ahkar يوللانغان ۋاقتى 2007-1-8 20:56:58

ﻣﯘﺯﻟﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺵ

رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە .ئىنتايىن سوغاق قارلىق تاغنىڭ ئۈستىدە بىر خىل يېشىل رەڭلىك ئوت ئۆسىدىكەن.ئۇنىڭ ھەر بىر يۇپۇرمىقىغا مۇز توڭلاپ كەتكەن ياش تامچىسىغا ئوخشاش كىرستاللار ئېسلغان بۇلىدىكەن. ئەگەر سىز تەلەيلىك بولۇپ ئۇنى تاپالىسڭىز،سىز ئۆزىڭىزنى ھەققى ياخشى كۆرىدىغان كىشىنىڭ كىمىلىگىنى بىلىۋالايدىكەنسىز.....
قىز تاغقا چىقىپ رىۋايەتلەردە ئېيتلغان ئاشۇ «مۇز ياش»ئوتىنى ئىزدىمەكچى بولدى.يىگىت تاغنى بەك خەتەرلىك دەپ ئويلاپ قىزغا چقماسلقنى ئۆتۈندى.بىراق قىز قەتئىي نىيەتكە كىلىپ بولغاندەك قىلاتتى،قىزنىڭ جاھىللىقىغا ئامالسىز قالغان يىگىت ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بېرىشنى قارار قىلدى.  
شۇ كۈنى كەچتە يىگىت باغچىغا باردى......
                يولغا چىقىدىغان چاغدا يىگىت قىزغا مامۇق چاپىنى كەيدۈرۈپ ،قىزدىن سورىدى.                                                             ـــ سىز راستىلا تاغقا چىقماقچىمۇ؟
        ـــ شۇنداق.  كەسكىلىك بىلەن چاۋاپ بەردى قىز.
        ـــ ئۇنداقتا بىز يولغا چىقايلى......
تاغ باغرىدا يىگىت مۇلايىملىق بىلەن قىزنىڭ باش كىيمىنى تۈزەپ قويۇپ قىزدىن «راستىلا چىقامدۇق؟ بەك خەتەرلىك تۇرسا،،سىز ئازراقمۇ قورقمىدىڭىزمۇ؟،» دەپ سورىدى،
      ــ ئازراقمۇ قورقمىدىم.قىز ئاۋالقىدەكلا كەسكىن ئىدى.
      ــ ئۇنداقتا بىز ماڭايلى .تاغ يولى بەك تېيىلغاق..قولۇمنى چىڭ تۇتۇۋېلىڭ.
تاغنىڭ قاپ بىلىگە چىققاندا يىگىت قىزنىڭ توڭلاپ تىترەۋاتقىنىنى كۆرۈپ چىدىيالماي قالدى.
قايتىپ كىتەيلى،بەك توڭلاپ كېتىپسىز.
ـــ ياق، قا..يـتمايمەن. قىز بەكلا جاھىل ئىدى.
ــ قايىتمىساق مەيلى،،مەن سىزنى يۈدىۋالاي.
تاغ چوقىسىغا چىققاندا  يىگىت قىزنىڭ قار ئارىسدا سوغوقتىن چىشلىردىن چىكىلدىغان ئاۋاز چىقىرىپ تىترەپ كىتىۋاتقان قىزغا قاراپ ئىچى ئىچىشىپ قىزنى مەھكەم قۇچاغلىدى.ئۇنىڭ سوغوقتىن كۆپكۆك كۆكىرىپ كەتكەن مەڭزىنى سىلاپ تۇرۇپ.
     ـــ قايتىپ كىتەيلى ،بۇلامدۇ؟ قارىڭە توڭلاپ كەتكىنىڭىزنى..ھازىر قايىتساق قاراڭغۇ چۈشىشىتىن بۇرۇن ئۆيگە بېرىپ بۇلالايمىز.ئۇ ئوتنى ئەمدى  ئىزدىمەيلى.بۇلامدۇ. ئۇنداق ئوت ئەسلىدىنلا مەۋجۇت ئەمەس.
     ـــ ياق،يەنە ئىزدەپ باقايلى.،چۇقۇم تاپالايمىز!
قىز يەنىلا ئۆزىنىڭ جاھىلقىنى قىلاتتى.
ــ بۇلىدۇ،يەنە ئىزدەپ باقايلى.
  تۇيۇقىسز كۆچكەن قار  قىزنى قاتتىق ساراسىمىگە سالدى. شامالدا قىز كۈزىنى ئېچىشقىمۇ ئامالسىز قالغان ئىدى.  قار-شىۋىرغان ئىچىدە قىزنىڭ قولنى باشتىن ئاخىر مەھكەم تۇتۇت تۇرغان قول تۇساتتىن  بوشاپ كەتتى.قىز ئەس ھوشىنى يوقىتىپ قويدى. ئۇ پەقەت قانداقتۇر بىر كۈچنىڭ ئۇنى ئۈستىگە قاراپ ئىتتىرۋاتقانلىقىنىلا ھىس قىلالايتى...
  قىز ھوشىغا كىلىپ يىگىتنىڭ يوقاپ كەتكىنى بايقىدى. ئۇ ھالسىز ھالدا يەردە ئولتۇرۇپ يقغلاشقا باشلىدى. ئۇ ئاخىرى ئۆزىنڭ قانچىلىك ئەقىلسز .تەنتەك ئىكەلىگىنى ،ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنڭ تولىمۇ كۈلكىلىك ئىكەنلىگىنى ھىس قىلغان ئىدى .خىلى ئۇزۇندىن كىيىن قىز ئورنىدىن تۇرۇپ توساتتىن پۇتىنىىڭ ئاستىدا بىر يېشىل رەڭلىك ئوتنىڭ تۇرغانلىغنى كۆردى،نىپىز يۇپۇرماق ئۈسىتىدە بىر نەچچە تال  مۇز كىرستالى تۇراتتى.
  «مۇز ياش »ئوتى! ،  قىز ۋاقىرۋەتتى .قىز ئوتىنى قولىغا ئېىلىپ يىگىتنىڭ ئىسمىنى توۋلىغىنىچە  يىگىتنى ئىزدەشكە باشلىدى.
قىز قۇتۇلۇپ قالدى. ئەمما يىگىت يوقاپ قەتتى.
  قىزچاق مەڭگۈ بىلمەيلا قالدى.دەل ئاشۇ «مۇز ياش» ئوتىنىڭ ئاستىدا تېخى ئىسغى كەتمىگەن بىر جۈپ قول بار ئىدى.... شىۋىرغان يىتىپ كەلگەن دەل شۇ پەيتتە،يىگىت بارلىق كۈچىنى يىغىپ قىزنى دەس كۈتۈرۋالغان ئىدى.قىز ھايات قالدى. يىگىت بولسا قار  ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالدى..... ئاتالمىش «مۇزياش» ئوتى بولسا يىگىت باغچىدىن ئۈزۈپ كەلگەن گۈل ئىدى. يۇپۇرماق ئۈستىدىكى كىرستال بولسا دەل قىزنىڭ كۆز يېشى ئىدى.
قىز ئەمەلىيەتتە ئۆزى ئىزدىمەكچى ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ باشتىن ئاخىرى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئىكەنلگىنى بىلەلمىدى.ئۇنىڭ كۆز ئالدىلا ،،بىراق ئۇ ئۇنى قەدىرلەيدىغان پۇرسەتتىنىمۇ مەھرۇم بولدى.
  دوستلار ،،سىلەرچە ھەقىقى مۇھەببەت زادى نەدىدۇ؟

dada يوللانغان ۋاقتى 2007-1-9 07:40:18

ﺷﯘﯕﺎ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ  ﺯﺍﺩﻯ ﺑﯘ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺧﻪﻗﻨﯩﯔ  
ﭼﯩﭽﻰ  ﺋﯘﺯﯗﻥ....

sungril يوللانغان ۋاقتى 2007-1-9 11:00:17

ﻣﻪﻧﻜﻪﻧﻤﻪﻧﻐﯘ

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2007-1-9 11:13:25

ﺑﯘﺭﻧﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺪﺍ...ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﯖﯩﺰﺩﺍ...

xumtak يوللانغان ۋاقتى 2007-1-9 17:20:28

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2007-1-9 19:28:21

atella يوللانغان ۋاقتى 2007-1-16 17:51:53

ﺋﻪﺟﻪﭖ ﮬﯘﺯﯗﺭﻻﻧﺪﯨﻢ ﺩﯨﺴﻪ ...ﮬﯧﻜﺎﻳﺪﻩﻛﻼ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻜﻪﻥ ﻳﺎ ﺑﯘﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘ..

tolun يوللانغان ۋاقتى 2007-3-7 22:37:34

ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻳﯩﻐﻠﯩﯟﯨﺘﻪﻳﻼ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ،،،،،،،،،،،ﺑﻪﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪﻥ !
بەت: [1]
: ﻣﯘﺯﻟﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺵ