گېرمان خەنزۇشۇناسى: "ھازىرقى جۇڭگو ئەدەبىياتى ئەخلەتتۇ
گېرمان خەنزۇشۇناسى: "ھازىرقى جۇڭگو ئەدەبىياتى ئەخلەتتۇر" دېدىچوڭچىڭ سەھەر گېزىتىنىڭ 11-دېكابىردىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، خەلقئارا خەنزۇشۇناسلىق ساھەسىدە بەلگىلىك شۆھرەتكە ئىگە گېرمانىيىلىك خەنزۇشۇناس گۇبىن يېقىندا گېرمانىيە نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىسى بولغان "گېرمانىيە ئاۋازى"نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇشتۇمتۇت: "بۈگۈنكى جۇڭگو ئەدەبىياتى ئەخلەتتىن ئىبارەت؛ جۇڭگو يازغۇچىلىرى بىر-بىرىنى كۆرەلمەيدۇ؛ جۇڭگولۇق يازغۇچىلار ئىنتايىن قورقۇنچاق" دېگەن سۆزلەرنى قىلىپ، جۇڭگو ئەدەبىيات ساھەسىنى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەن.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، گۇبىن ئىنتايىن كەسكىن ئىبارىلەرنى قوللانغان. جۇڭگو ئەدەبىياتىدا بىرمەزگىل شۆھرەت قازانغان "بۆرە توتېمى"غا باھا بېرىپ: "بۇ كىتاب جۇڭگونىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈۋەتتى" دېگەن. گۇبىن جۇڭگونىڭ ھازىرقى شېئىرىيىتىگە قارىتا سىلىق تەلەپپۇزدا باھا بېرىپ: "جۇڭگو شېئىرىيىتىدە بىرقىسىم يامان ئەمەس، ئوۋياڭ جياڭخې، شىچۇئەندەك ياراملىق شائىرلار بار" دېگەن.
باشقا جانىرلاردا يازىدىغان ئەدىپلەرنى ئۇ ئاياپ ئولتۇرمىغان، ئۇ مۇنداق دېگەن: "گېرمانىيىنىڭ ھەممىلا يېرىدە يازغۇچىلار بار، ئۇلار گېرمانىيىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، گېرمانىيە خەلقىگە ۋاكالىتەن سۆزلەيدۇ، شۇڭا بىزدە گېرمان ئاۋازى بار، ئەمما جۇڭگونىڭ ئاۋازى قېنى؟ ئۇنداق ئاۋاز يوق. جۇڭگو يازغۇچىلىرى بەكمۇ قورقۇنچاق. ئەسلىدە لۇشۈن كۈچلۈك ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئىدى. قاراپ بېقىڭ، ھازىر جۇڭگودىن ئاشۇنداق يازغۇچىدىن بىرى تېپىلامدۇ؟ تېپىلمايدۇ" دېگەن.
گۇبىن يەنە مۇنداق دېگەن: "جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ چەت ئەل ئەدەبىياتىغا بولغان چۈشەنچىسى ئىنتايىن تېيىز. نۇرغۇن يازغۇچى چەت ئەل تىلى ئۆگەنگەندە يېزىقچىلىقىمىزنى بېيىتقىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق، ھازىرقى جۇڭگو يازغۇچىلىرىدىن نېمىشقا چەت ئەل تىلىنى ئۆگەنمىدىڭىز؟ دەپ سورىسىڭىز، چەت ئەل تىلىنىڭ ئانا تىلىمىزنى بۇزۇشلا رولى بار، دەپ جاۋاب بېرىدۇ"
ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻝ ﺗﻮﺭﻯ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ!
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍ ﺑﻮﻻﻱ ﺩﯦﺪﻯ. ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﮔﯚﮬﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺘﻰ؟؟؟؟

ﺑﻪﻙ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﭙﺘﯘ،ﺩﯨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺯﺍﺩﻯ ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﺑﯘ ﻧﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﻰ!!! ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﻟﯩﻜﯩﻦﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻘﻤﻰﺋﻪﺧﻠﻪﺗﺘﻪﻙ ﻛﯚﺭﯨﻨﯩﺪﯗ ﻣﺎﯕﺎ،،، ﺳﻪﯞﻩﭖ ﻛﯚﭖ...

ﺑﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﮬﻮﺷﯘﺭ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﯘﻧﯘ ﮔﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ :
ﺳﻪﻛﺴﯩﻨﯩﻨﺠﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ......................
ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ!ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﺘﻪﻙ ﻛﻪﻧﺪﻩ،-ﮬﻪ!
ﺋﺎﻟﻼﮬ ﻣﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﺧﯩﺖ-ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ ﻳﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ .
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ﻣﻪﻥ - ﺑﯘﯞﺍﻣﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﯨﺴﻰ ... ﺑﺎﮬﺎﺭ ...
ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻝ ﺋﯚﺯﻩﯕﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺴﻪﻥ . ﺭﺍﺱ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯩﺪﯗ ؟ ﮬﺎ ﮬﺎ ﮬﺎ ﮬﺎ ﮬﺎ ﮬﺎ ﮬﺎ ﮬﺎﻣﻪﻥ ﺑﻪﻙ ﺧﻮﺵ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ، ﺋﺎﻟﻤﺎﺱ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ؟ ﺟﻮﯕﮕﯘﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯩﻤﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ؟

ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ!!! ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺳﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﯖﻰ، ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ،ﺗﻮﭘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﯧﺠﺎﺩﯨﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﻏﻪﺭﯨﭗ ﺋﯧﺪﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ ، ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﺎﻟﭙﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻳﮕﯜﺯﯛﭖ،ﺑﯚﺷﯩﻜﯩﺪﯨﻼ ﺋﯘﺟﯘﻗﺘﯘﺭﯗﯞﯨﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﭼﻘﺎ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﺗﻪﺭ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.

引用:
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳﺎﺯﺍﻟﯩﻐﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯩﻠﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪﻛﻤﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﻤﻪﻳﺘﯘﻕ.
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯩﻢ.ﺋﯘ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﺴﺎ ﺋﯘﭺ ﻳﯩﻞ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ،ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯧﺪﯨﻴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯜﺯﯛﻧﺪﯨﺴﻰ ﺗﯧﺮﻣﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﺑﯩﺮﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!....
بەت:
[1]