wolfling يوللانغان ۋاقتى 2007-4-19 19:59:15

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻮﻓﯩﺖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺗﯩﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﯩﻘﯩﻨﺪﺍ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻥ . ﮬﻪﻡ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﯘﯕﻘﯘﺭﻻﭖ ﺋﯜﮔﻪﻧﻤﻪﻛﭽﻰ . ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯜﺯﯛﻙ ﺗﺎﯞﯗﺷﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺗﯩﭙﯩﭗ
ﺑﻮﻏﯘﻣﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ،ﺗﺎﯞﯗﺷﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯘ ؟
ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﮬﯧﯟﯨﺰﯗﻟﻼ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻧﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺭ؟

iz_007 يوللانغان ۋاقتى 2008-7-25 11:14:57

بۇنى شەخسىلەرنىڭ كۈچىگە تايىنىپ قىلمىسا بېكار................................

Y.T يوللانغان ۋاقتى 2008-8-30 07:05:30

تاۋۇشنى بىرلىك قىلىش مېنىڭچە قىيىنچىلىق دەرجىسنى بەك ئاشۇرۋىتىدۇ، گەرچە تاۋۇش بوغۇمغا قارىغاندا ئاز بولسىمۇ لېكىن بوغۇمنى تولۇق ئىستاتىستىكا قىلىش مېنىڭچە تەس ئەمەس .

font يوللانغان ۋاقتى 2009-1-7 10:49:57

بۇ ئىشنىڭ باشلىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

لىكىن ئاخىرىنىڭ تولۇق چىقىشىشىنى تىخىمۇ ئۈمۈت قىلىمەن.

jastin417 يوللانغان ۋاقتى 2009-2-13 09:57:56

مەنمۇ بەزى ئەھۋاللار بىلەن تەمىنلەي،بۇلارئېنىق مەلۇمات:

بۇمۇ ئاساسەن پۈتۈپ بوپتۇ،مۇشۇ تېما بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىم بىلەن يۈز تۇرانە پاراڭلاشتىم،ئۇنىڭ دېيىشىچە،بۇ تېمىنىڭ ئاساسلىق پروگگىراممىسى پۈتۈپ بوپتۇ،تۇنۇش نىسبىتى %75تىن تۆۋەن ئەمەسكەن،ھازىر يەنە ياخشىلاۋېتىپتۇ،ئاۋاز ئامبىرىنى تۇلۇقلىغاندىن كېيىن تۇنۇش نىسبىتى %96تىن تۆۋەن بولمايدىكەن.

بۇلار مەن ئاشۇخادىمدىن ئاڭلىغان ئەھۋاللار،مەنمۇ بۇ تېمىنىڭ باللدۇراق بىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈشىنى ھەم باشقا ئىزدەنگۈچىلەرنىڭمۇ توختاپ قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن!

Y.T يوللانغان ۋاقتى 2010-11-22 03:44:36

بىر يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ھەممىدىن خەۋەردار ئەرباپلار كۆرۈنمەيدىغۇ.

migyil يوللانغان ۋاقتى 2010-11-23 21:03:52

بۇ تۇرنى بىز 2009-يىلى باشلىغان بولۇپ،ئاساسلىقى يانفۇن ساھەسىگە قارىتا يەنىAndroid,MTK,展讯,M-star سۇپلىرىغا ماس كېلىدىغان قىلىپ لاھىيىلىگەن . بىرىنجى قەدەمدە بىز ئۈنۈمىنى كۆردۇق . يەنى 2010 - يىلى 4- ئايدا مۇشۇ شەھەردىكى بىر ئېلىكىتىرون كارخانىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئەرەپچە ۋە ئېنگىلىزچە قوش تىللىق يانفۇن ئاۋازلىق لوغىتى ( ئاۋازلىق ، مەسىلەن : سىز يانفۇنىڭىزنىڭ تەرجىمە كۆزنىكىگە يېزىقنى كىرگۈزسسىڭىزمۇ ياكى ماس ھالدىكى ئاۋازنى يانفۇنغا دېسىڭىز يانفۇن تەرجىمان سېستىمىسى ئۆز ئارا تەرجىمىسىنى سىزگە ئاۋازلىق ئەسكەرتىپ بېرىدۇ) بازارغا چىقارغان ، تەسىرى خېلى ياخشى بولىدى ، ئەمما تۇنجى قېتىم چىقارغان بولغاچىقا ئاۋاز ئۇنۇمى سەل ياخشى بولماي قالغان ،كېيىن ئاۋازلارنى سۈزۇكلەشتۇرۇپ ئۈنگە ئالغاندىن كېيىن خېلى ئۆلچەملىك بولۇپ ،خېلى ئالقىشلارغا ئېرىشىكەن . بۇ قېتىم ئەمىر يانفۇن شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ ،ئۇيغۇرچە سېستىمىلىقAndroid 2.1 سۇپىلىق ئەقەلىي ئىقىتىدارلىق يانفۇنغا مۇشۇ ئىقىتىدارنى قوشۇش لاھىيەسىنى تۇزۇپ بولدۇق . بۇ تۇرنىڭمۇ مۇۋەپىقىيەتىلىك چىقىشى ئۇچۇن خېلى كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىمىز.

ھە راس ئالىمىكا ئاۋۇ خەنزۇلارنىڭ توردا پاراڭلىشىش قورالىنى ئۇيغۇرچە قىلىش ئىشىنى توختىتىپ قويغىلى بولارمۇ (چاخچاق)؟ بىزمۇ قىلىۋاتقان بۇ ئىشىنى ....... .... خەنزۇلار ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىش قورالى ياسساپ بەردى .................... ماۋۇ گەپ قولىقىمغا ئەجەپ بىر خىل ئاڭلىنىۋاتىدۇ يا .......... سىلەرنىڭچۇ تورداشلار ؟ ئالىمكا سىزنىڭچۇ ؟

tursun12 يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 23:59:51

ئالىم ئەھەت ئەپەندى    ئەلكاتىپ 6.0 قاچان بازارغا سېلىنىدۇ؟ كىتاپ ئۇقۇش ئىقتىدارى قوشۇلدىمۇ؟

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 00:26:37

بۇلتۇر 9-ئايدا شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتىتىدىن پارىژ3-ئۇنىۋېرسىتىتى سېلىشتۇرما ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا ھۈكۈمەت خىراجىتى بىلەن بىر يىللىق ئوقۇشقا بىر ھەدىمىز كەپتىكەن. ماڭا مۇشۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش تەتەقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ،بۇ گۇرۇپپىغا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى بىر كۆزگە كۆرۈنگەن دوكتور ئاكىمىزنىڭ مەسئۇل بولغانلىقى،ئۆزىنىڭ كەسپى تىل- ئەدەبىيات بولغانلىقى ئۈچۈن ،بۇ تەتقىقاتتىكى تىل قىسمى يەنى ئاساسلىقى تىلىمىزنىڭ ئاھاڭدارلىق،ئۇرغۇقىسمىغا مەسئۇل بولغانلىقىنى...سۆزلەپ بەرگەن ئىدى،شۇڭا مەن بۇ تۈر ئەمدى تەتقىقاتقا كىرىشىپتۇ دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن ،بۇ تېمىنىمۇ كۆرمەي قاپتىكەنمەن. ئۈستىدىكىلەر ئاساسەن پۈتۈپ قالدى دەيدىغۇ ئادەمنى خۇشال قىلىپ،شۇنىڭدىن قارىغاندا بۇنى نەچچە يەردە نەچچە گۇرۇپپا ئۆز ئالدىغا ئىشلەۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-1-20 14:48:19

ئاخىرى قانداق بولۇپ كەتتى بۇ ئىشنىڭ؟

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-20 15:02:05

خېلى كۆپ داۋرىڭى بولغان بۇ ئىشلارنىڭ.ئىلگىرى ئۇيغۇرITسەھەسىدە يىلدا بىر چوڭ يېڭىلىق،ئايدا بىر كىچىك يېڭىلىق ئاڭلاپ ئۆگىنىپ قالغان قۇلاقلىرىم خۇددى پاڭ بولغاندەك يېقىندىن بېرى ھېچنىمە ئاڭلىمىدىم.يا مېنىڭ قۇلاقلىرىم سۈزۈۋېتى ئاڭلاۋاتامدىغاندۇ.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-20 15:37:23

بۇ تېخنىكا تاماملانغىلى خېلى بولدى، تور ساقچىلىرى ئىشلىتىۋاتىدۇ دەپ ئاڭلىغان

Bihlan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 02:01:01

بۇ تەتقىقاتمۇ ھازىر مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشىپتۇ، يەنە كېلىپ ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇش، خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش ۋە يەنە ئاۋازغا ئايلاندۇرۇپ ئوقۇش شەكلىدە ئىشلىنىپتۇ، شۇ تاپتىمۇ ئاندرويد تېلېفونۇمدا بۇ دېتال بار. جاڭ چۈنشيەن شۇجى ۋە نۇربەكرى رەئىسمۇ يۇقىرى باھا بەردى دەپ ئاڭلىدىم.
تېخنىكىلىق جەھەتتىن جۈملىنى بىرلىك قىلىپ تونۇيدىكەن، جىمجىت مۇھىتتا تونۇش نىسبىتى خېلى يۇقىرى ئىكەن، پات يېقىندا )بىرەر يىل( ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچ بولۇپ بازارغا سېلىنىدىكەن.:)
   

Bihlan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 02:20:52

ھە راست، يانفونۇمدىكىسى سىناق دېتالى، ۋاقتىنچە ئورتاقلىشىشقا بولمايدۇ، ئەمما مەن ۋاقىت چىقىرىپئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ سىنغا ئېلىپ ۋېدېئو يوللاپ قوياي، ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ بۇنداق يۇقىرى تېخنىكىلىق سەۋىيەگە يەتكەنلىكىدىن پەخرلەنمەي تۇرالمايسىز...   

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 08:06:32

شۇنداق بولغاندا ساقچىلارنىڭ سوراق خاتىرىسىدىن تارتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كونسىفىت دەپتەرلىرىگەچە ئېلىكتۇرۇنلۇشۇپ كېتەمدۇ ئەمدى؟!

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 11:33:07

Bihlan يوللىغان ۋاقتى2014-10-19 02:20:52 static/image/common/back.gif
ھە راست، يانفونۇمدىكىسى سىناق دېتالى، ۋاقتىنچە ئورتاق
بەك كۆرگۈم كەپ كەتتى. بولسا شۇنداق قىلىڭە.
   ھە راست بىخلان، 2008_2007 يىللىرى بىلىكتە بۈركۈتكامنىڭ باشچىلىقىدا سىز، مايور... قاتارلىقلار قاتناشقان ئۇيغۇرچە ocr توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەر ناھايىتى قىززىغان. كىيىن مالىيە ئىقتىساد ئونۋىرسىتىتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇيدىغان بىر ئىنىمىز سۈنئىي نېرۋا تورى ھەققىدە بىر قانچە تېما يوللىغاچ، ئۆزى ياساۋاتقان ئۇيغۇرچە ocr نىڭ پۈتۈن تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى ئاشكارىلاپ ماڭغان. شۇ چاغدا تونۇش نىسبىتى %96 ئەتراپىدا بولدى دېگەندەك قىلغان. كىيىن نېمە ئىش بولدىكى تۇيۇقسىزلا توختاپ قالغانىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى بىلەن چىڭخۇا ئونۋىرسىتىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن خەنزۇچە كۆرۈنمە يۈزلۈك ئۇيغۇرچە تونۇيدىغان ocrسەركە شىركىتى نامىدىن دەبدەبىلىك ھالدابازارغا سىلىنغانىدى. مەنمۇ قىزىقىپ 280 يۈەنگە بىرنى سېتىۋالغان. ياسىغان تەرەپ تونۇش نىسبىتىنى %95 تىن يۇقىرى دېگەنىدى. بىراق مەن شۇنداق ھەپىلىشىپمۇ %60 ئۈنۈمگىمۇ ئىرىشەلمەي ناھايىتى ئاچچىقىم كەلگەن. ھەتتاكى ئۇلار سىناققا ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسى ۋە خەت نومۇرىدا بىر بەت خەتنى بېسىپ سايىلىغۇچتا سايىلاپ تونۇتساممۇ يەنىلا تونۇش نىسبىتى تۆۋەن بولغان. ئاخىرىدا بۇنىڭدا بىر بەتنى نەرسىنى تونۇتۇپ ئىملاسىنى تۈزلەپ بولغىچە، 2-3 بەت نەرسىنى بېسىپ بولغىلى بولىدىكەن دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن. ھەم بۇ نەتىجىدىن بۇ ئوقەتنىڭ ئالدىراپلا تارقىتىلغان سۈپەتسىز نەرسە ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن. چۈنكى مەن ئىلگىرى چىڭخۇا نامىدىكى خەنزۇچە ocr لارنىمۇ ئىشلەتكەن. ئۇلارنىڭ كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي ئوخشاش. پەقەتلا ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە تىل تاللايدىغان يىرىلا ئارتۇق. شۇنداقلا ھېلىقى ئىنىمىز ياسىغان ocr نىڭ تۇيۇقسىز توختاپ قىلىشى بىلەن باغلاپ،بۇنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن شەرەپسىز قىلمىشلار باردەك، شۇ ئىنىمىزگە نۇرغۇن قاتتىق_ يۇمشاق ئىددىيىۋى خىزمەتلەر ئىشلەنگەندەك ئويغا كېلىپ قالغان.
   كىيىن ئالىم مۇئەللىم بىلوگىدا خەنۋاڭ شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرچە ocr ياساۋاتقانلىقىدىن ئۇچۇر بەرگەنىدى. ھازىرغىچە ھەر قايسى تەرەپلەردىن ھېچقانداق خەۋەر يوق.

ahmatjanxp يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 01:04:58

مەن مۇشۇ تىما ھەققىدە قىزىقىشىم بار ئىدى. لىكىن قانچىلىك قىلالىشىمنى بىلمەيمەن . مۇشۇ يولدا تىرىشىپ كىتىۋاتىمەن.
بەت: 1 [2]
: ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﺎﯞﯗﺵ پەرىقلەندۈرۈش ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﯘﺭﺳﯩﺪﺍ