@TuranTekin يوللانغان ۋاقتى 2006-9-5 23:33:21

ﺧﯘﺟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ


ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسى ۋەزىيىتىنى يېرىم ئەسىر دىگۈدەك ئۆز قۇلىدا تۇتقان كامىل نەيراڭۋاز، مەشھۇر دىنىي داھى خۇجا ئەھرار ھىجىرىيە 895- يىلى ئۈلۈپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ يىتىلگەن مۇرىتى ۋە ئىزباسارى بولغان مەۋلانە مۇھەممەت غازىمۇ ھىجىرىيە 921- يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ رەھبەرلىك ھۇقۇقى تەدىرىجى ھالدا مەخدۇم ئەزەمنىڭ قۇلىغا ئۆتتى.
مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەھمەت كاسانى بۇلۇپ، ھىجىرىيە 866- يىلىدىن 949- يىلىغىچە ياشىغان. مۇھەممەت سادىق قەشقەرىنىڭ "تەزكىرەئى خۇجىگان" ناملىق ئەسىرىدىكى بايانلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئاتا-بۇۋۇلىرى مەدىنىلىك بۇلۇپ، بۇۋىسى كىيىنچە پەرغانە رايۇنىغا كىلىپ ماكانلاشقان. ئۇنىڭ ئەجداتلىرى ھەققىدىكى شەجەرىلەر ئون خىلدىن ئاشىدىغان بۇلۇپ، ئەۋلاد سانى، ھۆرمەت نامى ۋە ئىسمى قاتارلىقلاردا ناھىيىتى چوڭ ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. شۇنداق بولسىمۇ ھەممىسىدىلا ئۆز يىلتىزىنى فاتىمەگە تۇتاشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق مۇھەممەد پەيغەمبەرگە باغلىشىدۇ.
مەخدۇم ئەزەم ياش ۋاقىتلىرىدا تاشكەنتتىكى بىر مەدىرىستە ئىلىم تەھسىل قىلغان بۇلۇپ، ئۇقۇشنى تۈگەتمەيلا نەقشىبەندىيە تەرىقىتىگە كىرگەن ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەشھۇر ئۈلىما مەۋلانە مۇھەممەد غازىغا مۇرىت بولغان. مۇھەممەد غازى ئۆلگەندىن كىيىن نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ رەھبەرلىك ھۇقۇقى تەدىرىجى ئۇنىڭ قۇلىغا ئۆتكەن. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا سۇپىزىم دۇنياسىدا يۈكسەك شۆھرەتكە ئىگە بۇلۇپ، كىيىنكىلەر تەرىپىدىن "دىننىڭ نۇرى ۋە تۈۋرىكى" دەپ تەرىپلەنگەن. مەخدۇم ئەزەم سۈننىي مەزھىپىدە بۇلۇپ، ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى پان ئىلاھچىلىققا ئوخشۇشۇپ كىتەتتى. ئۇ سۇپىلار ھەمىشە خانىقادا تۇرىشى كىرەك، پەقەت دىن تارقىتىش توغرا كەلگەندىلا ئاندىن ئۈزۈن مەزگىل سىرىتتا تۇرسا بۇلىدۇ، دىگەننى تەشەببۇس قىلىپ، يەككە-يىگانە زاھىدلىققا قارشى تۇرغان. ئۇ نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ يۇسۇنلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئەگەر مۇرۇتلار مەزھەپ ئىچىدىكى رەسمى پائالىيەتلاردە "پەس ئاۋازلىق زىكىر" ئۈچۈن خىراج تۈلىسە، ئۇلارنىڭ "يۇقىرى ئاۋازدا زىكىر قىلىش"ى ۋە ساما ئوينىشىغا ئىجازەت بەرگەن. ھەمدە مۇزىكا ساما ئۇسۇلى ئۈچۈن زۈرۈر دىگەننى ئىتىراپ قىلغان.
مەخدۇم ئەزەممۇ ئۈزىدىن ئىلگىرىكى پىشىۋالارغا ئوخشاش زور تەسىر كۈچكە ئىگە دىنىي سىياسى پائالىيەتچى بولغاچقا شەيبانە سۇلالىسىنىڭ ھەربى-سىياسى ئىشلىرىغا ۋە سۇلالىدىكى ئىچكى كۈرەشلەرگە پائال قاتناشقان. ئۇ ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ماۋرائۇننەھەر  رايۇنىدا ئۆتكۈزگەن. بىراق خ.ۋ.بىللېۋنىڭ "قەشقەر تارىخى" دىگەن ئەسىرىگە ئاساسلانغاندا، مەخدۇم ئەزەم ئابدۇرەشىتخان دەۋرىدە قەشقەرگە كەلگەن ۋە خانلىقنىڭ ئىززەت-ئىكرام بىلەن كۈتۈۋېلىشى ھەم يەرلىك خەلىقنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بۇلۇپ، شۇ يەرلىك بىبىچە ئىسىملىك بىر ئايالغا ئۆيلەنگەن. بۇ ئايالدىن بىر ئۇغۇل يەنى مەشھۇر خۇجا ئىسھاق ۋەلى تۇۈغۇلغان.
مۇسۇلمان مەنبەلىرى ۋە خەنزۇچە مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، مەخدۇم ئەزەمنىڭ ناھىيىتى كۆپ ئۇغۇللىرى بولغان. ئەمما كونكىرىتنى سانى ۋە ئىسىملىرىدا پەرىقلەر بولغان. پەرزەنىتلەر بەزى مەنبەلەردە 7، بەزىلىرىدە 13،  يەنە بەزىلىرىدە 14 دىيىلگەن. مەخدۇم ئەزەم ھايات ۋاختىدىلا ئۇغۇللىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، چوڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىمىننى ("ئىشان كالان" نامى بىلەن مەشھۇر) نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ باش پىرلىقىغا ، قالغان ئۇغۇللىرىنى مەزكور مەزھەپنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى سەردارلىقىغا تەيىنلىگەن. ئەمما مەخدۇم ئەزەم ئۈلۈشى بىلەنلا ئۇغۇللىرى مەزھەپنىڭ ئەڭ ئالى ھۇقۇقىنى تالىشىپ كەسكىن كۈرەشلەرنى قوزغىغان. ئەمما بۇ مەيدان كۈرەشتە چوڭ ئۇغۇل مۇھەممەد ئىمىن باشقىلارغا قارىغاندا نامى ئۇلۇغ، سۈزى يوللۇق بولغاچقا تەبىئى ھالدا ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىگەن. ئەمما ئىسھاق ۋەلى مەخدۇم ئەزەمنىڭ قەشقەرلىك خۇتۇنىدىن تۇغۇلغان، ھەمدە بۇ خۇتۇن سەئىدىيە جەمەتىدىن كىلىپ چىققان بولغاچقا، ئىسلام دىنىدىكى "ئۇغۇل ئانىسى نەسەبىدىن ئەتىۋارلىق" دىگەن ئەنئەنە بۇيىچە ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇلۇپ، "خۇجائى قەشقەرى" دەپ ئاتالغان. يەنە كىلىپ ئۇ قابىلىيەتلىك بولغاچقا ئۇمۇ مۇھەممەد ئىمىن بىلەن ئۈزەڭگە سۇقۇشتۇرالايدىغان كۈچكە ئايلانغان. شۇڭا بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش تۇلىمۇ كەسكىن بولغان. ئۇلارنىڭ مۇرىتلىرىمۇ تەدىرىجى ھالدا ئىككى چوڭ گۇرۇھقا بۈلۈنگەن. مانا بۇ كىيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئاقتاغلىق، قاراتاغلىق خۇجىلارنىڭ مەنبەسى ئىدى. بۇ كۈرەش ماۋرائۇننەھەر رايۇنىدىن ھالقىپ، يەكەن خانلىقى تىرىتورىيىلىرىگىچىلىك كىڭەيگەن. بۇ قارمۇ-قارشى ئىككى مەزھەپ بۇ رايۇنلاردا كۆپلەپ مۇرىت توپلاپ، تەسىرىنى ۋە كۈچىنى زۇرايتقان. مۇشۇنداق ئەھۋالدا خۇجىلار غەرىبى يۇرۇتقا كىرىپ كەلگەن.

@TuranTekin يوللانغان ۋاقتى 2006-9-6 07:21:30

oghri ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﯓ. ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯘﺷﯘﻡ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺳﯘﭘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﯞﺍﮬﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﯜﺳﯩﺰ ﺋﺎﺯﺍﭘﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﯜﭼﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ. ﺧﺎﻻﺱ.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2006-9-6 09:05:54

ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺘﺘﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺱ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2006-9-6 09:43:35

ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ.

nankipi يوللانغان ۋاقتى 2006-9-6 10:05:17

ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺑﺎﺭ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ... ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻣﺎﻣﯘﺕ.

afrasiyaf يوللانغان ۋاقتى 2006-9-6 10:24:26

ﺧﻮﺟﻼﺭ ﻳﯧﻐﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ،ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﻯ.ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﯨﺪﻛﻰ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2006-9-6 12:27:25

ﮬﯚﻛﯩﻤﻪﺗﻤﯘ ﺗﯩﺮﻟﯩﺸﮕﻪ ﺋﯘﻧﻤﺎﺱ  ، ﺋﯩﻼﮬﯩﻢ ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻛﻪﻟﻤﻪﺳﯩﻜﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﯗ .

  ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﻘﯩﻤﯩﺰ ..........

hezret يوللانغان ۋاقتى 2006-9-6 13:20:34

hezret يوللانغان ۋاقتى 2006-9-6 13:48:47

ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺕ ﭘﯩﺮﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﺳﺎﻕ........ ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﻣﺪﯗ ﻧﯧﻤﻪ؟!

honzade يوللانغان ۋاقتى 2006-9-6 21:18:41

ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺦ.

ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ:http://paraset.net

guli2019 يوللانغان ۋاقتى 2006-9-6 22:35:15

ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ  ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺴﮭﺎﻕ ﯞﻩﻟﻰ ﺩﯦﮕﯩﻨﻰ <ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ> ﺷﯘﻣﯘ؟

yulghunjan يوللانغان ۋاقتى 2006-9-7 00:39:58

ﺑﺎﻟﻼ، \"ﺧﯘﺟﺎ \"  ﻣﯘ؟ \" ﻏﻮﺟﺎ \" ﻣﯘ؟

boytakyigit يوللانغان ۋاقتى 2006-9-7 09:19:50

ﺗﺎﺭﺥ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﺥ . ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﺎﺭﺥ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ .

aliparsilan يوللانغان ۋاقتى 2006-9-7 14:18:28

ﺑﯘ ﺧﯘﺟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﯘﺟﺎ ﺗﯩﻨﭻ ﺋﺎﺳﺎﻳﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻣﯘﺭﯨﺖ ﺗﻮﭘﻼﭖ، ﺑﯘ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻨﯩﯔ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﺶ ﻛﻮﻳﯩﺪﺍ ﻳﻮﺭﮔﻪﻥ، ﺑﯘﻧﻰ ﺳﯩﺰﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ، ﺑﯘ ﺋﯩﭙﻼﺱ ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﻏﯘﺟﺎ ﺗﯩﺒﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﻻﻣﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ 40ﻛﯜﻥ ﺗﺎﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺗﯩﺒﻪﺕ ﻻﻣﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎﺗﯩﺮﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻣﻠﻪﭖ، ﺋﺎﺧﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﻛﻰ ﺧﯧﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﻘﻰ (ﻟﯩﻴﺎﯞ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ) ﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﯞﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﻏﺎﻥ، ﺧﻪﻟﯩﻖ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻠﺨﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻥ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘ ﺧﯘﺟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺭﯨﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯨﻠﻐﺎﻥ، ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﺗﯘﻥ -ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻕ-ﺋﺎﺳﺘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺧﯘﺟﻼﺭ ﻧﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻣﺎﻱ، ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﺎﺗﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﯘﺟﺎ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ، ﺋﯚﺯﻯ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻤﯩﻨﯩﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﭖ، ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﭘﺎﻥ ﺗﯚﻟﯩﮕﻪﻥ، ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﯘﺟﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ، ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺋﻪﻳﻤﯩﻨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﭼﯜﻥ، ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ، ﮬﻪﺭ ﮬﻪﭘﺘﯩﺴﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ، ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺳﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻕ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺳﺎﻗﺎﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻧﺎﺩﺍﻥ ﺧﻪﻟﯩﻘﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﯘﺟﺎﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﺧﯘﺟﺎ ﺋﯩﭙﻼﺱ ﻧﻪﭘﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ، ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﺧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﻛﻪﻟﺪﯗﺭﯛﭖ،ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﺎﭘﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ، ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯩﺪﻯ  ﺩﻩﭖ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺋﯧﻴﯩﺘﺴﺎ ، ﺑﯘ ﺋﯩﭙﺎﺱ ﺧﯘﺟﻰ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﺰﯕﻐﺎ  ﺭﻭﮬ- ﺋﻪﺭﯞﺍﮬﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﻯ ﭼﯘﺷﯜﭘﺘﯘ، ﺋﯚﺯﻩﯕﻨﻰ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺳﺎﻧﺴﯩﺎﯓ ﺑﻮﻟﻐﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﻤﯩﻘﺘﯘﺭﻏﺎﻥ،
ﺑﯘ ﺋﯩﭙﻼﺱ ﺧﯘﺟﻼﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﺎﯞﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻧﺎﻛﻪﺳﻠﻪﺭ

@TuranTekin يوللانغان ۋاقتى 2006-9-7 22:33:02

ﺋﯩﺴﮭﺎﻕ ﯞﻩﻟﻰ ﺩﯨﮕﯩﻨﻰ ﺋﺎﻓﺎﻕ ﺧﯘﺟﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﺎﻓﺎﻕ ﺧﯘﺟﺎ ﺋﯩﺴﮭﺎﻕ ﯞﻩﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.

A.SERDAR يوللانغان ۋاقتى 2006-11-5 16:23:38

ﺧﻮﺟﯩﻼﺭ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯞﺍﺗﯩﺪﯗ ﺩﻩﻳﺪﯗ ، ﺑﯘ ﺭﺍﺳﺘﻤﺎ ؟

@TuranTekin يوللانغان ۋاقتى 2006-11-5 23:41:51

ﺑﯘ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻗﯧﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ

tukan1114 يوللانغان ۋاقتى 2006-11-26 20:12:37

ﺋﺎﻓﻔﺎﻕ ﻟﻪﻧﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ، ﻳﯘﺳﯜﻑ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻠﮭﺮﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﻳﻮﻕ، ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﮬﻪ؟!  ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺰﺩﻩﻣﺪﯗﻗﻴﺎ؟

bandithan يوللانغان ۋاقتى 2006-12-24 23:23:09

ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﯘﭼﯩﻼﺭ <ﺟﺎﻟﻼﺕ ﺧﯧﻨﯩﻢ>ﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ ، ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ @!

el يوللانغان ۋاقتى 2007-2-3 13:32:07

ﻟﯩﻴﺎﯞ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ 1124- ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯘﻧﻘﻪﺭﯨﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ 17-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﺎ  ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺋﯘ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﻰ ﻗﯩﺘﺎﻧﺎﻻﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻦ4-3 ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﯘﺭﻧﻼ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ .
بەت: [1] 2
: ﺧﯘﺟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ