suzuk يوللانغان ۋاقتى 2006-12-26 20:42:15

{ﺧﺎﻧﯩﻢ-ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ] ﺋﺎﺯﺍﭖ

مۇھەببەت-بىر تامچە ياش بىلەن ئاخىرلىشىپ، بىر ئۆمۈر سېغىندۇرىدىغان نەرسە.

ھەر كۈنى گۇگۇم يېيىلغاندا، سېغىنىشلىرىم دولقۇن ياساپ كېلىشكە باشلايدۇ. ھەممە نەرسە ئىس-تۈتەكتەك كۆزدىن يۈتكەندە، بارچە نەرسە ئۆزگەرگەندە، ئىلگىرىكى كۆز ياشلارنى، كۈلكىلەرنى، كۆيۈنۈشلەرنى ئېسىمدە تۇتالارمەنمۇ؟ بۇرۇنقى سۆيۈشلەرنى، كۆيگەن يۈرەكنى ئۇنتارمەنمۇ؟ ئەگەر ھاياتىمدا پەيدا بولۇپ باقمىغان بولساڭ، ھازىرقى ئۈمىدسىزلىكىممۇ بولمايتى. ئەگەر مەڭىزلىرىمدە سۆيۈشلىرىڭ قالمىغان بولسا، كېچىلەردە سېنى سېغىنماس بولغىيتىم...

ئايرىلغان بولساقمۇ ئۇنتۇپ باقمىدىم. قولۇمدىن كېلىدىغىنى ئەسلىمىلىرىم ئارىسىدىن سەۋدايىلارچە سېنى ئىزدەش. يالغۇزلۇققا كۆنۈپ قالدىم. قۇپقۇرۇق ئۆيدە، بىر بۇلۇڭدا تۈگۈلگىنىمچە كۆز ياشلىرىمنى ئېقىشىغا قويۇپ بېرىمەن. سەن كەتكەندىن كېيىن كۈنلىرىم تەنھالىق ئىچىدە ئۆتۈپ كەلدى. شۇندىلا سېنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمنى، قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. بەزىلەر كەتكەن مۇھەببەت قايتا قايتىپ كېلەلمەيدۇ دېيىشىدۇ، مەن بولسام كۈندە مۆجىزە يۈز بېرىشىنى، سېنىڭ قايتىپ كېلىشىڭنى خىيال قىلىپ يۈرىمەن. ۋاز كېچەلمىدىم، سەندىن راستلا ۋاز كېچەلمىدىم! گەرچە مەن تۇرغان شەھەردىن يىراقتا بولساڭمۇ، يەنىلا ھەر مىنۇت ھەر سىكۇنتتا سېنى سېغىنىپ تۇرىمەن. ئەينەكتىكى ئۇيقۇسىزلىقتىن سارغايغان چىرايىمغا قاراپ، ئاچچىق كۈلىمەن. بېشىمنى ئىككى ياققا بولىشىغا سىلكىيمەن، كېچىچە مۇشۇنداق قىلسام، ھارغىنىمدىن سېنى كاللامدىن چىقىپ كېتەرمىكىن دەپ ئويلايمەن.

ئەسلىمىلىرىم چاقناپ تۇرغان سۇنۇق ئەينەك پارچىلىرىدەك غۇۋا بۇلۇڭلاردا سوغۇق نۇر چېچىپ، ئاجايىپ بىر خىل سېھرى بىلەن مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. مەنمۇ ۋاز كېچىشنى خالايمەن، ئەمما شۇنچە ۋاقىتلاردىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈنلەردە چۈشلىرىمدە كۆرىدىغىنىم يەنىلا سەن. ساڭا بولغان ھېس-تۇيغۇلۇرىم يىراق كەتتى، دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەسلىدە ھەممىسى يەنىلا شۇ بۇرۇنقى نۇقتىدا ئىكەن ئەمەسمۇ! (ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ)

سېغىنىشنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئاخىرى بىلدىم. يانفوننى ئېلىپ تونۇش رەقەملەرنى سانسىز قېتىم بېسىپ، ئۇلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق؛ بىر تىكىلىپ قاراش، بىر كۈلۈمسىرەش، يېنىككىنە سۆيۈپ قويۇشقا بارلىقىنى ئاتاش؛ تۇزلۇق كۆز ياشلارنىڭ قانداقلارچە ئېقىپ چۈشكەنلىكىنى سەزمەسلىك.......

ئايرىلىش مەڭگۈلۈك.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنىڭ مۇشۇ يەردە سېنى كۈتۈۋاتقانلىقىمنى بىلەرسەنمۇ؟  سەنمۇ مەندەك ئامالسىز ئەھۋالدا قالغاندۇرسەنمۇ؟ ئايرىلىشىمىز پۈتۈلگەن ئىكەن يەنە نىمىشقا ئۇچرىشىمىز؟ ئەگەر سەن ئۇچرىمىغان بولساڭ، بۇ ئۆمرۈم قانداق ئۆتەر بولغىيتى؟  ھەمىشە سېنى ئەسلەپ قالىمەن بىراق سەن يېنىمدا يوق. سەن بىلەن بىللە ئۆتكەن كۈنلەرنى ئۇنتۇپ كەتسەم دەيمەن، سېنى يېنىمدىلا پەيدا بولسىكەن دەيمەن، بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى مۈمكىن بولمايدىغان ئىشلار... مەن سېنى سېغىنغاندا، سەن ئۈچۈن كۆز ياش قىلغىنىمدا مېنى ئېسىڭگە ئېلىپ قويغاندۇرسەنمۇ؟
مەن چېكىندىم، سەن ۋاز كەچتىڭ، مۇھەببىتىمىز مانا مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتتى. ئەگەر ئايرىلىدىغانلىقىمىزنى باشتىلا بىلگەن بولسام، ئەسلىمىلىرىمگە تەسەللىي قوشۇپ قويغان بولاتتىم. ئەپسۇس، مۇھەببەت يىراقلاپ كەتكەندە، غېرىچچە ئارىلىقمۇ مىليون چاقىرىمغا ئايلىنىدىكەن ئەمەسمۇ !

قاتمۇ-قات سېغىنىشلار سەۋەبىدىن تىنالمايمايمەن.
بىر ئادەمنى سۆيۈش سەۋەپ تەلەپ قىلمايدۇ،ئەمما بىر ئادەمنى ئۇنتۇش ئۈچۈن بولسا سانسىز سەۋەبلەرنى ئىزدەيمىز.
مۇھەببەت كۈلۈمسىرەش بىلەن باشلىنىپ، سۆيۈش بىلەن چوڭ بولۇپ، بىر تامچە ياش بىلەن ئاياغلىشىدۇ. ئەمما پۈتۈن بىر ئۆمۈر بىلەن ئەسلىنىدۇ. يېنىمدا بولمىغانلىقىڭ ئۈچۈن تەنھالىق ھېس قىلىمەن، يېنىڭدا بولمىغىنىم ئۈچۈن سېغىنىمەن.

ئاخىرى چۈشەندىم. بىر ئادەمنى سېغىنغاندا چوقۇم يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ. سۆيۈش چوقۇم بىرگە بولۇش دېگەنلىك ئەمەس، ۋاز كېچىشمۇ بىر خىل مۇھەببەت يەنە كېلىپ تولىمۇ يۈكسەك مۇھەببەت!

ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ

karikat يوللانغان ۋاقتى 2006-12-26 21:25:12

ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﭼﯚﻣﺪﯛﺭﺳﻪ ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺯﺍﭘﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .
  ﺋﺎﺯﺍﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﻤﺎﻕ ﺩﯨﻴﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺴﯩﺰ ﻛﯜﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺯﺍﭘﻼﻧﻐﺎﻧﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

baharxamili يوللانغان ۋاقتى 2006-12-26 21:35:08

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2006-12-26 22:35:55

ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯧﻐﯩﻨﺎﻣﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ ؟؟؟

nankipi يوللانغان ۋاقتى 2006-12-26 23:18:22

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯗ ﺩﯨﺴﻪ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ﺟﯘﻣﯘ...
ﻳﺎ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﺧﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﯩﯟﻩﺗﺘﯩﻤﯘ ﻳﺎ ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻧﻰ!

mux يوللانغان ۋاقتى 2006-12-27 07:20:13

sungril يوللانغان ۋاقتى 2006-12-27 09:33:23

ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯩﻦ ﻳﯘﺭﻩﻛﺘﯩﻦ ﺳﯚﻳﯘﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺷﯘﯕﺎ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ!!!

Patigul يوللانغان ۋاقتى 2006-12-27 09:59:37

ﺋﯘﻧﺘﯘﺵ ﻧﯘﻣﯘﺱ ﺋﻪﺳﻠﻪﺵ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻖ ،
ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞﺩﺍﻏﺎ ﺑﯘﻟﺪﯗﻡ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ .
ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻏﯩﺮﯨﭗ ﻣﺴﻜﯩﻦ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﻩ،
ﻣﻪﻏﺮﯗﺭ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ ﻳﻪﻧﯩﻼ .
ﻛﯩﻢ ﺑﯩﺮﯨﭙﺘﯘ ﺋﯘﻧﺘﯘ ﺩﻩﭖ ﭘﻪﺭﻣﺎﻥ؟
ﻗﻪﻟﺒﯩﻢ ﺋﺎﯕﺎ ﻛﯘﺗﺮﻩﺭ ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ .
ﺋﯘﻧﺘﯘﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺷﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ،
ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺳﯘﺯﻯ ﺳﯘﻳﻤﻪﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ .
ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﺎﻳﻤﻪﻥ ﺳﯘﻳﮕﯩﻨﻢ ﺳﯘﻳﮕﻪﻥ
ﻛﯘﻧﺪﻩ ﻣﯩﯔ ﺭﻩﺕ ﺋﯘﻧﯘﺕ ﺩﯨﺴﻪﯕﻤﯘ
ﻣﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻣﮕﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻣﻪﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ
ﻛﯘﻧﺪﻩ ﻣﯩﯔ ﺭﻩﺕ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﻳﯩﺴﻪﻣﻤﯘ.
ﺋﯘﻧﺘﯘﺵ ﺯﯗﺭﯗﺭ ﺑﯘﭘﻘﺎﻟﺴﺎ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ.
ﺋﯘﻧﺘﺎﻟﯩﺴﺎﯓ ﺋﯘﻧﯘﺕ ﺳﻪﻥ ﺗﯩﺰﺭﺍﻕ،
ﻗﻪﺑﺮﻩ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﮕﻪ ﺋﻪﻣﻤﺎ .
ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺷﺎﻳﻤﻪﻥ ﺋﯜﻟﯜﻣﺪﻩﻙ ﺋﯘﺯﺍﻕ .

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2006-12-27 15:30:08

ﺧﺎﺗﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ

Rachel يوللانغان ۋاقتى 2006-12-27 16:59:22

ﺋﯘﻧﺘﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺳﻠﻪﺵ~~~ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻖ~~~

yawoz يوللانغان ۋاقتى 2006-12-27 17:46:10

ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﺷﻘﺎ ﻛﯘﻧﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﻤﻪﻥ .

karquk يوللانغان ۋاقتى 2006-12-27 20:13:30

ﺭﺍﺳﯩﺖ ﺳﯩﻐﯩﻨﺶ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﻣﺎﻧﯩﻜﻪﻥ

tax-kiz يوللانغان ۋاقتى 2006-12-27 20:57:37

sungirl ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ،،،،ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺳﯚﻳﯘﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ،،،ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯧﻐﯩﻨﺴﺎﯕﻼﺭ ﻗﯩﺰﻻﺭﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺪﯗ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ.ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﮬﯩﺴﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ ﺧﺎﻻﺱ،

munisa0908 يوللانغان ۋاقتى 2006-12-27 21:34:41

ﺳﯩﻐﯩﻨﯩﺶ-ﺋﺎﺯﺍﭖ!

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2006-12-30 17:36:59

ﻳﺎﻕ، ﺑﯘ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ...ﺋﯘﺯﻩﯓ ﻳﯧﺰﯨﭙﺴﻪﻥ...

yultuz20 يوللانغان ۋاقتى 2007-1-10 09:13:34

ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻛﻼ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯘ.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2007-1-14 16:53:00

ﻗﯩﻨﻰ ؟
بەت: [1]
: {ﺧﺎﻧﯩﻢ-ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ] ﺋﺎﺯﺍﭖ