suzuk يوللانغان ۋاقتى 2006-12-16 11:34:16

[ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ] ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ

دۇنيادا ئاياللار ئىشىنىشكە بولمايدىغان ئۈچ نەرسە: ئەرلەرنىڭ ۋەدىسى، ئەرلەرنىڭ ھېسياتى، ئەرلەرنىڭ باھانىسى. ئەگەر ئۇ سىزگە مەڭگۈلۈك دەپ ۋەدە بەرسە، بۇ ئۇنىڭ ئۆز ھېسياتىغا تازا ئىشەنچ قىلالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر ئۇ سىزنى ھاياتىدىكى بىردىنبىر ئەڭ چوڭقۇر سۆيگەن ئادىمىم دېسە، بۇ ئۇنىڭ باشقا قىزلارغىمۇ شۇنداق سۆز قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر ئۇ كېچىكىپ قېلىپ ياكى كېلەلمەي قېلىپ سىزگە تۈرلۈك سەۋەپلەرنى كۆرسەتسە، ھەرگىزمۇ راست دەپ قالماڭ. ئەرلەر سەۋەپ توقۇش مۇتەخەسسىسى، ئۇلارنىڭ شۇ سەۋەپلىرىنى يىغىپ كەلسەك پەقەت بىرلا ئېغىز سۆز: باھانە.

ئەرلەر ۋەدە بەرگەندە چىن كۆڭلىدىن ۋەدە بېرىدۇ. ئەمما يۈز ئۆرۈگەندىمۇ ھەقىقى يۈز ئۆرۈيدۇ. ئۆزىنىڭ كۆڭلى ئۆزگەرگەن تۇرۇقلۇق يەنە سىزنىڭ ئەينى چاغدا ئۇنى جەلىپ قىلغان ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىدىن قاقشايدۇ.

ئەگەر بىر ئەركىشىگە قىزىقىپ قالسىڭىز، ئۇنىڭ ئالدىدا ئەقىل پارسىتىڭىزنى نامايەن قىلماڭ. چۈنكى ئەگەر سىزنىڭ سۆيۈپ قالغىنىڭىز بىر ئەخمەق بولسا، ئۇ ئەقىل پاراسەتنىڭ نېمىگە ئىشلىتىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئەقىللىق ئەر ھەرگىز ئەقىللىق ئايالنى ياخشى كۆرمەيدۇ. چۈنكى ئەقىللىق ئەر ئەسلىدىنلا ھارغىنلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان بولىدۇ، ئۇلار بىر ئەقىللىق ئايال بىلەن بىللە بولسا تېخىمۇ بەك ھارىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ.

بىر ئەرنىڭ سىزنى سۆيىدىغان سۆيمەيدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ سىزنى ئۆز دۇنياسىغا باشلاپ كىرىپ، دوست-بۇرادەرلىرىغا، بولۇپمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە تونۇشتۇرۇشنى خالايدىغان خالىمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر ئۇ سىزنى ئائىلىسىدىكىلەرگە تونۇشتۇرۇشنى پەقەتلا خالىمىسا، بۇ ئۇنىڭ سىزنى سۆيمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا ئايرىلىڭ، ھەرگىزمۇ ئالدانماڭ. ( ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ)
ئەگەر بىرى سىزگە ياخشى بىلىنىپ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك ھېس قىلسىڭىز، دەرھال ئۆزىڭىنى چىمداپ بېقىڭ، ئەگەر ئاغرىمىسا، مۇبارەك بولسۇن، چۈش كۆرۈۋېتىپسىز. ئەگەر ئاغرىق ھېس قىلسىڭىز، چۈشىڭىز بۇزۇلۇشتىن بۇرۇن دەرھال ئويغىنىڭ.

ئۇزۇن يىللىق قوغلاشقۇچىلىرىڭىزدىن پەخىرلەنمەڭ. ئۇنىڭ سىزنى قانچىلىك ۋاقىتتا سىزگە بىر تېلىفون قىلىدىغانلىقىغا، قانچىلىك ۋاقىتتا بىر ئىزدەيدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر بۇ ۋاقىت بىر ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۇ سىزنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ شۇنداق بىر ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىزنى قوغلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئەگەر ئۇ سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلسا، قەتئىيلىك بىلەن ئايرىلىپ كېتىڭ. ئەمما ئايرىلىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش كېرەك. مۇلايىم ۋە سىلىق-سىپايە بولۇڭ. بۇ ئۇنىڭ قەلبىدە ئەپسۇسلىنىش قالدۇرىدۇ. ئەگەر ۋارقىراپ-جارقىراپ سوقۇشسىڭىز، مىجەز كېلىشمىگەنلىكتىن ئايرىلغان بولۇپ قالىسىز.

ئۇنىڭ قەلبىدە كۆپرەك ئەپسۇسلىنىش قالدۇرۇڭ. چۈنكى ئەپسۇسلىنىش ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېچىنىشلىق گۈزەللىك. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ، ئېرىشەلمىگەن نەرسىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. شۇڭا سىز ئۇنى يوقاتقاندىن، ئۇ سىزنى يوقاتسا كۆپرەك ئەۋزەللىككە ئىگە بولىسىز.

رىۋايەت دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ سىزگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى. ئەپسانە دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ سىزگە ۋەدە بېرىشى. چۈش دېگەن نېمە؟ سىزنىڭ ئالدىنقى ئىككىسىنى ئاڭلىغاندىكى ھالىتىڭىز. ئەمىلىيەتتە مەنمۇ ئۇلارغا ئىشىنىشنى خالايمەن، خۇددى كوممونىزىمنىڭ ھامان بىر كۈنى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەندەكلا.

ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېيىشى سىزنى سۆيىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىزنى سۆيىمەن دېيىشى سىز بىلەن توي قىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىز بىلەن توي قىلىمەن دېيىشى سىزنى بىر ئۆمۈر ئاسرايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ سىزنى بىر ئۆمۈر ئاسرايمەن دېيىشى ئۇنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئوغۇل دوستىڭىز ( يولدىشىڭىز) غا تېلىفون قىلغاندا ئېلىنمىسا، ئالمىسا، قايتۇرمىسا، تېلىفۇن ئېتىك بولسا، يەنە بىر قېتىم قىلىشىڭىز ھاجىتى يوق. نېمىلا دېگەن بىلەن خەقنىڭ كۆڭۈللۈك ۋاقتىنى بۇزۇپ قويۇش ياخشى ئىش ئەمەس تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىڭىزنى يۈزىنى تۆكۈۋالىسىز.

قىزلار كۆپىنچە چاغلاردا خاتا تاللاپ قالىدۇ. دەسلىپىدە ئاق ئاتلىق شاھزادە دەپ قارىغان ئادەم ئاخىرى ئاق كۆزلۈك چارپاقا بولۇپ چىقىدۇ.

ئاسىيلىق قىلىش ئەرلەرنىڭ قېنى. تارتىۋېلىش ئەرلەرنىڭ شۇئارى، ئەركىنلىك ئەرلەرنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزى، يېڭىسىنى كۆرۈپ كونىسىنى ئۇنتۇش ئۇلارنىڭ خارەكتېرى.

ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ.
ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﺪﯨﻦ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2006-12-19 21:19:28

ﺋﯧﺮﯨﯖﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﭼﻪ ﺑﻮﺳﯘﻏﺎﯕﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﯕﻼﻳﻤﻪﻥ ...
ﮬﺎﺯﯨﺮ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰ ﺩﻭﺳﺘﯘﻣﻐﺎ \"
ﺑﻪﺯ ﻳﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯚﺷﯜﻙ ﻳﻮﻕ ،
ﭼﺎﺷﻘﺎﻥ ﻛﯩﺮﻣﻪﺱ ﺗﯚﺷﯜﻙ ﻳﻮﻕ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻲ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ
ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﻳﺎﻕ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﯦﺴﻪﻡ

bujahan يوللانغان ۋاقتى 2006-12-22 09:12:32

ﺋﻪﻱ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﯧﻠﯧﺮې ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻛﯧﺸﻠﻪﺭ ﺑﯧﺮ ﺑﯧﺮ ﮔﻪﯸﺸﻪﻥ ﻣﻪﺱ ﺑﯘ ﻟﯘﭖ ﻛﺎﻟﺪې؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ﻳﯘﺯﻩﻛﯥ ﭘﯧﻜﯧﺮ ﻛﯧﻠﻤﺎﻱ ﭼﯘﯕﻜﯘﺭ ﭘﯧﻜﯧﺮ ﻛﯧﻠﯧﯔ؟؟؟؟؟؟؟؟

Patigul يوللانغان ۋاقتى 2006-12-16 12:40:16


[]  ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯩﭻ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﯓ ..

zimistan15 يوللانغان ۋاقتى 2006-12-16 13:12:05

ﺑﯩﺰ ﻛﯩﺮﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﺳﺎﻕ ﺗﺎﺯﺍ ﺗﯩﻠﻠﯩﯟﺍﻻﻣﺴﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎ

mux يوللانغان ۋاقتى 2006-12-16 13:21:46

  ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﺍﻱ ﺩﻩﻣﺴﺰ ؟؟

   ﻣﯘﺷﯘ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻻﺭ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﯩﻼ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.


  ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻳﺘﺎﻕ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺳﺰ ﯞﻩ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺵ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ .

خارابات يوللانغان ۋاقتى 2006-12-16 13:22:17

ئەگەر ئۇ كېچىكىپ قېلىپ ياكى كېلەلمەي قېلىپ سىزگە تۈرلۈك سەۋەپلەرنى كۆرسەتسە، ھەرگىزمۇ راست دەپ قالماڭ. ئەرلەر سەۋەپ توقۇش مۇتەخەسسىسى، ئۇلارنىڭ شۇ سەۋەپلىرىنى يىغىپ كەلسەك پەقەت بىرلا ئېغىز سۆز: باھانە.
ﺑﯘ  ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻨﻰ  ﺳﻪﻝ  ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﯖﯩﺰ  ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ  ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ   ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ  ﻗﯩﻠﯩﭗ  ﻗﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ  ﻳﺎﻛﻰ  ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺗﯩﻜﯩﺴﺘﻰ   ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯩﻜﻪﻥ  ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﯩﻤﻪﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ  ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ  ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯘﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻦ  ﺑﺎﺷﻘﺎ  ﺋﯩﺸﻰ ... ﭘﯘﺗﯘﻧﻠﯩﮕﻰ ﻳﻮﻕ  ﮬﻪﺗﺘﺎ  ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ  ﻗﯘﺭﺩﺍ  ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩﻙ  ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ  ﺋﯘﭼﯘﻥ  ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ  ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﭗ  ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﯩﻤﯘ   ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ  ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ  ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ  ؟؟؟
ﺑﯘ  ﺳﻪﮬﻨﻪ  ﺋﻪﻣﺪﻯ  ﻏﻪﻳﯟﻩﺗﺨﺎﻧﺎ  ﺑﻮﻟﺪﯨﻤﯘ  ﻳﺎﻛﻰ  ﮬﯘﻗﯘﺵ  ﮬﯘﯞﻻﯞﺍﺗﺎﻣﺪﯗ

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2006-12-16 14:44:49

ﮬﺎ ﮬﺎ ،،ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻧﯩﻤﻪ ﻳﻮﻟﻼﭘﺴﯩﺰ ...
ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻧﯩﻤﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﭽﻰ ﺗﺎﺭﺩﯗ ،ﻣﯘﺷﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﯩﻤﻪ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ  ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻼﭖ ﮬﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻧﺘﯩﯖﻼﺭ ،ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﺘﯩﯖﻼﺭ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﻕ ﻏﻪﻳﯟﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﭘﺘﯩﻤﯩﺰ ...ﺑﻪﻙ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﺳﻜﻪﻧﺴﯩﻠﻪﺭ ﮬﻮﻱ .

yultuz20 يوللانغان ۋاقتى 2006-12-16 14:50:40

ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭ....
ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﻠﺪﯨﻢ

sungril يوللانغان ۋاقتى 2006-12-16 14:51:25

ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻐﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪ ﺩﻩﭖ ~~ﺯﺍﺩﻯ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﺑﯘ ﺧﻪﻗﻠﻪﺭﮔﻪ~~

umudwar308 يوللانغان ۋاقتى 2006-12-16 19:41:08

ﮬﺎ ﮬﺎ...ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺭﯗﻧﻰ ﻗﯩﺰﯨﭗ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯩﻐﯘ؟

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2006-12-16 20:54:31

ﺑﯩﺰﻣﯘ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ
ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺑﻮﺵ ﺳﻪﻛﺮﯨﯖﯩﺰﻟﻪﺭ  

Muntazir919 يوللانغان ۋاقتى 2006-12-16 20:56:44

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2006-12-16 21:42:38

ﻣﺎ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ.........

ﻣﻪﻥ ﻓﻮﺭﻣﯩﻼﻏﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ

salma يوللانغان ۋاقتى 2006-12-16 21:44:21

ﺳﯜﺯﯛﻛﻨﻰ ﭘﯩﭙﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﮔﻪ ﻛﻪﭘﺘﯘ. ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﭖ ... ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺩﻩﻣﺴﯩﺰﻳﺎ ... ﺋﻪﻣﺪﯨﻐﯘ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﺷﯘ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ، ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻤﯘ ﻛﻪﺗﻤﻪﺱ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎ ...

yultuz20 يوللانغان ۋاقتى 2006-12-17 16:03:04

ﺋﻮﮬﻮ!!!!ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯘ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﺟﻪﯓ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2006-12-17 16:20:32

ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﺎﻱ   ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ ﻳﯘﺭﯗﺷﯩﻤﯘ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﺋﯜﭼﯘﻧﻐﯘ ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﯩﺰﻻﺭﻻ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻻﺭﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺳﯩﻨﺎﺭﻣﯩﺪﻯ؟

qutyar يوللانغان ۋاقتى 2006-12-17 16:32:38

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺪﻯ~~~~~~`ﻗﯩﺰ ﺩﻭﺳﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﻳﻪﺩﻩ ﻛﯚﺭﻣﻪﯓ ﺩﻩﭖ ~

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2006-12-17 16:37:07

ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻥ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯧﻤﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﺎﻣﺴﯩﺰ.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2006-12-17 16:40:11

ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻓﻮﺭﻣﯩﻼﺭﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻐﯩﻤﯘ ؟  
بەت: [1] 2 3 4 5
: [ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ] ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﻧﻪﺭﺳﻪ