ahkar يوللانغان ۋاقتى 2007-1-7 19:07:14

ﺋﯘ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐ

بۇ ماقالىنى بارلىق مۇھەببەتكە ئېرىشكەن ئەمما ئايرىلىپ قالغانلارغا،ئەزەلدىن مۇھەبەتلشىپ باقمىغانلارغا ۋە ئۆزى ياخشى كۆرگەنلگى ئۈچۈنلا ئۆزىنى ئۆزىنى ئالداپ ياشايدىغانلارغا تەغدىم قىلىمەن.
بۇ بىر ئەينەك،باتۇرلۇق بىلەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىڭ،باتۇرلۇق بىلەن ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىڭ،باتۇرلۇق بىلەن ھەممىنى باشتىن باشلاڭ.
ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بۇلۇپ قالغان چاغدا،مەيلى ئۇ بۇرۇن ياخشى كۆرۈپ باققان بولسۇن،ئەمما كېيىن ئۇنتۇپ قالدى ۋە بەلكىم ئەزەلدىن ياخشى كۆرۈپ باقمىغان بۇلۇشىمۇ مۇمكىن.سىز ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئاشۇ كىشى بۇلۇشقا ئامالسىز قالغان ۋاقتىڭىزدا.ئۇنىڭ كۆڭلىدىمۇ سىز يوق بولغان بۇلىسىز.گەرچە ئۇ سىزنىڭ ئۇنى يەنىلا ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغىنىڭزنى بىلسىمۇ ،يەنىلا بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىشنى خالايدۇ.
ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەس بۇلۇپ قالغان چاغدا،ھەرگىزمۇ ئازاپلانماڭ.ياكى ئاۋارىچىلىققا ئۇچراپ نىمە قىلىشىڭىزنى بىلەلمەي قالغان چېغىڭىزدىمۇ ئۇنى ئىزدەپ بارماڭ. ئۇنىڭ يېنى مۇشۇنداق ۋاقىتتا سىزبېرىشقا ئەڭ تىگىشلىك بولمىغان جاي . بەلكىم ئۇ تېلفونىڭىزنى ئالغان ۋاققىتتا سىزگە بىر-ئىككى ئېغىز ئاددىغىنە تەسەللي بېرىپ قۇيار،پەقەت شۇنچىلىكلا.بەلكىم سىز يەنە ئازراق تەسەللي لازىم بۇلۇپ.ئۇنىڭغا « بىز بىر يەرنى تېپپ كۆرۈشسەك بوپتىكەن » دېيىشىڭىز مۇمكىن. بىراق ئۇ چۇقۇم ئىنتايىن بىزار بۇلىدۇ.
ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەس بۇلۇپ قالغان چاغدا،سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز،سىزنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىڭىز ئىككىنچى ئۇرۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ.سىز پاسسپ ئەھھۋالدا قالىسىز، ئۇ سىزگە «بۇلىدۇ،كۆرۈشسەك كۆرىشەيلى،بىراق ھازىر ئازراق قىلىدىغان ئىشىم بار،سەل تۇرۇپ ئۆزەم تېلفون قىلاي ياكى ئۆزىڭىز تېلىفون قىلسىڭىزمۇ مەيلى » دېيىشى مۇمكىن.بۇ چاغدا سىز ھەرگىزمۇ ئىشىنىپ قالماڭ،سىز پەقەت ئانچە ئاقىلانە بولمىغان سەۋەپتىن بىرنى تېپىپ ئۆزىڭىزنى قاچۇرسىڭىزلا بولدى. تەكلىپىم ،ھەرگىز ئۇنىڭ تېلفوننى ساقلىماڭ،بۇ ئۆزىڭىزنى ئالدىغان بىلەن باراۋەر.
ئۇ سزنى ياخشى كۆرمەس بۇلۇپ قالغان چاغدا ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ قىلغان  ئىشلىرىڭىزنى سۆزلىمەڭ. بەلكىم سىز شۇ پەيىتتە پەقەتلا  ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى چۈشنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئويلىغانسىز. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى ئۇ ھەرگىزمۇ بۇ ئىشلارغا قىزىقمايدۇ ،ھەتتا سىزنى چۈشنىشنىمۇ ئەسلا خالىمايدۇ.سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز.سىزنىڭ ئۆتمۈشىڭىز ،سىزنىڭ ئارتۇقچىلقىڭىز ،كەمچىلىكىڭىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.سۆزلىگەن تەغدىرمۇ ئۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ،خۇددى سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ،ئادرىسىڭىزنى ،تېلفون نومۇرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا.مۇھەببەت بولمىسا سىز ئۇنىڭ ھاياتىغا سىڭىپ كىرەلمەيسىز. گەرچە سىز شۇنچىلىك كىچىك بىر بۈرجىگىنى تەلەپ قىلسىڭىزمۇ.
ئۇسىزنى ياخشى كۆرمەس بۇلۇپ قالغان چاغدا ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ياش تۆكمەڭ،ئاغرىپ قالغان ۋاقتىڭىزدا ئۇنىڭغا ئېىيتماڭ. ئۇ سىزگە كۆيۈنۈش ۋە غەمخورلۇق ئاتا  قىلالمايدۇ.شۇنداق قىلالىغان تەغدىردىمۇ ئۇ پەقەت سىزگە ئىچ ئاغرىتقىنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.يەنە مەغرۇرلىغىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ،بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا.گەرچە كۆپ قىسىم كىشىلەر مۇھەببەتنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن نەرسىلىرىدىن ئايرىلىپ قالدۇ.ھەتتا ئورنىدىن تۇرغىدەك جاسارىتىمۇ قالمايدۇ.نەدىن كەلگەن مەغرۇرلۇق  دەرسىز.. توغرا.بىراق سىز ئىسڭىزدە تۇتۇڭكى پەقەت سىزنى ھەققى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملا سىزگە ھەققى كۆيۈنەلەيدۇ،قاراپ تۇرغۇچىلارلا ئىچ ئاغرىتىدۇ.   
  ئۇ سىزنى سۆيمەيدىغان بۇلۇپ قالغاندا،سىزنىڭ مۇھەببەتىڭىز ئۇنىڭغا يۈك بۇلۇپ قالىدۇ.سىز ئۆزىڭىزنىڭ  ئۇنىڭ ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلغانلىقىڭىز بىلەن ھېساپلاشماڭ،ھەم بىر قانداق جاۋاپ بۇلىشنىمۇ ئۈمىد قىلماڭ.ئەسلىدىنلا بىرەر جاۋاپنىڭ بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس.كىمنىڭ توغرا،كىمنىڭ خاتالىقى بىلەنمۇ ھىساپلاشماڭ.شۇنداق بولغاندا ئازراق بولسىمۇ ئازابىڭىز يېنىكلەيدۇ.ئېسىڭىزدە بولسۇنكى .سىز بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت تاق يۆلىنىشلىك.سىز ئويلايسز.ئۇ ئويلىمايدۇ.  قانداقلا بولمىسۇن ، ئۇنى ئەيىپلىمەڭ.بەلكىم ئۇمۇ ياخشىراق بۇلۇشىنى،سىزگە بۇنداق سوغوغقانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىماسلىقنى       ئويلايدىغاندۇ.                                                                                                            ئۇ سىزنى سۆيمەيدىغان بۇلۇپ قالغاندا.ھەرگىزمۇ ئىشەنچىڭىزنى يوقۇتۇپ قويماڭ. چۈنكى بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈش ھەرگىزمۇ ئۇ ئادەمنىڭ ئەڭ مۇنەۋەر ئقكەنلىگىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇ پەقەتلا بىرخىل سەزگۈ ،قەلىپ بىلەن ھىس قىلىدىغان سەزگۈدۇر. ئوخشاشلا ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بۇلۇپ قېلىشى ھەرگىزمۇ سىزنىڭ يارىماس ئىكەنلىكڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ.. مۇنەۋەر بۇلۇش ھەرگىزمۇ بىرسىنى ياخشى كۆرۈشنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ. بىراق ئۇ نى ياخشى كۆرىدىغان نۇرغۇن ئادەملەر بار، ئازرراقىنە كۈلۈمسىرەپ قۇيۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر گۈزەللىك.                             
ئۇ سىزنى سۆيمەيدىغان بۇلۇپ قالغان چاغدىمۇ ئۇنىڭغا بەخىت تىلەپ قۇيۇڭ. مۇھەببەت بولغانىكەن نەپرەت بولماسلىقى كېرەك. مۇھەببەت ئەڭ گۈزەل بۇلىدۇ، نەپرەت بولسا ئادەمنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ.ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل نەرسىڭىزنى ئادەمنى بىزار قىلدىغان سەت نەرسىگە ئايلاندۇرىۋېلىشنىڭ نىمە ھاجىتى؟ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشنى تەڭسىزلىكمۇ ھىس قىلماڭ. ئەمەلىيەتتە ئىككىڭلار ئوخشاش. ئۇ نىڭ ئايرىلىپ قالغىنى ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم..سىزنىڭ ئايرىلىپ قالغىنىڭىز بولسا سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم..ھەم بىر يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشتىڭىز.يېڭىدىن باشلايدىشان ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشتىڭىز. «مەڭگۈ »دېگەن سۆزنى يەنە ئويلىماڭ..مۇھەببەتتە «مەڭگۈ »بولمايدۇ.سىز دەل مۇشۇ پەيىتتە ئۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىسىز،بەلكىم يىراق بىز كۈنلەرگە بارغاندا ئۇنى ياخشى كۆرمەس بۇلۇپ قالارسىز ، ئۇ پەقەت بۇ كۈنگە سىزدىن بىر قەدەم بۇرۇن يىتىپ كەلدى خالاس. ئۇ سىزنى سۆيمەيدىغان بۇلۇپ قالغاندا،جىمغنە ئەسلىمىلەر ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ئىللىقلىقنى ئاستاغىنە قۇچاغلاپ، كۆزىڭىزنى بىردەم يۇمىۋېڭ.   ئۇ سىزنى سۆيمەيدغان بۇلۇپ قالغاندا. سۈيۈملۈك دوستۇم،چوڭقۇر ،چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ. ھاياتلىق يولغا  مۇھەببەت مىنالىرى كۆمۈلگەن.ھامان بىرسى سىزگە تەئەللۇق بۇلىدۇ. سىزگە تەسەللىي بەرگىنىم ئەمەس.  ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى داۋاملىشىپ  كىلىۋاتقان ھەقىقەت. ماڭا ئىشنىڭ ،ئۆزىڭىگىمۇ ئىشىنىڭ.            ئۇ سىزنى سۆيمەيدىغان بۇلۇپ قالغان چاغدا،سىز قانداق قىلىسىز؟ ئۇنى داۋامىلىق ياخشى كۆرۈۋىرەمسىز؟
                                                                                



kizil-gul يوللانغان ۋاقتى 2007-1-7 20:20:19

ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﭼﻮﻗﯘﻡ  ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ  ﻗﯩﻠﯩﺶ  ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﯩﺘﻰ  ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ  ﺗﯧﻴﯩﺸﯩﭗ  ﺗﯘﺭﯨﯟﯦﻠﯩﺶ  ﺋﻪﺧﻤﯩﻘﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ  ﺋﺎﺯﺍﺑﻘﺎ  ﻗﯧﻠﯩﺶ .

sungril يوللانغان ۋاقتى 2007-1-8 08:16:43

ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ  ﺩﯨﮕﯘﺩﻩﻙ ﻗﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ ...............

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2007-1-8 11:23:49

ﺑﯩﺰﺩﻩﻙ ﻛﯚﺯﻯ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﻘﺎﻧﺒﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﻛﯚﺭﯨﯟﻻﺭ ﺋﯩﺪﯗﻕ ﺋﯩﺴﯩﻞ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2007-1-8 11:34:57

ﻛﻮﻧﺎ ﺩﻩﺭﯨﺘﻠﻪﺭ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﺪﻯ ﻳﻪﻧﻪ،
ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﺎﯕﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﻛﯜﺯﯛﻡ
....

Erkim يوللانغان ۋاقتى 2007-1-8 11:45:12

ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﺮﺍﻕ ﻛﻮﺭﺳﻪﻣﭽﯘ!!!!!!!!!!!!!!!!    ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ

yultuz20 يوللانغان ۋاقتى 2007-1-8 13:09:59

ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﺍ ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﻥ، ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ.....
ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﺎﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ....
ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺋﯚﺗﻨﻪ ﺟﺎﮬﺎﻥ.....

munisa0908 يوللانغان ۋاقتى 2007-1-8 18:53:49

ﻣﯩﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﯘﻧﺘﯘﺵ ﺋﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ،ﺋﯩﻐﯩﺰﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰﻳﯘ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﺋﯩﻐﯩﺰﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﺳﯩﻲ!

ahkar يوللانغان ۋاقتى 2007-1-8 20:54:35

ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ﻛﯩﻤﻤﯘ ﺋﯚﺯﻯ ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﺴﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﯩﺘﻪﻟﯩﮕﻪﻥ ﺩﻩﻳﺴﯩﺰ .
ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺗﻪﻏﺪﯨﺮﮔﻪ ﺗﻪﻥ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻳﻮﻕ. ﺗﻪﻥ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ ﺑﻪﺭﺭﯨﺒﯩﺮ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﻴﻨﺎﭖ ﻗﯘﻳﯩﺴﺰ

Qunduz يوللانغان ۋاقتى 2007-1-8 21:16:15


ﺷﯘﻣﯘ ﮔﻪﭖ ﺑﻮﭘﺘﯘ ...

abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2007-1-8 22:01:21

ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯﻩﻡ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ ﺋﯜﺗﺘﯜﻡ.ﺑﻪﺱ.....ﺋﯘﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻢ ﺑﯘ ﻧﯩﺠﯩﺲ ﺋﯘﻳﻘﯘﺩﯨﻦ.
ﺋﯘﻳﻐﺎﻧﻤﻐﺎﻧﻼﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯘﺧﻼﯕﻼﺭ.....

maQak يوللانغان ۋاقتى 2007-3-15 21:09:28

ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻤﯩﻠﻖ !!!!!!!!

yultuz20 يوللانغان ۋاقتى 2007-4-3 19:32:58

ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﻟﯘﻕ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﺪﺍ ﺟﯩﻤﻐﯩﻨﻪ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯗﭖ ....ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﻪﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ....

mmrr330315 يوللانغان ۋاقتى 2007-9-14 21:18:25

ئۇ سىزنى سۆيمەيدىغان بۇلۇپ قالغان چاغدا،سىز قانداق قىلىسىز؟ ئۇنى داۋامىلىق ياخشى كۆرۈۋىرەمسىز؟
ﮬﻪ ﻩ

muz~pari يوللانغان ۋاقتى 2008-9-22 21:35:50

مەن داۋاملىق سۆيىۋېرىمەن!.......

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2008-9-22 21:47:48

نىمىشقا توساتتىنلا ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالىدىغاندۇ؟

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2008-9-23 03:00:58

layli510 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-23 04:45:43

ئۇنتۇشنىڭ باسقۇچلىرى:

1-كۈنى تىڭىرقاش ئىچىدە.

2-كۈنى بىر ئۈمىد ئىچىدە ياكى خام خيال ئىچىدە

3-.....

دەسلەپكى 1 ئاي مۆجىزىنىڭ يارىلىشىغا تىلەش ئاخىردا ئۆزىنى ئىنكار قىلىش

3 ئايدا ھىسسىيات سۇسلىشىش

4-،5- ئايلاردا ىېلى ئۇزۇنغىچە ىىيالغا كىرمەسلىك، ئالاھىدە تېلىفۇن ياكى خەت ۋە ياكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىزار قىلمىسا

6 ئايدىن باشلاپ ئۆزىنى جۇندەش، رىئاللىققا تەن بېرىش ، يېڭىدىن مۇھىت ئىزدەس

7-،8- ئايلاردا يېڭى قىياپەت بىلەن كونا قىياپەت ئارسىدا تىركىشىش،

9-،10- ئايلاردا يېڭى قىياپەتنى تاللاش ۋې ئۇنىڭغىمۇ ككنۈش

11-ئايدا ، قارشى تەرەپ ئۇچراپ قالسا ، نورمال يوسۇندا قوبۇل قىلىش (ئادەتتىكى ئادەملەردەك)

،12- ئايلاردا ، ئۇنىڭ بەىتىدىن خۇددى دوستىنىڭ بەختىدىن خوشال بولغاندەك بولۇش. ۋې ئكز بەختىدىنمۇ رازى بولۇش.

شۇڭا ئاز دىگەندە بىر يىل كېتىدۇ، بۇنىڭ شەرتى سىز ئۇنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن بولسىڭىز.

yusupjan520 يوللانغان ۋاقتى 2008-9-24 11:56:54

ئۇنداقتا سىزنىڭ بۇماقالنى كۆرۈپ ۋەئىنكاس يېزىشىڭىزنىڭ نىمە ھاجىتى

我爱你GULI يوللانغان ۋاقتى 2008-9-24 18:46:01

مەنمۇ داۋاملىق سۆيىۋېرىمەن!.......ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن.......
بەت: [1] 2
: ﺋﯘ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ