Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2007-1-4 22:04:20

ﻛﻮﻧﺎ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭ..............

ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺧﺎﻧﻘﯩﺰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻠﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻳﻮﻟﻼﭘﺘﯘ،ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﺎﻱ،ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻮﻟﻼﭖ"ﻧﺎﺩﯨﺮ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭ " ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﺷﯩﻠﯩﯟﺍﭘﺘﯘ،ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻳﻮﻟﻼﭖ "ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ "ﺩﯨﺴﻪﻡ "ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﯖﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ،ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﯩﯔ ﻗﯧﻨﻰ "ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯘ ...............ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭ ﺗﻮﻣﺘﺎﻗﻼ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯﻩﻡ "ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ"ﻗﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ ......................
----------------------------------------------
                                      ﺋﻪﺟﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻖ
ئىككى قېتىملىق چېچېن ئۇرۇشىدا چېچېن قانۇنسىز قوراللىق كۈچلىرى مەرگەنلىرى روسىيە ئارمىيىسىگە غايەت زور تالاپەت ئېلىپ كەلگەن . 1 - قېتىملىق چېچېن ئۇرۇشىدا گروزنىدا3 كۈن ئىچىدىلا روسىيە ئارمىيىسىنىڭ 800دىن كۆپرەك ئەسكىرى 20دىن ئارتۇق تانكىسى ،114بروۋنىك ماشىنىسى 3كىشىلىك كىچىك گۇرۇپپىدىن(مەرگەن ،تانكا ئاتقۇچى،پىلىموتچىك) تەشكىللەنگەن چېچېن مەرگەنلىرى تەرىپىدىن تالاپەتكە ئۇچرىتىلغان .تۆۋەندىكى ھىكايىدە روسىيە ئارمىيىسىنىڭ مەرگەنلىرى بىلەن چېچېن قانۇنسىز قوراللىق كۈچلىرى مەرگەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقى ئېلىشىش تەسۋىرلەنگەن . توردىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىنغاچقا خاتالىق كۆپ بولۇشى ئېنىق ،تورداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
......................................................................................................................
" كوچا ئۇرۇشى ئەڭ كەسكىن باسقۇچقا كەلدى . قالدۇق باندىتلارنىڭ ھۇجۇمىغا پەقەت تامغا چاپلىشىپ تۇرۇپ سىرتقا قارىتىپ قالايماقان ئوق چىقىرىشقا مەجبۇرمىز،چۈنكى بېشىمىزنى سىرتقا چىقىرىش مۈمكىن ئەمەس، بۇ ئەبلەخلەرنىڭ قارىغا ئالىدىغىنى دەل بېشىمىز!يېنىمدىكى سەبداشلىرىم بىر - بىرلەپ قازا قىلماقتا ،ھەممىسىنىڭ پىشانىسىدە كىچىككىنە تۆشۈك ................ "
------------ بىر روسىيە ئەسكىرىنىڭ جەڭگاھ خاتىرىسىدىن .
قىش ،گروزنى . تۇمانلىق سەھەر . پۇشكىن ۋە سەپدىشى مولوكوف مېروتكا مەيدانى ئەتراپىدىكى ئاكوپتىن سۇغۇرلۇپ چىقتىدە 200مېتىر يىراقلىقتىكى كوچا ئېغىزىدا قۇربان بولغان روسىيە ئوفېتسىرىنىڭ جەسىدىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئاتلاندى .تۇيۇقسىز يىراقتىكى بىنادىن "پاڭ" قىلغان ئاۋاز بىلەن بىر 7.62مىللىمېتىرلىق ئوق پۇشكىننىڭ يۈرۈگىنى تېشىپ ئۆتتى .ئوق ئاۋازى يەنە ياڭرىدى،ئىككىنچى پاي ئوق مولوكوفنىڭ پىشانىسىدىن تېشىپ ئۆتۈپ يەنە 10نەچچە مېتىر ئارىلىققا ئۇچۇپ باردى ۋە كۆكتە چىرايلىق ياي ھاسىل قىلىپ يەرگە توككىدە چۈشتى .
روسىيە ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتاۋىدا پودپولكوۋنىك نىگولاس قۇشۇمىسىنى تۈرگىنىچە ئالدىدىكى دوكلاتقا قاراپ تۇراتتى .دوكلاتتا يېزىلىشىچە يېقىنقى مەزگىلدىكى كوچا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان روسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ 75% ئەجەللىك يېرى نىشانلانغان بىر پاي ئوقتىلا نەق مەيداندا قازا قىلغان ئىدى .گەرچە روسىيە ئەسكەرلىرى ناھايىتى باتۇر بولسىمۇ لېكىن بۇ "كۆرۈنمەس ئالۋاستى"لار دەستىدىن ھەركەت قىلالماس ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى . پودپولكوۋنىكقا شۇنىسى ئايانكى بۇنداق "بىر پاي ئوقتا بىرنىڭ جېنىنى ئېلىش"نى شوئار قىلغان جاللاتلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى يەنە بىر مەرگەن ئىدى . پۇكىن بىلەن مولاكوفنىڭ ئۆلۈمى پودپولكوۋنىك نىگولاسنى ئۆز كوزورىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش قارارىغا كەلتۈردى .بىرنەچچە كۈندىن كېيىن بىر روسىيە مەرگەنلەر گۇرۇپپىسى مەخپى ھالدا گروزنى شەھرىدىكى مېروتكا مەيدانىغا كىردى ." سوغۇق قان قاتىل "دەپ نام ئالغان مايور سانكا باش مەرگەنلىكنى ،سېرژانت ئولوف كۈزەتكۈچۈلىك ھەم ئىككىنچى مەرگەنلىكنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى .
مايور سانكالار يېتىپ كەلگەن كۈنى يەنە بىر روسىيە ئەسكىرى چېچېن مەرگىنى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى .
ھايات - ماماتلىق ئېلىشىش باشلاندى .
كېچە قاراڭغۇسىدىن پايدىلىنىپ سانكا ئولوفنى باشلاپ بىر خارابىلىققا مۆكۈندى، بۇ بىر يەر ئاستى ئۆيى بولۇپ ،چېچېن مەرگەنلىرى يوشۇرۇنغان بىنا توپىغا ئۇدۇل ئىدى .ئىككىنچى كۈنى سەھەردە نىقاپلانغان سانكا گۇرۇپپىسى دۈشمەن دائىم ھەركەت قىلىدىغان رايوننى كۈزۈتۈشنى باشلىدى .ئولوف دۇربۇننى ياخشى تەڭشەپ ئەتراپقا قارىدى،دۇربۇن كۆزىدە شۇ ھامان ۋەيرانە جەڭ مەيدانى كۆرۈندى .: ھەممە يەردە چېچىلىپ ياتقان قۇرۇق مىشەك،كونسېرۋا قۇتىلىرى،قانغا بويالغان ھەربىي كىيىم ،كۆيۈپ كەتكەن ھەربىي ماشىنا ۋە بىرنەچچە ئوزۇق تالىشىپ قاۋىشىۋاتقان ئىتلاردىن باشقا جانلىق يوق .ئولوفقا شۇ ئايانكى بۇنداق خارابىلىق دۈشمەننى ئۈچۈن ھىساپسىز يوشۇرۇنۇش ئورنى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ،ئەرۋاھقا ئوخشاش دۈشمەن مەرگەنلىرى بەلكىم مۇشۇ ئەتراپتىكى مەلۇم جايدا يوشۇرۇنۇپ يارقان بولۇشى مۈمكىن ئىدى .تۇيۇقسىز ئۇ كاھىش دۆۋىلىرى ئارىسىدىن بىر سايىنىڭ غىلپال كۆرۈنۈپ يوقاپ كەتكەنلىگىنى بايقىدى
"چېچېن پۇقراسى ؟" ئولوف دۇربۇننىڭ كۆرۈش نىسبىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ياخشىراق كۈزۈتۈپ باقماقچى بولدىيۇ تۇيۇقسىز بىر يامان شەپىنى سېزىپ دەرھال ئۆزىنى دالدىغا ئالدى ،شۇ دەقىقىدە "پاڭ "قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بۇلۇڭدىكى تەشتەك پارە - پارە بولۇپ كەتتى .
" ئەبلەخ " دىدى جېنىدىن ئايرىلىشقا تاس قالغان ئولوف . سانكا ئوقنىڭ يۆلۈنۈشىدىن دۈشمەننىڭ ئوق چىقارغان ئورنىنىڭ 10نۇقتىدىكى كاھىش ئارىسى ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۈردى .

بۇندىن يېرىم يىل بۇرۇنلا سانكا چېچېن مەرگەنلىرى توغرۇسىدىكى ھەرخىل گەپ -سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئىدى .دۈشمەن گېرمانىيىدە ئىشلەنگەن MSC--90 تىپلىق ،ئاۋستىرىيىدە ئىشلەنگەن SSG--86 تىپلىق مەرگەنلەر مىلتىغى قاتارلىق ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللانغان ياللانما قوشۇن بولۇپ ،دائىم خارابىلىقتىكى ئاكوپلاردىن ۋە يەر ئاستى سۇ يوللىرىدىن روسىيە ئەسكەرلىرىگە زەربە بېرىدىكەن . دۈشمەننىڭ تاكتىكىسىدىن سانكا دۈشمەننىڭ ئاز دىگەندە ئىككى ئادەم ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۈردى . مەرگەنلىككە قارشى ئۇرۇشقا پىششىق سانكاغا شۇ نەرسى ئايانكى ھەقىقى مەرگەن ھەرگىزمۇ ئاسانلىقچە ئۆزىنىڭ يوشۇرۇنغان جايىنى ئاشكارە قىلمايدۇ ،چوقۇم دۈشمەننى ئۇۋىسىدىن ئالداپ چىقىپ ئاندىن جايلاش كېرەك .
دەسلەپكى يوشۇرۇنغان جايى بەكمۇ تار بولغاچقا سانكا باشقا بىر يوشۇرۇنۇش ئورنى تېپىش قارارىغا كەلدى .شۇ كۈنى كەچتا سانكالار يوشۇرۇنغان جايىدىن سوغۇرۇلۇپ چىقتى،گەرچە زۇلمەت قاراڭغۇ بولسىمۇ سانكالار يەنىلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆمۈلەپ مېڭىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ئەسلىدىكى ئورنىدىن 10نەچچە مېتىر يىراقلىقتىكى دۈشمەن تاشلىۋەتكەن ئاكوپقا كىردى ۋە كېچە قاراڭغۇلىغىدىن پايدىلىنىپ ئاكوپنى نىقاپلىدى .
ئىككىنچى كۈنى سەھەردە دۈشمەننى ئۇۋىسىدىن ئالداپ چىقىرىش پىلانى باشلاندى . يەمچۈك رولىنى ئولوف ئۈستىگە ئالدى ، ئوۋچى رولىنى بولسا سانكا ئۈستىگە ئالدى .ھەركەتتىن بۇرۇن سانكا "دراگونوف"تىپلىق مەرگەن مىلتىغىنى ۋە ئوپتىكىلىق مىلتىق دۇربۇنىنى دەرەخ شېخى قىياپىتىدە كۆڭۈل قويۇپ نىقاپلىدى .ئاندىن ئولوفتىن 6مېتىر يىراقلىقتىكى جايغا بېرىپ مىلتىغىنى ئاكوپتىن ئاۋايلاپ چىقاردى .
ئاكوپ ناھايىتى ياخشى نىقاپلانغاچقا باشقىلارنىڭ سېزىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولاتتى ، سانكانىڭ "ھەركەتنى باشلايلى "دىگەن ئىشارىسىنى كۆرگەن ئولوف قۇلاقچىسىنى بىر ياغاچقا ئىلىپ ئاكوپتىن سەل يۇقۇرى چىقاردى ۋە ئاستا مىدىرلىتىپ قويدى .بۇ تەرەپتە بولسا سانكا مىلتىق دۇربۇنى ئارقىلىق جىددىلەشكەن ھالدا يىراقتىكى بىنا توپىنى كۈزۈتۈشكە باشلىدى ، ئۇ دۈشمەننىڭ ھەركەت قىلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى ،ئەپسۇس بىر مىنۇت ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ئولوفنىڭ قۇلاقچىسىغا يەنىلا "ئوق" تەگمىدى . سانكا گۇرۇپپىسى ئامالسىز بۈگۈنكى ھەركەتنى توختۇتۇشقا مەجبۇر بولدى . لېكىن سانكاغا شۇ نەرسە ئايانكى بۇ چېچېن مەرگەنلىرى روسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇن تۈۋىدە بۇنداق يۈرۈشىگە ھەرگىز قاراپ تۇرمايتتى ،شۇڭا ھەركەت داۋاملاشسىلا،ئوۋنىڭ قىلتاققا چۈشۈشى تەبىئى ئىدى .
قۇياش غەرپكە قىيسايدى،پۈتكۈل جەڭگاھ قان رەڭگى شەپەق بىلەن پۈركەندى،سانكا ھەركەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى ، ئۇلار ئەتىگەنكى ئويۇنىنى 10نەچچە قېتىم داۋاملاشتۇردى .................
تۇيۇقسىز سانكا 0.2نۇقتىدا گۇمانلىق ئەھۋالنى بايقىدى ، ئۇ يەردە قارىماققا بىر دۆۋە ئوت - چۆپ تۇراتتى . ئىككى كۈنلۈك ئەتراپلىق كۈزۈتۈشتىن سانكا ئۇ يەردە ئەسلى بىر دۆۋە كاھىش پارچىسى بارلىىنى بىلەتتى،قانداقلارچە بىردەمدە ئوت - چۆپ ئۆسۈپ قالىدۇ ؟ دىمەك --------- چېچېن مەرگىنى !سانكا نەپىسىنى يىغىپ نىشاننى قارىغا ئالدى ،دۈشمەن مەرگىنى يالغان نىشان(قۇلاقچىغا)ئوق چىقىرىش ئالدىدىكى شۇ دەقىقىدە سانكا تەپكىنى باستى ...............................
ئىككى كۈنلۈك تىرىكىشىش ئارقىلىق سانكا گۇرۇپپىسى ئاخىرى بىر دۈشمەن مەرگىنىنى جايلىۋەتتى،لېكىن سانكا بىلەن ئولوفقا شۇ ئايان ئىدى -------- يەنە بىر ھىلىگەر تۈلكە قىلتاققا تېخى چۈشمىگەن ئىدى ،ئەكسىچە چۆچىگەن يىرتقۇچنىڭ تېخىمۇ ۋەھشىلىشىپ ،قۇۋلۇشۇپ كېتىشى ئېنىق ئىدى ...................................................................
4 - كۈنى .سەھەر ....... جەڭگاھ ئاسمىنىنى نېپىز ،قوغۇشۇن رەڭ تۇمان قاپلىغان بولۇپ كىشىگە بىر خىل بۇرۇقتۇملۇق ئاتا قىلاتتى .يىراقتا روسىيە ئارمىيىسى بىلەن چېچېن توپىلاچىلىرىنىڭ تۇقۇنۇشى تېخى داۋاملاشماقتا،توپ ئوقىنىڭ گۈمبۈرلەشلىرىگە پىلىموتلارنىڭ سايراشلىرى قوشۇلۇپ كەتكەن ئىدى .سانكا بىلەن ئولوف ئاكوپتا دۈشمەننىڭ ئۇۋىسىدىن چىقىشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتمەكتە ئىدى .
سانكاغا مەرگەنلىكتىن مەخسۇس تەربىيە ئالغان دۈشمەننىڭ ئەمدى بۇرۇنقى قىلتاققا چۈشمەسلىگىنى ئايان ئىدى ،شۇڭا ئۇ بۇ قېتىم باشقا ئۇسۇلنى قوللۇنۇشنى قارار قىلدى ،ئۇلار سىم بىلەن بىر ئادەم شەكلى ياسىدى ئاندىن ئولوفنىڭ ھەربىي چاپىنىنى ۋە قۇلاقچىسىنى كىيدۈرۈپ ،بۇ يالغان " ئەسكەرنىڭ " بوينىغا دۇربۇننى ئاستى ،يىراقتىن قارىماققا بۇ كىيىم ئاسقۇچ خۇددى روسىيە ئارمىيىسىنىڭ رازۋېتكا ئەسكىرىگە ئوخشايتتى، ئولوف ئۇنى ئاكوپتىن پەقەت قۇلاقچىنىڭ بىر قىسمى ۋە دۇربۇن ئەينىكىلا چىقىپ تۇرىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى .
ئاخىرقى ئېلىشىش باشلاندى ...........................................
ئىككى "دەرەخ شېخى " نىقاپلانغان ئاكوپتىن سىرتقا توغرىلاندى ،سانكا بىلەن ئولوف دۈشمەننىڭ پەيدا بولۇش مۈمكىنچىلىگى بار نىشاننى تەڭلا قارىغا ئالدى ................. ۋاقىت مىنۇتلاپ ئۆتمەكتە ،لېكىن دۈشمەننىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى .
تۇيۇقسىز خارابىلىقتىن ئوزۇق ئىزلەۋاتقان بىر توپ قۇش پالاقشىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى،ئۇلارنىڭ بىرنىمىدىن چۆچۈپ كەتكىنى ئېنىق ئىدى ،سانكا دۈشمەننىڭ قىلتاققا چۈشكەنلىگىنى ھىس قىلدى .......................................................
" ئولوف 11 - نۇقتىغا دىققەت قىل ،نىشاب پەيدا بولدى " دىدى سانكا پەس ئاۋازدا .ئوﻻٿدۇربۇننىڿكرىسؿبالگىسىنى دەرھال سانكا دىگەن نۇقتىغا توغرىلىدى ،ئۇ ناھايىتى تېزلا كاھىشلار ئارىسىدا ئاستا مىدىراۋاتقان بىر نىشاننى بايقىدى ،بۇ ۋاقىتتا سانكامۇ نىشاننى قارىغا ئېلىپ بولغان ئىدى ،سانكا ئەمدىلا تەپكىنى باساي دىيىشىگە نىشان يەنە تۇيۇقسىز غايىپ بولدى .
" بۇ خۇمپەر سېزىپ قالدىمۇ قانداق ؟"دەپ ئويلىدى سانكا ،دەل شۇ ۋاقىتتا "پاڭ " قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يالغان "ئولوف"نىڭ ئاكوبىدىن توپا تۇزۇدى ،ئارقىدىن يەنە بىر پاي ئوق ئېتىلدى ،لېكىن بۇ ئوقمۇ "ئولوف"قا تەگمىدى .
ئوق ئاۋازىدىن سانكا گۇرۇپپىسى نىشاننىڭ 10 - نۇقتىدا ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۈردى ۋە دۇربۇننى توغرىلىدى . مەرگەنلىك جېڭى تاكتىكىسى بويىچە مەرگەن ئىككىنچى پاي ئوقنى ئېتىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئەسلىدىكى ئورنىدىن يۆتكۈلىشى كېرەك ئىدى ،بولمىسا دۈشمەنگە ئۆز ئورنىنى بىلدۈرۈپ قوياتتى لېكىن نىمە ئۈچۈندۇر چېچېن مەرگىنى ئىككىنچى پاي ئوقنى ئېتىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۆز ئورنىدىن قىمىرلىمىدى ..............................
" ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلدى ساقام "
سانكا نىشاننى قارىغا ئالدى ،چېچېن مەرگىنى ئەمدى ھەركەت قىلىشىغا تەپكە بېسىلدى ..............................................................................................................
7.62مىللىمېتىرلىق ئوق نىشاننىڭ كاللىسىنى بۆسۈپ ئۆتتى ۋە ھاۋاغا قان ۋە مىڭە قېتىغىنىڭ ئارىلاشمىسىدىن ھاسىل بولغان قىزغۇچ تۇماننى چاچرىتىپ خارابىلىقتا يوقىدى .
ھەممە ئاخىرلاشتى ،روسىيە ئارمىيىسىنىڭ بۇ ئىككى مەرگىنى يېنىك تىندى .سانكا يىراقتىكى خارابىلىقتا ياتقان چېچېن مەرگىنىنىڭ جەسىدىگە قاراپ ئۆزىدە غەلىتىلا بىر سەزگۈنىڭ پەيدا بولغانلىغىنى ھىس قىلدى ، ئۇ ئەمدى ئۆزى 4كۈندىن بۇيان ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدەپ يۈرگەن بۇ رەقىبىگە ئىچ ئاغرىتىشقا باشلىدى .......................................................................

------------------------------------------
                          ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻳﺎﺯﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺳﯩﮕﻨﺎﻝ

   ----- ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ ! ---- ﺩﯨﺪﻯ ﻗﯩﺰ .
ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ ."ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﯓ -- ﺩﯨﺪﯨﻢ ﺩﯗﺩﯗﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ---- ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻫﯩﭽﻨﯩﻤﻪﻡ ﻳﻮﻕ .
----- ﻫﯩﭽﻘﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ---- ﺩﯨﺪﻯ ﻗﯩﺰ ﭘﻪﺭﯞﺍﺳﯩﺰ ﻫﺎﻟﺪﺍ .
----- ئاﻳﻠﯩﻖ ﻣﯘئاﺷﯩﻢ ئۆﺯﻩﻣﮕﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ .......................
----- ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﻪﻣﻤﻪ ئوﯕﺸﯘﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ----- ﺩﯨﺪﻯ ﻗﯩﺰ ﻛﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﯩﻨﯩﭽﻪ .
ئۆﺯﻩﻣﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﺶ .ئۈﭼﯜﻥ ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻡ ." ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﻤﻪﻥ ،ﻫﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﺴﻪﻡ ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﻢ ﺑﻪﻙ ئوﺳﺎﻝ " .
---- ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ ----- ﺩﯨﺪﻯ ﻗﯩﺰ ﯞﯨﻠﯩﻘﻼﭖ ﻛﯜﻟﮕﯩﻨﯩﭽﻪ .
ﺑﯘﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭ ﺗﻪﭘﭽﯩﺮﻩﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ئۆﻣﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﺑﯘﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﻡ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ،ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺩﯨﻴﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ !
----- ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻻﻳﯩﻖ ئەﻣﻪﺱ ،ﻣﻪﻥ ،ﻣﻪﻥ ...... ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰﺩﯨﻼ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئاﺭﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ، ﻫﻪﻡ .....ﻫﻪﻡ .........
----- ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﯓ ----- ﻗﯩﺰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئاﻏﺰﯨﻤﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ----- ئۆﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﻣﻪﻳﻤﻪﻥ .
ﻛﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﻟﯩﻖ ﻳﺎﺵ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،ﻗﯩﺰﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯧﻬﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﺮﯨﻤﻐﺎ ﺑﺎﺳﺘﯩﻢ !ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﺗﯧﺨﻰ ﺩﯨﻤﯩﮕﻪﻥ ئەﯓ ﭼﻮﯓ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﮕﯩﻢ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،ﺩﯨﻴﯩﺶ - ﺩﯨﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﻩﻗﯩﻘﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﺪﯨﻢ ،ئاﺧﯩﺮﻯ ﺩﯨﻴﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﻪﺧﺘﯩﻢ ئۈﭼﯜﻥ ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﻢ ﻛﯧﺮﻩﻙ ! ﺩﯨﺪﯨﻢ............!
"ﭼﺎﯓ " ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻛﻜﻪﻥ ﺗﻪﺳﺘﻪﻛﺘﯩﻦ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ئوﺕ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ !
---- ﺗﯧﺨﻰ ﺗﯧﻤﺎ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻳﺎﺯﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻐﯩﯔ ﺑﺎﺭ ﺩﯨﮕﯩﻨﻪ !ﻳﻮﻗﺎﻝ ،ﺳﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﯚﻳﯜﺷﯜﻣﮕﻪ ئەﺭﺯﯨﻤﻪﻳﺴﻪﻥ !!!
----------------------------------------------
                  
                             ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ

ئMەﭘﻪﻧﺪﻯ ئوﻳﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎئەﺕ 9ﺩﯨﻦ ئاﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ئاﺧﺸﺎﻣﻘﻰ ﻫﺎﺭﺍﻗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﯞﺍﯕﺸﯩﭗ ئاﻏﺮﯨﭗ ،ﮔﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ M ﯬئەﭘﻪﻧﺪﻯ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﻰ ﻛﺎﺭﯞﺍﺕ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﯞﯗﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘ ﺑﻮﻟﺪﻯ .Mئەﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻨﯩﻘﺘﺎ ﺋﯩﭽﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺭﺍﺯﯨﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ "ئۇﻑ" ﺩﻩﯞﻩﺗﺘﻰ ."ﻫﻪﺟﻪﭖ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﺩﻯ ﺑﯘ ﺳﯘ " .ﭼﺎﯕﻘﻰ ﻗﺎﻧﻐﺎﻥ M ئەﭘﻪﻧﺪﻯ ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻏﺎﻗﭽﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪﻯ .ﺑﺎﻏﺎﻗﭽﯩﻨﻰ ئاﻳﺎﻟﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .
" ﻣﻪﻥ ﺳﻪﻱ ئاﻟﻐﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ ، ئەتىگەنلىك ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ئوﺧﺸﯘﺗﯘﭖ ﺳﯘيۇقئاﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ،ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺩﻩﺯﻣﺎﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ ...... ﺳﯩﺰ ﺳﯚﻳﯜﭖ XXXX " .
M ئەﭘﻪﻧﺪﻯ ﻛﺎﺭﯞﺍﺕ ئۈﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺗﯘﺭﯗﭖ ﺩﻩﺯﻣﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﻛﺎﺳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﺷﻼﭖ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ئوﻟﺘﯘﺭﺩﻯ .
----- ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺑﯘ ؟ ئەﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ئۆﻳﮕﻪ ﻏﻪﺭﻕ ﻣﻪﺱ ﻛﻪﻟﺴﻪﻡ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﻳﺘﺘﻰ ،ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﯩﻐﯘ ؟؟؟
M ئەﭘﻪﻧﺪﻯ ﻗﺎﻧﭽﻪ ئوﻳﻼﭘﻤﯘ ئاﺧﺸﺎﻡ ئۆﻳﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﻰ ئاﻻﻫﯩﺪﻩ ﺧﻮﺵ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﯜﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ئەﺳﻠﯩﻴﻪﻟﻤﯩﺪﻯ . ﭘﻪﻗﻪﺕ ئۆﻳﮕﻪ ئاﺭﺍﻧﻼ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ،ئۆﻳﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ئۆﺭﯛﯞﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﯩﻼ ﻏﯘﯞﺍ ئەﺳﻠﯩﻴﻪﻟﯩﺪﻯ ...................................................
M ئەﭘﻪﻧﺪﻯ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺗﺎﻕ ئۆﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﯩﺪﺍ ئوﻏﻠﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ئوﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﻭﺭ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ .
----- ئوﻏﻠﯘﻡ ﻣﻪﻥ ئاﺧﺸﺎﻡ ﺳﺎئەﺕ ﻧﻪﭼﭽﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ ؟
----- ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ................... ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺑﯩﻨﺎﻧﻰ ﺑﯧﺸﯩﯖﻐﺎ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﻮﯞﻻﭖ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﯔ .
----- ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ،ﻧﯩﻤﻪ ﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯘ ئەﻣﺪﻯ .....ﻫﯧﻬﯧﻬﯧﻬﯥ . ئۆﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺟﯩﻢ ئۇﺧﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﻤﯘ ؟؟؟
---- ﻧﻪﺩﻩ ﺟﯩﻢ ئۇﺧﻼﻳﺘﺘﯩﯔ ،ئۆﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺷﺘﻪﻙ ﮔﯜﻟﻨﻰ ﭼﺎﻗﺘﯩﯔ ،ﺗﯧﻠﯩﻔﻮﻥ ئۈﺳﺘﯩﻠﯩﻨﻰ ئۆﺭﯛﯞﻩﺗﺘﯩﯔ ----ﺩﯨﺪﻯ ئوﻏﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﺘﺎ ----- ﺗﯧﺨﻰ ﻣﯧﻨﻰ ئوﻳﻐﺎﺗﺘﯩﯔ ،ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ئۆﻳﯩﻨﻰ ﻗﯘﺳﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻟﻐﯘﺩﯗﯓ .
M ئەﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﺍﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ : ئەﻣﯩﺴﻪ ئاﭘﺎﯓ ﮬﻪﺟﻪﭖ ............ ئۆﻳﻠﻪﺭ ﭘﺎﻙ - ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯩﻐﯘ ؟؟؟
----- ﻫﻪ ئاﭘﺎﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﯪئاﻣﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﻩﻣﺴﻪﻥ ،ئاﭘﺎﻡ ئاﺧﺸﺎﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﺳﻪﻥ ﻗﯘﺳﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯧﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﺎﺗﺎﻕ ئۆﻳﮕﻪ ئەپﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﯘﺳﯘﻕ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ﺳﻪﻥ " ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭ ﭘﺎﺳﻜﯩﻨﺎ ،ﻣﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ئاﻳﺎﻟﻰ ﺑﺎﺭ ئەﺭ " ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﯔ !
---------------------------------

                                           ﻗﯩﺴﺎﺱ
ئاﯕﻼﺷﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻫﻪﻗﯩﻘﻰ ﯞﻩﻗﻪﻣﯩﺶ ........................
ﻟﯩﻖ ﻳﻮﻟﯘﭼﻰ ئوﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ئۇﺯﯗﻥ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﻣﯩﻨﺒﻮﺱ ﺗﺎﻍ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ .ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﯩﻨﺒﻮﺳﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ،ﯪﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﻣﯩﻨﺒﻮﺱ ﺷﻮﭘﯘﺭﻯ --- ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ ﭘﯜﻛﯜﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 3ﻟﯜﻛﭽﻪﻙ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﻯ ،ﯰﻻﺭ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﻪﺭﺍﻫﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻨﺒﻮﺳﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﺘﻰ ،ﻣﯩﻨﺒﻮﺱ ﺗﻮﺧﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯰﻻﺭ ﺷﻮﭘﯘﺭ ﻗﯩﺰﻧﻰ "ﭘﻪﺳﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ "ﯴﭼﯜﻥ ﺯﻭﺭﻻﭖ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ .ﺷﻮﭘﯘﺭ ﻗﯩﺰ ﺟﯧﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﯨﭽﻪ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﭺ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺗﯩﻠﻪﭖ ﯞﺍﻗﯩﺮﯨﺪﻯ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯩﻨﺒﻮﺳﺘﯩﻜﻰ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭ ﭘﺎﯓ - ﻗﺎﺭﯨﻐﯘ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ،ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﺪﯨﻤﯩﻐﺎﻥ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﯞﯨﺠﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﯬﺭ ﯮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﺩﻯ " ﻗﻮﻟﯘﯕﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ " .................................. ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﯬﺭ ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﺪﯨﻼ 3ﻟﯜﻛﭽﻪﻙ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﺳﺴﻪﭖ - ﭼﻪﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ ،ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﯰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯘﺗﺘﻪﻙ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ،ﻟﯜﻛﭽﻪﻛﻠﻪﺭ ﺷﻮﭘﯘﺭ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻐﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﯰﻧﻰ ﺳﯚﺭﻩﭖ ﻣﯩﻨﺒﻮﺳﺘﯩﻦ ﯬﭖ ﭼﯜﺷﺘﻰ ﯞﻩ ﯮﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺳﯚﺭﻩﭖ ﯬﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺳﺎﯬﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻟﯜﻛﭽﻪﻛﻠﻪﺭ ﻛﯩﻴﯩﻢ -ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ،ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﻯ ﭼﻮﯞﯗﻟﻐﺎﻥ ﺷﻮﭘﯘﺭ ﻗﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻨﺒﻮﺳﻘﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ .
ﺷﻮﭘﯘﺭ ﻗﯩﺰ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭙﻼ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﯬﺭﻧﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯨﺪﻯ .
---- ﺳﯩﺰ ...ﺳﯩﺰ ،ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘ ،ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻤﯘ ﺑﯘ ؟
---- ﻣﯧﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭘﺘﯩﻤﯩﺶ ﺗﯧﺨﻰ ،ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﺩﯗﯓ؟ --- ﺩﯨﺪﻯ ﺷﻮﭘﯘﺭ ﻗﯩﺰ ،ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﯪﯕﻼﭖ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﯩﺴﻰ ﭘﯩﺨﯩﻠﺪﺍﭖ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .
ﺗﺎﻳﺎﻕ ﺯﻩﺭﺑﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ - ﻛﯚﺯﻯ ﻗﺎﻧﻐﺎ ﺑﻮﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﯬﺭ ﻏﻪﺯﻩﭘﺘﯩﻦ ﻏﺎﻟﯩﻠﺪﺍﭖ ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .
---- ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﻮﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﯘ ؟ ﭼﯜﺷﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ،ﻣﻪﻥ ﺑﯧﻠﻪﺕ ﯪﻟﻐﺎﻥ ،ﺑﯘ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﺍ ﯮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻫﻮﻗﯘﻗﻠﯘﻕ !
-----،ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺕ ،ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻣﯩﻨﺒﻮﺳﻨﻰ ﻫﻪﻳﺪﯨﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ! ﺩﯨﺪﻯ ﺷﻮﭘﯘﺭ ﻗﯩﺰ ﻛﻪﺳﻜﯩﻨﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ
----- ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯖﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﺑﯩﺰ ﯪﻟﺪﯨﺮﺍﻳﺘﯘﻕ ،ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﻠﻰ ﻳﻪﻧﻪ ........... ﯬﺗﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺟﯩﻢ ﯮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﯬﺭﮔﻪ ﺳﺎﻻ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ .ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺳﺘﻠﯩﻚ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﯬﺭ ﻗﻮﭘﯘﭖ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﯬﺭﻧﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﭗ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﯟﻩﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﯬﺭﻧﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜﭖ ﯮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻟﯜﻛﭽﻪﻛﻠﻪﺭ ﯮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﺷﯘﭖ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﯬﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﻙ - ﺗﺎﻗﯩﻨﻰ ﻣﯩﻨﺒﻮﺱ ﺩﻩﺭﯨﺰﯨﺴﯩﺪﻥ ﭘﯩﻘﯩﺮﺗﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﺷﺘﻰ ﯞﻩ ﯲﺯﯨﻨﻰ ﺩﯛﺷﻜﻪﻟﻠﻪﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻣﯩﻨﺒﻮﺳﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﯟﻩﺗﺘﻰ ،ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﺷﻮﭘﯘﺭ ﻗﯩﺰ ﻣﯩﻨﺒﻮﺳﻨﻰ ﯮﺕ ﯪﻟﺪﯗﺭﺩﻯ .ﻣﯩﻨﺒﻮﺱ ﯬﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﭘﯩﻘﯩﺮﺍﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﯬﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ ،ﺷﻮﭘﯘﺭ ﻗﯩﺰ ﯰﻧﯫﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﯪﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﯟﻩﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺭﻭﻟﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﭺ ﭼﯘﯞﯗﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯮﯕﺸﯩﯟﺍﻟﺪﻯ............................
ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺗﺎﻍ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،ﯪﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﯬﮔﯩﻤﺪﯨﻦ ﯲﺗﺴﯩﻼ ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻝ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺗﺎﻍ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺘﯩﭗ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﯬﮔﯩﻤﻨﯩﯔ ﯬﯮ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺗﯧﮕﻰ ﻛﯚﺯ ﻳﻪﺗﻜﯜﺳﯩﺰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻫﺎﯓ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺷﻮﭘﯘﺭ ﻗﯩﺰ ﻣﯩﻨﺒﻮﺱ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ،ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺑﯩﺮﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯘﻳﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻟﯜﻛﭽﻪﻙ "ﺳﻪﻥ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ؟ﯪﺳﺘﺎ ﻫﻪﻳﺪﻩ "ﺩﻩﭖ ﺭﻭﻟﻐﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﯬﭘﺴﯘﺱ ﯰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻛﯧﭽﯩﻜﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ................
ﯬﺗﯩﺴﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﮔﯧﺰﯨﺘﻜﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ : ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺷﻪﻫﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﭘﻪﯞﻗﯘﻻﺩﺍ ﺯﻭﺭ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ ،ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻨﺒﻮﺱ ﺗﯩﻚ ﻫﺎﯕﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﻣﯩﻨﺒﻮﺳﺘﯩﻜﻰ 13ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻤﯘ ﺳﺎﻕ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ ،ﯞﻩﻗﻪﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﻤﻪﻛﺘﻪ .........................
ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﯩﻨﺒﻮﺳﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﯬﺭ ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﯮﻗﯘﭖ ﺑﯘﻗﯘﻟﺪﺍﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﯰﻧﯩﯔ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻫﯩﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﻯ ...................................................
-------------------------------------------
                                       ﯞﻩﮬﺸﻰ ﺳﻮﺭﺍﻕ
ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﻫﯩﻨﯩﯔ 10ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮﺍﻡ ﻧﻪﺷﯩﺴﻰ ﻳﯜﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ................................
ﻗﺎﺭﺍ ﮔﯘﺭﯗﻫ ﻛﺎﺗﺘﯩﯟﯦﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﻧﺎ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﮕﻰ، ﻗﺎﺭﺍ ﮔﯘﺭﯗﻫ ئەﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎﻥ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﺋﯩﺰﺩﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئوﻏﺮﻯ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﮔﯘﺭﯗﻫﻨﯩﯔ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﭼﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ئۇﯞﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ ،ئەﭘﺴﯘﺱ ئوﻏﺮﻯ ﻣﺎﻟﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ .
ﺑﯘ ﮔﻪﭘﺘﯩﻦ ﻧﻪﺷﻪ ﺧﯘﻣﺎﺭﻯ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﺎﺗﺘﯩﯟﺍﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﮔﻪﺯ ئۆﺭﻟﻪﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ :
------ ئەﭘﭽﯩﻘﯩﺶ !ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﺳﺘﻪ ﻗﻮﻟﻠﯘﻧﯘﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﻧﻤﺎﻱ ﺑﯩﺮ ﺳﺎئەﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ !
ﻛﺎﺗﺘﯩﯟﺍﺷﻨﯩﯔ ئەﻟﭙﺎﺯﯨﺪﯨﻦ ﭼﯚﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﭼﺎﭘﺎﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﻪ ئوﻏﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺩﺍﻗﯩﺮﺗﯩﭗ ﺳﯚﺭﯛﮔﯩﻨﯩﭽﻪ ﺳﻮﺭﺍﻗﺨﺎﻧﯩﮕﻪ ئەﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ .
ﺑﯩﺮ ﺳﺎئەﺗﺘﻰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﭘﺎﺭﻣﻪﻥ ﻗﻮﺭﻗﯘﻣﺴﯩﺮﺍﭖ ﻛﺎﺗﺘﯩﯟﺍﺷﻘﺎ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ :
----- ﺋﯩﻘﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ...................
----- ﻫﯘ ﻧﺎﻧﻘﯧﭙﯩﻼﺭ ...........ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﭘﻮﻕ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ ﺋﯩﺸﻪﻛﻠﻪﺭ ...ﻫﯘ ...........ﻣﯩﻠﻪﺭ ----- ﻛﺎﺗﺘﯩﯟﺍﺵ ئاﻏﺰﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﭼﺎﭘﺎﺭﻣﻪﻧﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﺯﺍ ﺗﯩﻠﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ----- ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﺳﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺘﯩﯖﻼﺭ ؟
----- ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺘﯘﻕ ،ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ئۇﺭﺩﯗﻕ ،ﺗﯩﺮﻧﺎﻕ ئاﺳﺘﯩﻐﺎ ﻳﯩﯖﻨﻪ ﺳﺎﻧﭽﯩﺪﯗﻕ ............... ﻫﯩﭽﺒﯩﺮ ئەﻳﯟﻩﺷﻜﻪ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﻼ ........................ﺩﯨﺪﻯ ﭘﺎﭼﺎﺭﻣﻪﻥ ﻳﻪﺭ ئاﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﺎﺗﺘﯩﯟﺍﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ .
----- ئەﻣﺪﻯ ﻫﯩﭽﺒﯩﺮ ئاﻣﺎﻝ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻤﯘ ؟
ﻛﺎﺗﺘﯩﯟﺍﺵ ﭼﺎﭘﺎﺭﻣﻪﻧﮕﻪ سوئال ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍﭖ .ﭼﺎﭘﺎﺭﻣﻪﻥ ﺳﻮئاﻟﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ئۆﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﭖ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺷﯜﻣﺸﻪﺭﻩﭖ ﺗﯜﮔﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ .ئۇﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻛﺎﺗﺘﯩﯟﺍﺵ ﺯﻩﺭﺩﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ "ﻟﻪﻗﯟﺍ " ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖئۆﺯﯨﻨﻰ ﺳﺎﻓﺎﻏﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ،ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ - ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﻰ ﺷﻮﺭﺍﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ئوﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﻛﺮﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ :
------ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﻗﯩﺴﺘﺎﻕ ﻛﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﻪ ﻣﺎﯞﯗ ئاﻣﺎﻟﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ................... ﻣﺎﯓ ﭼﯩﻘﯩﭗ ئۇ ﮔﯘﻳﻐﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ 5 - ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﺎﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ئۇﻻﻧﻤﺎ ﺋﯧﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ ،ﺋﯩﻘﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻱ .
ﻳﯧﯖﻰ ئاﻣﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﻨﻰ ﻗﯩﻴﻨﺎﭖ ﻫﻮﺯﯗﺭ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ئاﻟﺪﯨﺮﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﭘﺎﺭﻣﻪﻥ ﻛﺎﺗﺘﯩﯟﺍﺵ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ئوﻗﺘﻪﻙ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺳﺎئەﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﻟﭙﺎﻳﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻛﺎﺗﺘﯩﯟﺍﺷﻘﺎ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ : "ﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ئۇ ﮔﯘﻱ  ﺋﯧﻼﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﯩﺰﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻨﻰ ﭘﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭘﻼ ﻗﻮﻳﺪﻯ ﺷﯘ ............
------ ئەﻣﯩﺴﻪ "ﻧﺎﯞﺑﻪﻳﺠﯩﻦ " ﻧﯩﯔ ﺋﯧﻼﻧﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ .......................
ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎئەﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﺎﭘﺎﺭﻣﻪﻥ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ :
----- ئۇ ﮔﯘﻱ "ﻧﺎﯞﺑﻪﻳﺠﯩﻦ " ﻧﯩﯔ ﺋﯧﻼﻧﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ئاﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﯜﻙ ﻗﺎﻳﻨﺎﭖ ﻫﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ


----- ﻫﻪﺟﻪﭖ ﭼﯩﯔ ﮔﯘﻳﻜﯩﻨﺎ ﺑﯘ ............ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﺗﯘﺭﻩ ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﻨﻮﺳﻰ ﺑﺎﺭ ،ﻫﯩﻠﯩﻘﻰ ﻫﯩﻠﯩﻘﻰ ..... ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻧﯩﻤﯩﺪﺍ ،ئۇﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ ،ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻭﺭﺍﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﻨﻮﻻﺭ (ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﻨﻮﻻﺭ ﺑﺎﺭﻣﯩﺶ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﻛﯩﻨﻮ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﺍﻟﻤﯩﺪﯨﻢ )،ﺷﯘ ﻛﯩﻨﻮﻻﺭﺩﯨﻦ ﻧﯩﺮﻧﻪﭼﭽﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ .......
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﻪئەﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﺎﭘﺎﺭﻣﻪﻥ ﻫﺎﺳﯩﺮﯨﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ :
------ 3ﻛﯩﻨﻮﻧﯩﯔ ئاﺭﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ ،ﻗﺎﻥ ﻗﯘﺳﯘﭖ ﻫﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﻫﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭙﻼ ﺑﯩﺰﻧﻰ"ﭘﻪﺳﻜﻪﺷﻠﻪﺭ"ﺩﻩﭘﻼ ﺗﯩﻠﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ ...........
ﻛﺎﺗﺘﯩﯟﺍﺵ ﻟﯧﯟﯨﻨﻰ ﭼﯩﺸﻠﻪﭖ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﺗﯘﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ئەﯓ ئاﺧﯩﺮﻗﻰ ﻛﻮﺯﯗﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ :
------ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻻﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ!
ﺑﯘﻧﻰ ئاﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﭼﺎﭘﺎﺭﻣﻪﻥ ﭼﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ :
----- ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯩﻜﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ،ﺳﯩﺰﻣﯘ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯧﻠﯩﯟﯦﺰﻭﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻼ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻥ ﻗﯘﺳﯘﭖ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ..........................
------ ﻣﺎﯓ ﺟﯘﮔﯘ ............ ﺑﯘ ئاﻣﺎﻝ ئەﺳﻘﺎﺗﻤﯩﺴﺎ ئەﻣﺪﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ئاﻣﺎﻝ ﻗﻮﻱ ..................
ﺑﯩﺮ ﺳﺎئەﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﺎﭘﺎﺭﻣﻪﻥ ﻫﯩﺠﺎﺭﯨﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﺎﺗﺘﯩﯟﺍﺷﻘﺎ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ :
------ ﮬﯩﻠﯩﻘﻰ ﺷﺎﺭﯗﻟﺨﺎﻥ ﺩﯨﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ قويۇپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ئاﻏﺰﻯ - ﺑﯘﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ئوﻗﺘﻪﻙ ﻗﺎﻥ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻫﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﺘﻰ ،ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺳﯘ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﻫﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯩﻨﻮﻧﻰ ﻗﻮﻳﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ ،ئۇ ﮔﯘﻱ ﻫﯚﻛﯜﺭﻩﭖ ﻳﯩﻐﻠﯩﻨﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ ....................................................................

Estami يوللانغان ۋاقتى 2007-1-5 01:11:31

ﭼﯧﭽﯩﻦ ﻣﻪﺭﮔﻪﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﯕﻠﻐﺎﻧﺘﯩﻢ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﻧﻰ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ.

ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻨﯩﭙﺘﯘ.

mutellip1104 يوللانغان ۋاقتى 2007-1-5 14:33:10

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2007-1-5 15:23:30

ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻛﯜﻟﯜﭖ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ...
ﺑﯘ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ، ﺑﯩﺮﻯ، ﺑﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ، ﻛﺎﭼﺎﺗﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2007-1-5 16:27:26

kanat520 يوللانغان ۋاقتى 2007-1-5 20:00:12

(ﻗﯩﺴﺎﺱ) ﺗﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺗﯧﻠﯟﯦﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ 12- ﻳﯘﺭﯗﺵ ﻗﺎﻧﯩﻠﯩﺪﺍ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪﻯ ﺭﻭﻝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﻓﯩﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ، ﺟﻮﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﯩﺒﯩﺮ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﻗﻪ .

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2007-1-5 20:18:13

ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ . ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﭙﺴﯩﺰ .

hamakat يوللانغان ۋاقتى 2007-1-5 20:57:24

ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻗﻮﻳﻐﯩﺪﻩﻙ ﺗﯩﻤﺎ.

semet يوللانغان ۋاقتى 2007-1-5 21:12:58

ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ !

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2007-1-5 21:21:44

ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ﺳﯩﺰﻣﯘ......

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2007-1-5 21:26:33

ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﺎﻣﺴﯩﺰ ﺳﯜﺯﯛﻙ ...........................

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2007-1-5 21:32:42

http://www.rongshuxia.com/rss/ld_index.rs?tp=1160642346

ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2007-1-6 00:25:34

ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﺟﯩﻨﻼﺭﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﻠﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻘﺎ ......................

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2007-1-6 10:31:14

ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﻮﻟﻼ ﭼﺎﻗﯩﺮﺍﻳﻠﻰ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2007-1-7 09:00:24

ﻛﻮﻧﺎ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻛﻮﻧﺎ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﻩ ..............www.izdinix.com

matu يوللانغان ۋاقتى 2007-1-8 08:59:52

ﻗﯩﺰﯨﻖ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻜﻪﻧﺴﻪﻥ،،،،ﭘﺎﺕ ﭘﺎﺕ ﻳﻮﻟﻼﯕﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭﻧﻰ...

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2007-1-8 13:44:01

ﻣﺎﯞﯗ \"ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ \"ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪﻣﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﺩﺍ \"ﺑﯘ ﻳﯘﻣﯘﺭ ﺗﻪﺭﻣﯩﻠﻪﺭ ﮊﻭﺭﻟﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﺳﯩﺰ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻣﺴﯩﺰ \"ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ ...........ﺑﯘ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻣﯩﻠﻪﺭ ﮊﻭﺭﻟﯩﻨﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﯘ؟ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﺎﻧﯩﺪﺍ؟

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 17:37:16

ماۋۇ تېمامنى ئۈستىگە چىقىرىپ قويايچۇ

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 18:09:23

تەرجىمىلېرىڭىز بەك ياخشى جۇمۇ! ئىنكاس يازمايدىغانلارغا سىگنال دىگەن يازمىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2008-9-17 21:37:27

رەھمەت،مۇشۇ كۈنلەردە ئالدىراشچىلىقتا بىرەر ماقالىنى تەرجىمە قىلىشقىمۇ ۋاقىت يوق دىسە .............

بەت: [1] 2
: ﻛﻮﻧﺎ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭ..............