قايسى قان تېپىدىكى ئەر ئاياللار توي قىلسا موۋاپىق
Oقان تىپىدىكى ئاياللار Oقان تىپىدىكى ئەرلەربىلەن توي قىلسا
بۇنداق جۆرىلەر كىشىلەرگە ئەقىل بىلەن ، سالماقلىق بىلەن ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ مۇئائىلە قىلىدۇ . سىرتقى ئىشلارنى بېجىرگەندە ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە قاتتىق دىققەت قىلىپ تۇرۇپ ، بىردەك پوزۇتسىيە تۇتىدۇ ، ئولارنىڭ ئەمىليەتنى كۆزلەش خاھىشى كۈچلۇكرەك بولغاچقا ، ئادەتتە تۇرمۇشقا تۇتقان پۇزۇتسىيە جەھەتتە دائىم بىردەكلىكنى ساقلىيالايدۇ . ئىككىلا تەرەپنىڭ بىر-بىرىنىڭ خاراكتىرىگە ھۆرمەت قىلىش خاھىشى كۈلۈك ھەمدە ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات قىلىۋىتىدىغان مىجەزى بولغاچقا ، ئادەتتە ئۇرۇشۇپ قالسىمۇ بىردەمدە ئەپلىشىپ قالىدۇ .
ئەگەر ئۇلاردىكى رومانتىكلىق بىلەن ئەمىليەتكە ئەھمىيەت بېرىش خاھىشى بىرلا ۋاقىتتا ئىپادىلەنمەي قالسا ، ئۇ چاغدا چاتاق چىقىپ ، تالىشىپ قېلىشتەك ئەھۋال يۈز بېرىپ قېلىشى مومكىن . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا ئۇستىلىق قىلىش ئارزوسى كۈچلۈك بولۇپ ، قارىشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى ئۇنداق-مۇنداق دېيىشىگە سەۋر –تاقەت قىلالمايدىغان روھى كەمرەك بۇلىدۇ .
ئەگەر ئۇلارنىڭ ياش پەرقى ئالتە ياكى يەتتە ياش بولسا ، چوڭنىڭ كىچىكىگە كۆيۇنۇش ، ئاتىدارچىلىق قىلىش ، كىچىكىنىڭ چوڭىغا ئەركىلەش پىسخىكىسى بۇيىچە شېرىن مۇھەببەتلىك تۇرمۇشىنى بەرپا قىلالىشى مۇمكىن . ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ ياش پەرقى بەك چوڭ بولسا ، ئىككىلا تەرەپ ئۆزۈمچىللىكى ، باشقىلارغا ئۇستىلىق قىلىشى ، ئۆزىنىڭ راست دەيدىغان خاھىشى تۈپەيلىدىن ، ئۇرۇش-جېدەل قىلىشى مۇمكىن . بۇنىڭ نەتىنجىسىدە ياكى بىرى يەنە بىرىگە بويۇنىدۇ ، ياكى كۆپ ھاللاردا ھېچكىم ھېچكىمگە بوي بەرمەي ، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ خاس تۇرمۇش شەكلىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچھۈن بىردەم ئايرىلىپ بىردەم يارىشىدىغان قوشماقلاردىن بولۇپ قالىدۇ . ئامما ، بېىشا بىرەر ئىش كەلسە ، ئولارنىڭ ئىتتىپاقلىقى يەنىلا كۈچلۈك بۇلىدۇ .ئۇلار شەيئىيلەرگە بولغان تۇنۇش ۋە چۈشۇنىش جەھەتتە كۆپىنچە ھاللاردا ئوخشاش بىر ئىشقا كىرىشكەندە ئەڭ ياخشى ماسلىشالايدىغان ھەمراھلاردىن بولۇپ قالىدۇ . ئۇلاردا يېقىنلىشىش خاھىشى كۈچلۇك ، ئامما تۇرمۇشتا بىرلىككە كېلەلەيدىغان ئەھېاللار بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ، ئېھتىمال بۇ ئائىلىگە مۇقىمسىزلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن . شۇنداقتىمۇ ، ئۇلار ئەمەلىيەتچىللىك بىلەن ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىدۇ ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كېتىش نىسپىتى تۆۋەنرەك بۇلىدۇ .
ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا كەلگەندە ، ئۇلار قارىشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ ئايرىلماسھەمراھى دەپ قارايدىغان ھالغا كېلىدۇ .
O قان تىپىدىكى ئاياللار A قان تىپىدىكى ئەرلەر
بىلەن توي قىلسا
O قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ تۇراقسىز ، قوپالراق مىجەزىA قان تىپىدىكى ئەرلەرنىڭ ئىنچىكە خاراكتىرى تازا ماس كىلىدۇ ، بولۇپمۇ ئايالنىڭ ئاكىتىپ ، تەشەببۇسكار مىجەزى بىلەن ئەرنىڭ پاسسىپ مىجەزى ئاجايىپ ماسلاشقان بولۇپ ، ئايالنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى قىزغىنلىقى ، كەڭ دائىرلىكى بىلەن ئەرنىڭ ئىنچىكىلىكى ، ئەتىراپلىقى تۇلىمۇ ماسلىشىدۇ . ئايالنىڭ سالماق ، تەمكىنلىكى بىلەن ئەرنىڭ سۈرلۈكرەك مىجەزىمۇ پەرزەنتىلەرنى تەربىيلەشكە ياخشى رول ئوينايدۇ . ئەمما ، ئۇلرنىڭ ئارسىدىمۇ ئانچە ماس كېلەلمەيدىغان تەرەپلەر بۇلىدۇ . ئەر .ا.ىلە مۇھىتىغا ، ئۆينى سەرەمجانلاشتۇرۇشقا ۋە ئۆينىڭ بېزىلىشىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەمدە دائىم ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ . لېكىن ئايال بۇلارغا بەك كۆڭۈللىشىپ كەتمەيدۇ . ئەر تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىشنى ، زوق ئېلىشنى قۇغلاشسا ، ئايال ئەمەلىيەتكە بېقىشنى قوغلىشىدۇ ، جاپاغا چىدايدۇ ، ئەر تەرەپ ئادەتتە ئۆزىنىڭ خوشلىقىنىمۇ ، خاپىلىقىنىمۇ بەكرەك ئاشكارلاپ كەتمەيدۇ ، جاندۇرمايدىغانلاردىن بولۇپ ، بۇ ھال چاقچاقچى ، قىزغىن ئايال تەرەپنى تازا رازى قىلىپ كېتەلمەيدۇ .
ئايالغا نىسپەتەن ئەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋىلىشى ، شوغۇققانلىقى ، كەسكىنلىكى دەل ئۆزىدە يوق ئالاھىدىلىك بولۇپ ، بۇ ئۇنى قاتتىق مەھلىيا قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەرنىڭ ئەستايىللىقىمۇ زېرەكلىكىنىڭ ئىپادىسىدەك بىلىنىدۇ . ئەرگە نىسپەتەن ئايالنىڭ ئوچۇق –يورۇقلۇقى ، ساپ –بىغۇبارلىقى ، ساددىلىقى ئونىڭغا خاتىرجەملىك ، تىنىجلىق ئاتا قىلىدۇ .
ئەرلەر گەرچە ئائىلىدە كىبىرىنى ئىشلەتمىسىمۇ ، ئامما ئايالىغا كۆيۇنۇش ، غەمخورلۇق قىلىشى ئارقىلىق يەنىلا ئايالنىڭ كۆڭلىنى ئالالايدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ھەرخىل ئالاھىدىلىكلىرى قارىشى تەرەپنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ ، بىر جۈپ بەخىتلىك ، ئىناق ئەر –ئاياللاردىن بولالايدۇ .
لېكىن ، ئەر تەرەپنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئوچۇق –يورۇقلۇق بىەلن دېمەسلىكى ، ئائىلىدىكى سۈرلۈك كەيپىيات ئايالىنى سەل نازارى قىلىپ ئىچىنى سىقىپ قۇيىدۇ ، بۇ ئەھۋالنى تەڭشەپ تۇرمىغاندا ، تۇرمۇشقا ئىناقسىزلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .
ئۇنىڭدىن باشقا ، ئايال تەرەپ كەسىپكە بەك بېرىلىپ كەتسە ، ئەر بىلەن تۇقۇنۇشۇپ قېلىشى مۇمكىن ،شۇڭا ، ئىككى تەرەپ كۆپرەك مۇڭدىغىپ ، ئۆز ئار چۈشۈنىشىپ ، ھەر قايسىسى ئۆزىنىڭ قان تىپى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ كەمچىلىكلىرىنى تۈزىتىپ چۈشىشنىش ئاساسىدىكى بەختىيار تۇرمۇشنى بەرپە قىلىشقا تىرىشىشى لازىم .
O قان تىپىدىكى ئاياللار B قان تىپىدىكى ئەرلەر
بىلەن توي قىلسا
O قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ ھېسىياتىنى سەمىمىي ئىپادىلىشى ، B قان تىپىدىكى ئەرلەرنى چىن قەلبىدىن ئاراپ تاپقۇزىدۇ .ئىككىلا تەرەپ ئىچىدە نىمە بولسا شۇنى دەيدىغان ، تۈزلا مۇئامىلە قىلالايدىغانلاردىن بولغاچقا ، ئىدىيە ئالماشتۇرۇشقا كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ كەتمەيدۇ .
ئەمما ، ئەرنىڭ ئۆزى بىلگىنىنى قىلىدىغان مىجەزى ئايالنىڭ ئۆزەمچىلرەك خۇيى بىلەن تۇقۇنۇشۇپ قېلىشى مۇمكىن .ئەرنىڭ كەڭ قىزىقىشى ۋە جانلىق تەپەككۇرى ئايالنىڭ ئابىستىراكىت تەبەككۇرى بىلەن دائىم بىر يەردىن چىقالماي قالىدۇ .
ئەر تەرەپ ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئىلھام بېرىشىگە مايىل كېلىدۇ ، ئايال تەرەپمۇ دەل باشقىلارغا ئىلھام بېرىشكە ماھىرلاردىن كېلىدۇ . شۇڭا ، بۇنداق بىر جۈپلەر ئىچىدە ، ئەرنىڭ ئايالنىڭ ئىلھام بېرىشى ۋە مەدىتى بىلەن ھايات يولىنى ئۆزگەرتكەن ئەمەلىي مىساللار بەك كۆپ ئۇچىرايدۇ .
بۇنداق ئۇزۇنغىچە مەدەت بېرىش ۋە شۇ مەدەت بىلەن ئۆزىنى رۇسلاش ئارقىسىدا ، ئەرنىڭ ئايالغا بولغان مۇھاببىتى ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىشى مومكىن . ئەر تەرەپ مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىپ قالسىمۇ ، يەنىلا ئايالىغا بولغان ياخشى مۇئامىلىشىنى ئۆزگەرتمەيدۇ . ئۇلارنىڭ باشقىلارنى ئاسانلا خۇش قىلالايدىغان مىجەزى بولغاچقا ، ئايالنىڭ ئەجرىگە لايىق جاچاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ .
ئونىڭدىن باشقا ، ئەر تەرەپ ئۆز خىزمىتىنى ئائىلىدىكى ئاساسلىق سۆھبەت تېمىسى قىلىۋىلىشقا ئامراق كېلىدۇ . ئايالمۇ بۇ مەسلىگە بەك كۆڭۇل بۆلىدۇ ، ئېرىنىڭ كەسپتىكى ئارزو-ئۈمۇدلىرىنىڭ ئەمەلىلىيشى ئۈچۈن ئۆيىنىڭ ئىشلىرىنى جان-دىل بىلەن ياخشى ئورۇنلايدۇ . لېكىن ، ئايال تەرەپ ئۆينى بەك موھىمئورۇنغا قۇيىۋىلىپ ، پۇتۇن زېھنىنى ئۆينىڭ ئۇششاق –چۈششەك ئىشلىرىغا سەرپ قىلىۋەتسە ، ئۇ چاغدا ئەرنىڭ كەسىپتە ئىلگىرلىشىگە دەخلى قىلىپ قۇيۇشى مۇمكىن ھەمدە بىر تەرەپلىمە ھالدا ئەرنىڭ سىتتىكى ئىش-ھەركەتلىرىنى چەكلەپ قويسا ، گەرچە پىكىرى ئەمەلىيەتنى بەكرەك چىقىش قىلغان تەقدىردىمۇ ، ئەرنىڭ ئىچىنى سىقىپ قۇيۇشى ، شۇنىڭ بىلەن بەزى بەختسىزلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەپچى بولۇپ قىلىشى مومكىن . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئايال تەرەپ ئەرنىڭ جەمىيەتكە ئارلىشىش ۋە تۇرمۇش كەچۇرۇش ئىقتىدارىدىن ئۈمۈدسىزلىنىپ قالسا ، ئەردىن بىزار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ، ئايالنىڭ جەمىيەتكە ئارلىشىش ، كىشىلىك مۇناسىۋەت قىلىش ھەۋىسى بەك ئېشىپ كەتسىمۇ ، ئەر تەرەپ ئونىڭدىن نارازى بولۇپ قىلىشى ، ھەتتە شۇ سەۋەبتىن ئائىلە بەختىسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قىلىشى مومكىن .
O قان تىپىدىكى ئاياللار B A قان تىپىدىكى ئەرلەر
بىلەن توي قىلسا
بۇنداق جۆرىلەر توي قىلسا ، ئادەتتە ئالاينىڭ ئۇدۇللا تەپەككۇر قىلدىغان كەمچىلىكىنى ئەرنىڭ ئەتىراپلىق تەپەككۇر قىلدىغان ئارتوقچىلىقى تۇلۇقلاپ ، ئەر ئايالنى يېتەكلەپ ماڭىدۇ .
ئەرنىڭ ئائىلىدە كىبىرى ئىشلىتىلماسلىكى ئايالىنى ئۆي ئىچىدە ئەركىن-ئازادە ، خوشال –خورام يۈرەلەيدىغان مۇھىتقا ئىگە قىلىدۇ .
ئەمما ، ئايال ئەرنىڭ بارلىق قىزىقىشلىرىغا ئۈلگۈرۈپ بولالمايدۇ ، ئەرنىڭ سۈس مىجەزىنى ھېسىياتىنىڭ سۇسلىقى ، دەپ چۈشۇنىپ قالىدۇ . ئالاينىڭ كەڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىنى ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ئەر يۇقىرىغا ياماشقانلىق ، يۇقىرىغا ئېسىلغانلىق ، دەپ چۈشۈنىپ قالىدۇ .
ئايالىغا نىسپەتەن ئەرنىڭ ئەرقىللىق –دانالىقى ، سەزگۇر –چېۋەتلىكىھەمدە ئەتىراپلىق تەپەككۇرى ئەقىل –ئىدراكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ، ئولارغا ئەمەلىيەتتىن ھالقىغان يۇقىرى باھا بېرىلىدۇ .ئەگەر نىسپەتەن ئايالنىڭ كۈچلۈك ياشاش ئىقتىدارى ، تۈزلۈكى، سەبىتلىكى ، ساددىلىقى ۋە شوخ ھېسىياتى شۇنچىلىك سۆيۈملۇك تۇيۇلۇپ ، ئۇلارغا مەپتۇن بولۇپ يۈرىدۇ .
ئەمما ، ئايال ئەرگە بەك يۇقىرى باھا بېرىۋىتىپ ، زىيادە چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كەتسە ، ئۆز ئارا چۈشىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ ، ئەرنىڭ ئۆز غايىسىدەك ئەر ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەندە ، تۇرمۇشتىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ قالىدۇ ، بۇ ئائىلىگە يۇشۇرۇن تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .
ئونىڭدىن باشقا ، ئالاينىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى ۋە مۇسىتىنى رومانتىك ئىپادىلەش خاھىشى بىلەن ئەرنىڭ خام خىيال قىلىدىغان ، قىزىقىشقا تولغان مىجەزى ماسلىشىپ قالسا ، ئىككى تەرەپ ئەڭ بەختىيار بىر جۈپلەردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .ئەگەر ئىككى تەرەپ تازا ماسلىشىپ كېتەلمىسە ، توقۇنۇش ۋە سۈركىلىشنىڭ كېلىپ چىقىشى تەبىئىي .
بۇنداق جۆرىلەر ئەڭ مۇھىمى سىردىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، بىر –بىرىنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا سۆكۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، بىر –بىرىنىڭ مىجەز –خاراكتىرىنى توغرا چۈشۈنىپ ، ئارتوچە يۇقىرى تەلەپ قۇيماسلىقى لاھىم .ئەمەلىيەتتە ، ئۇلار ئەگەر كەسىپ ۋە ئائىلىنىڭ يۈكىنى تەڭ كۆتۇرۇش جەھەتتە قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرلىسە ، بەك ئاز ئۇچۇرايدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ قالىدۇ . تۇرمۇشىمۇ مۇشۇ ئورتاقلىق ئاساسىدا تولۇقلىنىپ ، بېيىپ بارىدۇ .
A قان تىپىدىكى ئاياللار O قان تىپىدىكى ئەرلەر
بىلەن توي قىلسا
بۇنداق بىر جۇپلەر توي قىلسا ، ئەرنىڭ قوپال ، تۈز مىجەزى بىلەن ئالاينىڭ ئىنچىكە ، ئەستايىدىل مىجەزى بىر-بىرىنى بەك تولۇقلايدۇ .ئەرنىڭ ئۆز نىشانىغا قاراپ توختىماي ئىلگىرىلىيەلەيدىغان خاراكتىرىنى ئېھتىياتچان ئايال پۇتۇنلەي قوبۇل قىلىپ ، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ قوللىشىغا ، ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ .
كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئەر بىلەن قۇربان بېرىش روھىغا باي ئايال ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قۇيغاندەك ماسلىشىدۇ .
ئالاغا نىسپەتەن ئەرنىڭ كۆزلىگەن نىشانىغا باتۇرلۇق بىلەن ئىنتىلىش ئىرادىسى ، تۇرمۇشتا قەيسەرلىك بىلەن ياشاش ئىقتىدارى ئەرلىك جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ، ئايال ئۇلارنىڭ ئىش بېجىرىشىدىكى قوپاللىقىدىن ، ساددىلىقىدىن سۆيۇنۇپ كېتىدۇ .ئەرگە نىسپەتەن ئايالنىڭ ئىنچىكە ، ئەتىراپلىق ئىش قىلىشى ، قۇربان بېرىش روھى ئاياللىق سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ ، ئەر ئۇلارغا قاتتىق مەپتۇن بولىدۇ . شۇڭا ، ئۇلار تىپىك << قوشماقلار >> دىن سانىلىدۇ . بولۇپمۇ ، يېڭى توي قىلغان چاغلاردا ئۇلار ھەممە ئىشتا بىللە بولۇپ ، شېرىن ، بەختىيار ، ئىناق ئائىلىنى شەكىللندۇرىدۇ . لېكىن بىللە تۇرمۇش كەچۇرۇش جەريانىدا ، ئەر ئايالنىڭ ئورۇنسىز كاجلىقىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلمەي قالىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا << ئۆيگە كىرىشتىن ئەيمىنىش>> پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ ، بەزىلەر سىتتتىن روھىي خوشاللىق ۋە ئازادىلىك ئىزدەيدۇ . بەزى چاغلاردا ، ئەر ئالاينىڭ ئۆيىدىكى جاپالارغا تازا كۆڭۇل بۆلمىسە ، ئالاينىڭ نازارزلىقىنى قوزغاپ قۇيۇشىمۇ مۇمكىن .بۇنداق نارازىلىق كۆپىيىۋەرسە ، كېيىن ئائىلىگە چوڭ خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ .
Aقان تىپىدىكى ئاياللار A قان تىپىدىكى ئەرلەر
بىلەن توي قىلسا
بۇنداق بىر جۆرىلەر ئەستايىدىل ، نازۇك ، مەسىللەرگە ئىنچىكە ، ئەتىراپلىق قارايدىغان بولغاچقا ، تۇرمۇشتا بىر –بىرنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەپ ، ئوششاق –چوڭ ئىشلاردا بار مەسلىھەت بىلەن ئىش كۆرىدۇ ، خاتىرە كۈنلەرگە ئەستايىدىل موئامىلە قىلىدۇ ، گۇڭۇر-مۇڭۇر سىردىشىپ ئۆتىدۇ ، ئەمما ، ھېسىيات جەھەتتە زىيادە سەزگۇر بولغاچقا ، ئامال بار << يۈزلىشىپ > قېلىشتىن ساقلىنىشى ، بولۇپمۇ ئۇرۇق-تۇققان ، دوسىت –بۇرادەرلەر ئارسىدا بىر-بىرنىڭ ئەيىبىنى يۈزگە سېلىشتىن ، كەمچىلىكلىرىنى ، مەغلۇبىيىتىنى كىشىلەر ئالدىدا ئېچىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى كېرەك .
بولمىسا ، بىرلا دەز كەتسە << جانان چىنە>> گە ياماق سالمىمۇ تۇتمايدىغان ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ . بۇنداق جۆرىلەر ئىچىدە << بېشى باش ، ئايىقى قاچ>> بولىدىغانلار كۆپ چىقىدۇ .
Aقان تىپىدىكى ئاياللار B قان تىپىدىكى ئەرلەر
بىلەن توي قىلسا
بۇنداق بىر جۈپلەر توي قىلسا ، ئىككى تەرەپنىڭ قىزىقىشى بىردەك بولغاچقا ، گەپ -سۆزلىرى بىر يەردىن چىقىدۇ ، پاراڭ تېمىسى مول بولىدۇ . ئەرنىڭ ئائىلە باشلىقلىق كىبىرى سەل سۇسراق بولىدۇ . ئايال ئۆزىنىڭ ئائىلە ئاياللىق ئورنىدىن سۆيىنىدىغان بولىدۇ .
ئەمما كىشىللەرگە تاللاپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئايال بىلەن ھەممىگە ئوخشاش قارايدىغان ئەر ئاسانلا تۇقۇنۇشۇپ قالىدۇ ، ئۇدۇل ، تۈز مىجەزلىك ئەر بەك زىل ئايالنىڭ قىلىقلىرىدىن بىئارام بولۇپ ، ئازادىلىك ھېس قىلالماي قالىدۇ .
Aقان تىپىدىكى بىلەن B قان تىپىدىكىلەر خاراكتېر جەھەتتىن ئالغاندا قارىمۇ قارىشىدەك كۆرىنىدۇ .دەل مۇشۇنداق بولغانلىقتىن ، ئۇلارنىڭ بىر –بىرىنى جەلپ قىلىشى ناھايىتى كۈچلۇك بولىدۇ . ئەمما ، خاراكتېىرنىڭ ئوخشاسماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ھەركەت ۋە قىممەت كۆز قارىشىدا زور پەرق بولىدۇ .مەسلەن ، ئايال كۆپىنچە ئىشلاردا ئەرنىڭ ئىنكاسىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ، ئەمما ئەر ئۆز خاھىشى بۇيىچە ئۆز بىلگىنىنى قىلىشقا كۆنۈك. شۇڭا ، ئايال ئەرنى تەربىيە كۆرمىگەن ، كۆيۇنۇشنى ، غەمخورلۇق قىلىشنى بىلمەيدۇ ، دەپ نازارى بولىدۇ .
بۇنىڭدىن باشقا ، ئايال ئەرنىڭ خاتالىقىنى سەزگەن ھامان دەرھال تۈزىتىشنى ئۈمۇدى ئادەتتىكى سۆز –ھەركەتلەردە كۆپرەك ئىپادىلىنىپ قالسىلا ، ئۆزۈم بەگ ، ئۆزۈم خان دەپ ئۆگىنىپ قالغان ئەرنى بىزار قىلىپ قۇيىدۇ . يەنە ئەرنىڭ ئۇدۇل كەلگەن ئادەم بىلەن ئارلىشىۋىلىشى ئايالدا گۇمان پەيدا قىلىپ قۇيۇشى مۇمكىن .
بۇنداق بىر جۈپلەر بىر –بىرنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى كۆپرەك چۈشۈنىشى ، بىر-بىرىگە كەڭ قۇرساق بولۇشى ، ھە دېسە تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدىمەسلىكى لازىم . شۇندىلا ئۇلار ئازادە ، ئىناق ئائىلە كەيپىياتى شەكىللەندۇرەلەيدۇ . ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻳﻮﻕ .......................................... ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .............. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯩﺮﯨﻤﺪﺍ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﺋﻪﺟﻪﭖ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﯩﺪﯨﻐﯘ؟؟؟؟ ﺭﺍﺳﻼ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻳﻮﻕ..ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ! ﺋﻮﻏﺮﻯ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﯩﺮﻩﻣﺴﯩﺰ؟ ﺑﯘﻧﺪﺍ ﮔﻪﭖ ﺟﯘﯕﮕﯘﺩﯨﻼ ﺑﺎﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ. ﺏ ﻗﺎﻥ ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﯘﻱ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰﻛﯩﺮﻩﻛﻤﺎ ؟ ﺏﻗﺎﻥ ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﮔﻪﭘﻴﻮﻗﻜﻪﻧﻐﯘ؟ ﯞﻭﺟﻮﻥ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺗﯘﻱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯩﻦ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﻗﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭ ﺗﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻛﻜﯩﻦ ﺩﯨﺴﻪﻡ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯘﻥ ﺩﺍﻕ ﻛﻪﻥ ﺩﻩ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻳﻮﻗﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻗﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ .. ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ.... ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ.... ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﯕﻼﺭ.. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ...
بەت:
[1]