zilwa يوللانغان ۋاقتى 2006-12-15 20:44:18

نىكاھىن ئاجرىشىش ئالدىدىكى بىرئەرنىڭ ئېيتقانلىرى

توي قىلىشتىن ئىلگىرى بىردەم ئۇنى، بىردەم بۇنى ئالىمەن دەپ ماڭا پۇل خەجلەتكۈزۈشنىلا بىلەتتىڭىز، شۇ چاغلاردا سىزگە بىرەر ئېغىز گەپ قىلىپ باقتىممۇ؟ تويدىن كىيىنچۇ؟ سىز مېنىڭ مائاشىم، مۇكاپاتىم، ئىشقىلىپ ھەممە پۇللىرىمنى كونترۇل قىلىۋېلىپ، ماڭا پەقەت پۇل خەجلەتكۈزمەيدىغان بولۇۋالدىڭىز. سىز بىرەر ئەر كىشىنىڭ يانچۇقىدا پۇل بولمىسا ، باشقىلار ئالدىدا يۈز- ئابرويى بولمايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
       توي قىلىشتىن ئىلگىرى ، سىز مېنى چۈشىنەتتىڭىز، دەردىمگە يېتەتتىڭىز، شوڭا تولىمۇ ئوماق كۆرۈنەتتىڭىز، تويدىن كىيىنچۇ؟ ھە دىسىلا ئاەمگە ھەيۋە قىلىسىز، چالۋاقايسىز، باشقۇرىمەنلا دەپ تۇرىسىز، مېنى زادى ئېرىڭىز ئورنىدا كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟
     توي قىلىشتىن ئىلگىرى، ماڭا شۇنداق كۆيۈنەتتىڭىز، ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈپ ھالىمغا يېتەتتىڭىز، تويدىن كىيىنچۇ؟ پەقەت مېنىڭ پۇلۇمغىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان بولىۋالدىڭىز، ئېيتىڭە، مېنىڭ ھېسسىياتىم، خىزمىىتم، كەسپىمگە كۆڭۈل بۆلۈپ باقتىڭىزمۇ؟
      توي قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۆزىڭىزگە ئىشىنەتتىڭىز، ئۆزىڭىزنى باشقا قىزلاردىن ئۈستۈن كۆرەتتىڭىز، تويدىن كىيىنچۇ؟ ھەمىشە باشقا ئاياللارنىڭ مېنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئارقامدىن پايلاپلا يۈردىڭىز. سىز چارچىمىغان بىلەن مەن چارچاپ كەتتىم!
     توي قىلىشتىن ئىلگىرى ماڭا ئەركىلەيتتىڭىز، مېھرىڭىزنى بېرەتتىڭىز. تويدىن كىيىنچۇ؟ پەقەت بالىمىزغىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، مېنى ئۇنتۇپ كەتتىڭىز، قاچانلا قارىسا بالام، بالاملا دەيسىز، مېنى پەقەتلا ئويلاپ قويمايدىغان بولىۋالدىڭىز.
    بەلكىم خىيالىڭىزغا كەلتۈرمىگن بولىشىڭىز مۈمكىن، مەنمۇ ئوتتۇرا ياشقا بېرىپ قالدىم. ئۇياققا قارىسام چوڭلار، بۇياققا قارىسام ئائىلە. خىزمەتتىكى رىقابەت، بېسىمنى دىمەيلا قوياي، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكى مېنى ھەقىقەتەن چارچىتىپ قويدى. ئويلاپ بېقىڭ، ماڭىمۇ ئاسانمۇ؟
    سىزگە شۇلارنى دىگۈل كېلىۋاتىدۇ، بەزىدە مەن سىز بىلەن ئۆز ئارا ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنى، مېنى چۈشىنىشىڭىزنى، قەلبىمنى ئىللىتىشىڭىزنى، يۈكۈمنى، ھارغىنلىقىمنى ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىتىشىڭىزنى شۇ قەدەر ئارزۇ قىلىپ كېتىمەن، بىراق سىز......
    مەن ئىككىيلەننىڭ تويدىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بىر- بىرىمىزگە كۆيۈنۈشىمىزنى ئارزۇ قىلىمەن. ئۇ چاغلاردا مەن بىرەر پارچە ياخشى كىتاپ ئوقۇسام، مېنى ماختاپ كېتەتتىڭىز. يالغۇزلۇق ھېس قىلغان چاغلىرىمدا، ئوماق كۈلكىلىرىڭىز بىلەن كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇراتتىڭىز، بىر- بىرىمىزگە تىكىلگىنىمىزدە، كۆزلىرىمىزدىن بىر- بىرىمىزنىڭ ئەكسىنى كۆرەتتۇق، ئەكسىنىلا ئەمەس، بىر خىل چوڭقۇر مۇھەببەتنى كۆرەتتۇق........

" شىنجاڭ ئاياللىرى" ژورنىلىدىن ئېلىندى

mux يوللانغان ۋاقتى 2006-12-16 07:52:00

  ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻣﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺘﺘﯩﯖﯩﺰ . ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﻗﺘﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ؟  ﻳﺎﻕ ﻳﺎﻕ ﻳﺎﻕ  ﺩﻩﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﯖﯩﺰ ؟

yultuz20 يوللانغان ۋاقتى 2006-12-16 10:41:20

ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ...

qiqek يوللانغان ۋاقتى 2006-12-16 21:10:02

ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺗﯧﺨﻰ!؟...

qiqek يوللانغان ۋاقتى 2006-12-16 21:10:05

ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺗﯧﺨﻰ!؟...

nazuk007 يوللانغان ۋاقتى 2006-12-17 17:52:04

ﺯﯨﻠﯟﺍ،ﺑﯘ ﺋﯜﺯﯛﻧﺪﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ،ﻛﯚﭖ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ (ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ)ﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ،ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﻐﯩﺪﻩﻙ

munisa0908 يوللانغان ۋاقتى 2006-12-17 18:10:44

ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﻰ ﺗﻪﺷﻜﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎ ﺑﻮﻟﻐﯩﺪﻩﻙ!

zilwa يوللانغان ۋاقتى 2006-12-17 22:08:55

ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻣﯘ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻳﻮﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

     ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﯕﻼﺭ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺳﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﯖﻼﺭ، ﺋﯚﺯﻩﯕﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﯕﺴﻪﭖ ﺑﺎﻗﺎﺗﺘﯩﯖﻼﺭ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺱ، ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ،   ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻼﻧﻤﺎﻳﯟﺍﺗﺎﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﭼﯩﻘﻤﯩﺪﻯ.

halqish يوللانغان ۋاقتى 2006-12-21 15:51:55

ﻣﯘﺷﯘ  ﻳﻪﺭﮔﯩﻼ  ﻳﻮﻟﻼﯞﻩﺭﻣﻪﻣﺴﯩﺰ  ،  ﻛﯚﺭﯨﯟﯦﺮﯨﻤﯩﺰ
بەت: [1]
: نىكاھىن ئاجرىشىش ئالدىدىكى بىرئەرنىڭ ئېيتقانلىرى