faruq يوللانغان ۋاقتى 2006-10-6 11:44:31

پەرزەنت تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرەيلى!


        ئەبۇلفاتىھ

        بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

        مۆھتەرەم قېرىنداشلار! ئائىلە بالىلارنىڭ ئىپتىدائىي مەكتىپى، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى، دەسلەپكى تەربىيىچىسى ۋە ئاۋۋالقى يېتەكچىسى. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىللىق مېھرى بىلەن كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى ئىنچىكە، ئەستايىدىل تەربىيلەپ، زېرىكمەي-تېرىكمەي ئۆگىتىپ، بار-يوقىنى ئۇلارغا ئاتىغاندىلا سۈپەتلىك، ياراملىق ئەۋلاد تەربىيلەپ چىقالايدۇ. بالا ئائىلىنىڭ بەختى، دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتى، ئاللاھ تەئالانىڭ رەھمىتى ۋە ئامانىتى، قىسقىسى ئۇ، ئاللاھ تەئالانىڭ ئەڭ چوڭ ئىنئامى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
        «مال-دۇنيالار ۋە بالىلار دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتىدۇر» (كەھف 18/46).
        شۇڭا ئاللاھقا شۇكۈر ئېيتىپ، ئۇنىڭ نېئمىتى بولغان پەرزەنتنى قەدىرلەپ، ئاسراپ، ياخشى تەربىيلەش بىزنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى بۇرچمىز، بۇ بۇرچىمىزدىن قىيامەت كۈنى چۇقۇم ھېساب بېرىمىز. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
        «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى ۋە سىلەرنىڭ ھەممىڭلار ئۆز پادىلىرىڭلار توغرۇلۇق سوراق قىلىنىسىلەر. ئىمام (خەلىپە، ئىمام) مۇ پادىچى، ئۇ ئۆز پادىسى (پۇقراسى، جامائىتى) توغرۇلۇق سورىلىدۇ. ئەر كىشىمۇ پادىچى، ئۇ ئۆز پادىسى (بالا-چاقىلىرى) توغرۇلۇق سورىلىدۇ. ئايال كىشىمۇ پادىچى، ئۇ ئۆز پادىسى (ئېرىنىڭ ئۆيۋاقى ۋە بالا-چاقىسى) توغرۇلۇق سورىلىدۇ. خىزمەتچىمۇ پادىچى، ئۇ ئۆز پادىسى (خوجايىنىنىڭ ماللىرى) توغرۇلۇق سورىلىدۇ. دېمەك سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى بولۇپ، ئۆز پادىلىرىڭلار توغرۇلۇق سورىلىسىلەر» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
        ئىنسانلار جەمئىيتىنىڭ تەرەققىياتى بىلىملىك، تالانتلىق، قابىلىيەتلىك، پەزىلەتلىك سانسىزلىغان ئالىم، ئىنژېنېر، سىياسىئون، قۇماندانلارغا باغلىق. جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قۇشالايدىغان ئۇنداق ئەربابلار دەسلەپتە ئائىلىلەردىن تەربىيىلىنىپ يېتىشىپ چىقىدۇ. شۇڭا بالىلارنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن، جەمئىيەتتە يەرگە قاراپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېسابنى ئاسان بېرىش ئۈچۈن ئائىلىدە بالىلارنى تەربىيلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىش، زېھىن ئىشلىتىش ۋە مەبلەغ سېلىش كېرەك.
        ئاللاھ تائالا: «ئى مۇئمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى دوزاختىن ساقلاڭلار» (تەھرىيم سۈرىسى، 6- ئايەت) دەپ ئاتا-ئانىلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان. پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەپ ياخشى ئادەم قىلىپ چىقىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلمىغانلار، ئاللاھ تەئالانىڭ يۇقارقى بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرمىگەن بولىدۇ.
        پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ بايانى ماھىيىتىدە مۇنداق بىر ھەدىسى بار: «ئاللاھقا ئەڭ ياخشى كۆرنىدىغانلار، بالا-چاقىلىرىغا ئەڭ ياخشىلىق قىلغۇچىلاردۇر» (بەيھەقىي رىۋايىتى). بالا-چاقىلىرىغا ئەڭ ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارنى ماددىي جەھەتتىن بېقىش ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەربىيىلەش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇنى قىلمىغانلار ئاللاھ تەئالاغا ياخشى كۆرۈنمەيدۇ، چۈنكى بۇلار يۇقارقى ئايەتنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلمىغان بولىدۇ.
        شۇڭا ئاتا-ئانىلارنىڭ، بالىلارنىڭ بىر قولىغا قەنت-گېزەك تۇتقۇزۇپ «يە» دەپ ئەركىلىتىش بىلەن بىرگە، يەنە بىر قولىغا «ياز» دەپ دەپتەر-قەلەم تۇتقۇزۇشى، ئويۇنچۇق بېرىپ «ئوينا» دېمەي كىتاب بېرىپ «ئوقۇ» دېيىشى، «بالام! ماۋۇ ئىشنى قىلىپ بەرگىن» دېمەي «بالام! تىرىشىپ ئۆگەنگىن» دېيىشى لازىم. ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا «بۆشۈك توي»، «تۇغۇلغان كۈن»، «خەتنە توي»... قىلىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا كومپيۇتېر، كىتاب-كىچەك، دەپتەر-قەلەم... ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئۇلار شۇنداق قىلغاندىلا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى، ئاللاھ تەئالا ئەمر قىلغان پەرزنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يولغا قويغان سۈننەتنى ئادا قىلىشقا تىرىشقان بولىدۇ.
ئاتا-ئانىلار، بالىلار ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپ تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك
        1- بالىلىرىنىڭ ئەقىدىسىگە كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك. يەنى بالا مەكتەب بوسۇغىسىدىن كىرىپ بولغۇچە، مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى، ئىسلام دىنىنىڭ بىر ئەزاسى، دۇنيادا مۇسۇلمان بولۇپ ياشىشىم كېرەك، بولمىسا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېساب بېرەلمەيمەن دېگەن چۈشەنچە ئۇنىڭ كاللىسىغا يەرلىشىپ بولغان بولۇشى لازىم. مانا مۇشۇنداق بولغاندا بالا كېيىنكى ھاياتىدا ھەرقانداق بوران-چاپقۇنغا دۇچ كەلسىمۇ ئۆزىنى يوقتىپ قويمايدۇ ھەمدە ئاتا-ئانىسىغا ئۇلار ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ پايدا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
        «ئەگەر ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىماي نامۇئەمالىغا يېزىلىپ تۇرىدۇ: بىرىنچى، ساۋابى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە. ئىككىنچى، ئەلگە پايدىلىق ئىلىم. ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا-ئانىسى ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى بالا» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
        2- بالىلىرىنىڭ ئەمەل-ئىبادىتىگە كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك. يەنى بالا كىچىك چاغدىلا ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن كۈندىلىك ئەمەل-ئىبادەتكە كۆندۈرۈلىشى لازىم. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
        «ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشتا چىداملىق بولغىن» (تاھا سۈرىسى، 132- ئايەت).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
        «بالىلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە، ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىڭلار. ئون ياشقا كىرگەندە ئوقۇمىسا ئۇرۇڭلار» (ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان).
        يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىستىن ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپ ناماز ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈشى ۋە ئۇلارغا نامازنىڭ ئەھمىيىتىنى، ئەھكاملىرىنى ئۆگىتىشى كېرەكلىكى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرنى توغرا يولغا باشلاشتا ئالدى بىلەن ئۆزلىرى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ ئۈلگە بولۇشى كېرەكلىكى، ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزى ناماز ئوقۇماي تۇرۇپ بالىلىرىدىن ناماز ئوقۇشنى تەلەپ قىلىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدىغانلىقى چىقىدۇ.
        3- بالىلىرىنىڭ ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. ياخشىلىققا بۇيرۇيسىلەر، يامانلىقتىن توسىسىلەر، ئاللاھغا ئىشىنىسىلەر» (ئال ئىمران 3/110).
        پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
        «ئاتا-ئانا ئۆز بالىسىغا ياخشى ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىشتىنمۇ ئۇبدانراق ئوزۇق بېرەلمەيدۇ» (تىرمىزىي رىۋايىتى). دېمەك بالىلارنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق تەربىيىلەش، ئۇلارغا ياخشى ئىش ۋە ياخشى خۇلق ئۆگىتىش، ئۇلارنى خاتا ئىش، گۇناھتىن توسۇش دىنىمىزنىڭ ئەمرى، ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.
رەسۇلۇللاھنىڭ تەربىيىسىدە بولغان ئۇمەر ئىبن ئەبى سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيىسىدە تۇرۇۋاتقان بالا ئىدىم. تاماق يەۋاتقان چاغدا قولۇم لېگەندە چېپىپ يۈرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
        «ئى بالا! ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، دەپ ئوڭ قولۇڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدىن يېگىن»، دېگەن. شۇنىڭدىن بۇيان تاماق يېيىش ئۇسۇلۇم ھامان رەسۇلۇللاھ دېگەندەك بولۇپ كەلدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
        بۇ ھەدىستىنمۇ پەرزەنتلەرنى ئىسلام ئەدەپ-ئەخلاقلىرى بىلەن تەربىيىلەش، ئۇلارنىڭ خاتالىق، سەۋەنلىكلىرىنى ۋاقتىدا كۆرسىتىپ تۈزىتىشكە يېتەكلەش لازىملىقى چىقىدۇ.
        خۇلاسە
        قېرىنداشلار! ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈستىدە ھەقلىرى بولغاندەك، پەرزەتلەرنىڭمۇ ئاتا-ئانىلىرى ئۈستىدە ھەقلىرى بار. پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشى قانچىلىك مۇھىم بولسا، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشىمۇ شۇنچىلىك مۇھىم.
        ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى كىچىك چاغدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىنىڭ توغرا، ئەمەل-ئىبادىتىنىڭ تۈزۈك، ئەدەپ-ئەخلاقىنىڭ گۈزەل بولۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشى، ئۇلار ئوقۇش يېشىغا كەلگەندە مەكتەپلەرگە بېرىشى، بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئەقىدە، ئىبادەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاقلىرىغا نازارەت قىلىپ تۇرۇشى، بالا ئوقۇش ئۈچۈن تەلەپ قىلغان لازىمەتلەرنى تەييارلاپ بېرىشى، توغرا كەلسە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا ئەۋەتىشى، بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمان بىر ئالىم، مۇسۇلمان بىر ئىنژېنېر... يېتىشتۈرۈپ جەمئىيەتكە سۇنۇشى لازىم. مانا مۇشۇنداق قىلغاندىلا «بالا» دېگەن نېئمەتنىڭ شۈكرىسىنى ئېيتقان بولىمىز.

yultuz01 يوللانغان ۋاقتى 2006-10-6 12:16:36

ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯩﻤﯩﻜﻪﻥ ،ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ،ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺋﻪﺟﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻱ!

muzappar يوللانغان ۋاقتى 2006-10-6 15:04:20

ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﺎﺷﻘﯘﺳﯘﻥ ﺩﻩﭘﺴﯩﺰ ﺩﻩ .ﮬﻰ ﮬﻰ ﮬﻰ @!!!!!!!!!!!!!!

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2006-10-6 19:14:52

ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻜﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ، ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ.

internet يوللانغان ۋاقتى 2006-10-6 20:36:58

ﺑﯘ ﺗﯧﻤﺎ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﮬﻪﺟﻪﭖ ﮬﯩﺠﺎﻳﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﺎ ﻣﯘﺯﻩﭘﭙﻪﺭﺟﺎﻥ ؟! ﺋﺎﺗﺎﻳﯩﻦ \"ﮬﻰ ﮬﻰ ﮬﻰ !!!...\" ﻧﻰ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻘﻤﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ؟  ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻛﻪﻥ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﯩﺰﺩﻩﻙ ﻳﯧﻘﯩﻤﺴﯩﺰ ﮬﯩﺠﯩﻴﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻧﻐﯘ .  ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ  ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﯖﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺳﻪﺕ ﮬﯩﺠﯩﻴﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘﺩﻩ!؟
ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ ﻓﻪﺭﯗﻗﻘﺎ ! ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﻪﻙ ﻣﯘﮬﯩﻢ . ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯘﻧﺪﻩ ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﺴﯩﯖﯩﺰﻻ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﯩﻤﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺰ .

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2007-6-13 19:34:11

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯧﻤﯩﻜﻪﻥ.
بەت: [1]
: پەرزەنت تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرەيلى!