@TuranTekin يوللانغان ۋاقتى 2006-11-21 19:41:32

ئەخمەق (دۆت) ئىشەك



بۇرۇن بىر سودىگەر بازاردىن ناھايىتى كۆپ تۇز سېتىۋاپتۇ. ئۇ تۇزنى تاغارغا قاچىلاپتۇ، ئاندىن ئىشىكىگە ئارتىپتۇ.
- ماڭ! ئۈيۈمىزگە كىتەيلى! – دەپتۇ سودىگەر ئىشەكنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتىپ، ئەمما ئىشەك تۇزنى بەك ئېغىر كۈرۈپ، نارازىلىق بىلەن مېڭىپتۇ. بازار بىلەن يېزىنى بىر دەريا ئايرىپ تۇرۇدىكەن. دەريادىن ئۆتكەندە، ئىشەك يۈكنى كۈتۈرەلمەي دەلدەڭشىگىنىچە يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. تاغاردىكى تۇز سۇدا ئىرىپ پۈتۈنلەي ئېقىپ كىتىپتۇ.
- ئاپلا! تۇزنىڭ ھەممىسى ئېقىپ كەتتى. ھەي! مەخلۇق! سەن نىمە دىگەن دۆت- ھە! – دەپ غۇتۇلداپتۇ سودىگەر. لىكىن ئىشەك يۈكنىڭ يەڭگىللەپ قالغانلىقىدىن خوش بۇلۇپ، قېن-قېنىغا پاتماي كىتىپتۇ.
- بۇ ياخشى چارىكەن! ئۇنى ئېسىمدە چىڭ تۇتۇپ، كىلەر قېتىم يۈكنى مۇشۇنداق يەڭگىللەتسەم بولغۇدەك، - دەپتۇ نەپكە ئىرىشكەن ئىشەك. ئەمما سودىگەر بۇنى ئازراقمۇ سەزمەپتۇ.
ئەتىسى سودىگەر يەنە بازارغا بېرىپتۇ. بۇ قېتىم ئۇ تۇز ئەمەس، بەلكى پاختا سېتىۋاپتۇ. پاختا ئىشەكنىڭ دۈمبىسىگە تاغدەك دۆۋلىنىپتۇ.
- ئۆيگە قايتايلى! بۈگۈنكى يۈك كۆپ بولغىنى بىلەن ئېغىر ئەمەس! –دەپتۇ، سودىگەر ئىشىكىگە. ئىشەك ھىلىگەرلىك بىلەن، ناھايىتى ئېغىرلىشىپ كىتىۋاتقاندەك ئەلپازدا ئەزمىلىك بىلەن مېڭىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي دەريا بۇيىغا يىتىپ كەپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىشەك تۈنۈگۈنكى ياخشى چارىسىنى يادىغا ئاپتۇ.
- تۈنۈگۈنكى ئىش ھەقىقەتەن مۇشۇ ئەتراپتا بولغان، بۈگۈن ئىشنى ئۇڭۇشلۇق ئۇرۇندۇشىم كىرەك! – دەپ ئويلاپتۇ ئىشەك، ھەمدە قەستەنگىلا دەرياغا دۇمىلاپتۇ.
- ئىنتايىن ئۇڭۇشلۇق بولدى! ئەمما ئىشەك شۇ چاغدا ئورنىدىن تۇرۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، تۇساتتىنلا تۇرالمايۋاتقانلىقىنى سېزىپتۇ. چۈنكى پاختا سۇغا چىلىشىپ كەتكەندىن كىيىن تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتكەن ئىكەن.
- چوتنى خاتا سۇقۇپتىمەن، ھەقىقەتەن چاتاق بولدى! ئىشەك بۇ ۋاقىتتا پۇشقۇرتقاچ سۇغا چىلىشىپ ئېغىرلىشىپ كەتكەن يۈكنى يۈدگىنىچە يېزىغا قاراپ مېڭىپتۇ.
خۇلاسە ۋە تەھلىل:
ئىشەك ئۈزىنى ئەقىللىق چاغلاپ، ئۈزىگە ئۈزى جاپا سالغان. ھەقىقى ئەقىللىقلەر بىلەن ھەقىقى ئەخمەقلەر(دۆت) ئەمىلىيەتتە ئۇنچىۋالا خەتەرلىك ئەمەس. كۆپ چاغلاردا ھەقىقى خەتەرلىكى ھەم نادان، ھەم كەم ئەقىللىقلەر.
ھەقىقى ئەخمەق ئادەم قانداقتۇر بىرەر ھىلىمىكىرلىك ئىش قىلماقچى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۈزىنىڭ ئەقلى قابىلىيىتى چەكلىك بولغانلىقتىن، مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ. ئەمما ھەقىقى ئەقىللىق ۋە پاراسەتلىك ئادەم ئۈزىدە بىرەر ئىشقا ھۈكۈم چىقىرىدىغان ۋە ئۇنى تەھلىل قىلىدىغان يىتەرلىك ئىقتىدار ھازىرلىغاچقا، ھەرقانداق ئىشنى ناھايىتى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھىسىياتقا، قائىدىگە، قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ قۇيۇشىدىن ئەنسىرەش ياكى قورقۇشمۇ ھاجەتسىز.
كەسىپنى پەقەت بىلمەيدىغان ياكى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان يۇقىرىقىدەك ئىككى خىل كىشىلەرنىڭ قارشى تەرىپىدە ئىشنى چالا-پۇلا بىلىدىغان كەم ئەقىللىقلەر بۇلىدۇ. ئۇنى ئەخمەق دىسىڭىز، ئۇنىڭ گەپ-سۆزى جايىدا، نۇقسانسىز؛ ئۇنى ئەقىللىق دىسىڭىز، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى يەنە سىزنى ئەندىشىگە سېلىپ قۇيىدۇ. دىمەك، ئۈزىنى ئەقىللىق چاغلايدىغان كىشىلەر ھەم نادان ھەم بىچارە كىلىدۇ.



نادانلىق-پۈتكۈل ئاپەتنىڭ يىلتىزى

Haktayur يوللانغان ۋاقتى 2006-11-21 20:13:19

ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﺩﺍ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻗﺎﺭﺗﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻨﻰ ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﺎﯕﻼﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﮔﻪﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ ﺋﯘ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﻪ ﺋﺎﻕ ﺑﺎﺭ ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﭼﻪ ﻛﯚﻙ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﻡ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻐﺎ ﺑﻮﻟﻘﺎ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﻣﯩﺠﯩﯟﻩﺗﻜﯜﻡ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ !!!

@TuranTekin يوللانغان ۋاقتى 2006-11-21 21:07:54

Haktayur ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻣﺪﯗ؟

ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﯧﻘﯩﯔ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯜﺯﯨﻦ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﭼﺎﻏﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﻳﺎ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻳﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ، ﻳﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻳﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﯘﺳﻘﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻏﯩﺪﯨﻐﯩﺴﻰ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺗﻮﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ-ﺑﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯘﺭﮔﯜﭼﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﭘﻼ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ ﺩﯨﮕﯜﺳﻰ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ.

ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻟﻪﺳﻪﭘﯩﯟﯨﻴﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﻪﻟﻨﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﺗﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﻪﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯙﺕ ﺋﯩﺸﻪﻛﻠﻪﺭ ﺋﯩﺒﺮﻩﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺘﻪ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻐﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﯩﻜﯩﺘﯩﺸﯩﻨﻰ.

Haktayur يوللانغان ۋاقتى 2006-11-21 21:22:43

ﯞﺍﻱ ﯞﯗﻱ ، ﺷﯘ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻤﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﯩﻢ ، ﻣﺎﻧﺎ ﻣﺎﻧﺎ ﺳﯩﺰﻣﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﭘﺴﯩﺰ ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺷﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﻤﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺋﯚﺯ ﮬﯩﺴﻴﺎﺗﯩﻤﻨﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ، ﻣﯧﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﯓ ﮬﻪ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ !!!

uzturuk يوللانغان ۋاقتى 2006-11-21 21:52:06

ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺷﻤﺎﯕﻼ ﺋﻪﻣﺪﻯ..ﮔﻪﭖ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ...
ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﻩﻛﻼﻡ...

@TuranTekin يوللانغان ۋاقتى 2006-11-21 22:04:04

Haktayur ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﯜﺭﯛﺷﯜﭖ ﺗﯘﺭﺍﻳﻠﻰ!

Muntazir919 يوللانغان ۋاقتى 2006-11-21 22:36:05

ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺗﯧﻜﯩﻦ ، ﺑﺎﺵ ﺳﯘﺭﯨﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺟﯘﻣﯘ .ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ .

@TuranTekin يوللانغان ۋاقتى 2006-11-21 22:48:28

ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ muntazir919 ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺑﯘ ﻣﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﺭﯛﺩﯨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﻩﺕ. ﻣﻪﻥ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﺎﯞﺍﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﻤﻪﻥ.

Sirlih777 يوللانغان ۋاقتى 2006-11-21 23:36:10

ﻳﯧﺮﯨﻢ ﭼﯩﻠﻪﻙ ﻳﯘﻧﺪﻩ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺷﺎﻻﻗﺸﯩﻴﺪﯗ .....................

Estami يوللانغان ۋاقتى 2006-11-21 23:42:02

ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭼﯩﺘﻜﻰ ﻣﻪﺳﻪﻟﻐﯘ . ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﻐﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪﻥ.

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2006-11-22 00:35:57

ﻣﻪﻥ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﭼﺎﻏﻼﭖ ﻳﯜﺭﯨﻤﻪﻥ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ.
ﻣﻪﻥ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ \"ﻣﻪﻏﺮﯗﺭﻟﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻛﻪﻣﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ\" ﺩﯦﮕﯜﻡ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

bekram يوللانغان ۋاقتى 2006-11-22 10:20:16

ﭼﻮﻗﯘﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ؟؟؟؟؟ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯦﻨﯩﺪﺍ ﺧﯘﺩﺍﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﺩﯗﺭﺭﯗﺳﻤﯘ ؟
بەت: [1]
: ئەخمەق (دۆت) ئىشەك