@TuranTekin يوللانغان ۋاقتى 2006-8-30 23:21:09

ﻧﻪﻗﺸﯩﺒﻪﻧﺪﯨﻴﻪ (ﺳﯘﭘﯩﺰﯨﻢ) ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ


سۇپىزىم ئىسلام دىنىدىكى تەركىدۇنياچىلىق مۇرىتلىرىنىڭ ئۇمۇمى نامى بۇلۇپ، "سۇپى" سۈزى يىرىك يۇڭدىن تۇقۇلغان كىيىم ، خام تۇقۇلما دىگەن مەنىلەردە بۇلۇپ، مەزكور مەزھەپتىكىلەرنىڭ نامرات، تەركىدۇنيا تۇرمۇش كۈچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. سۇپىزىم ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بىرىش ، تەركىدۇنياچىلىق تەلىماتىدىن ۋۇجۇتقا چىققان ۋە پەيدىن-پەي راۋاجلانغان، ئىسلامىيەت گۈللەنگەن دەسلەپكى دەۋىرلەردە بىر قىسىم تەقۋادار مۇرىتلار جاپا-مۇشەققەتلىك زاھىتلىق يۇلىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا "قۇرئان" دىكى ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش، سەۋرى-تاقەت، ئىنساپ، ئىتائەتچان بۇلۇش، خەير-ئىھسان قىلىش، كەمتەر-كىچىك پېل بۇلۇش قاتارلىق ۋەز-پەرھىزلەرگە قاتتىق بويسۇنۇپ، ئاددىي-ساددا، نامرات، جاپالىق ھەتتا يەككە تۇرمۇش كۈچۈرگەن ۋە ئىسلام دىنىدىكى غۇربەتچىلىككە كۈنۈش ۋە تەركىدۇنياچىلىقنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ ۋەكىل خەرەكتىرلىك پىشىۋاسى ئۈمەييا سۇلالىسىدىكى مەشھۇر ئىلاھىيەتچى ھەسەن بەسرى ئىدى. ئۇ دىنى تۇرمۇش جەھەتتە تەقۋادارلىق، جىمجىتلىق ۋە نامراتلىققا زارلىماسلىقتەك زاھىدتلىق تەلىماتىنى؛ ئىلاھىيەتتە چۇڭقۇر تەپەككۇر، ئۆز-ئۈزىدىن ئىھتىيات قىلىش ۋە ئاللانىڭ ئىرادىسىگە مۇتلەق بۇيسۇنۇش، شۇ ئارقىلىق بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى ماسلاشتۇرۇش مەقسىدىگە يىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ كىيىنكى ۋاقىتلاردا شەكىللەنگەن سۇپىزىم تەرىپىدىن مەزكور مەزھەپنىڭ ئاساسچىسى دەپ تەرىپلەنگەن.
8- ئەسىردىن باشلاپ مەيدانغا كىلىشكە باشلىغان سۇپىزىم ئىددىيىسى 9- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە يەنىمۇ تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار پەقەت ئاللاھنى ياد ئىتىش بىلەن ئاللاھنى ھەقىقى تۇنىغىلى ، شۇنداقلا بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ بىرىكىشىگە يەتكىلى بۇلىدۇ دىدى. 9- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە يەنىمۇ تەرەققى قىلىپ، پەقەت زاھىدلىق (رىيازەت) يۇلى ئارقىلىقلا بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ دەپ قارىدى. ئەمما بۇ ئاخىرىدا ئىسلام دىنىدىكى ئەنئەنىۋى ئىتىقاتتىكىلەر بىلەن زىدىيەتلىشىپ قالدى، ھەمدە  ئاخىرىدا ئۆز-ئارا مادارا قىلىشتى. 11- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 12- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە سۇپىزىم ئاندىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى مەزھەپلىرىنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بۇلۇپ، ئەنئەنىۋى ئىتىقات بىلەن بىرلىشىش جەريانىنى تاماملىدى.
سۇپىزىمنى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەنئەنىۋى مەزھەپلەردىن ئالدى بىلەن سۇننىي مەزھىپى قۇبۇل قىلدى. ئاخىرىدا شىئە مەزھىپىمۇ ئىتىراپ قىلدى. سۇپىستلار بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىكى مەھەللىۋى دىنى تۇرمۇشىدىن ۋاز كەچمىدى. ئۇلار يەنە سىرلىق قىياپەتتە يۈرۈۋەردى. رىيازەتتە تاۋلىنىشنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. ئاددا-ساددا، نامرات تۇرمۇش كەچۈردى، رۇھى جەھەتتىن تاكاممۇللىشىشقا قاتتىق ئەھمىيەت بىرىپ ، رۇھى پاكلىققا يەتمەكچى بولدى ۋە ئۆز-ئۈزىنى ئۇنتىدى. بۇ ئارقىلىق ئاللاغا يېقىنلىشىپ، ئاللاھ بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشنى كۆزلىدى. تەسەۋۋۇپ نەزىرىيىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى بۇلۇپمۇ مەنىۋى داھىيلارنىڭ مۇرۇتلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا يىتەكچى ئۇرۇندا تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى نەزىريىنىڭ تەرەققى قىلىشى سۇپىستلارنىڭ دىنى تۇرمۇشىدىكى ئىماملار رىياسەتچىلىكىنى مەنىۋىيەت پىرلىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئۇلارنىڭ پائالىيەت مەركىزىنىمۇ مەسچىتتىن پىرلارنىڭ خانىقالىرىغا يۆتكىۋەتتى.
8- ئەسىردىن باشلاپ سۇپىزىم مەزھىپىدە ھەرقايسى مۇرۇتلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىشى ئارقىسىدا شەكىللەنگەن كىچىك سۈلۈكلەر پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى. بۇ بىر ئىستىخىيىلىك تەشكىلات بۇلۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ يادىرولۇق ئادىمى ياكى كونكىرىت نىزامنامىسىمۇ بولمايتى. بۇلار پەقەت ئوخشاش رۇھى تاۋلىنىش ئۇسۇلى ۋە مەقسىتى بىلەن يىغىلىدىغان تاۋلىنىش كاللىكتىۋى ئىدى. بۇ خىلدىكى كىچىك تەشكىلاتلار 11- ئەسىرنىڭ ئوتتىرلىرىدىن كىيىن تەدىرىجى ھالدا كونكىرىت تەشكىلگە يەنى مەدرىس خەرەكتىرىدىكى دىنى توپقا ياكى مەزھەپ شەكلىگە يۈزلەنگەن. 13- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ مۇڭغۇللارنىڭ قەدىمىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا يىتىشى بىلەن ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىسلام دىنىغا تايىنىپ مەۋجۇت بۇلۇپ كىلىۋاتقان ناھىيىتى كەڭ سىياسى ئاساسمۇ يىمىرىپ تاشلاندى. شۇنىڭ بىلەن مەھەللىۋى ئىتىقات تۈسىدە مەۋجۇت بۇلۇۋاتقان سۇپىزىم پايدىلىق تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق يۇقىرى دولقۇننى قوزغىدى. بۇنىڭ بىلەن چوڭ-كىچىك سۇپىستىك گۇرۇھلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كىلىشكە باشلىدى ۋە تىز سۈرئەتتە كىڭەيدى. مانا مۇشۇنداق تارىخى شارائىت ئاستىدا نەقشىبەندىيە تەرىقىتى ئۇتتىرا ئاسىيادا پەيدا بولدى.
نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ نامى ئۇنىڭ ئىجاتچىسى باھاۋۇدىن نەقشىبەندى (1317-1389) نىڭ ئىسمىدىن كەلگەن. نەقشىبەندىنىڭ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەت بىن مۇھەممەت باھاۋۇدىن ئەل بۇخارى، "نەقشىبەندى" ئۇنىڭ لەقىمى (سىزغۇچى دىگەن مەنىدە)، بۇ لەقەم "تەڭداشسىز ئىلاھىي رەسىمنىڭ سىزىلىشى" ياكى تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرۇلۇپ "قەلىبنىڭ ھەقىقى تاكاممۇللاشقان شەكىلگە كىرىشى" دەپ چۈشۈنۈلگەن.
نەقشىبەندىيە تەرىقىتى بارلىققا كەلگەندىن كىيىن ئوتتىرا ئاسىيا رايۇنىدا تىزدىن تەرەققى قىلدى . ئۇنىڭ تىزدىن باش كۈتۈرۈشى ۋە قۇدىرەتلىك ئىجتىمائى كۈچكە ئايلىنىشى ھۈكۈمىرانلار سىنىپىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. جەمىيەتتىكى كۆپلىگەن يۇقىرى قاتلام زات، ئۈلىما – ئالىملار، ھەتتا يەرلىك ئالى ھۈكۈمرانلارغىچە بەس-بەستە بۇ تەرىقەتكە ئەگەشتى ۋە ئوتتىرا ئاسىيا سىياسى سەھنىسىدە ناھىيىتى قۇدىرەتلىك ئىجتىمائى، سىياسى كۈچ سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ مۇھىم روللارنى ئوينىدى. شۇنداقلا باشقا سىياسى كۈچلەنىڭ ئۆزگىرىش ۋە تەرەققى قىلىشىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.

VIP يوللانغان ۋاقتى 2006-8-31 09:35:55

ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺯ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺪﻯ ﺑﯘ ﺳﻮﭘﻰ ﺋﯩﺸﺎﻧﻼﺭ.
ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺳﻮﭘﯩﺰﯨﻢ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﭘﯘﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﯧﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻤﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ...ﮬﻪﻱ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪﻙ ﮔﻪﭖ ﺟﯩﻖ..

@TuranTekin يوللانغان ۋاقتى 2006-8-31 11:29:07

ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﻩﻳﺴﯩﺰ ﯞﯨﭗ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺯﺍﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ، ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﮬﺎﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺩﻩﻝ ﺳﯘﭘﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ 500 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﯘﺭﯗﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺷﺸﺎﻗﻠﯩﻖ، ﮔﯘﻣﺮﺍﮬﻠﯩﻖ ﺋﻪﯞﯨﺞ ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﯘﭘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﯨﺴﻪﻛﻤﯘ ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯩﻠﯩﭗ - ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺑﯘ ﺋﯩﺪﺩﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺯﯛﻝ-ﻛﯩﺴﯩﻞ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﻪﻟﻤﯩﺪﯗﻕ.

kuxkach يوللانغان ۋاقتى 2006-8-31 12:12:51

ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺗﯧﻜﯩﻦ:
ﺳﯩﺰ ﯞﺍﮬﺎﺑﯩﻴﻤﯘ؟ ...
ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺳﯘﭘﯩﻼﺭ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ.
ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ، ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.
(ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺳﯘﭘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﻠﯩﻐﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ، 14-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﮬﯜﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ... ﭘﺎﻛﯩﺖ.)
ﻣﯩﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﻧﻪﭘﯩﺲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﭖ، ﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻮﻏﺮﺍ، ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﮬﺎﻏﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. ...

@TuranTekin يوللانغان ۋاقتى 2006-8-31 12:23:08

ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ،ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ﺳﯘﭘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﻤﻪﻥ. ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯘﻻﺭ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ؟ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺳﻪﻟﺒﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺳﯘﭘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ.

bardam يوللانغان ۋاقتى 2006-8-31 14:31:08

ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺯﺩﯨﻢ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺷﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺷﯘ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ...؟
ﺋﻪﯓ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭ.ﺋﯘﻻﺭ  ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﻼﻣﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ،ﺋﻪﻟﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ  ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺋﯚﭼﯜﻥ، ﺷﯘ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﭘﺎﻙ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻥ.

aliparsilan يوللانغان ۋاقتى 2006-8-31 19:02:52

ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﺳﯘﭘﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﻣﻼ ﻗﯘﻳﻘﺎ ﭼﯧﭽﯩﻢ ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ  ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺧﺎﻧﯩﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻳﻪﻛﻪﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﭗ ﮬﺎﻻﻛﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺷﯘ ﺳﯘﭘﯩﺰﯨﻢ، ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺧﺎﻧﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻠﺨﺎﻥ ﺑﺎﺗﯘﺭ، ﺋﺎﺩﯨﻞ ، ﻣﻪﺭﯨﭙﺘﯟﻩﺭﯞﻩﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺷﯘ ﺳﯘﭘﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ  ﻛﺎﺗﺘﯩﺒﯩﺸﻰ ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﯘﺟﺎ (ﺩﯗﺯﺍﻗﻘﺎ ﺗﯘﺗﺮﯗﻕ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ) ﺷﯩﺰﺍﯕﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻻﻣﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎﺗﯩﺮﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻣﯩﻠﻪﭖ، ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ 40ﻛﯜﻥ ﺋﯧﺘﯩﻜﺎﭘﺘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﺎﺧﺮﻯ ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻏﺎﻟﺪﺍﻧﻐﺎ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﯧﺘﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻏﺎﻟﺪﺍﻥ ﻗﯘﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺋﯩﻦ ﻣﯘﺭﯨﺘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﺮﻛﯩﺘﯘﯛﺭﯛﭖ ، ﻳﺎﯞﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﺮﻏﺎﻥ، ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﻠﺨﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﻗﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯘﭘﯩﺰﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺭﯨﺘﻠﯩﺮﻯ ﺧﺎﺋﯩﻨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﯞﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ، ﺋﯚﺯﻧﯩﯔ ﺧﯘﺗﯘﻥ-ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻧﻰ ﻳﺎﯞﻧﯩﯔ ﺩﻩﭘﺴﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯘﭘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﺴﻪﻙ ﺑﯘﻻﺭ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﯘﺟﺎ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ،، ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻡ ﺧﻪﻟﯩﻘﯩﺰﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﻕ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ، ﻗﺎﺭﺍ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﺑﯚﻟﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ، ﻣﻪﺯﮬﻪﭘﻜﻪ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﺯﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺳﯘﭘﯩﺰﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﺗﺘﯩﺒﺎﺷﻠﯩﺮﻯ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﮬﺎﻻﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺳﯘﭘﯩﺰﯨﻢ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺑﺎﻳﺎﻗﻰ kuxkach ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ  ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﺪﯨﻦ ﺳﯩﺰ ﯞﺍﮬﺎﺑﯩﻴﻤﯘ ﺩﻩﭖ ﺳﯘﺭﺍﭘﺘﯘ، ﺩﯨﻤﻪﻙ ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺳﯘﭘﯩﺰﯨﻢ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯜﻟﯜﯞﯨﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﻤﺎﭘﺘﯘ
ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻛﯧﺮﯨﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﯩﺮﺩﻩ ﺳﯘﭘﯩﺰﻣﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭ ﺑﺎﺭ؟

honzade يوللانغان ۋاقتى 2006-8-31 19:44:15

ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺗﯧﻤﺎ...

joshua يوللانغان ۋاقتى 2006-8-31 20:19:47

ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ، ﺭﺍﺑﯩﺌﻪﺗﯘﻝ ﺋﻪﺩﻩﯞﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ.
ﺋﯜﻣﻪﯞﯞﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺗﺎﻳﯩﻨﻠﯩﻖ...

katil731 يوللانغان ۋاقتى 2006-8-31 22:01:48

ﻳﯧﺮﯨﻢ ﭼﯧﻠﻪﻙ ﺳﯘ ﺑﻪﻙ ﺷﺎﻻﻗﺸﯩﻴﺪﯗ؟؟؟؟؟؟ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ.

wapadartikin يوللانغان ۋاقتى 2006-9-2 19:16:43

ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯩﺮﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ.ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ.



-----------------------------
ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻝ ﺋﯚﺯﻩﯕﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺴﻪﻥ.

hezret يوللانغان ۋاقتى 2006-9-6 13:28:22

ﯞﺍﻱ ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﯩﻖ ﺗﯧﻤﺎ ﮬﻪ؟ ﺳﻮﭘﻰ ﺋﯩﺸﺎﻧﻼﺭ ﻏﺎﻟﺠﯩﺮ ﺋﯩﺘﺘﻪﻙ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﻧﯧﻤﻪ؟

hezret يوللانغان ۋاقتى 2006-9-6 13:37:42

ﯞﺍﻱ ﺳﻮﭘﻰ ﺋﯩﺸﺎﻧﻼﺭ ﻏﺎﻟﺠﯩﺮ ﺋﯩﺘﺘﻪﻙ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﻧﯧﻤﻪ؟

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-5 13:19:17

ھاي-ھاي! بولدى قىلىڭلار!

نېمانچە كۆپ تالاش-تارتىش بۇ؟

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-4-5 17:47:54

ماقالىنىڭ مەنبەسنى بىر دەۋەتمەيلىما ؟ ئاندىن بۇ ماقالە بەكلا چالا پۇچۇق يىزىلغاندەك قىلىدۇ . ئاخىرى بار ھەقچان دەپ تۈۋەنگە تارتسام يوق بۇلۇپ چىقتى . نەچچە ئەسىرلىك ئىدىيە ئىنقلاۋىنى يىرىم بەت گەپ بىلەن يىزىپ بۇلالىغان يازغۇچى بەكلا يامان ئادەممۇ نىمە ؟

destiny يوللانغان ۋاقتى 2012-4-5 19:27:41

نەۋاختىكى تېمىنى كۆتۇرۇپ چىققانسىلە باللا .
بەت: [1]
: ﻧﻪﻗﺸﯩﺒﻪﻧﺪﯨﻴﻪ (ﺳﯘﭘﯩﺰﯨﻢ) ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯩﻠﯩ