zilwa يوللانغان ۋاقتى 2006-12-5 08:17:19

ئەڭ جەلىپكار ئايال بولۇشىڭىزدىكى يەتتە مەخپىيەت

گۈزەللىكنى سۆيۈش ئىنساننىڭ تۇغما تەبىئىتى، بولۇپمۇ ئاياللار گۈزەللىكنى سۆيىدۇ. ھەرقانداق ئايالنىڭ مەيلى ئۇ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ساھىپجامال ئايال بولسۇن ياكى كۆرۈمسىز ئايال بولسۇن ئۆزىگە خاس جەلىپ قىلىش كۈچى بولىدۇ. بۇ خىل جەلىپ قىلىش كۈچى بەزىلەرنىڭ گۈزەل ھۆسنى- جامالىدا ئىپادىلەنسە، بەزىلەرنىڭ ئاق كۆڭۈللىكىدە، ياخشى مىجەز- خۇلقىدا، ئۆزىگە خاس خاراكتېرىدە ئىپادىلىنىدۇ.
1. گۈزەللىك---- جەلىپكار بىر ئايالنىڭ ئەڭ ئاۋال كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغىنى دەل ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسنى- جامالىدۇر. بىراق ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ چىرايى گۈزەل بولىۋەرمەيدۇ. چىرايى ئادەتتىكىدەك بىر ئايالدا گۈزەللىككە ئىنتىلىش تۇيغۇسى بولسا، ئۆزىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ بارسا، ئۇ ئوخشاشلا گۈزەل جەلىپكار ئايال بولالايدۇ.
2. ئاق كۆڭۈللۈك----- ئاياللارنىڭ جەلىپكارلىقى ئۇنىڭ روھى دۇنياسى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەگەر گۈزەل چىرايغا ياخشى مىجەز- خۇلق، ئاق كۆڭۈللۈك قوشۇلسا ئۇ ئايال كىشىگە تېخىمۇ يېقىملىق، تېخىمۇ جەلىپكار بولۇپ كۆرۈنىدۇ. ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى بويسۇندۇرالايدىغان ئەڭ زور جەلىپ قىلىش كۈچىمۇ دەل ئۇلارنىڭ ئاق كۆڭۈللىكىدۇر. مۇلايىم، ئاق كۆڭۈل ئاياللار ھەممىلا يەردە باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا، ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدۇ.
3. كەڭ قورساقلىق ---- بۇ بىر خىل ياخشى خىسلەت بولۇپ، كۆڭۈل- كۆكسىنى كەڭ تۇتۇش، بەشى ئۇششاق ئىشلارغا، غەيۋەت- شىكايەتلەرگە پەرۋا قىلماسلىق، ئەپۇچان بولۇش قاتارلىقلارنى ئۈگىنىۋالغاندا ئۆزىنى ھەم باشقىلارنى خوشال قىلغىلى، بەزىبىر كۆڭۈلسىزلىك، ئارازىلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. كەڭ قورساق ئاياللارنى باشقىلار ھۆرمەت قىلىدۇ. كەڭ قورساق بولغاندا كۆڭۈل ئازادىلىكى بولىدۇ. كۆڭۈل ئازادىلىكى بولغاندىلا ئادەمنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ، چىرايى نۇرلۇق كۆرۈنۈپ، جەلىپكارلىقىنى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ قالالايدۇ.
4. ئاياللىق نازاكەت---- بۇ ئاياللارغا خاس گۈزەل خۇلقلارنىڭ بىرى. يېقىملىق، نازاكەتلىك ئاياللار چىرايى ئانچە گۈزەل بولمىسىمۇ ئوخشاشلا باشقىلارنى جەلىپ قىلالايدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر ئايالنىڭ سالاپىتىگە نازاكەت قوشۇلسا، ئۇ تېخىمۇ جەلىپكار ئايال بولالايدۇ.
ئازراق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپلا ئۆزىنى ناھايىتى قالتىس چاغلاپ، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئالدىرىغاندا ئاياللارغا خاس نازاكەت يوقىلىپ، باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىش ئوبېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شوڭا ئاياللار بۇ جەھەتتە ئۆزىگە دىققەت قىلىشى، ئۆزىنى قەدىرلىشى، بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
5. پاكلىق ----- بۇ ھەر بىر ئايالدا بولۇشقا تېگىشلىك بىر خىل ئېسىل پەزىلەت بولۇپ، گۈزەل ئەخلاق ۋە پاكلىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ، ياخشى كۆرۈشىگە ۋە ھۆرمەت قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەخلاقلىق، پاك ئاياللارنىڭ كۆزىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە غۇرۇر تۇيغۇسى چاقناپ تۇرىدۇ.
6. ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ---- ئالاھىدىلىك، گۈزەللىكتۇر. بىر ئايال ئانچە چىرايلىق ياش بولمىسىمۇ ئۆزىدە باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچە خاراكتېر ئالاھىدىلىكى يېتىلدۈرگەن بولسا، ئۇ باشقىلاردا يوق جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان بولىدۇ.
7. ئۆزىگە ئىشىنىش ---- ئۆزىگە ئىشەنچىسى كۈچلۈك ئاياللارنىڭ بېشىنى تىك تۇتۇپ، مەردانە قىياپەتتە مېڭىشلىرىمۇ كىشىدە بىر خىل زوقلىنىش قوزغايدۇ. ئاياللار ئالدى بىلەن ئۆزىگە ئىشەنگەندە، ئۆز قەدىر - قىممىتىنى تونۇپ يەتكەندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە قەدىرلىشىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان، تەربىيە كۆرگەن، ئىقتىدارلىق ئاياللار ھەرقانداق جاي، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزىگە بولغان كۈچلۈك ئىشەنچ تۇيغۇسى بىلەن ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.
دىمەك، چىرايىڭىزنىڭ گۈزەل ياكى ئادەتتىكىدەك بولۇشدىن قەتئىينەزەر، يۇقۇرىقى بىر قانچە تەرەپلەرنى ئۆزىڭىز يېتىلدۈرەلەيدىكەنسىز، سىز ئەڭ جەلىپكار ئايال ھېساپلىنىسىز.

(«قىز ئاياللار مەخپىيىتى» دىن ئېلىندى)

yapun يوللانغان ۋاقتى 2006-12-5 09:56:57

mux يوللانغان ۋاقتى 2006-12-5 10:18:55

ﻗﻪﻟﯩﭗ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﮕﻰ ﻣﯘﮬﯩﻤﯘ ﻳﺎ   ﭼﯩﺮﺍﻱ ؟؟؟

yultuz20 يوللانغان ۋاقتى 2006-12-5 12:16:17

ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻗﻪﻟﯩﺐ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﺠﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ....

melody يوللانغان ۋاقتى 2006-12-5 17:31:12

ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ، ﻛﯘﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩﻩﻙ.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2010-9-20 20:50:05

چىراي گۈزەللىكىمۇ ئەلۋەتتە مۇھىم....

قەلب بىلەن بىرلەشسە ھەقىقىي گۈزەللىكتە!!

ئاڭلىسام چىرايلىق قىز ئېلىشمۇ سۈننەتمىش....

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 09:55:44

بەك ياخشى گەپلەركەن،بولۇپمۇ ئاق كۆڭۈللۈك،كەڭ قوساقلىق دىگەنلەرنى قىلىمەن دەپلا قىلىۋالغىلى بولىدىغان خىسلەتلەر ئەمەس...

tvman يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 10:00:58

مەنمۇ سۈننەتچى بوپ كىتەيمكى

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 12:00:54

چىرايلىقنى ئېلىش سۈننەت ئەمەس، بەلكى دىن - ئەقىدىسى جايىدا بولغىنىنى ئېلىش سۈننەت .

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-10-13 12:05:05

tvman:
مەنمۇ سۈننەتچى بوپ كىتەيمكى

بۇ نىمە گەپتۇ ئەمدى.

بەت: [1]
: ئەڭ جەلىپكار ئايال بولۇشىڭىزدىكى يەتتە مەخپىيەت