ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﯩﭙﻰ ﺑﺎﺭﻛﻪﻥ ........
ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﻗﻪﺩﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ
ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﮬﻪﻡ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺳﯩﯖﮕﻪﻥ ﺋﻪﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻼ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ....
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺳﻮﭘﻰ ﺋﯩﺸﺎﻥ ، ﺧﻮﺟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯟﯨﻠﻪﺭﭼﻪ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﯘﻧﺘﯘﺭﯨﻘﯩﺪﺍ ﮬﻪﺭﻩﺝ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯜﻟﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻗﻪﺩﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﭘﻪﺭﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺗﺎﻗﺴﯩﻤﺎﺗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﭼﯘﯞﺍﻟﭽﺎﻕ ، ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﺳﯩﺰﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻜﻰ < ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﺋﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻤﯘ ﮬﻪﻡ ﻗﯩﻼﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ... > ﺩﻩﭖ ﭼﻮﻗﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ . ﺋﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻧﻮﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻤﯩﺰ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺯﻻﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ........... ؟
ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﻣﻪﺭﯨﻠﯩﻚ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻨﻤﺎ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘﻻﺷﻘﺎﻥ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ، ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﻰ ،ﻩﺳﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻣﻪﯞﮬﯘﻡ ...... ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ، ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﺩﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻰ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ < ﺋﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﮬﻪﻡ ﺯﻭﺭ ﺑﻪﺩﻩﻟﻨﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﯕﺪﺍ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﭽﯘ ............ ؟ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﻣﯘﺵ ﺋﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﭘﻘﺎﻟﺪﻯ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩﻙ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﻣﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻴﺘﺎﻻﻳﻤﻪﻧﻜﻰ ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭ ﺳﯚﺯﻧﯩﻨﻰ ﻳﯩﺮﻣﺎﻱ ، ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ، ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ - ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺕ ﯞﻩ ﻗﻪﺩﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭ ﮔﯩﭙﯩﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﻗﺎﺭﺍﭖ ، ﺯﯗﯞﺍﻧﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﭼﯩﯖﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﯩﭗ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺑﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﺮ - ﻗﯩﻤﻤﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﻼ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .
ﺧﻮﺵ.......... ﺋﯩﺰﺯﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ، ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ، ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯦﺴﻪﯕﻼﺭ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﯘﺯﯗﭖ ﺧﻮﺵ ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ، ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﯓ ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭘﻼ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻨﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ، ﻧﻮﻗﺴﺎﻥ ﺋﻪﻳﯩﭙﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎﺵ ﻧﯩﻴﺘﯩﺪﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻏﻪﺯﻩﭖ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﯘﯕﻼﺭﺩﺍ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ، ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯦﺴﻪﯕﻼﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﯩﻨﯩﭽﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ - ﺑﯧﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯜﻥ - ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻨﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻛﯩﺮ - ﻗﺎﺕ ﻳﯘﻳﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻨﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﻮﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﯕﻼﺭ ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ، ﻏﯘﺭﯗﺭﻟﯘﻕ ، ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﯩﯔ ﺯﻭﻣﯩﮕﻪﺭ ، ﻗﺎﺭﺍﻡ ، ﻣﯘﺗﺌﻪﺳﺴﯩﭗ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ .
ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺭﻭﮬ ، ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ، ﺳﯜﺭ ﮬﻪﻳﯟﻩ ﺳﯘﺳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺋﻪﺭ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﮬﺮﯗﻡ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ . ﺑﯩﺰﺩﻩ < ﺋﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯘ ﺧﻮﺗﯘﻥ ، ﻳﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯘ ﺧﻮﺗﯘﻥ > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺑﺎﺭﻏﯘ ...؟ ﺋﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ..؟ ﺋﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺭ ﺳﯩﻴﺎﻕ ﻳﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﻗﻪﺩﯨﺮ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ، ﺳﺎﻻﭘﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺴﯩﺰ ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ، ﺋﺎﻧﺎ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ، < ﻛﯚﻛﺴﻰ > ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﭼﻮﯕﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ، ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﻰ ، ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ، ﺋﻪ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺧﻮﺭﺍﻣﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﯞﻩ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ . ﺋﯘﻻﺭ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﻖ ﺑﯘﺭﭼﯩﻨﻰ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ، ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘﺭﭼﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﺎﻳﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻧﻤﺎﻱ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ، ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ - ﺋﯧﮭﺘﯩﺮﺍﻣﻐﺎ ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ - ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ . ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺧﻮﺭﺍﻡ ، ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﻪﮬﯩﺮ ﺋﺎﻻﻻﻳﺪﯗ .
ﺋﻪﻣﺪﻯ ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﺍﻳﯩﻨﻰ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﭘﻼ ﻛﯩﻠﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﯩﭻ ﺳﻪﯞﻩﺑﺴﯩﺰﻻ ﺯﻭﻣﯩﮕﻪﺭ ﺑﻮﻟﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﯘﻻﻗﻜﻪﺳﺘﻰ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ، ﺑﯘ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﻠﯩﻖ ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﮬﺎﻟﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﯖﻼﺭﻛﻰ ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻧﺘﻪﻙ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ . ﺋﯘﯞﺍﻟﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﺎﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ﺧﯘﺩﺍ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﯘ ﮬﺎﻻﻝ ﺟﯜﭘﺘﯜﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﭖ ﻛﯜﺗﯜﯕﻼﺭ . ﺑﯘ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪ ﺋﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺳﯚﺭﻩﭖ ﺋﺎﭘﺎﺭﻣﺎﻱ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻧﻮﭘﯘﺯ ، ﺋﻮﺭﻧﻰ ، ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺕ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺩﻩﺭﺕ ﺗﯚﻛﻤﻪﻱ ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﺌﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ، ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ، ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﯔ ﺗﯚﻛﯜﯕﻼﺭ ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ..... ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻧﻜﻰ ﮬﯩﭽﻨﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﻴﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﯟﻩ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺗﻪﻧﺒﯩﮭﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ .............................
ﻗﺎﺭ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺯﯨﻤﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﻟﯘﻡ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺗﻪﯞﭘﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﯘﻡ - ﻳﯘﻡ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ ، ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﻣﻪﺯﻟﯘﻣﻐﺎ ﻣﯘﻻﻳﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ < ﺋﺎﭼﺎ ، ﻧﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯨﻼ ؟ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﺑﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﺪﻯ ؟ > ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﮬﯧﻠﻘﻰ ﻣﻪﺯﻟﯘﻡ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﺋﯧﺰﯨﻠﯩﭗ < ﺋﯧﺮﯨﻢ ﺋﯘﺭﺩﻯ ، ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻖ ﺩﻩﯞﺍﺗﯩﺪﯗ > ﺩﻩﭖ ﻳﯩﻐﻼﭘﺘﯘ . ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﻪﺯﻟﯘﻣﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﭘﺘﯘ ، ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﺭ ﻛﺎﯕﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻤﺎﻥ - ﺗﺎﻟﻤﺎﻥ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﻮﯕﺎﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ . .... < ﺳﻪﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ، ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﻛﺎﻳﯩﺴﺎﻡ ...... ﮬﻪﻱ ... ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ..! ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﺭﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﯩﭽﻪ ﻛﺎﭼﯩﺘﯩﻤﻐﺎ ﻧﻪﭼﭽﯩﻨﻰ ﺳﺎﻟﺴﺎﯓ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯩﺪﻯ .... > ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ ، ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﻣﯘﻻﻳﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ .. < ﺗﺎﻏﺎ ، ﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﭼﻮﯓ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﺯﻟﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻖ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻧﯩﻤﯩﺴﻰ ... > ﺩﻩﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ﮬﯧﻠﻘﻰ ﺋﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﻮﻣﯘﺳﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﻨﯟﺍﭘﺘﯘ ....
ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎﯕﻼﺭ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﻳﯜﺯﻯ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯩﻤﻪ ، ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻠﯘﻕ ﺯﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﮔﯘﻧﺎﮬﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺳﺎ ، ﺑﯘ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺗﯚﯞﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﺎﻗﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﯞﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻏﻪﺯﻩﭖ - ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
< ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﮬﻮﻗﯘﻕ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ > ﺩﯨﮕﻪﻧﻨﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﻣﻪﺳﻠﻪ ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻰ ، ﻧﯩﻜﺎﮬ ﺯﯨﺪﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﯘﺭﻩﺳﺴﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﺟﯘﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﻠﯩﺸﻰ ﺯﯙﺭﯛﺭ . .. ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻐﺎ ﺗﺎﺩﺑﯩﻘﻠﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ﺯﯨﺪﯨﻴﻪﺕ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﻳﻨﭗ ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﺋﻪﺧﻼﻕ ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﭘﯩﻜﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺵ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺭﺑﺎﺕ ﻗﯩﻠﯟﯨﺘﯩﺪﯗ . ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﺎﻡ - ﺗﻪﮔﻤﯩﺴﻪﻡ ﺯﺍﺩﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .. ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺴﻪﻙ ﺯﺍﺩﻯ ﭼﯩﺪﺍﺷﻤﺎﻳﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻧﺘﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺋﺸﯩﻖ - ﻣﻪﺷﯘﻗﻼﺭ ﭘﺎﻻﻕ - ﭘﯘﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ، ﻳﺎﻗﺎ ﺳﯩﻘﯩﺸﯩﭗ ، ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻦ .ﺍﺟﺮﺷﯩﺶ ﻛﯧﺴﯩﻤﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﺴﻪﯕﻼﺭ ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﯞﻣﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻩﭖ - ﺋﻪﺭﻛﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ، ﻧﻮﭘﯘﺯ ﻛﯜﭼﻰ ، ﺋﺎﻟﯩﻢ - ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ < ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ > ﮬﻮﻗﯘﻗﯘﯕﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ ، ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﯩﻨﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ . ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﭘﭽﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪﯕﻼﺭﻣﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﻤﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ .
ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ .... ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﻚ ، ﺑﯘﺭﭼﭽﻜﺎﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﭘﯜﺗﻜﻪﻥ ﻧﻮﻣﯘﺱ ، ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﯩﺮﺗﯩﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﺯﺍﻻﯕﻼﺭ ، ﺷﯘ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﻪﯕﻼﺭ ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﻳﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﻏﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﺮﭘﯩﺪﻩﻙ ﺗﯜﮔﯜﻟﯟﯦﻠﯩﭗ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻮﻟﯘﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﻟﯩﻴﯩﭗ ﻛﻮﺯﯗﺭ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯩﻨﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻻﻳﯩﻤﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭ ، ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭ ، ﻧﻮﻣﯘﺳﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﺳﺎﯕﻼﺭ ﺑﯘ ﺗﺎﻳﺎﻕ ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺑﯧﻐﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﺪﯗ -ﺩﻩ ، ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﻪﺭﻧﻰ ﻳﯜﺩﯛﭖ ، ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﮕﻪ ﮬﺎﺭﺩﯨﻢ ﺗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺩﯦﻤﻪﻱ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﻳﯩﺘﯩﺪﯗ .
ﺳﯚﺯ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﻤﻪﻱ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﺮﻗﯩﻨﺪﯨﻼ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ < ﭼﯩﻦ ﻳﯜﺭﻩﻛﺘﯩﻦ ﭼﯩﻦ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ > ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺷﯘ ﺳﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮﻩ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، < ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻜﻜﯜﭼﻪ ، ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﮔﺴﻪﻣﭽﯘ ... ﺩﻩﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ .. > ﺩﻩﭖ ﺳﺎﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ، ﺋﻪﺭ ﻗﻪﺩﺭﯨﻨﻰ ، ﺋﻪﺭ ﺳﯘﺑﺎﺗﯩﻨﻰ ، ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﯜﯞﺭﯛﻙ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﻪﺯﯨﻤﻪﺷﺘﯜﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﯘﺭﯗﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﺰ - ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﮕﻪ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ . < ﺳﻪﻛﺴﻪﻥ ﻗﺎﻣﭽﺎ ﻳﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ... > ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮬﯧﻜﻤﻪﺕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻳﯩﺘﻪﺭﺳﯩﺰ ، ﺗﻪﻧﺘﻪﻙ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﻜﯜﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﺭﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﺭ ﻗﻪﺩﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﭺ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ، ﻧﻮﭘﯘﺯ - ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺕ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﻧﯘﻏﺎﻥ ﺑﻪﺩﻩﻟﻜﺎﺭ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﺍﻗﻘﻰ ﻳﻪﻛﯜﻧﻰ .
ﻣﺎﻧﺎ ... ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻟﯩﻘﻘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻪﺳﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﻧﯘﺯﯗﮔﯘﻡ ﺋﯩﺴﺘﯩﺒﺪﺍﺕ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯧﭽﻪ - ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ، ﺯﻩﻱ ﺳﺎﻳﺎﺯﻟﯩﻘﺘﺎ ﻣﯚﻛﯜﻧﯜﭖ ﺳﻪﺭﺳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭘﺘﯩﻜﻪﻥ ... < ﺋﺎﻟﺘﻪ ﭘﺎﺗﻤﺎﻥ ﺟﺎﮬﺎﻧﻐﺎ ﻧﻪﭼﯜﻙ ﭘﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻱ ﺗﯩﻨﯩﻢ ، ﻣﻪﻥ ﻧﯘﺯﯗﻛﻨﻰ ﺋﻪﭖ ﻗﺎﭼﺎﺭﻏﺎ ﺋﻪﺭ ﺑﺎﺭﻣﯘ .... > ﺑﯘ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯜﻥ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﮬﻪﺭﻩﺝ ﺗﺎﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﯞﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﺩﻩﻡ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻧﺎﮬﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ... ﺑﻪﺱ ....!
ﻛﻪﻣﯩﻨﻪ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭗ ﻛﺎﻟﺘﺎ ﭘﻪﻣﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﺰ - ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﯞﻩﺯﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﺎﯕﻼ ﻣﻪﮬﺸﻪﺭﺩﻩ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻱ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﻥ ﻗﯩﺰ - ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﻪﺭﺑﻴﯩﻨﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭﭼﻰ ﮬﯩﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻧﻜﻪﻧﻤﻪﻥ ﺑﯘ ﺑﯘﺭﭼﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ، ﺋﯘﭘﺮﺍﻗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ .................
ﻧﻮﻗﺴﺎﻧﺴﯩﺰ ﺋﻮﻝ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﻰ ،
ﯞﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍ ﻧﻮﻗﺴﺎﻧﺴﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ ﻛﺎﻻﻡ .
ﮔﻪﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﻮﻗﺴﺎﻥ ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﻪﻱ ﺋﺎﯞﺍﻡ ،
ﺷﯘ ﺧﯘﺳﯘﺳﺘﺎ ﯞﻩﺯ - ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ﺗﺎﻣﺎﻡ ..................
ﻣﻪﻧﺒﻪ : < ﮬﺎﻳﺎﻟﯩﻖ > ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ
ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭗ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺕ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺭﻭﮬ ، ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺕ ، ﺳﯜﺭ ﮬﻪﻳﯟﻩ ﺳﯘﺳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺋﻪﺭ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﮬﺮﯗﻡ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .
ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺑﯧﻐﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯩﮕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﻳﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ . ﻣﻪﻧﺒﻪ : < ﮬﺎﻳﺎﻟﯩﻖ > ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ
<< ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ >> ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﺪﯗ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ؟
ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ . ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺧﯘﺷﮭﺎﻟﻤﻪﻥ . ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ...
ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﭘﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﻡ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ....
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ....
ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯘﻣﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ....
ﺭﺍﺳﯩﺖ...
ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﮔﯜﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯘ ﺋﻪﺭ، ﻛﯜﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯘ ﺋﻪﺭ....
ﺋﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯘ ﺧﯘﺗﯘﻥ، ﻳﻪﺭﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺑﯩﺸﻪﻡ ﺧﯘﺗﯘﻥ .............. ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﻨﻰ ﺋﻪﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﻮﭖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ...ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯩﻢ ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﺯﺍﺭﻻﻳﺪﯗ؟ﺋﺎﻻ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺷﯘ ﺋﯘﺳﺘﯘﻧﻠﯘﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﮕﻪ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺩﯨﮕﻪﻧﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻨﻰ ﻳﯩﺘﯘﺷﺘﯘﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﺘﻘﺎ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺯﺍﺭﻻﯕﻼﺭ.ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯘﻧﺪﻩ ﻧﯩﻤﻨﻰ ﻳﯘﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﯕﻼﺭ؟ﯞﺍﻱ...ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯘﻧﺪﻩ ﺋﻪﺭﺩﻩﻙ ﺋﻪﺭ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺯﺍﺭﻻﭖ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﭼﯘﻗﯘﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺴﯩﻠﻪﺭ ﮬﻪ؟ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﻳﯘﻟﻰ ﺩﯗﺭﯗﺱ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺭﯗﻟﻰ ﻛﻪﻡ -ﻛﯘﺗﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ،ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﻏﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﻮﺯﻯ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻱ ﺧﯘﺗﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯘﻝ -ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ،ﻣﻪﻧﺴﻪﭖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻨﻰ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﻘﻦ، ﺋﻮﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺩﻩﺭﻗﻪﻣﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﺵ-ﻧﺎﻥ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺧﯘﺗﯘﻧﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻛﻮﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺸﻼﺭ ﺑﯘ .ﺋﻪﺭ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺳﯘﺳﻼﭖ ،ﺋﻮﺯﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﺧﯘﺗﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﻥ ﺗﺎﻻﺷﺴﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﺗﯩﻜﻰ؟
ﻗﯧﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﻣﯩﯖﻼﺭ ﺋﺎﯞﺍﻟﻘﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺋﻮﺯﯗﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎﭖ ﺋﺎﻧﺪﺍﻥ ﺧﯘﺗﯘﻥ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻏﺎ ﻛﯩﻠﯩﯖﻼﺭ؟
بەت:
[1]