويلاپ قالدىم، ئاشۇ ھىندىستانلىق ئاياللارنىڭ كىيىم كىچىكى بىزنىڭ بولۇپ قالغان بولسا، بىز ئاللاقاچان چۆرۈپ تاشلاركەنمىز، شۇنداق چىرايلىق ئەتلەس ۋە باشقا كۆڭلەكلىرىمىزنى ھۆكۈمەت، ئەدەبىيات سەنئەت خادىملىرىمىز زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، قىزلىرىمىزنىڭ ئۇچىسىدا تۇرالماس بولۇپ قالدى، ئەگەر بىز ھىندستانلىقلار بىلەن زىمىنداش بولۇپ قالغان بولساق، ھىندى چوكانلىرى پىشانىسىگە چىكىۋالغان خالنى، بىزنىڭ قىزلىرىمىز بۆشىكىدىلا چىكىۋالارمىدى؟
كورىيە كىنوسىدىكى ئەر - ئايال، ئاتا - ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۈنۈش كىچىك چاغلىرىمنى ئەسلەتتى.
ئەرلىرىمىزگە شۇنداق يارىشىدىغان، ئەمما ئاياللار نۇرغۇن دوللار خەجلەپمۇ چىقىرالمايدىغان ساقال، بۇرۇتلىرىمىزنىڭ قالمايۋاتقانلىقىمۇ سىزنى، مېنى ئويلاندۇرماسمۇ؟
ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ بۇ قەدەر ساقلىنىپ قىلىشى بىرقانچە ئەۋلات بىر ئائىلىدە ياشىغانلىقىمۇ زور سەۋەپ بولىشى مۇمكىن.

yultuz01 يوللانغان ۋاقتى 2007-1-14 00:43:50

ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭ....

koktash يوللانغان ۋاقتى 2007-1-15 10:56:54

توغرا دەيسىز ھاماقەت ئەپەندى!
بىزدە ئۈزۈكچىلىك بەك چوڭ. بىزنىڭ ئۆرۈپ ئادىتىمىزدىن باشقا، يەنە يېزىق مەدەنىيىتىمىزدىمۇ نۇرغۇن ئۈزۈكچلىلىك بولغان. ئەدەبىي تىل مۇكەممەل مۇكەممەلىشەلمىدى.
ئالدىنقى قېتىم مەن 50 يىل ئىلگىركى بىر ماقالىنى تورغا ئەۋەتسەم، نۇرغۇن تورداشلار بۇنىڭ ئۇيغۇرچە خەت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى....

hamakat يوللانغان ۋاقتى 2007-1-16 11:11:28

مەدەنىيەتنىڭ ئىزچىللىقىغا نۇرغۇن سەۋەپلەر تەسىر كۆرسەتسىمۇ، شۇ سەۋەپلەرنىڭ ئىچىدە ئائىلە قۇرۇش، ئاتا - ئانا بولۇش ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﯟﻯ ﺑﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ  تەجرىبىسىگە ئىگە بولمىغانلارنىڭ چوڭ ئائىلىدىن ئايرىلىپ، كىچىك ئائىلىلەرگە كۆپلەپ پارچىلىنىشى، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ياشلىشىشى، ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ بىنالىشىشى ۋە خىزمەت رىتىمىنىڭ تىزلىشىشى قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسىدە ئەزەلدىن خوشنا - خولۇملارغا ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قارايدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خوشنا - خولۇملارغا بولغان ئېسىل ئادەتلىرىنىڭ سۇسلىشىپ كىتىشىمۇ زور تەسىر كۆرسىەتكەن بولىشى مۇمكىن.

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2007-6-13 19:39:12

ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﻛﻪﻥ. ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺷﯘﯕﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ.
بەت: [1]
: ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﺩﺍﺩﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻭﺭﯨﻴﺎﻟﯩﺪﻯ؟