ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ
[|ئىشق- ئىنسان باللىرىنىڭ كۆزىنى نۇرلاندۇرىدىغان نۇرلۇق يۇلتۇز ، ئىنسانىيەت تاج-تەختىنى زىننەتلەيدىغان گۆھەردۇر .ئۇ بىر قۇياشدۇركى ، غەمكىن كۆڭۈللەر باياۋانى ئۇنىڭ بىلەن گۈلشەن ، ئۇ پارلاپ تۇرغان تولۇن ئايدۇركى ، زۇلمەت كېچىلەر
ئۇنىڭ بىلەن روشەن.
ئىشق ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىگىلىگىلى بولىدىغان ھۈنەر ئەمەس .
ئىشق ئۆچمەس بىر مەشئەلدۇر ، ئۇنىڭدىن ئالەم نۇرلىنىدۇ .
ۋاپاسىزدا ھايا يوق ، ھاياسىزدا ۋاپا يوق . ۋاپاغا ھايا بىلەن يەتكىلى بولىدۇ ، ھاياغا ۋاپابىلەن يەتكىلى بولىدۇ .
كىمكى سەلتەنەت ئىزدىسە ، ئۇنىڭ شەرتى سېخيلىقتۇر ، كىمكى ھەر قانداق ۋەدە قىلسا ، ئۇنىڭ شەرتى ۋاپادۇر .
ۋاپاسىز ، ئېزىلەڭگۈ قابىل يىگىتتىن ۋاپادار قوتۇر ئىت ياخشىراق .
زۇھەل يۇلتۇزى يۇقىرىقى پەلەكتە بولۇش بىلەن قۇياش بولالمايدۇ ، دىۋە بېھىشنىڭ كىيمىنى كىيىش بىلەن پەرى بولالمايدۇ .
ئەگەر ساڭا يارنىڭ ئۈمىدى بىلەن ئۆلۈش نېسىپ بولسا ، مۇنداق ئۆلۈمنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىق دەپ بىلگىن .
جۇدالىق سۆزى ئاشىقنى ئۆلتۈرسە ، ۋىسال سۆزى ئۇنىڭ جىسمىغا جان كىرگۈزىدۇ .
- ئەلىشىر نەۋائي
ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻗﯘﺷﻘﺎ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﻪﺭ،



بەت:
[1]