UqBulung يوللانغان ۋاقتى 2006-12-19 23:25:13

Excel XP دىكى ئەپچىل ئۇسۇللار

Excel XP دىكى ئەپچىل ئۇسۇللار
Excel XP جەدۋەل بىر تەرەپ قىلىشتا خېلى بىڭسى بار، شۇڭا كۆپچىلىكىڭلار ئۇنىڭغا ئامراققۇ دەيمەن.
1.        ھەر قېتىم ئوخشاش بىر جەدۋەل رامكىسىنى تاللاش.
بۇنداق دىسەم ھەيران قالماڭ، سىز مەلۇم بىر فونكىسيەنى سىنىغاندا بىر جەدۋەل رامكىسىدا تۇرۇپ سىنايسىزغۇ؟، ئەگەر فورمىلانى يېزىپ بولۇپ ئېنتىر كونۇپكىسنى باسسىڭىز، نۇر بەلگە ئاستىنقى جەدۋەل رامكىسىغا چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇنىڭ ئەپچىل چارىسى سىز Ctrl  كونۇپكىسى بىلەن قوشۇپ ئېنتىر كونۇپكىسىنى بېسىڭ بۇنداق قىلسىڭىز نۇر بەلگە ئاستىنقى جەدۋەلگە چۈشۈپ كەتمەي، ئۆز جايىدا تۇرىدۇ.
2.        سىز دائىم بىر ھۆججەتنىلا ئىشلتەمسىز ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئامالنى ئىشلىتىڭ.
دائىم ئوخشاش بىر ھۆججەتنى كۆپ ئىشلىتىدىغان بولۇپ ئاپتوماتتىك شۇ ھۆججەتلا ئېچىلىشنى ئارزۇ قىلسڭىز (مەسىلەن : a.xls ) ھۆججىتى دېسەك، ئۇنىڭ تىز قوزغۇتۇش ئۇلىنىش ھۆججىتىنى تۇرغۇزۇپ ئۇ ھۆججەتنى C:\Program Files\Microsoft office\office10\XLstart دىگەن مۇندەرىجىگە كۆچۈرۈپ قويسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ، كىيىن ئاچقىنىڭىزدا ئاپتوماتتىك سىز ئىشلەتمەكچى بولغان ھۆججەت ئېچىلىپ بېرىدۇ.
3.        ئوخشاش سانلىق مەلۇماتنى بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە خىزمەت جەدۋىلىگە كىرگۈزش ئازۇيڭىز بارمۇ؟
بۇنىڭمۇ ئامالى بار. سىز ئالدى بىلەن Ctrl كونۇپكىسىنى بېسپ تۇرۇپ خىزمەت لازىملىق خىزمەت جەدۋىلىنى چىكىڭ (مەسىلەن: Sheet1, Sheet2, Sheet3…) دىگەندەك ئاندىن خالىغان بىر خىزمەت جەدۋىلىگە كىرىپ لازىملىق كاتەكنى تاللاپ ماس ھەرىپنى كىرگۈزۈپ قايتۇرۇش كونۇپكىسىنى باسسىڭىز سىز بايام تاللىغان بارلىق خىزمەت جەدۋىلىنىڭ ئوخشاش جەدۋەل قۇرىغا ئوخشاش ھەرىپ نىڭ قىستۇرۇلغانلىقىنى بىلىسىز. (ئەگەر سىز ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىزمۇ ئوخشاشلا ئۈنۈم بېرىدۇ.)
4. زاپاس جەدۋەل ھۆججىتى تۇرغۇزۇش
ئەگەر سىز تەھىرىرلىگەن ھۆججختىڭىزنىڭ زاپاس نۇسخىسىنى تۇرغۇزماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكىدەك قىسلىڭىز بولىدۇ. سىز ئادەتتە ھۆججەتنى يېزىپ بولۇپ ساقلىغاندا ساقلاش، ياكى (باشقا نامدا ساقلاش) كۆزنىكىنى ئاچىسز، ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ ئوڭ ئۈستى تەرىپىگە قارىسڭىز (قورال) دىگەن تۈربار ، شۇ تۈرنىڭ يېنىدىكى كىچىك ئۈچبۇلۇڭنى چەكسىڭىز ئىچدە (دائىملىق تاللاش تۈرى) دىگەن تۈرنى چىكىپ چىققان كۆزنەكتىن (زاپاس ھۆججەت تۇرغۇزۇش) دىگەن تۈرنى تاللاپ مۇقىملاشتۇرۇڭ دە ھۆججەتكە ئىسىم قويۇپ ساقلىسىڭىز سىز قويغان ئىسىملىك بىر ھۆججەت ۋە شۇ ئىسىمنىڭ ئاخىرىغا زاپاس دىگەن خەت قېتىلغان يەنە بىر مەزمۇنى ئوخشاش ھۆججەتتىن بىرسى پەيدا بولىدۇ.  

5.        تىز سۈرئەتتە فورمىلا يېزىلغان جەدۋەل رامكىلىرىنى تېپىش
(تەھرىرلەش) تىزىملىكىدىن (بەلگىلەش) بۇيرۇقىنى چىكىڭ چىققان تىزىملىكتىن شەرتلىك بەلگىلەش كونۇپكىسىنى چىكىپ كۆرۈنگەن تاللش كۆزنىكىدىن (فورمىلا) دىگەن تۈرنى تاللاپ جەزىملەشتۈرسىڭىز نۆۋەتتىكى سىز ئىشلەۋاتقان جەدۋەلدىكى بارلىق فورمىلا قېتىلغان جەدۋەل رامكىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ilmi يوللانغان ۋاقتى 2006-12-20 10:06:07

ﻳﺎﺧﺸﯩﻜﻪﻥ

sadakat111 يوللانغان ۋاقتى 2006-12-20 11:29:14

ﺟﻪﺩﯨﯟﻩﻟﺪﻩ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﭘﭽﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﺎﺭﺩﯗ؟

yultuz20 يوللانغان ۋاقتى 2006-12-20 11:39:18

ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﭼﯩﺴﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ
ﻳﯘﻗﺮﯨﺪﯨﻦ-ﺗﯚﯞﻩﻧﮕﻪ ﺗﯩﺰﺳﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ....

UqBulung يوللانغان ۋاقتى 2006-12-20 13:02:10

ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺷﻪﺗﻠﯩﻚ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﻮﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯧﺮﻩﻟﯩﺴﻪ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
IF (F5>85,\"A\",IF(F5>75,\"B\",IF(F5>60,\"C\",\"D\")))OLAMDIKAN
ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﻓﻮﺭﻣﯩﻼﺩﺍ ﺋﻪﮔﻪﺭF5 ﻛﺎﺗﻪﻛﭽﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ 85 ﺩﯨﻦ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ \"ﺋﺎ\" ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،
75 ﺗﯩﻦ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ \"ﺏ\" ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، 60 ﺗﯩﻦ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎ  ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ \"ﺱ\" ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ\"ﺩ \" ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﮬﻪﺭﯨﭙﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺩﯦﻘﻘﻪﺕ: ﭘﻪﺵ ﭼﯩﻜﯩﺘﻠﻪﺭ ﻛﺎﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻮﺷﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻰ، ﮬﻪﻡ ﺩﯙﺗﻠﯩﻜﻰ.

UqBulung يوللانغان ۋاقتى 2006-12-20 13:02:11

ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺷﻪﺗﻠﯩﻚ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﻮﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯧﺮﻩﻟﯩﺴﻪ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
IF (F5>85,\"A\",IF(F5>75,\"B\",IF(F5>60,\"C\",\"D\")))OLAMDIKAN
ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﻓﻮﺭﻣﯩﻼﺩﺍ ﺋﻪﮔﻪﺭF5 ﻛﺎﺗﻪﻛﭽﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ 85 ﺩﯨﻦ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ \"ﺋﺎ\" ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،
75 ﺗﯩﻦ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ \"ﺏ\" ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، 60 ﺗﯩﻦ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎ  ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ \"ﺱ\" ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ\"ﺩ \" ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﮬﻪﺭﯨﭙﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺩﯦﻘﻘﻪﺕ: ﭘﻪﺵ ﭼﯩﻜﯩﺘﻠﻪﺭ ﻛﺎﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻮﺷﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻰ، ﮬﻪﻡ ﺩﯙﺗﻠﯩﻜﻰ.

hamakat يوللانغان ۋاقتى 2006-12-20 17:30:06

ﺭﺍﻧﻚ ﻓﻮﻧﻜﯩﺘﺴﯩﻴﻪﺳﯩﺪﻩ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: 31،56،49،65،49 ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻪﺵ ﺳﺎﻧﻨﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﻏﺎﻧﺪﺍ 49ﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 3-ﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﻰ ﺗﯩﺰﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، 31ﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، 4- ﺩﯨﻤﻪﺳﺘﯩﻦ، 4ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺗﻼﭖ 5- ﺩﻩﭖ ﺗﯩﺰﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟
ﻳﻪﻧﻰ
1. 65
2. 56
3. 49
3. 49
5. 31
ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟

UqBulung يوللانغان ۋاقتى 2006-12-20 20:02:44

ﺭﺍﻧﻚ ﻓﻮﻧﻜﯩﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻓﻮﻧﻜﯩﺴﯩﻴﻪﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ: ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ mode ﻓﻮﻧﻜﯩﺴﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﺳﺎﻧﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﺳﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﻤﯩﺰ،
ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﺭﺍﻧﻚ ﻓﻮﻧﻜﯩﺴﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺭﻩﺕ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﺪﯨﻦ n-1 ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﻩﺗﺴﻪﻙ ﺳﯩﺰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻜﻪ ﻳﯩﺘﯩﻤﯩﺰ.
ﺑﯘ ﺳﻪﻝ ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﭽﯩﻠﻖ،
ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ ﺑﺎﻗﺎﻱ .

hamakat يوللانغان ۋاقتى 2006-12-20 21:34:59

ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯩﺪﻯ، ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯘﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﻤﯘ ﺑﺎﺭ، ﻛﯧﻴﯩﻨﮕﻪ ﻗﻮﻳﺎﻱ.
بەت: [1]
: Excel XP دىكى ئەپچىل ئۇسۇللار