خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن يەنە بىر بالايى-ئاپەت am
مەمەت ئەمىن يازدى "شىنجىئاڭ خەۋەر تور بېتىنىڭ 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانئغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاخىرقى 9 ئاي ئىچىدە يېڭىدىن 4732 كىشىHIV/AIDSبىلەن يۇقۇملانغان، يەنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 17 ئادەم ھىۋ/ئائىدس بىلەن يۇقۇملانغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىلى رايونىدىلا ھەر 100 ئايالنىڭ ئىچىدە بىرىHIV/AIDSبىلەن يۇقۇملانغان.ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2005-يىلى 30-سېنتەبىرگىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكىHIV/AIDSبىلەن يۇقۇملانئغۇچىلار تىزىملىكتىكى سانى 11303 بولغان بولسا، 2006-يىلى 30-ئىيۇنغا كەلگەندە تىزىملىكتىكى سانى 16035 گە يەتكەن.
ئامېرىكىدا ھازىر تەخمىنەن 940 مىڭدىن 1 مىليون 180 مىڭ ئارىلىقىداHIV/AIDSكېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 24~27٪ ئۆزىنىڭ ھىۋ/ئائىدس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەيدىكەن.
ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكىHIV/AIDSبىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تىزىملىكتىكى ئېنىق سانى 16035 بولۇپ، ئېنىقلانمىغان يەنى ئۆزىنىڭHIV/AIDSكېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار بۇ ساندىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.
300 مىليون نوپۇسى بار ئامېرىكىدا تەخمىنەن ھەر 270 ئادەم ئىچىدە بىر ئادەمHIV/AIDSبىلەن يۇقۇملانغان. ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە بولسا ھەر 100 ئايالنىڭ ئىچىدە 1 ئايالHIV/AIDSبىلەن يۇقۇملانغان.
2000-يىلدىن 2006-يىلىغا قەدەر بولغان 6 يىلدا، ھەر يىلى تەخمىنەن 40 مىڭ ئامېرىكىلىق يېڭىدىنHIV/AIDSبىلەن يۇقۇملانغان. يەنىHIV/AIDSبىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپىيىش تېزلىكى ئاساسەن كونترول قىلىنغان.
ئامېرىكىداHIV/AIDSبىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ھەر يىلى 40 مىڭدىن كۆپەيگەن بولسا، نوپۇسى 30 مىليونغا بارمايدىغان ئۇيغۇر ئېلىدىكىHIV/AIDSبىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 9 ئاي ئىچىدە 4732 كۆپەيگەن (بۇ تېخىHIV/AIDSبىلەن يۇقۇملانغانلىغى ئېنىقلانغانلارنىڭ سان بولۇپ، ئېنىقلانمىغانلار قوشقاندا ئەمەلىي سان بۇنىڭدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن.
ھازىر ئامېرىكىدا تەخمىنەن 100 مىڭ ئەتراپىدا ئائىدس كېسىلى بىمارى بار ئىكەن (قالغانلىرى يەنىلا يۇقۇملىنىش باسقۇچىدا بولۇپ، تىخى ئائىدس كېسىلىگە تەرەققى قىلمىغان.
ئامېرىكىدا ئائىدس كېسىلى بايقالغاندىن بۇيان تەخمىنەن 530 مىڭ كىشى ئائىدس كسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.
ئامېرىكا گەرچەHIV/AIDSئەڭ بۇرۇن تارقىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، بىراق ھەر قايسى جەھەتلەردىن تەرەققى قىلغان دۆلەت بولغاچقا،HIV/AIDSنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغان، بىراق ئۇيغۇر ئېلى ھەر قايسى جەھەتلەردىن تەرەققى قىلمىغان رايون بولغاچقا،HIV/AIDSنىڭ تارقاش ئەھۋالى ئەگەر ھازىرقىدەك تەرەققى قىلىۋەرسە، ئۇزۇن ئۆتمىگەن كەلگۈسىدە، ھەر جەھەتلەردىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان خەلقىمىزگە تەسەۋۇر قىلغۇسىز بالايى ئاپەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
مەمەت ئەمىن"
مەنبە: http://www.biliwal.com/GoogleTap_SG_article_1153.html





ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ : ﺋﺎﻕ ﭼﯩﻜﯩﺶ ( ﺋﯘﻛﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﺭﯗﺵ )، ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘﻟﯘﺵ ( ﺟﯚﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ) ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﺴﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﺕ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ، ﭘﺎﮬﯩﺸﺨﺎﻧﻼﺭ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻤﯘ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﺪﻯ .
ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﺎﯕﻼﻳﺘﯘﻕ ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻳﯧﻨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻼ ﻛﯚﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ .
ﺗﻮﯞﺍ ﺩﻩﯕﻼﺭ !
ﻧﻪﭘﺴﻰ ﺑﺎﻻﻧﻰ ﻳﻪﺭ، ﺗﯚﯞﻩ ﮔﯘﻧﺎﻧﻰ ﻳﻪﺭ ! ﺑﯘﺯﯗﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺵ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ. ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯩﻜﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﭼﯩﻜﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺯﻟﯩﺪﻯ. ﺳﺎﺗﯩﺮﺍﺷﺨﺎﻧﺎ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ....
ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﯜﺭﺳﻪﻙ ﺧﯘﺩﺍ ﺋﯘﺭﺩﯗ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ... ﮬﻪﻱ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻳﯩﯖﻰ-ﻳﯩﯖﻰ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻴﻨﯩﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻳﯘﻗﺘﻪ!
بەت:
[1]