تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى
2-نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى» تارقىتىلدى2-نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى» مۇشۇ ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچىدە تارقىتىلدى. بۇ قېتىملىق باھالاشتا، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەر ئىچىدە ئەدەبىي ئەسەر 14 پارچە، ئەدەبىي تەرجىمە 7 پارچە، فولىكلور 4 پارچە بولۇپ، نۆۋەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدا پارتىيە-ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان مۇشۇ ساھەدىكى ئەڭ چوڭ مۇكاپات ھېساپلىنىدىكەن.
«تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئىتى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاپتۇرلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. «خام سۈت ئەمگەن بەندىلەر» (رومان) ئاپتورى: غەيرەت ئاسىم
2. «تەسىرلىك ئۇچقۇن» (ئەدەبىي ئوبزور) ئاپتورى: مۇھەممەت پولات
3. «زەيتۇنەنىڭ قىزىل ئالمىسى» (ھېكايە) ئاپتورى: ئابلىكىم ھەسەن
4. «قانداق ياشايسەن،بەرنا» (پوۋېست) ئاپتورى: مۇھەممەتسالى مەتروزى
5. «شەبنەم» (ئۇيغۇرچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە پوۋېست) تەرجىمان: دىلمۇرات تەلئەت
6. «باشلامچىلار ناخشىسى» (ئۇيغۇرچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە شېئىر) تەرجىمان: تىلەك
7. «قەشقەردىكى خالتا كوچا» (خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە نەسىر) تەرجىمان: مىرزا ھاپىز
8. «ئۇيغۇرلارنىڭ پەرھىز مەدەنىيىتى» (ئىلمىي تەتقىقات) ئاپتورى: ئەنۋەر سەمەت
ئۇنىڭدىن باشقا، مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ «ئۇنتۇمايلى دېھقاننى» ناملىق ناخشا تېكىستى( مۇزىكىسىنى مۇھەممەت ئىدىرىس ئىشلىگەن)، شۆھرەت كېرىمنىڭ «تەكلىماكان» ناملىق سىمپونىيىسى، مۇھەممەت ھېيىتنىڭ «ئىللىق تۇپراق» ناملىق ماي بوياق رەسىمى، خېلىل مۇھەممەتنىڭ «ئىتتىپاقلىق-- كۈچ، ئىتتىپاقلىق--غەلىبە» ناملىق ھۆسۈن خېتىمۇ مۇكاپاتقا نائىل بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، قەييۇم ئابدۇقادىر شالنىڭ «سۇمبۇل چاچ» (ھېكايىلەر توپلىمى)، توختاش بەكرىنىڭ «ئۇ نېمە» (شېئىرىي تېپىشماقلار)، بوغدا ئابدۇللانىڭ «كوزا كۆتەرگەن قىز» (شېئىرلار توپلىمى)، دىلمۇرات تەلئەتنىڭ «كامالىدىن» (تەرجىمە ھېكايە)، نۇرمەمەت ھېلىماخۇننىڭ «يۇرتقا مۇھببەت» (ماي بوياق رەسىم)، ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ «تەڭرىتاغدا باھار» (تام سىزما رەسىم) قاتارلىق ئەسەرلىرى مۇشۇ خىل تۈرلەرنىڭ شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
خەنزۇچە تور بىكەتلىرىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى.
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﯩﮕﻪ ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﺴﯩﯖﯩﺰ، ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﯔ:http://paraset.net ﮬﻮﻧﺰﺍﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﺮﯨﮕﻪ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ!...



ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ .

بەت:
[1]