faruq يوللانغان ۋاقتى 2006-9-21 12:39:25

ئىسىملەر ۋە مەنىلىرى



ئوغول ئىسىملىرى

ئادەم : بۇغداي ئۆڭلۈك، ئادەم ئاتا، ئادەم ئىبرانىيچە قىزىل، ئىنسان، ئىنسانىيەت دېگەن بولىدۇ.
ئىبراھىم :  ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى ئاممىنىڭ ئاتىسى دېگەن بولىدۇ.
ئەجۋەد : سېخى، ئېسىل، ئۇلۇغ.
ئېھسان : ياخشىلىق قىلىش، ياخشىلىق، ياخشى ئىش قىلىش.
ئەھمەد : مەدھىيىلەشكە تېگىشلىك، قەدىرلەشكە لايىق.
ئىدرىس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
ئەدھەم : قارا، ئىشكەل.
ئەدىب : يازغۇچى، ئوقۇتقۇچى، ئەدەپ- ئەخلاقلىق.
ئىرشاد : يېتەكلىمەك، توغرا يولغا باشلىماق.
ئۇسامە : يولۋاس.
ئىسھاق : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، كۈلىدۇ دېگەن بولىدۇ.
ئەسەد : قەھرىمان.
ئىسلام : بويسۇنماق، ئىتائەت قىلماق، باش ئەگمەك.
ئىسمائىل : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، اللەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ دېگەن بولىدۇ.
ئىقبال : كەلمەك، باشلىماق، يېقىنلاشماق، بەخت، راۋاج تاپماق.
ئەكرەم : مەرد، سېخى.
ئىلياس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
ئىمام : مۇسۇلمانلارنىڭ رەئىسى (خەلىپە)، نامازنى باشلاپ ئوقۇيدىغان كىشى، چوڭ يول.
ئەمىر : شاھزادە، پادىشاھ، قوماندان، باشلىق، رەئىس.
ئەمىن : ئىشەنچلىك، سادىق، ۋاپادار، بىخەتەر، تىنچ، راستچىل، سەمىمىي، دوست، ساقلىغۇچى.
ئەنەس : مۇلايىم بولماق، ئىناق ئۆتمەك، ئۈنسى- ئۈلپەت ئالماق، بىر ساھابەنىڭ ئىسمى.
ئەنۋەر : ناھايىتى نۇرلۇق، بەك چۈشىنىشلىك، چىرايلىق.
ئەييۇب : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، تەۋبە قىلغۇچى دېگەن بولىدۇ؛ بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى
باسىت : مۇلايم.
باكىر : ئەتىگەن، دەسلەپكىسى، بالدۇر كەلگەن.
بىلال : نەملىك، سۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇئەززىنىنىڭ ئىسمى.
سابىت : مۇستەھكەم،مۇقىم، قەھرىمان.
ھافىز : ساقلىغۇچى، قۇرئان كەرىمنى يادلىغان كىشى.
ھامىد : ھەمد ئېيتقۇچى، اللەنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلغۇچى.
ھەسەن : چىرايلىق ۋە ئەخلاقلىق.
ھۇسەين : ھەسەننىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلى.
ھەمزە : يولۋاس.
ھەيدەر : يولۋاس.
خالىد : باقىي، مەڭگۈ.
خەلىل : دوست، نەسىھەت قىلغۇچى، سادىق، سەمىمىي، ئورۇق(ئاۋاق)، پېقىر.
داۋۇد : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى قەدىردان (سۆيۈملۈك) دېگەن بولىدۇ.
زاكىر : اللەغا زىكىر- تەسبىيھ ئېيتقۇچى، ئېسىدە تۇتقۇچى، زېرەك.
زۇلفىقار : ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىلىچىنىڭ نامى.
رەجەب : ھىجرىيىنىڭ 7- ئېيى.
رۇستەم : پارىسچە جەسۇر، باتۇر، قەھرىمان دېگەن بولىدۇ.
رەشاد : توغرا، توغرا بولماق، ھىدايەت تاپماق، بىر خىل ئۆسۈملۈك.
زاھىر : نۇرلۇق، يۈزى يورۇق، رەڭگى چىرايلىق.
سالىم : قۇتۇلغۇچى، بېجىرىم.
سەئىد : تەلەيلىك، خۇشال.
سەلام : تەبرىك، تىنچلىق، ئامانلىق.
سۇلتان : پادىشاھ، قابىلىيەت، ھۆكۈمرانلىق قىلماق، ھۆججەت.
سۇلەيمان : قۇتۇلغۇچى، ساغلام.
سەييىد : باشلىق، داھىي، خوجايىن.
سىراج : پانۇس، كۈن، چىراغ.
شاكىر : شۈكۈر قىلغۇچى، تەشەككۈر بىلدۈرگۈچى، رەھمەت ئېيتقۇچى.
شەرەف : ئالىيجاناب بولماق، ئېسىل بولماق، شان- شەرەپ، پەخىر، ئىگىز جاي.
شەرىف : ئېسىل، ئالىيجاناب، مۇنەۋۋەر، ئاقسۆڭەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى.
شەئبان : ھىجرىيىنىڭ 8- ئېيى.
شەۋكەت : كۈچ- قۇۋۋەت، شەۋكەت، جۈرئەت.
سابىر : چىداملىق، ئىرادىلىك.
سادىر : سۇدىن قايتقۇچى، نەتىجە.
سادىق : ئىخلاسمەن، راستچىل.
سالىھ : ياخشى، مۇۋاپىق، ئۇبدان، لايىق، تۈز.
تارىق : كېچىسى كەلگەن مېھمان، چولپان يۇلتۇزى.
تالىب : ئىزدەنگۈچى، تەلەپ قىلغۇچى، ئوقۇغۇچى.
تاھا : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى.
تاھىر : پاك، پاكىز. تازا (كىر ئەمەس).
تەلئەت : مەنزىرە، سىرتقى كۆرۈنۈش، سىرتقى قىياپەت.
ئابىد : ئىبادەت قىلغۇچى، چوقۇنغۇچى، داۋاملىق ئىبادەت قىلغۇچى.
ئادىل : ئادىل، ھەققانىي، توغرا، ئىنساپلىق.
ئارىف : ئالىم، تونۇغۇچى، چىداملىق، مەرىپەتلىك، تونۇپ يەتكۈچى.
ئاسىم : ساقلىغۇچى، قوغدىغۇچى، توسقۇچى.
ئاكىف : ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگۈچى، باش چۆكۈرۈپ ئىشلىگۈچى، بىر يەردە تۇرغۇچى.
ئابباس :  قوشۇمىسىنى كۆپ تۈرگۈچى، چىرايىنى بەك پۈرۈشتۈرگۈچى، قەھرىمان.
ئوسمان : ياۋا غاز، ئەجدىھا.
ئەرەفات : زۇلھەججە (ھىجرىيىنىڭ 12- ئېيى) نىڭ 9- كۈنى ھاجىلارنىڭ تۇرۇشى پەرز بولغان جاينىڭ ئىسمى.
ئىرفان : ياخشىلىق، ئىلىم، بىلىم، مەرىپەت،
ئەززام : ئىرادىلىك، قەھرىمان.
ئىززەت : غۇرۇر، كۈچ- قۇۋۋەت، غەلىبە، شان- شەرەپ.
ئىسمەت : گۇناھسىزلىق، مۇكەممەل بولۇش، قانائەتلىنىش، خاتالىقتىن يىراق تۇرۇش.
ئەلىي : ئۈستۈن، ئالىي، يۇقىرى، ئۇلۇغ.
ئاممار : كۆپ ئىمارەت سالغۇچى، ئىمانى كۈچلۈك، ئېغىر- بېسىق، سالماق، ھاياتى بويىچە ئىش باشقۇرغۇچى
غازىي  غازات قىلغۇچى، جەڭ قىلغۇچى.
غالىب : غەلىبە قىلغۇچى، كۈچلۈك، زەپەرگە ئېرىشكۈچى.
فاتىھ : پەتىھ قىلغۇچى، ئاچقۇچى، باشلىغۇچى، جەڭدە غەلىبە قىلغۇچى، كۈچلۈك.
فارۇق : ھەق ناھەقنى ئايرىغۇچى، ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ لەقىمى.
فەرھات : خۇشال، شادلانغۇچى، سۆيۈنگۈچى.
فەيسەل : ئۆتكۈر قىلىچ، توغرا ھۆكۈم چىقارغۇچى، قازى، گۇۋاھچى.
قاسىم : تەقسىم قىلغۇچى.
كەرەم : سېخىلىق، مەردلىك، مەرەھمەت، خەير- ئېھسان.
كەرىم : سېخى، مەرد، شەپقەتلىك، مېھماندوست، ھۆرمەتلىك، ئېسىل، پەزىلەتلىك.
كەمال : مۇكەممەل بولماق، تولۇق بولماق، كۆڭۈلدىكىدەك بولماق، كامالەت.
مۇھەممەد : مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان، نۇرغۇنلىغان يۈكسەك خىسلەتلەرگە ئىگە زات.
مەھمۇد : مەدھىيىلەنگۈچى.
مۇختار  : تاللانغان.
مۇراد : مەقسەت، مۇددىئا، ئارزۇ.
مەسئۇد : بەختلىك، بەرىكەتلىك، تەلەيلىك، خۇشال.
مەئسۇم : خاتالىق ۋە رەزىللىكتىن يىراق، ساقلانغۇچى.
مەنسۇر : غالىب، يەڭگۈچى، غەلىبە قىلغۇچى.
مۇئمىن : ئىمانلىق، ئىشەنگۈچى، اللەغا ئېتىقاد قىلغۇچى.
ناسىر : ياردەم بەرگۈچى.
نايىف : ئىگىز.
نەزىر : ئوخشىغۇچى.
نىئمەت : نازۇنېمەت، مەرھەمەت، ئىلتىپات.
نىيازىي : پارىسچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى مەشۇق، مەھبۇب دېگەن بولىدۇ.
ھاشىم : شورپىغا نان چىلىغۇچى، بۇزغۇنچى، تارمار قىلغۇچى.
ياسىر : ئاسان، يۇمشاق، مۇلايىم، قاسساپ.
ياسىين : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىلىرىدىن بىرى.
يەقۇب : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
يۇسۇف : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
يۇنۇس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
يەھيا : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
جامال : گۈزەللىك.

قىز ئىسىملىرى

ئەبرار : ساداقەتمەن، كۆيۈمچان،
ئەمان : ئامانلىق، تىنچلىق، بىخەتەرلىك، خاتىرجەملىك، ئاراملىق، قوغدىماق، ئەھدە، كاپالەت، قەرز.
ئامىنە : خاتىرجەم، كۆڭلى توق، ساغلام.
ئەمىينە : ئىشەنچلىك، سادىق، ۋاپادار، بىخەتەر.
ئەنۋار : نۇرلار، يورۇقلۇقلار.
ئەنىيسە : كۆيۈمچان، خۇشخۇي، ئۈلپەت.
ئىمان : ئېتىقاد، تەسدىق، ئىشەنچ.
بۇشرا : خۇش خەۋەر، گۈزەللىك، چىرايلىقلىق، ھۆسن- جامال.
بىلقىيس : سەبەئ دېيىلىدىغان بىر قەدىمى مەملىكەتنىڭ ئايال پادىشاھى بولۇپ سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ياشىغان، سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامغا تەسلىم بولغان ۋە ئىمان ئېيتقان.
گۈلنار : ئانار گۈلى.
جەمىيلە : چىرايلىق، ئۇز، گۈزەل، كېلىشكەن.
ھەبىيبە : سۆيۈملۈك.
ھەفىيزە : مۇھاپىزەت قىلىنغۇچى، ساقلانغۇچى.
ھەلىيمە : ئېغىر- بېسىق ۋە ئەقىللىك ئايال.
ھەمىيدە : شۈكۈر ئېيتقۇچى ئايال، ماختاشقا ئەرزىيدىغان ئايال.
ھەنىيفە : ياخشىلىق تەرەپكە بۇرالغۇچى ئايال، مۇسۇلمان ئايال، توغرىنى چىڭ تۇتقۇچى ئايال.
ھەۋۋا : ھەۋۋا ئانا، ئىنسانلارنىڭ ئانىسى، يېشىلغا مايىل قارا ياكى قارىغا مايىل قىزىل.
ھۇرىيە : پەرى، ھۆر، رەڭگى ئاقپىشماق پەۋقۇلئاددە كېلىشكەن ئايال.
خالىدە : مەڭگۈ، دائىم.
خالىسە : ساپ، پاكىز، خالىس، بەك ئاق.
خەدىيجە : ۋاقتىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان قىز بالا.
زاكىرە : ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، خاتىرە، ئاڭ.
زاكىيە : پۇرىقى ئەتراپقا يېيىلىپ تۇرغۇچى.
زەكىيە : ھۇشيار ئايال، چېچەن ئايال، زېرەك ئايال.
رەشىيدە : ھىدايەت تاپقۇچى ئايال، ئاڭلىق ئايال، ئەقىللىق ئايال.
رەنا : بەك گۈزەل بولغانلىقتىن كۆرگەن كىشى مېھرىنى ئۈزەلمەي ئۇزۇنغىچە قاراپ قالىدىغان نەرسە.
زاكىيە : ياخشى ئۆسكۈچى.
زاھىدە : ئاخرەتنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن دۇنياغا بېرىلمىگەن ئايال.
زاھىرە : گۈزەل ئايال، چىرايلىق ئايال، يۈزى يورۇق ئايال.
زۆھرە : چولپان يۇلتۇزى، ۋېنېرا، ئاپئاق، سۈزۈك رەڭ.
زەكىيە : پاك، گۇناھسىز، پەزىلەتلىك، ساپ، ئۆسكۈچى.
زەھرا : رەڭگى سۈزۈك ۋە نۇرلۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمەنىڭ لەقىمى.
زەينەب : كۆرۈنۈشى چىرايلىق خۇش پۇراق بىر دەرەخ، رىۋايەتلەردە كاككۇكنىڭ مەشۇقى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدىغان ئەپسانىۋى قۇشنىڭ نامى.
زىينەت : گۈزەللىك ۋە ھۆسن بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇيۇم، بېزەك، ھۆسن.
ساجىدە : سەجدە قىلغۇچى ئايال، باش ئەگگۈچى ئايال.
سارا : ئەڭ ياخشى ، تاللانغان، سەرخىل.
سالىمە : قۇتۇلغۇچى ئايال، بېجىرىم ئايال، ساغلام ئايال، ساق- سالامەت ئايال.
سەداد : توغرىلىق، راستچىللىق.
سەئدە : بەختلىق، بەرىكەتلىك.
سەئىدە : بەختىيار ئايال، تەلەيلىك ئايال، سائادەتمەن ئايال.
سالامەت : بېجىرىم، ئەيىبسىز، ساق.
سالام : سالام بەرمەك، سالام، تىنچ- ئامانلىق سورىماق،
سەلما : ھېچ ئەيىبى يوق ئايال.
سەلىيمە : قۇتۇلغۇچى ئايال، ئەيىبسىز ئايال.
سەمرا : بۇغداي ئۆڭلۈك ئايال.
سەمىيھە : مەرد ئايال، سېخى ئايال، قولى كەڭ ئايال.
سەمىيرە : كېچىدە مۇڭداشقۇچى ئايال، كېچىدە سۆھبەتلەسكۈچى ئايال.
سۇمەييە : ئىسلامنىڭ تۇنجى شەھىدى بولغان ساھابە ئايال(اللە تەئالا ئۇ ئايالدىن رازى بولسۇن).
سەييىدە : خانىم، خېنىم، خانزادە.
سىيما : ئالامەت، بەلگە، نىشان، ئەن، تامغا، تەقى- تۇرقى، سىرتقى كۆرۈنۈشى.
شادىيە : ناخشىچى ئايال.
شەرىيفە : شەرەپلىك ئايال، ئېسىل ئايال، ئالىيجاناب ئايال.
شەفىيقە : شەپقەتلىك ئايال.
شەمس : قۇياش، كۈن، بەك گۈزەل دېگەن مەنىدە مەجازەن ئىشلىتىلىدۇ.
شەھىدە : اللە يولىدا شەھىد بولغان ئايال.
شېرىن : تاتلىق، لەززەتلىك، بەك چىرايلىك بەك گۈزەل دېگەن مەنىلەردە مەجازەن ئىشلىتىلىدۇ.
سادىقە : راستچىل ئايال، ئىخلاسمەن ئايال.
سالىھە : ياخشى ئايال، توغرا يول ئۈستىدىكى ئايال.
سەبىيھە : گۈزەل ئايال، كېلىشكەن ئايال.
سەدىيقە : راستچىل ئايال سەمىمىي ئايال.
سەفىيە : ساپ،، پاك، سۈزۈك، روشەن، تاللانغان، سىرداش دوست، ھەقىقىي دوست.
تالىبە : ئېزدەنگۈچى ئايال، ئوقۇچى ئايال، تەلەپ قىلغۇچى ئايال.
تاھىرە : پاك ئايال، پاكىز ئايال.
تەييىبە : ھالال، پاكىز، ئۇبدان، بەلەن.
زەرىيفە : ھۇشيار ئايال، زېرەك ئايال، چېچەن ئايال.
ئائىشە : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ ئايالى ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى، كەيپىياتى ياخشى ئايال.
ئاتىكە : قىپقىزىل ۋە ئېسىل.
ئارىفە : ئىلىم- مەرىپەتلىك ئايال.
ئالىيە : ئىگىز، يۈكسەك، يۇقىرى، ئالىيجاناب.
ئىبادەت : تائەت، ناماز، قۇلچىلىق قىلماق، ئىبادەت قىلماق، دىنى ئەھكاملارنى ئورۇنلىماق.
ئەزىيزە : سۆيۈملۈك، ھۆرمەتلىك، قەدىرلىك، ئېسىل. كۈچلۈك.
ئەتىيە : سوۋغا- سالام، ھەدىيە.
ئەفىيفە : ئىپپەتلىك، پاك.
ئەلىيە : شەرەپلىك، ئىگىز، يۇقىرى، يۈكسەك.
ئىنايەت : كۆڭۈل بۆلمەك، غەمخورلۇق قىلماق، ساقلىماق، باشقۇرماق.
فائىزە : غەلىبە قىلغۇچى ئايال، مۇرادىغا يەتكۈچى ئايال.
فائىقە : ھۆسن- جامالى بەك كېلىشكەن.
فاتىمە : بالىسىنى (سۈتىدىن) ئايرىغان ئايال.
فىردەۋس : باغ، بوستان، گۈلباغ، جەننەت.
فەرىيدە : يالغۇز، مىسلىسىز، قىممەتلىك گۆھەر.
قەمەر : ئاي.
كۇلسۇم : ئىككى مەڭزى ۋە يۈزى گۆشلۈك ئايال.
كەۋسەر : تاتلىق سۇ، جەننەتتە بىر ئۆستەڭ.
لامىئە : نۇر چاچقۇچى، داڭلىق.
لەتىيفە : مۇلايىم، مەرھەمەتلىك، مەدەنىيەتلىك.
لەيلا : بەك قاراڭغۇ ۋە ئۇزۇن كېچە، مەستلىك، مەستلىكنىڭ باشلىنىشى، ھاراقنىڭ كەيپى.
مارىيە : ئاقپىشماق ئايال.
مەريەم : سۇرىيانىيچىدە ئىگىز دېگەن بولىدۇ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى.
مەلىيكە : مۈلۈكدار ئايال.
مۇنىيرە : نۇرلۇق، يۈزى يۇرۇق، گۈزەل، نۇر چېچىپ تۇرغۇچى.
نائىلە : ئېرىشكۈچى، سوۋغا- سالام.
ناجىيە : قۇتۇلغۇچى ئايال، تېز ماڭىدىغان تۆگە.
نادىرە : ھىكلەتلىك سۆز، لەتىپە، ئۆز زامانىدا تەڭدىشى يوق ئايال.
نادىيە : جەمئىيەت، يىغىن، كۇلۇب.
نارىمان : پارىسچە ئانارغا ئوخشاش دېگەن بولىدۇ.
نەجات : قۇتۇلماق، خالاس تاپماق.
نەجىيبە : تېگى- تەكتى ئېسىل، پەزىلەتلىك، زېرەك، نەپىس، ئەقىللىق.
نەجىيە : سىر، سىرداش دوست.
نەرگىس : تەڭگىچە ئاق ياكى سېرىق گۈلى بولغان بىر خىل ئۆسۈملىك بولۇپ گۈلىگە كۆزلەر ئوخشىتىلىدۇ.
نەزىيھە : ئىپپەتلىك، رەزىللىكلەردىن يىراق.
نەسرىن :  ئەتىردەك پۇرايدىغان بىر خىل ئاق گۈل.
نەسىيمە : مەيىن شامال، ئىللىق ھاۋا.
نۇسرەت : غەلىبە، زەپەر، قۇتۇلۇش.
نەزىيرە : ئوخشىغۇچى.
نەئىيمە : تۇرمۇشى ياخشى ۋە كۆڭلى خاتىرجەم.
نۇر جاھان : جاھاننىڭ نۇرى.
ھاجەر : ئىبراھىم ئەلەھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى.
ھادىيە : يېتەكچى ئايال، توغرا يولغا باشلايدىغان ئايال.
ياسەمىن : خۇش پۇراقلىق بىر خىل ئۆسۈملۈك.

SERKE يوللانغان ۋاقتى 2006-9-21 14:33:41

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﭘﺴﯩﺰ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﺒﺮﺍﮬﯩﻤﻨﯩﯔ  ﺋﻪﺭﻩﭘﭽﻪ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ  ﺋﺎﯞﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ،ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﭽﯩﺴﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

bidar يوللانغان ۋاقتى 2006-9-21 18:39:50

ﺧﺎﻟﯩﻖ - ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﻰ.

bidar يوللانغان ۋاقتى 2006-9-21 18:39:55

ﺧﺎﻟﯩﻖ - ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﻰ.

Mr.Galwang يوللانغان ۋاقتى 2006-9-21 20:49:20

ﺋﻪﺳﻘﻪﺭ-ﻛﯩﭽﯩﻚ؛ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ-ﭼﻮﯓ. (ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﻪﺳﻘﻪﺭ، ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﯩﺘﯩﯖﯩﺰ؟)

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2007-6-13 19:38:00

ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ؟؟؟

Berdem يوللانغان ۋاقتى 2008-12-23 16:47:56

چىرايلىق ئىسىملاركەن.

zuhra يوللانغان ۋاقتى 2008-12-23 19:06:31

ساقلىۋېلىشقا تىگىشلىك تېما ئىكەن، رەھمەت.

Riwayetweb يوللانغان ۋاقتى 2009-2-21 11:44:45

خەتكۈچ
بەت: [1]
: ئىسىملەر ۋە مەنىلىرى