izdinix2 يوللانغان ۋاقتى 2006-8-22 11:18:45

ئەقىللىق قىز بولاي دېسىڭىز بۇنى چوقۇم ﻛﯚﺭﯗﯓ

ئەقىللىق قىز بولاي دېسىڭىز بۇنى چوقۇم ﻛﯚﺭﯗﯓ


1. سىزگە ئىتىۋار قىلمىغان يىگىتتىن يىراق تۇرۇڭ، چۈنكى سىزگە كوڭۇل بۆلمىگەن يىگىتتىن ئايرىلالماي يورۇش ياكى داۋاملىق ئۇنىڭ ئۇچۇن مېھرىبانلىق ۋە سويگۇڭىزنى ئىپادىلەش ئاخماقلىق بولىدۇ.
2. ھەر قانداق چاغدا بىر مەسئۇلىيەتسىز يىگىت ئۇچۇن ئازابلانما، قىزلار ئاسان ئازابلىنىپ قالىدۇ.. بىراق چوقۇم ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇ ئەرزىمەيدۇ چۈنكى بەكرەك ئازاپلىنىدىغىنى ئاخىرى يەنىلا ئۆزىڭىز بولىسىز شۇڭا ئازاپلىنىشلارنى يىغىشتۇرۇپ خوشال ياشاشنى بىلىڭ.
3. ياخشى كۆرگەن يىگىتىڭىزنىڭ ئەتراپىدا توختىماي ئايلىنىپ يۈرمەڭ،سىز ئۇنى ئۆزگىچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ بىراق يەنىلا ئۇنىڭ ئۇچۇن بىر بوشلۇق بېرىشىڭىز كېرەك ، بولمىسا ئۇنى بىزار قىلىپ قويىسىز..
4. ئەگەر يىگىت سىزگە :"ئايرىلىپ كېتەيلى!.." دېگەندە ھەرگىز كۆز يېشتى قىلىپ يۈرمەڭ،غەيرەتلىك بولۇپ كۇلۇپ تۇرۇپ :"خوش!" دەڭ.
5. ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، ئوزىڭىزگە مۇئامىلىلىڭىز ھەرۋاقىت ياخشى بولسۇن،چۈنكى ھاياتلىق سىزنىڭ.
6. ھەر كۇنى ئەتىگەن ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا يارىشىملىق كىيىنىپ كۇلۇمسىرەپ چىقىڭ.
7. يىگىتىڭىز ئۇچۇن كۇلۇمسىرىشىڭىزنى ئايىماڭ.
8. بەدەن شەكلى ۋە تەرىڭىزنى ئاسىراشنى بىلىڭ.
9. تاماكا چەكمەڭ، ھاراق ئىچمەڭ.
10.ئىچىڭىز پۇشىپ كەتسىمۇ قاۋاقخانىلارغا بېرىپ يۈرمەڭ،يالغۇز قالغان چاغدا شۇ يالغۇزلۇقتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىڭ.
11. ھەرگىز يالغان ھېسىياتتا بولماڭ، بۇنداق قىلىش يۇرۇكىڭىزگە ئاچچىق تامغا بېسىپ قويىدۇ.
12. ئېگىز پاشىنىلىق ئاياق كىيىپ يۇرۇڭ، بىراق بەك ھەددىدىن ئىگىز بولۇپ كەتمىسۇن.
13. يالغۇز قالغىنىڭىزدا سىزنى :"ياخشى كورىمەن" دىگەن ئىنساننىڭ نىمىشقا سىزنى يالغۇز قالدۇرغانلىقىدىن ئازابلىنىپ كەتمەڭ.بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇ ئوبدان بىلىدۇ.
14. ئومۇرلۇك ھەمرىيىڭىزنى تاللىغاندا كوزىڭىزنى چوڭ ئېچىڭ. ئەگەر خاتا تاللاپ قويغان بولسىڭىز ۋاختىدا ئايرىلىپ كېتىڭ. سۇنىڭ ئېقىشىغا باقماڭ.بۇ ئىككىڭلار ئۇچۇن ياخشى.
15. يىگىتلەرگە قول ئۇزارتماڭ. چۈنكى بىرىنجىدىن: سىز ئۇلار بىلەن تەڭ بولالمايسىز. ئىككىنجىدىن: سىز بىلەن قول ئۇزارتىشىپ سوقۇشقان يىگىت چوقۇم ساراڭ .. شۇڭا ئۇرۇشقاندىن ئۇرۇشمىغان ياخشى.
16. دائىم سىرتلارغا چىقىپ ساھايەت قىلىپ كېلىڭ.بۇ سىزنى ناھايىتى ئۇمۇتلۇك ۋە روھلۇق قىلىدۇ.
17. دائىم ئۆزىڭىزگە تەملىك چاي دەملەپ ئىچىپ ، كىتاپ كۆرۇپ، مۇزىكا ئاڭلاپ ھوزۇرلىنىشنى بىلىڭ.
18. ئۆزىڭىزگە لايىق كىيىم-كېچىك سېتىۋېلىشنى بىلىڭ. ئۆزىڭىزگە يارىغىنى خانغا يارىغىنى. ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئۇستى بېشغا ھەۋەس قىلىپ كەتمەڭ.
19. سىز ياخشى كورمىگەن يىگىتنىڭ سوغىسىنى ئەڭ ياخشىسى قوبۇل قىلماڭ.
20. بىر قېتىمدا پەقەت بىرلا يىگىتنى سۆيۇڭ .
21. ئوزىڭىزنىڭ نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ يىگىتلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.
22. ئوزىڭىزنى پەقەت يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇنلا خالىغان بىر يىگىت بىلەن ئارلاشماڭ، بۇ سىز ۋە ئۇنىڭ ئۇچۇن تەڭسىزلىك بولىدۇ. ھەمدە ھىسياتىڭىزغا نىسبەتەن تولىمۇ مەسۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ.
23. سىز ياخشى كورمىگەن يىگىت ئەتىراپىڭىزدا پەرۋانە بولسىمۇ ، سىز چوقۇم ھىسياتىڭىزنى ئەنىش ئىپادىلىشىڭىز كېرەك.
24. خىزمىتىڭىزگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ. خىزمەت بەلكىم سويگۇدەك يۇرىكىڭىزنى تىتىرىتەلمەسلىكى مۇمكىن، بىراق خىزمەت سىزنىڭ قوسۇغىڭىزنى تويغۇزىدۇ، تۇرغىدەك ئۆيگە ئىگە قىلىدۇ. بىراق مۇقۇملاشمىغان سويگۇ سىزگە بۇلارنى بېرەلمەيدۇ.... شۇڭا چوقۇم ياخشى ئىشلەڭ.
25. ئىللىق كەيپىيات ساقلاشنى بىلىشىڭىز كەمەك. قانداق سورۇنغا قانداق كىيىنىپ بېرىشنىمۇ بىلىشىڭىز كەمەك.
26. قولدىن بېرىپ قويغان ياخشى يىگىت ئۇچۇن پۇشمان قىلىپ كەتمەڭ، چۈنكى ئۇلار سىزگە ئاش بولمايدۇ، كوزىڭىزنى چوڭ ئىچىپ يەنە بىرنى ئىزدەڭ.
27. كىيىملىرىڭىز چوقۇم ماسلاشقان بولسۇن، ئۇستى بېشىڭىزدىن ئاياللىق توكۇلۇپ تۇرسۇن.
28. ئائىلىسى بار ئەرلەرنى ياخشى كورۇپ قالماڭ. چۈنكى ئۇلار ئايالى بىلەن ئاجىرشىپ كەتىپ سىز بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس. ئۇ چوقۇم يەنە بىر قىز بىلەن شۇنداق قىلالايدۇ.
29. تۇغۇلغان كۇنىڭىزدە ياكى قىزلار بايرىمىدا سىزگە گۇل سوغا قىلىدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك يوق ، سىز ئۆزىڭىز شۇ گۈللەرنى سېتىۋېلىپ سىزنى ئاپىرىدە قىلغان ئاتا ئاتىڭىزغا سوغا قىلىڭ.
30. سىز ياخشى كۆرگەن ھەر قانداق كىشىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ.ئەلۋەتتە ئوزىڭىزمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.
31. سىز ئەلۋەتتە بىر يىگىتنى ياخشى كورسىڭىز بولىدۇ ، بىراق بارلىق سويگۇڭىزنى ئۇنىڭ قوينىغا توكۇپ بەرمەڭ.چۈنكى ھاياتلىقتا ھاياتىڭىزنى سەپ بېرىپ سويگۇدەك يىگىت مەۋجۇتمىدۇ؟... شۇڭا ئوزىڭىزنى قەدىرلەشنى بىلىڭ. چۈنكى ئوزىڭىزنى قەدىرلىگەندىلا باشقىلارنىڭ ياخشى كورىشىگە ئېرىشەلەيسىز...
32. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن كىشىگە ئۇچۇر ئەۋەتىڭ. ئەگەر ئۇنىڭدىن ئىنكاس بولمىسا سىزمۇ چېكىت ئۇرۇڭ.
33. يالغۇزلۇق ھىس قىلسىڭىز. دوسلىرىڭىزنى ئىزدەڭ بۇلار بىلەن پاراڭلىشىڭ،كوچا چوگىلەڭ،بىرگە تاماق يەڭ.. يالغۇزلۇق ئىچىدە ئوزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ.
34. ئۆزىڭىز ئۇچۇن ناخشا ئېيتىشى بىلىڭ. ياخشى ئەيتالمىسىڭىزمۇ مەيلى. چوقۇم ئۆزىڭىز ئۇچۇن ياخشى ياشاڭ.
35. ئەگەر كوڭلىڭىز يېرىم بولۇپ يىغلىغىڭىز كەلسە، ئىشەنچىلىك بىرىنىڭ ئالدىغا بېرىڭ. ھەرگىزمۇ خالىغانلا بىرىنىڭ مورىسىنى،ئىجارىگە ئەلىپ يۈرمەڭ.
36. ئەتىگەن سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئەينەككە قاراپ ئۆزىڭىزگە ئىللىق بىر كۇلۇمسىرەشنى ئۇنۇتماڭ.
37. بۇندىن كېيىن ئەقىللىقلىق بولۇڭ، يىگىتىڭىزنىڭ سىزنى ياخشى كورىدىغان كورمەيدىغانلىقىنى سوراۋەرمەڭ،ئۇ ياخشى كۆرسە چوقۇم تەبىئى ھالدا دەيدۇ. سىزدىن سورۇلۇپ بەرمەكچى بولغان جاۋابىدىن ئۇ مەغرورلۇق،ھىس قىلىپ سىزگە ئەتىبارسىزلىشىدۇ.
38. سويگۇڭىزگە تەڭ نىسبەتتە مۇئامىلە قىلىڭ ، كوپ كېمىگە دەسسىسىڭىز كېمە ھامىنى ئۆرۇلۇپ چۇشىدۇ.
39. 24 سائەت بىر يىگىتنى ئويلاپلا ئۆتمەڭ. باشقا دوسلىرىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگىمۇ ۋاقىت بېرىڭ.
40. ئەگەر بىرسىنى ياخشى كورسىڭىز. مۇۋاپىق ۋاقتىنى تېپىپ بۇ ھىسياتىڭىزنى چوقۇم بىلدۇرۇڭ،بەلكىم بۇنىڭدىن سىز جاۋابقا ئېىرىشەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن بىراق سىز ئوز سويگۇڭىز ئۇچۇن ھامىنى تىرىشتىڭىز شۇڭا ھەرگىز پۇشمان قىلمايسىز...تەنگە ئاچچىق ھالدا تەنھا سىڭىپ كەتكەن سويگۇ تولىمۇ ئازاپلىق ئېچىنىشلىق بولىدۇ.
41. ۋاقىت ئوتكۇزىدىغان مۇۋاپىق بىر سورۇنىڭىز بولىشى كېرەك. مەسلەن: كىتابخانا،كۇتۇپخانا... دىگەندەك. بۇ يەردىكى مۇلازىملار سىزنى تونۇپ كەتسۇن. بۇنداق بولغاندا زېرىكىپ قالغاندا بارىدىغان ئىللىق ماكانغا ئېرىشكەندەك بولىسىز..
42. ئەگەر بىرەر "يىگىت سىزنى ياخشى كورىمەن" دىسە ئىشىنىڭ. "سىزنى ياخشى كورمەيدىغان بولۇپ قالدىم" دىسىمۇ ئىشىنىڭ چۈنكى، سىزنى ياخشى كورمەيدىغان ئىنسان بىلەن پاتراق يىراق بولسىڭىز بۇ سىزنىڭ تەلىيىڭىز...
43. باشقىلارنىڭ گېپىنى قىلىش توغرا كەلگەندە ھەرگىزمۇ ئۇنى يامان تىلدا تەسۋىرلىمەڭ. دېيىش كەلسىمۇ ياخشى تەرەپتىن سۆزلەڭ.
44. ئۆزىڭىزگە يارىشىملىق، چىرايلىق ئۇخلاش كىيىمى سېتىۋېلىڭ،بۇ كىيىم بەك رۇمانتىك بولسىمۇ مەيلى...
45. قولىڭىزنى ئاسىراڭ. چۈنكى قولىڭىز سىزنىڭ ئىككىنجى يۇزىڭىز. بىراق ئاسىرىدىم دەپ ھىچ ئىشنى قىلمىسىڭىز تېخى بولمايدۇ.
46. ئاتا-ئانىڭىزنى ئەسلەپ تۇرۇڭ. ئۇلارغا ئوزىڭىزنىڭ كويىمىنى بىلدۇرۇڭ، ئۇلارنىڭ يۇرۇكىنى يېنىك قىلىڭ..
47. ئويىڭىزدىكى گۇللەرگە سۇ قۇيۇشنى ئۇنۇتماڭ. كاماندىروپكىغا ياكى يىراق بىرەر جايغا بېرىشنىڭ ئالدىدا ئۆيىڭىزنى ياخشى تازىلاپ قويۇڭ. بۇنداق قىلغاندا قايتىپ كەلگەندە ئىللىق ئائىلىنىڭ مېھرىدىن بەھرىمان بولىسىز..
48. ئامال بار ئۇزۇن چاچ قويۇڭ. چۈنكى قىسقا چاچ گەرچە يىغىملىق بولغىنى بىلەن ئاياللىق جەزبىدارلىقىڭىزنى نامايەن قىلىپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ.
49. ناۋادا يىگىت ئۆزىنىڭ خىزمەت ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ، ياكى باشقا ئالدىراشلىقلىرىنى باھانە قىلىپ سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزغا ئىنكاس قىلمىسا،سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىزغا كوڭۇل بۆلمىسە،غەيرەتلىك بولۇپ سىزمۇ ئوزلىكىڭىزدىن يىراقلىشىڭ.ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز كۆڭۇل بۆلدىغىنىدىن ئارتۇق ھەقىقەت مەۋجۇت ئەمەس.سىزنى ياخشى كورمەيدىغان ئىنسانغا بېرىلىشىڭىز ۋاقىت ۋە ھېسيات ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس..
50. يىگىت سىزدىن چىن كوڭلىدىن ئەپۇ سورىسا ئۇنى كەچۇرۇشنى بىلىڭ. كەچۇرۇمگە ئېرىشكەن بۇ يىگىت سىزدەك بىر مېھىرىلىك قىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ.



ﻣﻪﻧﺒﻪ :باشقا تور بەتلىرىدىن تەرجىمە ﻛﯜﭼﯜﺭﯛﻟﺪﻯ

Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2006-8-22 12:07:07

ﺋﯧﺴﯩﻞ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ
ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﯩﮕﺖ ﺑﻮﻻﻱ ﺩﯦﺴﯩﯖﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﻳﻮﻗﻤﯩﻜﻪﻥ

shadbeg يوللانغان ۋاقتى 2006-8-22 14:27:55

ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﯩﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺴﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ  ﺑﺎﺭﻏﯘﺩﻩﻙ . ﺩﯨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺳﺎﺩﺩﺍ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ، ﻳﺎﻏﻠﯩﻤﺎ ﮔﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﻮﯕﺎﻳﻼ ﭼﯜﻣﭙﯜﺗﯜﭖ،ﺩﯦﭙﯩﻐﺎ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺷﻪﺭﻣﻰ-ﮬﺎﻳﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﻛﯚﺯ ﯞﻩ ﺳﻪﮔﻪﻙ ﻛﺎﻟﻼ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ(ﺗﯘﺗﯘﯞﯨﻠﯩﺶ) ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ  ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﯞﺍﭘﺎﺳﯩﺰ ﻳﻪﭖ ﻗﺎﭼﺘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﺘﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﻪﺧﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺪﯗ ؛
ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﭖ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯘﺭ ؛

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2006-8-22 18:59:57

ﺩﯙﺕ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﻛﯘﺭﯨﺲ ﺋﺎﭼﺎﻳﻤﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﯩﺮﺳﯩﺪﺍ...

Haktayur يوللانغان ۋاقتى 2006-8-23 09:57:26

ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻛﯘﺭﺱ ﺋﺎﭼﺴﯩﯖﯩﺰ \"ﻣﻪﻳﺨﺎﻧﺎ ﻗﯘﻳﻤﯘﭼﻰ \" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﺎﺟﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﻻﺳﯩﺰﻣﯩﻜﯩﻦ ، ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯔ ، ﻣﻪﻳﺨﺎﻧﺎ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ !!!

zalim1982 يوللانغان ۋاقتى 2006-9-14 16:42:35

ﻣﻪﻳﺨﺎﻧﯩﺪﺍ  ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﻛﯘﺭﺱ ﺋﺎﭼﺴﯩﯖﯩﺰ  . . . . .
ﮬﻪﻱ !؟. .  ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯘﻻﺭﻛﯩﻦ ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺩﯙﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﺩﻩﻳﻤﯩﻨﺎ !!

umakkulke يوللانغان ۋاقتى 2006-9-17 16:26:53

Menshu يوللانغان ۋاقتى 2006-9-19 09:27:54

ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻗﻤﯩﺪﯗ ؟
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﯩﻜﺎﮬ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﯕﯘﺷﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﺋﯧﺮﯨﯖﯩﺰ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ؟..............................

apple816 يوللانغان ۋاقتى 2006-10-19 11:21:56

ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ، ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺋﯩﺸﻪﻧﺪﯨﻢ

swan يوللانغان ۋاقتى 2006-10-29 20:15:19

ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

patmiquk يوللانغان ۋاقتى 2006-11-6 12:16:05

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ .ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭖ ﺑﺎﺭﻏﯘ ، ﮬﻪﺭﻛﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺩﻩﭖ ، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﺴﺎﻕ ،ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎﻗﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻗﺎﺭﻏﯘﻻﺭﭼﻪ ﻗﯩﻠﯩﭙﻘﺎ ﺳﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ،ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﮔﯩﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ . ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺧﻤﯩﻘﺎﻧﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻤﻪﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﻳﻮﻗﻘﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﮬﻪ ؟

layli يوللانغان ۋاقتى 2008-11-8 22:58:23

ھەي......سىز ئۆزىڭىزنى ئەقىلىق چاغلاپ كەتتىڭىز ما خاخاخا.....كۇرۇس ئاچقىدەكمىش تېخى ......ئۆزىڭىزنى بىلىڭە!!!!

بەت: [1]
: ئەقىللىق قىز بولاي دېسىڭىز بۇنى چوقۇم ﻛﯚﺭﯗﯓ