ehzan يوللانغان ۋاقتى 2006-11-10 01:14:20

ﭼﺎﻟﯩﻘﯘﺷﻰ (ﺭﻭﻣﺎﻥ)

|چالىقۇشى
ﺳﯩﻼﯞﯨﻴﺎﻧﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﭼﻘﺎ ﺋﯩﻤﻼﺳﯩﺪﺍ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﺎﺭ
بىرىنچى قىسىم
ب... سىنتابىر... 19-يىل

توتىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتاتتىم.يەشىم ئون ئىككىلەردە بولسا كەراك.فرانسۇز تىلى مۇئەللىمەمىز سور ئالەكسىي ھەدەبىر كۇنى بىزگە ئىنشادىن تاپشۇرۇق بەرىپ:"ھاياتتىكى بالىلىق خاتىرىلەرنى يەزىشقا تىرىشىڭلار،قەنى نىمىلەرنى ئەسلىيەلەيسىلەركىن؟بۇ سىلەر ئۇچۇن ئوتكەن ھاياتىڭلارنى ئەسلەشنىڭ بىر گۇزەل بىرمەشقى بولۇپ قالار"دىگەن ئىدى.
ھىلىھەم ئەسىمدە: شوخلۇغىمدىن،گەپدانلىغىمدىن بىزار بولغان سورلەر مەنى ساۋاقداشلىرىمدىن ئايرىپ ،سىنىپنىڭ بىر بۇرجىگىدىكى يالغۇز كىشىلىك كىچىككىنە بىر پارتىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويغان ئىدى.
مۇدىرە خانىمنىڭ ئەيتقىنىدەك :"مەن دەرس ۋاقتىدا ساۋاقداشلىرىمنى گەپ
كە تۇتماسلىقنى،مۇئەللىمنىڭ سوزىنى كوڭول قويۇپ ئاڭلاشنى ئۇگەڭىچە"شۇ يەردە سۇرگۇن ھالدا ياشاشقا مەھكۇم ئىدىم.
بىر تەرىپىمدە،يوغان ياغاچ تۇۋرۇك بار ئىدى.ئۇ نىمىلا قىلسام ئۇن چىقارمايدىغان ۋە بەزىدە قەلەمتۇرىچىمنىڭ ئۇچى بىلەن ئۇ يەر بۇ يەرىنى يونۇپ قويساممۇ بەرداشلىق بەرىدىغان چىداملىق ئۇزۇن بوي خوشنام ئىدى.
يەنە بىر تەرىپىمدە ماناستىر تەربىيەسىگە ماس كەلىدىغان سالقىن ۋە غەمكىن خىرە قاراڭغۇلۇقنى ساقلاش ئۇچۇنلا ياسالغاندەك،قاپقاقلىرى ھىچقاچان ئەچىلمايدىغان ئۇزۇن دەرىزە بار ئىدى.
مەن ئاجايىپ بىر نەرسىنى ئويلاپ تاپقان ئىدىم،كوكسۇمنى پارتىغا تىرەپ،ئىڭىگىمنى بىر-ئاز كوتۇرسەملا دەرىزە قاپقىغىنىڭ يوچۇغىدىن ئاسماننىڭ بىر بۇرجىگى ،يوغان ئاكاتسىيە دەرىخىنىڭ شاخلىرى ئارىسىدىن بىرلا بىنانىڭ دەرىزىسى ۋە بالكۇننىڭ رىشاتكىسى كورۇنەتتى.
توغرىسىنى ئەيتقاندا،بۇ مەنزىرە ئۇنچىلىك چىرايلىق ئەمەس ئىدى،دەرىزە دائىم يەپىقلىق تۇراتتى،بالكوننىڭ رىشاتكىلىرىغا دائىم بالىلارنىڭ كورپە ۋە يوتقانلىرى يەيىقلىق تۇراتتى.
لەكىن مەن شۇلارغىمۇ رازى ئىدىم.
دەرس ۋاقتىدا ،ئوزەمنى مۇئەللىملىرىمگە بەكمۇ ئىتائەتچان ئەلپازدا كورسىتىش ئۇچۇن ،گىرەلەشتۇرگەن قوللىرىمغا ئىڭىگىمنى قويۇپ ،كوزلىرىمنى ئاسمانغا -دەرىزە قاپقاقلىرى ئارىلىغىدىن كورۇڭەن ھەقىقى ئاسمانغا تىكسەم،ئۇلار مەنى تەرتىپلىك بولۇشقا باشلىدى،دەپ خوشال بولاتتى.مەن ئۇلارنى شۇنداق ئالداپ ،ئۇلار بىزدىن يوشۇرماقچى بوغان ھاياتنى تاماشا قىلىۋاتقاندەك سويۇنەتتىم،ئالدىغىنىم ۋە ئىنتىقام ئەلىۋاتقىنىم ئۇچۇن زوقلىناتتىم.
سور ئالەكسىي ھەدە تاپشۇرۇقنى چۇشەندۇرۇپ بولغاندىن كەيىن بىزنى يەزىشقا قويۇپ بەردى.
ئالدىنقى پارتىلارغا ھوسۇن بەرىپ تۇرغان تەمكىن ئەلاچىلار شۇ ھامان يەزىشقا كىرىشىپ كەتتى.ئۇلارنىڭ يەنىدا ئولتۇرمىغان بولساممۇ نىمىلەر يەزىۋاتقانلىغىنى مۇرىلىرى ئۇستىدىن كورۇۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم:"بالىلىق خاتىرەم،سويۇملۇك ئاپامنىڭ كىچىككىنە كارۋىتىم ئۇستىگە ئەڭىشكەن مەھرىۋان ئالتۇن چاچلىق بەشى،ماڭا مۇھەببەت بىلەن تىكىلگەن ھاۋا رەڭ كوزلىرى"شەكلىدىكى شائىرانە يالغان ......ئەسلىدە ئاپىلار ئالتۇندەك سەرىق ۋە ھاۋا رەڭلەردىن باشقامۇ رەڭلەردە بولىدۇ.لەكىن سورلەردە ئوقۇغان قىزلارنىڭ قەلىمىدىن بۇ رەڭلەردە بويىلىپ چىقىش ،ئۇ بىچارىلەر ئۇچۇن بىر مەجبۇرىيەت ،بىز ئۇچۇن بىر ئۇسۇلدىن ئىبارەت.
مەن بولسام باشقىچە بىر بالا ئىدىم،ئاپامدىن بەكمۇ كىچىك ۋاقتىمدا ئايرىلىپ قالغان بولغاچقا،تەقى-تۇرقىنى تولۇق ئەسىمگە ئالالمايتىم.ھەر-ھالدا ئالتۇن چاچلىق ،ھاۋارەڭ كوزلۇك ئەمەسلىگى ئەنىق ئىدى.شۇڭلاشقا ھىچقانداق بىر كۇچ ماڭا ئاپامنى ئەسلى قىياپىتىدىن باشقىچە بىر قىياپەت بىلەن ئويلاندۇرۇشقا ۋەبۇنىڭدىن خوشاللىق ھىس قىلدۇرۇشقا قادىر ئەمەس ئىدى.
مەنى شۇنداق بىر خىيال قىينايتى. نىمىمۇ يازاتتىم،تامدىكى بۇۋى مەريەمنىڭ رەڭلىك سۇرىتى ئاستىغا ئەسىلغان كاككۇك سائەت تىنماستىن مەڭىپ تۇرسىمۇ مەن تەخىچىلا ھاڭۋەقىپ ئولتۇراتتىم.بەشىمدىكى لەنتامنى يەشىپ چاچلىرىمنى ئاستا-ئاستا كوزلىرىمگە چۇشۇرۇشكە باشلىدىم.قولۇمدىكى قەلەمنى ئاغزىمغا تىقىپ چىشلەپ،چىشلىرىمنىڭ ئارىسىدا ئايلاندۇراتتىم.
پەيلاسوپلارنىڭ،شائىرلارنىڭ بىرنەرسە يازغان چەغىدا بۇرۇنلىرىنى تاتالاش،ئىڭەكلىرىنىڭ تەرىلىرىنى تاتالاپ قويۇشتەك غەلىتە قىلىقلىرى بارغۇ...
قەلەمنى چىشلەش،ۋە چاچلىرىمنى كوزۇمگە چۇشۇرۇپ مەنىڭمۇ چوڭقۇر خىياللارغا پاتقانلىغىمنىڭ ئالامىتىدۇر.
ئەپسۇسكى،مەنىڭدە خىيال سۇرۇش سائەتلىرى بەكمۇ كەم ئىدى.ئۇنداق بولغاندا
ھاياتىم -چوچەكلەردىكى مەشھۇر چارشەنبە كەمپىرى ۋە ئوچاق پىرىنىڭ ھاياتىدەك قالايمىقان ۋە تىنىمسىز ئوتەتتى
يەكشەنبىنىڭ يامغۇرلۇق ئەتىگەنى،سوغاق سۇدا يۇيۇنۇپ،ئويلەرنى ياخشى تازىلاپ،بىر سائەت يوگا.
دەرىزىدىكى يەڭى ئەچىلگان گۇللەرگە قارىغاچ،يامغۇرنىڭ ئاۋازى بىلەن جەننىفەر لوپەز نىڭ "تھاتس تھە ۋاي" دىگەن ناخشىسىنى قوشۇپ ئاڭلىغاچ،بىر پىيالە قىززىق،ياخشى دەملەڭەن ئەتىرگۇل قىزىل چاي ئىچكەچ
چالىقۇشى نى ھوزۇرىڭىزغا!
چالىقۇشى
ئىككىنچى قىسىم

ئارىدىن ئۇزاق يىللار ئوتتى.يات بىر شەھەردە يىگانە بىر مەھمانھانا ئويىدە تاڭ ئاتمايدىغاندەك كورۇڭەن كەچىنىڭ يالغۇزلۇق ئازاۋىدىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن خاتىرىلىرىمنى يەزىۋاتقان بۇ سائەتتە،بىر قولۇم بىلەن يەنىلا بالىلىق چاغلىرىمدىكىدەك چاچلىرىمنى چۇۋۇپ،كوزلىرىمگە چۇشۇرۇش بىلەن مەشغۇل ئىدى.
بۇنىڭ سەۋىۋىنى شۇنداق دەپ ئويلايمەن:مەن ئەتراپىمدىكى ھايات ئەقىمىغا ئوزىنى مۇنداق لا قويىۋەتىدىغان يىنىك ۋە بىپەرۋا بىر بالا ئىدىم.روشەنكى ئەغىر كۇنلەردە ئوزەم يالغۇز،ئوز پىكىرلىرىم بىلەنلا تەنھا قەلىش ئۇچۇن كوزلىرىم بىلەن دۇنيا ئارىسىغا چاچلىرىمنى پەردە قىلىپ قويۇشقا تىرىشاتتىم.
قەلەمنى چىشلىرىم ئارىسىدا كاۋاپ زىقىنى ئايلاندۇرغاندەك ئايلاندۇرۇشۇمنىڭ ھىكمىتىنى ئوزەممۇ ياخشى بىلمەيتىم.پەقەت بىلىدىغىنىم لەۋلىرىمدە سوسۇن سىيا داغلىرىنىڭ ۋە ۋايىغا يەتىپ قالغان قىز ھالىتىمدە بىر كۇنى مەكتەپكە مەنى كورگىلى كەلگەن بىرسىنىڭ ئالدىغا بۇرۇت قويغان كىشىدەك چىقىپ قويۇپ ،ئۇيالغىنىمدىن يەرگە كىرىپ كەتكۇدەك بولغانلىغىم ئىدى.
شۇ كۇنى ھەرقانچە ئويلىساممۇ پەقەت شۇ نەرسىلەرنىلا يازالىغانلىغىم ئەسىمدە:"مەن بەلىقلارغا ئوخشاش كول ئىچىدە تۇغۇلغان ئوخشايمەن،ئاپامنى ئەسلىيەلمەيدىغان ھالدا ئەمەسمەن......دادام،ئىنىگانام،خىزمەتكارىمىز ھۇسەيىن ......بىركۇنى مەنى كوچىدا قوغلاپ كەتكەن قارا ئىت...... بىر كۇنى سەۋاتتىن ئوغرىلىقچە ئۇزۇم ئەلىۋاتقەنىمدا بارمىغىمنى چەقىۋالغان ھەرە......كوزۇم ئاغرىغاندا تامغۇزغان قىزىل دورا ......سويۇملۇك ھۇسەيىن بىلەن ئىستامبۇلغا كەلگىنىمىز......شۇنداق بۇلارغا ئوخشاش ناھايىتى كوپ نەرسىلەر ئەسىمگە كەلىدۇ.لەكىن بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى بالىلىق خاتىرىسى ئەمەس......بۇ مەن ياخشى كورىدىغان كولدە يوغان -يوغان يوپۇرماقلار ئارىسىدا يالاڭاچ چومۇلۇپ يۇرگەن ۋاقىتلىرىمدىكىدەك بۇرۇنقى ئىشلار ئەمەس......دەڭىزدەك پايانسىز بىر كول،ئىچىدە يوغان -يوغان يوپۇرماقلار،تورت ئەتراپىدا دەرەخلەر بار......ئىچىدە يوپۇرماقلار،ئەتراپىدا يوغان دەرەخلەر بولسا بۇ كول قانداق قىلىپ دەڭىزدەك يوغان بولىدۇ دەيدىغانسىلەر......خۇدا ھەققى يالغان سوزلىمىدىم،ئوزەممۇ خۇددى سىلەردەك بۇنىڭغا ھەيرانمەن......ئەمما بۇ شۇنداق ......ئىلاجىم قانچە؟"
ي ئازغانلىرىم سىنىپتا ئوقۇلغاندا بارلىق ساۋاقداشلىرىم مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ قاقاقلاپ كۇلىشۇپ كەتتى،بىچارە سور ئالەكسى ھەدە ئۇلارنى تەنچلاندۇرۇش ئۇچۇن خەلى ئاۋارە بولدى......

قىزىغى شۇكى،سور ئالەكسى ھەدە قارا كىيىمىنىڭ ئىچىدىكى نوتىدەك ئۇزۇن بويى،قاردەك ئاق ياقىسى،ساراي خەنىملىرىنىڭ پىشانىسىگە چۇشۇرۇلگەن تورىدەك باش كىيىمى ئاستىدىن كورۇبڭەن سەپگۇللۇك قانسىز يۇزى،ئانار گۇلىدەك قىپ-قىزىل لەۋلىرى بىلەنھازىرمۇ كوز ئالدىمدا پەيدا بولۇپ قالسا ۋە مەندىن يەنە شۇ سوئالنى سورىسا ،بەلكىم شۇ جاۋاپتىن باشقىسىنى تاپالمىسام كەراك،يەنە بەلىققا ئوخھساش كولدە تۇغۇلغانلىغىمنى سوزلەشكە باشلايتىم.
كەيىنچە سۇرۇشتۇرۇپ بىلسەم، بۇ كول مۇسول تەرەپلىرىدە ئىسمى دائىم يادىمدىن چىقىپ كەتىدىغان كىچىككىنە بىر يەزىنىڭ بەشىدا ئىكەن ۋە مەنىڭ پايانسىز دەڭىزىم بىر تۇپ دەرەخ ئارىسىدىكى قۇرۇپ كەتكەن ئەرىقتىن قەلىپ قالغان بىر ئۇچۇم سۇدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.
دادام شۇ چاغلاردا مۇسولدا ئىكەن،مەن ئىككى يەرىم ياشلاردا بولسام كەراك،ياز شۇنچىلىك ئىسسىق بوپتىكى ،شەھەردە تۇرۇشنىڭ ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا دادام مەنى ئاپام بىلەن مۇشۇ يەزىغا ئەكىلىپ قوييۇشقا مەجبۇر بوپتىكەن.ئوزى ھەركۇنى ئەتىگەندە مۇسولغا ئاتلىق كەلىدىكەن،كەچقۇرۇنلىرى كۇن پاتقاندىن كەيىن ،يەنە قايتىپ كەتىدىكەن.
ئاپام ماڭا قارىيالمىغىدەك دەرىجىدە قاتتىق كەسال بولغاچقا مەلۇم ۋاقىت بەقىمسىز قاپتىمەن......ئايلاپ خىزمەتكارلارنىڭ ئويىدە سەرسان بوپتىمەن......كەيىن يەزىلارنىڭ بىرىدىن فاتما ئىسىملىك قارانچۇگى يوق بىر ئەرەپ خوتۇننى تەپىپتۇ،فاتما يەڭى ئولگەن بالىسىدىن قەپقالغان سۇتى بىلەن مەھرىنى ماڭا بەرىپتۇ.
دەسلەپكى يىللاردا يەزا بالىلىرىدەك چوڭ بولۇشقا باشلاپتىمەن.فاتما مەنى ھاپاش قىلىپ يۇرۇپ پىج-پىج ئاپتاپتا ئوينىتىدىكەن،خورما دەرەخلىرىنىڭ ئۇستىگىمۇ چىقىرىدىكەن.
شۇنداق قىلىپ يەنە يۇقۇرىدا ئەيتقان يەزىغا كەپتىمىز،فاتما ھەر-كۇنى سەھەردە يەيدىغان تامىغىمىزنى ئەلىپ شۇ دەرەخلىككە ئەكىلىدىكەن......كەچكىچە ئىرماش-چىرماش بولۇپ ئوينايدىكەنمىز،ناخشا ئەيتىدىكەنمىز،بىللە تاماق يەيدىكەنمىز......كەيىن ئۇيقۇمىز كەلگەندە قۇملارنى يىغىپ ياستۇق قىلىپ تەنىمىز سۇدا بەشىمىز قۇمدا ئۇخلاپ قالىدىكەنمىز
چالىقۇشى
ئۇچىنچى قىسىم
مەن بۇ سۇ دۇنياسىغا شۇنچىلىك ئادەتلىنىپ كەتىپتىمەنكى،مۇسۇلغا قايتقىنىمىزدا سۇدىن ئايرىلغان بەلىققا ئوخشاپ قالغان ئىدىم،ھەمىشە قىلىقسىزلىق قىلىپ تەپچەكلەپ،پەيت تاپساملا ئۇستى- بەشىمنى يەشىۋەتىپ قىپيالىڭاچ كوچىغا چىقىپ كەتىدكىكەنمەن......
فاتمانىڭ بۇرنىدا ،مەڭزىلىرىدە،بىلەكلىرىدە چەكىلگەن مەڭلەر بار ئىدى،مەن بۇ مەڭلەرگە شۇنچىلىك ئادەتلىنىپ قاپتىمەنكى، مەڭسىز يۇزلەر ماڭا بەكمۇ سەت كورۇنەتتى.مەن ئۇچۇن ئەڭ چوڭ تۇنجى ماتەم فاتمادىن ئايرىلىش بولدى.شەھەرمۇ شەھەر ئايلىنىپ يۇرۇپ ،ئاخىرى كەربالاغا كەلگەن ئىدۇق،بۇ چاغلاردا تورت ياشتا ئىدىم.بۇ ياشتا بەزى نەرسىلەر ئەستە قالىدىكەن،فاتمانىڭ تەلىيى چىقتى،ئىنىگئانامنىڭ كەلىن بولغىنى،ھوجرىسىغا كىرگىنى بۇگۇنكىدەك كوز ئالدىمدا تۇرىدۇ،يۇزلىرىگە فاتمانىڭكىدەك مەڭلەر چەلكىلگىنى ئۇچۇن ماڭا بەكمۇ چىرايلىق كورۇڭەن خوتۇنلار بىلەن لىق تولغان بىر ئويدە مەنى قۇچاقتىن -قۇچاققا ئەلىشتى،كەيىن بولسا فاتمانىڭ يەنىغا ئولتۇرۇپ قويۇشتى.
كەيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەتنۇسلاردىكى نازى -نىمەتلەردىن ئوچۇملاپ ئەلىپ يىگىنىمىز ئەسىمدە.ئاخىرى بىركۇننىڭ ھارغىنلىغىدىن ،قوڭغۇراقلىق داپلار بىلەن كوزا شەكلىدىكى دۇمباق ئاۋازلىرىنىڭ نەرۋىلارغا تەگىشىدىن چارچاپبالدۇرلا ئىنىگئانامنىڭ تەزىدا ئۇخلاپ قاپتىمەن،فاتمانىڭ ئوغلى ھۇسەيىن كەربالادا شەھىت بولغان چاغدا فاتما ئانىمىز ھۇشىدىن كەتكەنمۇ -يوق بىلمەيمەن،لەكىن ئەشۇ قارا كۇندە بۇ بىچارە خوتۇننىڭ چەككەن پەرياتلىرى توي كەچىسىنىڭ ئەتىگەنلىگى ئويدە ئوزەمنى يات بىر خوتۇننىڭ قوينىدا كورۇپ مەنىڭ چەككەن پەريادىمنىڭ يەنىدا ھىچنىمە ئەمەس ئىدى.
دىمەك كەربالا كەربالا بولۇپ مۇنداق شاۋقۇنلۇق ماتەمنى كورمىگەندۇ دەپ ئويلايمەن،ۋاقىراشتىن ئاۋازىم بوغۇلۇپ قالغاندا چوڭ ئادەملەردەك كۇنبويى ئاچلىق ئەلان قىلدىم.
ئىنىگئانامنىڭ ھەسرىتىنى بىرنەچچە ئايلاردىن كەيىن،ھۇسەيىن ئىسىملىك بىر ئاتلىق ئەسكەر ئىنتۇلدۇردى.ھۇسەيىن مەشق ۋاقتىدا ئاتتىن يىقىلىپ مەيىپ بولغان ئەسكەر ئىدى.دادامۇنى ئويگە خىزمەتكار قىلىپ ئالدى.ھۇسەيىن دەلدۇشتەك ئادەم ئىدى.مەنى تەزلا ياخشى كورۇپ قالدى.مەن ئۇنىڭ ياخشى كورۇشىگە كۇتۇلمىگەن بىر ۋاپاسىزلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇراتتىم.گەرچە ئۇنىڭ يەنىدا فاتما بىلەن بىللە ياتقاندەك بىللە ياتمىساممۇ ،سەھەردە خورازلار چىللاش بىلەن تەڭ ئۇنىڭ ئويىگە يۇگۇرۇپ كىرەتتىم-دە،ئۇستىگە ئاتقا مىڭەندەك مىنىۋەلىپ،بارماقلىرىم بىلەن كوزلىرىنى ئاچاتتىم.
بۇرۇنلاردا فاتما مەنى باغلارغا ،دالىلارغا ئۇگەتكەن بولسا، ھۇسەيىن گازارمىغ ئەسكەرلەر مۇھىتىغا ئۇگەتتى.بۇ ئۇزۇن بۇرۇتلۇق،بەستلىك ئادەمنىڭ ھەر-خىل ئويۇنلارنى ئىجات قىلىش ماھارىتىنى باشقا ئادەمدە كورمىگەن ئىدىم.ئويونلىرىنىڭ گۇزەللىگى –بۇلارنىڭ كوپىنىڭ خەۋپلىك ۋە ھاياجانلىقىدا ئىدى.مەسىلەن،مەنى رەزىنكە توپتەك ئاسمانغا ئەتىپ تۇتۇپ ئالاتتى ياكى ياكى قالپىقىنىڭ ئۇستىگە ئولتۇرغۇزىۋەلىپ پۇتۇمدىن تۇتۇپ سەكرىتەتتى،پىر-پىر ئايلاندۇراتتى.مەنىڭ چاچلىرىم چۇۋۇلۇپ،كوزلىرىم تىنىپ كەتاتتى.خوش بولغىنىمدىن شۇنداق قاتتىق ۋاقىراپ –جاقىراتتىمكى،بۇنداق لەززەتنى كەيىن ھىچنەرسىدىن تاپالمىدىم.
بەزىدە يامان ئاقىۋەتلەر بولماي قالمايتتى،لەكىن ھۇسەيىن بىلن ئوتتۇرىمىزدا شۇنداق بىر قاتتىق شەرتنامە بار ئىدى.ئويۇندا جەنىم چىقسىمۇ يىغلىماسلىغىمۋە ھىچكىمگە شىكايەت قىلماسلىغىم كەراك ئىدى.بۇ مەنىڭ ئىنساپلىق بولغانلىغىمدىن كورە،ھۇسەيىننىڭ مەنىڭ بىلەن ئوينىماسلىغىدىن قورققانلىغىم ئۇچۇنچوڭ ئادەملەردەك سىر ساقلاشقا ئادەتلەنلىگىمدىن ئىدى.كىچىگىمدە مەنى قىلىقسىز دەيتتى،بۇ دىگىنى توغرا بولس كەراك.نىمىشكىدۇر كىم بىلەنلا ئوينىماي جەنىنى ئاغرىتىپ ۋاقىرىتاتتىم.بۇ قىلىق بەلكى ھۇسەيىن بىلەن ئوينىغان ئويۇنلاردىن مىراس قالسا كەراك.
قانداقلا بولسۇن،جەنىم ھەرقانچ ئاغرىسىمۇ ئاھ-ۋاھ دىمەستىنپالاكەتلەرنى ئوچۇق چىراي بىلەن قارشى ئەلىشىم،ئۇنىڭدىن ماڭا قالغان يادلاما ئىدى.
ھۇسەيىن بەزىدە گازارمىدا ئاناتولىيەلىك ئەسكەرلەرگە مۇزىكا چالدۇرۇپ مەنى كوزىغا ئوخشاش بەشىغا ئولتۇرغۇزىۋەلىپ قىزىق ئويۇنلارنى ئويناتتى.بىر زامانلاردا ئۇنىڭ بىلەن ئات ئوغۇرلايدىغان بولدۇق،دادام ئويدە يوق ۋاقتىدا ھۇسەيىن ئاتنى ئويدىن ئوغۇرلۇقچە ئەلىپ چىقاتتى-دە،مەنى قۇچىقىغا ئولتۇرغۇزۇپ مەنى دالىلاردا سائەتلەپ ئوينىتىپ كەلاتتى.لەكىن بۇ ئويۇنىمىز ئۇزۇنغا بارمىدى.ئىشقىلىپ ئۇنىڭ گۇناسىغا قالماي،ئاشپەز خوتۇن دادامغا چەقىپ قوتيغان بولسا كەراك،بىچارە ھۇسەيىن ئىككى شاپىلاق يەپ ئاتقا يەقىنلاشمايدىغان بولدى.
خالىس مۇھاببەت غەۋغاسىز ،شاۋقۇنسىز بولمايدۇ،دىيىشىدۇ.ھۇسەيىن ئىككىمىز كۇنىگە ئاز دىگەندە بەش قەتىم ئۇرۇشاتتۇق.ئوينىڭ بىر بۇرجىگىگە بەرىپ يۇزۇمنى تامغا قىلىپ ئولتۇرىۋالىدىغان ئاجايىپ بىر خۇيۇم بارىدى، ھۇسەيىن ئۇچ –توت مىنۇتچە مەنى ئوز مەيلىمگە قويغاندىن كەيىن رەھمى كەلىپ بىردىن كوتۇرۇپ ئالاتتى-دە،چىقىراتقىنىچە يۇقۇرىغا ئاتاتتى.
قۇچىغىدا بىردەم تەخىر قىلىپ ئولتۇرغاندىن كەيىن،ئاخىرى ئىڭىگىدىن سويۇپ قويۇشقا رازى بولاتتىم،شۇنداق قىلىپ يارىشىپ قالاتتۇق.
ھۇسەيىن بىلەن بولغان دوسلىغىمىز ئىككى يىل داۋام قىلدى،لەكىن ئۇ زامانلارنىڭ يىللىرى ھازىرقىغا زادىلا ئوخشىمايتى،شۇ قەدەر ئۇزۇن ،شۇ قەدەر ئۇزۇن ئىدىكى.....
چالىقۇشى
تورتىنچى قىسىم

بالىلىق خاتىرىلىرىمنى سوزلەۋەتىپ فاتما بىلەن ھۇسەيىننىلا تىلغا ئەلىشىم ئانچە ئەيىپ بولماسمىكىن؟
دادامنىڭ ئەتى نىزامىدىن بولۇپ ،ئاتلىق ئەسكەر مايورى ئىدى.ئاپام بىلەن توي قىلغان يىلى ئۇنى دىياربەكىرگە ئەۋەتىپتۇ،شۇ كەتكەنچە قايتىپ كەلمەپتىكەن ،شۇ كەتكەنچە مۇسۇلغا ،مۇسۇلدىن ھانكىنغا ،ئۇ يەردىن باغداتقا ،كەربالاغا بەرىپتۇ ......بىر يەردە بىر يىلمۇ تۇرماپتۇ.
ئاپامنى ماڭا ئوخشىتىشىدۇ،ئاپامنىڭ دادام بىلەن توي قىلغاندا چۇشكەن رەسىمى خۇددى ماڭىلا ئوخشايتى.لەكىن بىچارە ئاپام سالامەتلىك جەھەتتىن ماڭا زادىلا ئوخشىمايتى.بەكمۇ ئاجىز ئىدى،تۇگىمەس يول ئازاۋىغا ،تاغلارنىڭ ئەغىر ھاۋاسىغا ۋە چول -جەزىرىلەرنىڭ ئىسسىغىغا بەرداشلىق بەرگۇدەك ساغلام ئەمەس ئىدى.يەنىمۇ باشقا كەسىلى بولسا كەراك،لەكىن بىچارىنىڭ ئەرى بىلەن ئوتكەن پۇتۇن ھاياتى شۇ كەسىلىنى يوشۇرۇش بىلەن ئوتكەن.قانداق قىلسۇن،دادامنى بەكمۇ ياخشى كورىدىكەن،مەنى ئۇنىڭدىن مەجبۇرى ئاجرىتىۋەتىدۇ دەپ قورقىدىكەن......
سەنى ھىچ بولمىسا بىرمەزگىل،ئىككى ئايغىلا ئاپاڭنىڭ قەشىغا ئەۋەتەي،ئۇ بىچارىمۇ قەرىپ قالدى.......كىم بىلىدۇ،سەنى قانچىلىك كورگىسى كەلگەندۇ،-دىگەندە ئاپام:
شەرتىمىز شۇنداقمىدى؟ئىستانبۇلغا بىللە بارىمىز دىمىگەنمىدۇق،- دەپ تۇرىۋالىدىكەن.ئەگەر سوز كەسىلىگە بەرىپ تاقالغاندا :مەنىڭ ھىچقانداق ئاغرىغىم يوق ...... ئازراق ھەرىپ قالدىم...... ئىككى كۇن بۇرۇن ھاۋا بىر ئاز
ئوزگەرگەن ئەمەسمىدى ،بەلكى شۇنىڭ تەسىرى بولسا كەراك دەيدىكەن.
ئىستامبۇلنى كورگىسى كەلگەنلىكىنى دادامدىن يوشۇرىدىكەن...... لەكىن يوشۇرۇش مۇمكىنمۇ؟
كوزى ئۇيقۇغا كەتىپ ئىككى مىنۇت ئوتەر -ئوتمەي دادامنى ئويغىتىپ كالەندەردىكى يازلىق دەم ئەلىش ئويلىرىمىزنى ،شەھەر ئەتراپىدىكى ئورمانلىقنى ياكى بوغازنىڭ سۇلىرىنى چۇشىدە كورگەنلىكىنى ئەيتىدىكەن.ئازغىنە ئۇيقۇ ئەسناسىدا شۇنچىلىك ئۇزۇن چۇشنى كورۇشى ئۇنىڭ شۇ يەرلەرنى قاتتىق سەغىنغانلىغىدىن ئەمەسمۇ؟
مومام ھەربىي مىنىستىرلىككە،ساراي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا بەرىپ ئۇنىڭ يوتكىلىپ كەلىشىنى ئىلتىماس قىلىپ يىغلاپ-قاخشىغان بولسىمۇ ،بۇ يالۋۇرۇشلاردىن پايدا چىقماپتۇ.
ئاقىۋەت ئاپامنىڭ كەسىلى ئەغىرلاشقاندىن كەيىن ئۇنى ھىچ بولمىسا ئىستامبۇلغا ئاپىرىپ قويۇش ئۇچۇن بىر ئايلىق رۇخسەت سوراپتۇۋە جاۋاۋىنى كۇتمەيلا يولغا چىقىپتۇ.
توگىلەرگە ئارتىلغان كاجىۋا ئىچىدە چوللەردىن ئوتكىنىمىز بۇگۇنكىدەك ئەسىمدە.
بەيرۇتقا كەلىپ دەڭىزنى كورگەندە ئاپامبىراز جانلانغاندەك بولدى.قونغان ئويىمىزدە ئاپام مەنى كوپىئىگە ئولتۇرغۇزۇپ چاچلىرىمنى تارىدى.قوللىرىمنىڭ كىرلىگىنى،تۇگمىلىرىمنىڭ ئۇزۇلگىنىنى كورۇپ ،بەشىنى كوكسۇمگە تىرەپ يىغلاپ كەتتى.
بىر كۇنى ئورنىدىن پۇتۇنلەي تۇرۇپ كەتتى؛ ساندۇقتىن يەڭى كىيىملىرىنى ئەلىپ ياساندى.كەچقۇرۇن دادامنى كۇتىۋەلىش ئۇچۇن پەسكە چۇشتۇق.دادام مەنىڭدە قاتتىق مىجەزلىك بىر ئەسكەر تەسىراتىنى قالدۇرغان ئىدى.لەكىن شۇ تاپتا ،ئاپامنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭغىنىنى كورۇپ ،خوشاللىغىدىن يۇگۇرۇپ كەلگەنلىگىنى ،ئەندىلا مەڭىشقا باشلىغان بالىنى يەتاكلىگەندەك ئاپامنىڭ بىلەكلىرىدىن تۇتۇپ يىغلىغانلىغىنى ھىچقاچان ئۇنتۇمايمەن......
بۇ بىزنىڭ ئوتكۇزگەن ئاخىرقى كۇنىمىز بولۇپ قالدى.ئاپامنى ئەتىسى ئاغزى ئوچۇق ساندۇقنىڭ يەنىدا،بەشى كىيىم بوخچىسىنىڭ ئۇستىدە ،لەۋلىرى قان ئولۇك ھالدا كورۇپتۇ.
ئالتە ياشلىق بىر بالىنىڭ ئانچە -مۇنچە نەرسىلەرگە ئەقلى يەتسە كەراك.لەكىن مەن نىمە ئۇچۇندۇر ھىچنەرسىنى سەزمىگەن ئىدىم،بىز چۇشكەن ئويدە ئادەم كوپ ئىدى.بىز نەچچە كۇن چوڭ بىر باغچىدا بالىلار بىلەن چەلىشىپ ئوينىغانلىغىمنى؛ھۇسەيىن بىلەن كوچىلاردا،دەڭىز ياقىسىدا،مىچىت ھويلىسىدەك گۇمبەزلىك يەرلەردە تاماشا قىلغانلىغىمنى بىلىمەن.
ئاپامنى يات يەرلەردە كومۇپ قپيغىنىمىزدىن كەيىن،ئىستامبۇلغا قايتىپ بەرىش دادامنىڭ كوڭلىگە سىغمىدى... ئۇندىن باشقا بەلكىم مومام ۋە باشقا ھاممىلىرىم بىلەن كورۇشۇشتىن قاچقان بولسا كەراك.
شۇنىڭغا قارىماي،مەنى ئۇلرنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىشنى ئوزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلدى،كۇندىن-كۇڭە ئوسىۋاتقان بىر قىز بالىنى گازارمىلاردا -ئەسكەرلەرنىڭ قولىدا تەربىيەلەشنىڭ ئىمكانىيىتى يوقلىغىنى ئويلىغان بولسا كەراك.
خىزمەتكارىمىز ھۇسەيىن مەنى ئىستامبۇلغا ئەكىلىپ قويدى.
ئەسىل بىر پاراخوتتا ئۇستى -بەشى جۇل-جۇل بىر ئەرەپ ئەسكىرىنىڭ قۇچىغىدا كىچىككىنە بىر قىزچاقنى كوز ئالدىڭىزغا كەلتۇرۇڭ...كىم بىلىدۇ،بۇ مەنزىرە
پاراخوتتىكى كوپلىگەن ئادەملەرگە قانچىلىك يەقىمسىز ۋە ئەچىنىشلىق كورۇڭەندۇر... لەكىن بۇ ساياھەتكە ھۇسەيىندىن باشقا بىرسى بىلەن چىققان بولسام ، چوقۇم بەختلىك بولالمايتتىم.
دەڭىز بويىدىكى يازلىق چاھار بەغىمىزنىڭ كەينىدىكى ئورمانلىقتا بىر تاش كول بولۇپ، بۇ كولنىڭ بويىدا قوللىرى جەينىگىدىن سۇنغان يالىڭاچ بالىنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى.
دەسلەپكى كۇنلىرىمدە بۇ سۇنۇق ھەيكەل،ئاپتاپتا ۋە يامغۇر -يەشىندا قارايغان رەڭگى بىلەن ماڭا مەيىپ سەھرا سەھرا بالىسىدەك كورۇڭەن ئىدى.
كولنىڭ زۇمرەتتەك سۇلىرىنىڭ قىزىل يوپۇرماقلار بىلەن قاپلىنىپ كەتكەنلىگىگە قارىغاندا كۇز ئايلىرى بولسا كەراك. بۇ يوپۇرماقلارنى تاماشا قىلىۋەتىپ ئۇنىڭ ئاستىدا ئۇزۇپ يۇرگەن بىر قانچە قىزىل بەلىقنى كوردۇم ۋە مومامنىڭ مىڭبىر جاپالاردا دەزماللاپ كىيدۇرگەن ئىپەك كوينىگىم ۋە يەڭى بەتىنكىلىرىم بىلەن كولگە سەكرىدىم.
ئەتراپتا ۋاڭ -چۇڭ كوتۇرىلدى.نىمە بولغانلىغىمنى بىلغۇچە ھاممىلىرىم مەنى قۇچاقلاپ يۇقۇرىغا ئەلىپ چىقتى،سويۇپ ھەم كايىپ ئۇستىۋەشىمنى يەڭغۇشلىدى.
بۇ ۋايساشلار ۋە ھودۇقۇشلاردىن كەيىن كولگە يەنە چۇشۇشكە جۇرەت قىلالمىدىم،كول بويىدىكى قۇملارنىڭ ئۇستىدە دۇم يەتىپ بەشىمنى سۇغا تىقىدىغان بولدۇم.
بىر كۇنى يەنە مۇشۇ ھالەتتە بەلىقلارنى تاماشا قىلىۋاتاتتىم،شۇ كۇنكى مەنزىرە بۇگۇنكىدەك كوز ئالدىمدا.مومام ئۇچىسىدىن زادىلا چۇشۇرمەيدىغان قارا پەرەنجىسىگە پۇركىنىپ باغچىدىكى ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى،ھۇسەيىن نامازدا ئولتۇرغاندەك مومامنىڭ يەنىدا يۇكۇنۇپ ئولتۇراتتى،ئۇلار ئاستىغىنە گەپلىشىۋاتاتتى،ھەر ھالدا تۇركچە سوزلىشىۋاتقان بولسا كەراك،نىمە دىگەنلىكلىرىنى بىلەلمىدىم،لەكىن ئاۋازلىرىدىن،ماڭا قاراپ-قاراپ قويۇشلىرىدىن شۇبھىلەندىم.قۇلاقلىرىمنى توشقاندەك دىڭ تۇتتۇم.مەن كولگە چايناپ تاشلاپ بەرىۋاتقان نان ئۇۋاقلىرىغا توپلىشىپ كەلگەن قىزىل بەلىقلارنى كوزۇمدىن يوقۇتۇپ قوياتتىم.مومام بىلەن ھۇسەيىنننىڭ سۇغا چۇشكەن شولىسىغا قارايتىم.
ھۇسەيىن ماڭا قاراپ قويۇپ چوڭ قولياغلىقى بىلەن كوزلىرىنى سۇرتەتتى.بالىلارنىڭ بەزىدە ئوزىنىڭ يەشىغا ماس كەلمەيدىغان غەلىتە سەزگۇلىرى بولىدۇ.
نىمە ئۇچۇن؟ بۇ نازۇك سەۋەپلەرگە ئەقلىم يەتىدىغان ياشتا ئەمەس ئىدىم.پەقەت بۇ ئايرىلىشنىڭ ۋاقتى -سائىتى كەلگەندە كۇننىڭ پەتىشى،يامغۇرنىڭ يەغىشىدەك ھىچقانداق تەدبىر بىلەن ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان بىر پالاكەت ئىكەنلىگىنى ياخشى چۇشىنەتتىم.
شۇ كەچىسى مومامنىڭ كارۋىتىغا يانداش قويۇلغان كىچىككىنە كارۋىتىمدا يەتىپ بىردىنلا كوزلىرىمنى ئاچتىم.باش تەرىپىمىزدىكى كەچىلىك قىزل چىراق ئوچكەن ئىدى.لەكىن دەرىزىلەردىن چۇشكەن ئاي نۇرىدا ئوي يوپ-يۇرۇق بولۇپ كەتكەن ئىدى.ئۇيقۇم قاچتى،لەكىن يۇرىگىمدە چىداپ بولمايدىغان بىر ئەلەم بار ئىدى،جەينەكلىرىمگە تايىنىپ مەلۇم ۋاقىت مىمامغا قاراپ ياتتىم<مومامنىڭ ئۇخلىغانلىغىغا ئىشەڭەندىن كەيىن ،كارۋىتىمدىن ئاستىغىنە چۇشتۇم.پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسەپ ئويدىن چىقتىم.باشقا بالىلاردەك قاراڭغۇدىن ۋە يالغۇزلىقتىن قورقمايتىم.پەلەمپەينىڭ باسقۇچلىرى غچىرلىغاندا ،چوڭ ئادەملەردەك ئەھتىيات بىلەن ئاستا -ئاستا ئايۋانغا چۇشتۇم.
ئىشىكلەر تاقاق ئىكەن.پەقەت باغچىنىڭ ئىشىگى يەنىدىكى دەرىزە ئوچۇق قالغانلىھى ئۇچۇن بىر مىنۇتنىڭ ئىچىدىلا سىرتقا ئاتلاپ چۇشتۇم.
ھۇسەيىن باغنىڭ نەرىقى بۇرجىگىدىكى باغۋەنننىڭ كەپىسىدە ياتاتتى.ئاپپاق ياتاق كوينىگىمنىڭ ئۇزۇن ئەتاكلىرى پۇتۇمغا يوگىشىۋەلىپ تەسلىكتە سەكرەپ شۇ تەرەپكە قاراپ يۇگۇردۇم،ھۇسەيىننىڭ كارۋىتىغا چىقىپ ئالدىم.
ئۇنىڭ ئۇيقۇسى بەك قاتتىق ئىدى،ئەرەبىستاندىكى ۋاقتىمىزدىمۇ ئەتىگەندە ئۇنى ئويغىتىش خەلى تەسكە چۇشەتتى؛كوزلىرىنى ئەچىش ئۇچۇن ئاتقا مىڭەندەك مەيدىسىگە ئولتۇرىۋەلىپ ئۇزۇن بۇرۇتلىرىنى تىزگىن تارتقاندەك تارتىپ سەكرەشكە ۋە ۋاقىراشقا توغرا كەلاتتى. لەكىن بۇ كەچە ئۇنى ئويغىتىشتىن قورقتۇم،ئويغانسا بۇرۇنقىدەك قوينىدا ياتقۇزۇشقا رازى بولمايدىغانلىغىغا،شۇنچە يالۋۇرساممۇ كوتۇرۇپلا مومامنىڭ يەنىغا ئاپىرىپ بەرىدىغانلىغىغا ئىشىنەتتىم.
ئەسلىدە بىردىن بىر تىلىگىم،بۇ ئاخىرقى كەچىنى ئۇنىڭ قوينىدا ئوتكۇزۇش ئىدى.
ئۇ كەچىدىكى قاملاشمىغان قىلىغىم يەقىنقى كۇنلەرگىچە ئائىلىمىز ئىچىدە ئەغىزدىن چۇشمىدى.
مومام سەھەردە ئويغىنىپ مەنىڭ يوقلىغىمنى كورۇش بىلەن ساراڭ بولاي دەپ قاپتۇ... بىردەمدىلا ھەممىسى ئويغىنىپ كەتىپتۇ... قوللىرىدا چىراق،شامدانلارنى كوتۇرۇپ باغچىلارنى ،دەڭىز بويلىرىنى ئاختۇرۇشۇپتۇ...
لاپاس ئارىلىرىدىن كوچىلارغىچە،قەيىق قويىدىغان ئويدىن كولنىڭ ئىككى غەرىچ كەلىدىغھان سۇلىرىغىچە ،ھەممە يەرنى ئاستىن-ئۇستۇن قىلىۋەتىپتۇ... خوشنىلارنىڭ كوكتاتلىقىدىكى قۇدۇققا چىراق چۇشۇئۇرۇپ قاراپتۇ...
بىر چاغدا مومانىڭ يادىغا ھۇسەيىن چۇشۇپتۇ-دە،ئۇنىڭ ئويىگە قاراپ يۇگۇرۇپتۇ،كەلىپ قارىسا مەن ئەسكەرنىڭ بوينىدىن مەھكەم قۇچاقلاپ ئۇخلاپ يەتىپتىمەن.
ئايرىلىش كۇنىنىڭ پاجىئەسىنى ئەسلىسەم ھازىرمۇ كۇلىمەن.مەنومرۇمدە ئويدىكىلەرگە شۇ كۇندىكىدەك خوشامەت قىلغانلىغىمنى بىلمەيمەن،ھۇسەيىن ئىشىكنىڭ يەنىدا شاپ بۇرۇتلىرى بىلەن خىجىل بولماستىن يىغلىدى.مەن باغداتتا،سۇرىيەدە ئەرەپ دىۋانىلىرىدىن ئۇگىنىۋالغان دۇئا بىلەن مومامنىڭ ،ھاممىلىرىمنىڭ ئەتاكلىرىنى سويۇپ يالۋۇراتتىم.
چالىقۇشى
بەشىنچى قىسىم

رومانلاردا قايغۇلۇق ئادەملەرنى مۇكچەيگەن،كوزلىرى سۇلغۇن،ھەركەتسىز،كەمسوز،ئەنىغراق دىسەك ،مىسكىن قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ.
مەنىڭدە دائىم ئۇنىڭ ئەكسى بولىدۇ.قاچانكى ئەغىر بىر قايغۇغا دۇچكەلسەم كوزلىرىم چاقناپ،چىرايىم ئەچىلىپ ،ھەركەتلىرىمدە خوشاللىق ئىپادىلىنىپ ئىچ-ئىچىمگە سىغماي كەتىمەن.دۇنيانى نەزىرىمگىمۇ ئىلمىغاندەك قاقاخلاپ كۇلۇپ كەتىمەن،ھەر خىل گەپدانلىق ۋە تەلۋىلىكلەرنى قىلىمەن،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ،بۇنى كوڭلىدىكىنى يەقىن ئادىمىگە ۋە باشقىلارغا ئەيتالمايدىغان كىشىلەر ئۇچۇن ياخشى بىر ئادەت ھىساپلايمەن.
ھۇسەيىندىن ئايرىلغاندىن كەيىنمۇ شۇنداق قىلغىنىم ئەسىمدە.يارىماس ئىشلارنى قىلىپ قويغىنىمنى ئاز دەپ، مەنى ئويناشقا ئەلىپ كەلگەن تۇققانلارنىڭ بالىلىرىنى ئۇرۇپ قىينايتتىم.
ياتلار ئالدىدا ئەيىپ بولىدىغان بىر ۋاپاسىزلىق بىلەن ھۇسەيىننى پاتلا كوڭلۇمدىن چىقىرىپ تاشلىدىم،ئەھتىمال ئۇنىڭغا راستىنلا خاپا بولغىنىم ئۇچۇن شۇنداق قىلغاندىمەن.بۇنى ياخشى بىلمەيمەن،ئىسمىنى ئاڭلاش بىلەن يۇزۇمنى پۇرۇشتۇرۇپ يەڭىلا ئۇگىنىشكە باشلىغان تۇركچە سوزلەر بىلەن :"ھۇسەيىن يامان،ھۇسەيىن سەت،ئەدەپسىز،...ھۇ..."دەپ يەرگە تۇكۇرەتتىم.
بۇنىڭ بىلەن بىللە بىچارە ،يامان،سەت ھۇسەيىننىڭ بەيرۇتقا بارا-بارماستىن ماڭا ئەۋەئەتكەن بىر قۇتا خورمىسىنى كورۇپ ئاچچىقىم پەسەيگەندەك بولدى.خورمىلارنىڭ تۇگەپ كەتىشىدىن بىر پالاكەتتىن قورققاندەك قورقۇپ تۇرۇپ بىر ئولتۇرۇشتىلا ھەممىسىنى يەپ تۇگەتتىم.پەقەت ئۇرۇقچىلىرىلا قالدى. ئۇلارنى ھەپتىلەپ ئوينىدىم،بىر قىسمىنى ھەچىرلارغا ئاسىدىغان مونچاقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يىپقا تىزىپ،ياۋايى ئادەملەرنىڭ بويۇنچۇقلىرىدەك بوينۇمغا ئەسىۋالدىم،قالغانلىرىنى باغنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرىگە تىكىپ قويدۇم.نەچچە ئايلارغىچە ھەركۇنى ئەتىگەندە كىچىك چىلەك بىلەن سۇ توشۇپ ئۇلارنى سۇغىراتتىم.باغدا خورما ئورمانلىغى پەيدا بولۇشىنى كۇتەتتىم.
بىچارە مومام ئەسىنى يوقىتىپ قويدى.مەنى ئادەم قىلىش ھەقىقەتەن تەس ئىدى،تاڭ يورىماستىن ئويغىنىۋەلىپ تا كەچكىچە ھەرىپ ھالىمدىن كەتكىچىلىك ئالا-توپىلاڭ كوتۇرەتتىمۋە بەڭۋاشلىق قىلاتتىم.ئالا-توپىلاڭ كوتۇرەتتىمۋە بەڭۋاشلىق قىلاتتىم.مەنىڭ ئاۋازىم بەسىلىش بىلەنلا پۇتۇن باغ تەشۋىشكە چۇشەتتى،چۇنكى بۇ مەنىڭ بىرەر يەرىمنى كەسىۋەلىپ ئاۋازىمنى چىقارماستىن قاننى توختىتىشقا ھەركەت قىلىۋاتقىنىمنى،ياكى بىرەر يەردىن يىقىلىپ چۇشۇپ ئاغرىققا چىداپ يىغلىماسلىق ئۇچۇن تولغىنىۋاتقىنىمنى ۋە ياكى ئورۇندۇقنىڭ پۇتلىرىنى ھەرىدەش،ماتراسنىڭ قاپلىرىنى بوياشتەك زىيانلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقانلىغىمنى بىلدۇرەتتى.
بەزى كۇنلىرى قۇشلارغا لاتا پۇرۇچلىرىدىن ۋە پاخاللاردىن ئۇگا ياساپ بەرىش ئۇچۇن دەرەخلەرنىڭ ئەڭ ئۇچىغا چىقاتتىم ۋە بەزىدە ئوچاقنىڭ تۇرخۇنىدىن تاش ئەتىپ ئاشپەزنى قورقىتىش ئۇچۇن ئوگزىگە يامىشاتتىم.
بىزنىڭ باققا ئاندا-ساندا بىر دوختۇر كەلىپ -كەتاتتى،بىر كۇنى سىھىك ئالدىدا شۇ دوختۇرنى بوش ھارۋىغا چىقتىمدە جانىۋارلارنى قامچىلىدىم.يەنە بىركۇنى بولسا يوغان كىر تەڭنىسىنى سورەپ دەڭىزغا چۇشەردىمدە،ئوزەمنى سۇنىڭ ئەقىمىغا قويۇۋەتتىم.باشقا ئائىلىلەردە شۇنداقمۇ بىلمەيمەن،بىزنىڭ بۇ ئائىلىدە يىتىم بالىنى ئۇرۇش گۇنا ھىساپلىناتتى.بەكمۇ ھەددىمدىن ئەشىپ كەتكەن چاغدا بەرىدىغان جازا- قولۇمدىن تۇتۇپ ئاپىرىپ بىر ئويگە قاماپ قويۇشتىن ئىبارەت ئىدى.
ھەممە بالىلار "ساقاللىق تاغا " دەپ ئاتايدىغان بىر تۇققىنىمىز بار ئىدى،بۇ ساقاللىق تاغام مەنىڭ قوللىرىمنى "ئەۋلىيا پەنجىسى" دەيتتى،چۇنكى بارماقلىرىم بىرەر كۇن بولسىمۇ يارىلاردىن ،كوك چۇشۇشتىن خالى بولمايتى.ھەنا قويىۋالغاندەك لاتا بىلەن ئوراغلىق تۇراتتى.
تۇققانلىرىم بىلەن نىمە ئۇچۇندۇر چىقىشالمايتىم،ئۇلارنىڭ يەشى مەنىڭدىن خەلىلا چوڭ بالىلىرىنىمۇ ئۇرۇپ ئەدىۋىنى بەراتتىم.بەزىدە قەلبىمدە مەھرى ئۇچقۇنلاپ قالسا بۇمۇ بىر خىل پالاكەت كەلتۇرۇپ چىقىراتتى.باشقىلارغا ئوخشاش ياخشى كورگەن ئەدىمىنى چىرايلىققىنە سىلاپ سىپىلاشنى ئۇگەنمىگەن ئىدىم.ياخشى كورگەن ئادىمىمنىڭ ئۇستىگە ھايۋان بالىسىدەك ئەتىلاتتىم،قۇلاقلىرىنى چىشلەپ ،يۇزىنى تاتىلايتىم،ئىتتىرىپ تارتىشتۇرۇپ جەنىدىن جاق تويغۇزاتتىم.
تۇققانلىرىمنىڭ بالىسى ئارىسىدا پەقەت بىرسىگە نىسبەتەن بىلىپ بولمايدىغان بىر خىل تارتىنچاقلىق ۋە جۇرەتسىزلىك بىلەنمۇئامىلە قىلاتتىم.بۇ بەسىمە ھاممامنىڭ ئوغلى كامران ئىدى.ئەمما ئۇنى بالا دىيىش ئۇنچىۋالا توغرا بولمايتتى.يەشى مەندىن خەلىلا چوڭ،بەكمۇ ئەدەپلىك ۋە ئەغىر بەسىق،بالىلارغا ئارىلىشىشنى خالىمايتى،قوللىرىنى يانچۇغىغا سەلىپ دەڭىز بويىدا ئوزى يالغۇز ئايلىنىپ يۇرەتتى ياكى دەرەخ سايىسىدا كىتاپ ئوقۇيتى.
كامراننىڭ چاچلىرى بۇدرە ۋە سەرىق،تەرىسى ئاپپاق نازۇك ۋە يالتىراق ئىدى..ئۇنىڭ تەرىسى شۇنچىلىك پاقىرايتىكى،پەتىنالىسام قۇلاقلىرىغا يەپىشىپ يەقىندىن يۇزلىرىگە قارىسام،خۇددى ئەينەكتىكىدەك ئوزەمنى كورەلىشىمگە ئىشىنەتتىم.
تارتىنىدىغانلىغىمغا قارىماي بىركۇنى ئۇنىڭ بىلەنمۇ سوقۇشۇپ قالدىم.دەڭىز بويىدا سەۋاتكا يوغان تاشلارنى سەلىپ توشۇۋاتاتتىم،تاستىن بىرنى ئەلىپ ئۇنىڭ پۇتىغا يۇمۇلىتىۋەتتىم. تاش بەك ئەغىرمۇ ياكى ئۇ بەك نازۇكمۇ بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ،ئۇ بىردىنلا ۋايساپ ۋاقىراپ كەتتى.ھودۇقۇپ كەتكىنىمدىن باغدىكى دەرەخ ئۇستىگە چىقىۋالدىم.مەنى دەرەختىن دوقبىلەن،تەھدىت بىلەن ھەتتا يالۋۇرۇشلار بىلەنمۇ چۇشۇرەلمىدى.ئاخىرى باغۋەننى دەرەخكە چىقاردى،لەكىن ئۇ ئوزىنىڭ يۇقۇرىلىغانسىرى مەنىڭمۇ ئەغىرلىغىمنى ئىنچىكە شاخلارغا چىقىشتىن يالتايمايدىغانلىغىمنى ۋە بىرەر پالاكەتنىڭ يۇز بەرىدىغانلىغىنى بىلىپ پەسكە چۇشۇپ كەتتى.
شۇ كۇنى قاراڭغۇ چۇشكىچە دەرەخنىڭ شەخىدا قۇشتەك ئولتۇردۇم.
مەنىڭ دەستىمدىن بىچارە مومامنىڭ ئۇيقۇسى ھارام ئىدى.بىچارە خوتۇن مەنى بارغانسەرى ئەشىپ بەرىۋاتقان مەھرى مۇھاببىتى بىلەن ئوز ئىلكىگە ئالغان ئىدى.بەزى ئەتىگەنلىرى ئالدىنقى كۇندىكى ھاردىغى چىقماستىن تۇرۇپ ،مەنىڭ غەلۋەمدىن ئويغىنىپ كەتاتتى،ئورنىدا يەتىپ تولغىناتتى،مەنى قوللىرىدا تۇتۇپ:"قەرىغىنىمدا بۇنى بەشىمغا بالا قىلىپ تاشلاپ قويۇپ ئوزى ئولدى"دەپ ئاپامدىن خاپا بولاتتى.شۇنىسى ئەنىقكى،شۇ مىنۇتتا ئاپام ئالدىمغا كەلىپ :" بۇ بالىنى خالامسىز ياكى مەنىمۇ"دىيەلىگەن بولسىدى،مومام مەنى چوقۇم ئەلىپ قەلىپ ئۇنى كەلگەن يەرىگە قايتۇرىۋىتەتتى.
شۇنداق ،كەسالچان بىر قەرى ئايالنىڭ بىر كۇن ئاۋالقى ھاردىغى چىقماستىنتۇرۇپ،يەنە ئۇيقۇدىن تۇرۇشى بىر ئازاپ،لەكىن ئارام ئالغان بىر تەن ؛
ئازاپلارغا تەشنا بىر روھ بىلەن ئويغىنىشنىڭ ۋە بۇ خاتىرىلەرنى ئەسلەشنىڭ ئەغىر كەلىدىغانلىغىنىمۇ ئۇنۇتماسلىق لازىم...
بىراق شۇنچىلىك جەۋرى -جاپالار سالغىنىمغا قارىماستىن مومامنىڭ مەن بىلەن ئوزىنى ئاۋۇتۇپ ئوزىنى بەختلىك ھىس قىلىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن.
مومامدن ئايرىلغان چەغىمدا توققۇز ياشلاردا ئىدىم،دادام بولسا ئىستامبۇلدا ئىدى.
بىچارە دادامنى بۇ قەتىم ترابلۇسدىن ئالبانىيەگە خىزنمەتكە تەيىنلەپتۇ،شۇڭا ئىستامبۇلدا بىر ھەپتىلا تۇرالايتتى.
مومامنىڭ ئولۇمى ئۇنى مۇشكۇل بىر ئەھۋالغا چۇشۇرۇپ قويغان ئىدى.يالغۇز ئوفىتسىر توققۇز ياشلىق قىزىنى ئەگەشتۇرۇپ تاغۇ -دەشتلەردە يۇرەلمەيتتى،ئەھتىمال مەنى سىقىلىپ قالىدۇ دەپ قورققاندۇ،لەكىن نىمە ئۇچۇندۇر مەنى ھاممىلىرىمنىڭ يەنىدا قالدۇرۇشقىمۇ كوڭلى ئۇنىمىدى.نىمىنى ئويلىغان بولسا ئويلىغاندۇر،بىر كۇنى ئەتىگەندە مەنى يەتىلەپ پاراخوتقا چىقاردى؛ئىستامبۇلغا باردۇق،كوۋرۇكتە يەنە بىر ھارۋىغا ئولتۇرۇپ چەك-چەنھى كورۇنمەيدىغان دوڭلەردىن ئاشتۇق،بازارلاردىن ئوتۇپ
ئاخىرى يوغان بىر تاش بىنانىڭ ئالدىدا توختىدۇق.
بۇ يەرمەنىڭ ئون يىل قامىلىپ ياشىشىم كەراك بولغان فرانزۇس تىلى مەكتىۋى ئىدى.بىزنى ئىشىكنىڭ يەنىدىكى پەردىلىرى،دەرىزىلىرى يەپىق قاراڭغۇ بىر ئىشخانىغا ئەلىپ كىردى.ھەممە نەرسە ئالدىن-ئالا سوزلىشىپ قويۇلغان ئوخشايدۇ،بىر ئازدىن كەيىن قارا كىيىملىك بىر خوتۇن كىرىپ ،ماڭا قاراپ ئەگىلدى.بەشىدىكى ئاق ياغلىغىنىڭ ئۇچلىرىنى غەلىتە بىر قۇشنىڭ قاناتلىرىدەك چاچلىرىمغا تەككۇزۇپ يەقىندىن يۇزلىرىمگە تىكىلىپ مەڭزىلىرىمنى سىلاشقا باشلىدى.مەكتەپكە قويغان بىرىنچى قەدىمىم.مەكتەپكە قويغان بىرىنچى قەدىمىم يەنىلا بىر بالا-قازا شوخلۇق بىلەن باشلانغانلىغىنى ئەسلەيمەن.
دادام مۇدىرە خانىم بىلەن سوزلىشىپ ئولتۇرغاندا مەن ئىشخانىنى ئايلىنىپ ئۇنى -بۇنى كورۇشكە باشلىدىم.بىر ۋازىنىڭ رەڭلىك رەسىملىرىگە بارمىغىمنى تەككۇزۇپ كورمەكچى بولىۋىدىم،ئۇ چۇشۇپ كەتىپ سۇنۇپ كەتتى.
دادام قىلىچىنى شاراقلىتىپ ئورنىدىن چاچراپ تۇردى ۋە ئاچچىق بىلەن قولۇمنى تۇتتى.
سۇنغان ۋازىنىڭ ئىگىسى مۇدىرە خانىم بۇنىڭ ئەكسىچە كۇلەتتى،قوللىرىنى سىلكىتىپ دادامنى تەنچلاندۇرۇشقا ھەركەت قىلاتتى.


ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﺑﺎﺭ.......



erkem1122 يوللانغان ۋاقتى 2006-11-10 09:56:27

ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﮬﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻳﺴﯩﺰ، ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻐﺎ ﺗﻪﺷﻨﺎ ﺑﯩﺰ !

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2006-11-10 09:57:52

ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻣﻜﺎ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ

-ATAMAN- يوللانغان ۋاقتى 2006-11-10 10:44:44

ﺑﯘﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ،ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ،ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﺭﯨﭽﺎﺩ ﻧﯘﺭﻯ ﮔﯘﻧﺘﯧﻜﯩﻦ،ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻼﻱ،ﺋﯘﻗﯘﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ،ﺋﯩﺴﯩﻤﻰ:ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺶ.

SAYRAMI يوللانغان ۋاقتى 2006-11-10 10:46:05

ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﺍﻣﺴﯩﺰ؟ ﻳﺎﭘﯩﺮﯨﻢ.. ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﻛﯧﺘﻪﺭ؟   
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﺳﯚﺭﻩﭖ ﻛﯩﺮﺩﯨﯖﯩﺰﻣﯘ ﻳﺎ؟    ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺩﻩﺭﯨﺖ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﯘﻥ!

ehzan يوللانغان ۋاقتى 2006-11-10 13:21:00

ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻪﺭ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻰ.... ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﺑﺎﻟﻼﻏﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪﻛﻤﯘ ﺯﺍﻳﺎ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ... ﺩﺍﯞﻣﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ

Erzat يوللانغان ۋاقتى 2006-11-10 13:21:52

ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺭﻭﻣﺎﻧﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻠﻰ ﺋﺎﺯ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ 15 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯗ ، ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻜﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯧﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2006-11-10 14:57:14

ﻣﻪﻧﻤﯘ ﭼﺎﻣﺎﺩﺍﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﻗﯩﻼﻱ...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2006-11-10 16:13:44

ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﻜﯩﻦﻣﯘﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﯩﺪﯨﻢ

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2006-11-10 16:18:15

ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﺎﻗﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺑﻪﺭﺳﻪﯕﻼﺭ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥﺳﻮﻣﻜﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺸﻜﺎﭖ ﻳﺎﺳﺎﺗﺴﺎﻗﻤﯘ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺘﯩﺪﻩ ...!

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2006-11-10 16:49:21

ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺯﺍﻛﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﻱ

SAYRAMI يوللانغان ۋاقتى 2006-11-10 16:54:37

ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ..
ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻱ.
<ﭼﺎﻟﯩﻘﯘﺷﻰ >ﻧﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻪﺭﺩﯨﯖﻼﺭ.

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2006-11-10 17:14:14

ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﺳﻪﺭ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻨﯩﻢ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ ﻳﻮﻕ. ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﭼﯩﻘﺴﯩﻼ ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﻪﻥ...

ehzan يوللانغان ۋاقتى 2006-11-10 17:22:24

ﮬﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ﺳﺎﻗﻠﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺳﺎﻧﺪﯗﻕ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺳﺎﯕﻼﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﺴﺎﻡ ﺳﻪﺕ ﺗﯘﺭﺍﻣﯘ ﺋﻪﻣﺪﻯ...
ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﺩﻩﭖ ﮬﻪﺭﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﯩﻠﻰ ﺳﺎﻟﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ.............

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2006-11-10 17:29:02

ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﺳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﻩ..

-ATAMAN- يوللانغان ۋاقتى 2006-11-10 17:49:02

ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﻠﯩﻜﺘﯩﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻳﺎﺳﯩﻴﺎﻻﻳﻤﻪﻥ،ﺋﺎﻧﭽﯩﻤﯘ ﺗﻪﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

Rachel يوللانغان ۋاقتى 2006-11-10 17:50:09

ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻭﻣﺎﻥ~~~ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﺴﻞ ﺋﻪﺳﻪﺭ~~

Laqin_1 يوللانغان ۋاقتى 2006-11-10 17:52:55

ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﺎﺗﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺭﺍﺳﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﯖﻪ .

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2006-11-10 18:41:21

ﻣﻪﻥ ﺗﯩﺨﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﯩﻤﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ،ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﺰ ﺯﺍﺗﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﺩﯨﺴﻪﻡ،،،،،،،،،

ﻣﻪﻥ ﺗﯩﺨﻰ ﺋﻮﻗﯩﻤﯩﻐﺎﻧﺘﯩﻢ ،ﺗﯘﺭﺩﺍ ﺋﻮﻗﺎﻱ ﺩﯨﺴﻪﻡﺗﻮﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﯞﺍﺧﺘﯩﻢ ﺟﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﭘﯘﻟﯘﻣﻤﯘ ﻳﯩﺘﯩﺸﻤﻪﻳﺪﯗ،ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﺎﺭﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2006-11-10 19:17:56

ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﯨﻨﯩﯔ 1982- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ....ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻡ ﺗﯧﺨﻰ ....
بەت: [1] 2 3
: ﭼﺎﻟﯩﻘﯘﺷﻰ (ﺭﻭﻣﺎﻥ)