koldurma يوللانغان ۋاقتى 2006-8-7 21:46:56

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ (ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ 3

(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدىمىننىڭ شۇ ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى)

1


ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يىراق ئاتا - بوۋىلىرى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بوستان ۋە يايلاقلارنى ئاساس قىلىپ، پەرغانە ۋە يەتتىسۇ، ئورخۇن ۋە سېلىنگا ئەتراپىدا ياشىغان. ئوغۇزخان، ئاپراسىيىپ، بۆكۈخان ۋە بۇغراخان قەھرىمانلىق داستانلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشقان خانلىق جەمەتى ياغلا قار_ياغما قەبىلىلىرھدىن تەشكىل تاپقان. ئون ئۇيغۇر، شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەشكىل قىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى غۇلاپ، ياغلىقارلار گەنجۇ سېرىق ئۇيغۇرلىرىغا ئايلانغاندىن باشقا، ئادىز، ياغما قەبىلىلىرى خانلىق جەمەتىنى تەشكىل قىلغان توققۇز ئۇيغۇر - غەربىي ئۇيغۇرلار بېشبالىق - ئىدىقۇت ئارسلان خانلىقى، قەشقەر- قۇز ئوردا بۇغرا قارا خانلىقى بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلىكخانلىقىنى تەشكىل قىلىپ شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدىكى مەشھۇر يىپەك يولى ئالاقىلىرى بىلەن ئالەمشۇمۇل تارىخىي شۆھرەتكە ئىگە بولغان ئىسلام مەدەنىيىتىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا مىللەتلىرى ئارىسىدا ياشىغان تېررىتورىيىلىرىنىڭ كەڭلىكى، ئولتۇراقلىشىش ۋە تېرىقچىلىققا ئەڭ دەسلەپ قەدەم قويغانلىقى، كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ دېھقانچىلىق ۋە ھۈنەرسازلىق ئىشلىرى ئۇيغۇرلارنى جەلپ قىلىش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەنلىكى، شەھەر - قەلە ھاياتى ۋە مالىيە سودىغا بولغان ماھارىتى، يېزىق ۋە ئەدەبىي تىل جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقى، ئىپتىدائىي ئانىمىزم- توتېمىزم ۋە شامان ئەقىدىلىرىدىن ئاللىبۇرۇن ئالاقىنى ئۈزۈپ، ئاتەشپەرەسلىك، مانىي ھەم بۇددىزم مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشقانلىقى، ئۆز تارىخىدا بىر قاتار شەھەر- قەلە مەملىكەتلىرى ۋە بىر قانچە خاقانلىقلار بەرپا قىلغان كۈچلۈك سىياسىي ئەربابلار، سەركەردىلەر، مۇتەپەككۇر ئالىم- شائىرلار، تەرجىمىشۇناسلار ۋە كۆرۈنگەن سودا- ئىقتىسادى خوجىدارلىرىنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقى بۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ بايلىقى، ئەۋزەللىكى ۋە ئۆزىگە خاس تەرەققىيپەرۋەر خاسىيەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. خۇددى قەدىمكى سۈرىيىلىكلەر ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەتتىن تاشقىرى گرېك، مىسىر، مىسسوپوتامىيە ۋە ھىندى مەدەنىيەتلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىنى بېيىتقاندەك، ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ئۆزىگە خاس مەھەللىۋى مەدەنىيەتتىن تاشقىرى ئوتتۇرا دىيار، گرېك- رىم، ئەرەب- ئەجەم ۋە ھىندى مەدەنىيىتى تەسىرى بىلەن ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بېيىتقان ۋە يۈكسەلدۈرگەن. بۇ ھال ئۇيغۇر خەلقىنى پۈتكۈل ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيا مىللەتلىرى ئارىسىدا ئەڭ مەدەنىيەتلىك مىللەتلىك سالاھىيىتىگە مۇيەسسەر قىلدى.
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى نوقۇل ئىسلام ئېتىقادى بىلەن چەكلەنمەستىن، بەلكى پۈتكۈل بىر پۈتۈن دۇنياۋى مەدەنىيەت تىپىنى قوبۇل قىلغانلىقى بىلەن خاراكتېرلەنگەن. بۇ ئىككى نۇقتىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق بىرقەدەر يۇقىرى مەدەنىيەت تىپىنى شەكلەن ئەمەس، بەلكى پائال ئۆزلەشتۈرۈش پەللىسىدە تۇرغان. مەدەنىيەت ئىقتىدارىنى، شۇنىڭدەك ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى مەدەنىيەت تىپلىرىدىن يۇقىرىراق سېنكرېتىك قاتلامدىكى دىنىي مەدەنىيەت شەكلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى ئىران- تاجىك تىپىدىكى سامانىيلار سۇلالىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ دىننى قوبۇل قىلىشىنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە ئۈلگىسىنى تىكلىدى. باشقا تۈركىي خەلقلەر بىلەن تۈركلەشكەن موڭغۇل قەبىلىلىرى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئىسلامىيەت نى قوبۇل قىلغان.
ئىسلامىيەت- دىنىي شەكىلدە مەيدانغا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان مەدەنىيەت ھادىسىسىدىن ئىبارەت. ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش ۋە تەپەككۈر تارىخىنى، تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت تارىخىنى دىن ۋە دىنىي مەدەنىيەت تارىخىدىن ئايرىۋېتىدىغان، دىنىي مەدەنىيەت تارىخىنى ياكى مەدەنىيەتنىڭ دىنىي تىپىنى قانداقتۇر غەيرىي تارىخىي، غەيرىي مەدەنىي ھادىسە سۈپىتىدە ئىزاھلايدىغان قاراش ۋە ئۇسلۇب ئىلىمغا زىت. تارىخىي ھەقىقەتكە زىت قاراش ۋە ئۇسلۇب. تارىخ ئىسپاتلىدىكى، دىن تارىخىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىنسانىيەت روھىنىڭ تارىخىنى ۋە روھىيەتتىكى ئىنسانىيەت تارىخىنى تولۇق چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق تارىخ ئاخىرلاشقىنى يوق. ئۇ تېزدىن بىراق ئاخىرلىشىشى مۇمكىن ئەمەس. ھەقىقىي تارىخ خۇددى گرېك ئەپسانىلىرى گرېك سەنىتىنىڭ بالىياتقۇسى (ماركس)بولغىنىغا ئوخشاش، دىنىي مەدەنىيەتنىڭ ئىلىم- پەن مەدەنىيىتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى، رىقابەتكار ئىلھامچىسى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا بىر- بىرىنى تولۇقلىغۇچىسى بولۇشلۇقىنى ئىسپاتلىماقتا. ھازىرقى ئېنفورماتسىيە ۋە يېڭىچە ئاڭ تەپەككۈر ئىزدىنىشى بىزدىن "دەھرىلىككە قارشى" ياكى ئىلاھىيەتقىلىككە قارشى" جەڭگاھنى كۈچەيتىشنى ئەمەس بەلكى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىنسانىيەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش يولىدا، ھەقىقەت، ئىنسانىيەت ۋە بەخت- سائادەت ئۈچۈن بولغان كۈرەشتە ئۆزارا گارمونىلىشىشنى تەلەپ قىلماقتا.


2


ئىسلام دىنى دۇنياۋى دىنلار ئىچىدىكى ئەڭ كېيىنكى دىن، ياش دىن. ئەگەر بۇددىزم، خرىستىئان دىنلىرى قۇل ئىگىلىكى دەۋرىنىڭ خاس شەكلى سۈپىتىدە شەكىللەنگەن ۋە ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتى تەلەپلىرىگە ئۇيغۇنلاشقان بولسا، ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتىنىڭ ئورىگىنال بىر تۈرى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان. ئەگەر بۇددىزم، خرىستىئان دىنلىرى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى دىن ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىلىرى ئاساسىدا مەيدانغا كېلىپ بىر يۈرۈش بۇددىزملىق ۋە خىرىستىئانچىلىق مەدەنىيەت شەكىللىرىنى بەرپا قىلغان بولسا، ئىسلام دىنى ئۆزگىچە بولغان دىن ۋە مەدەنىيەت سەمەرلىرىنىڭ ئىسلامغا مۇۋاپىق ئالىملىرىدىن پايدىلىنىپ بىر پۈتۈن ئىسلام دىنى تەلىماتى، تۇرمۇش شەكلى ۋە مەدەنىيەت تىپىنى روياپقا چىقارغان. ئىسلام مەدەنىيىتى ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشىنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىغانلىقى ئەمدى ھېچقانداق سىر ئەمەس.
ئىسلام دىنى گەرچە باشتىلا بىر خىل مەدەنىيەت شەكلى سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئابباسىيە خەلىپىلىكى دەۋرىدە يۈز بەرگەن "شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشى" ئارقىلىق 9- 12- ئەسىرلەر ئىچىدە يېپيېڭى بىر خىل دۇنياۋى تارىخىي خاراكتېرلىك مەدەنىيەت تىپىنى ئىسلام مەدەنىيىتى شەكىللەندۈرۈپ چىقتى. بۇنداق مەدەنىيەت نوقۇل ئىسلام ئېتىقادچلىقى مەزمۇن قىلغان دىنىي مەدەنىيەتتىن تاشقىرى، يەنە ئىسلام قانۇنچىلىقى، ئىسلام ئەدەپ - ئەخلاقى، ئىسلام بىناكارلىقى، ئىسلام ئەدەبىياتى، ئەرەب يېزىقى ۋە خەتتاتلىقى، ئىسلام مەدەنىيىتى تەركىبىدىكى پەلسەپە، تېبابەتچىلىك ۋە تەبىئەت ئىلىملىرى، كالېندارچىلىقى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت سىستېمىسىدىن ئىبارەت بولدى. ئىسلام مەدەنىيىتى ئۆزىگە خاس دىنىي ياكى تارىخىي ئالاھىدىلىكلەردىن تاشقىرى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئەينى زاماندىكى ئومۇمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ دۇنياۋى قىممەت ياراتتى. ئەگەر مۇنداق بولمىغاندا ئىدى ئىسلام مەدەنىيىتى مىڭ يىللاردىن بۇيان مىلياردلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە مۇنداق جەلپ قىلمىغان بولاتتى.
ئىسلام دىنى ئۆمەرىيە سۇلالىسى (750- 661) دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ھېلىپە ۋەلد (715- 705) ۋاقتىدا سەركەردە قۇتايبىيە ئىبىن مۇسلىم باشچىلىقىدىكى ئەرەب مۇسۇلمان قوشۇنلىرى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلىش يۈرۈشىنى باشلاپ كۆپ يىللىق جىددىي جەڭلەردىن كېيىن 712- يىلى بۇ ئىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ پەرغانە ۋە قەشقەر ۋادىسى، تالاس- يەتتىسۇ بوستانلىقلىرى ھەتتا بېشبالىقتا ئىسلام مۇخلىسلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، سامانىيلار بىلەن قاراخانىيلار ئارىسىدىكى كەسكىن ھەربىي زىددىيەتلەر تۈپەيلى ئىسلام دىنى توققۇز ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئارىسىدا قاتتىق تەقىپ قىلىندى، پەقەت سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان 935- يىلى ئاتۇشتا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىگەندىن كېيىنلا ئىسلامىيەت قاراخانىيلار ھۆكۈمرانلىقى يەتكەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىدېئولوگىيىلىك مەدەنىيەتنىڭ ئۇيغۇرچە مىللىي تۈسكە كىرگەن ئالاھىدە ئېتنىك شەكلى بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ سوغدى قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزلەشتۈرۈشى، ئوتتۇرا ئاسىياغا بايقال، ئېرتىش ۋادىسىدىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئارقا- ئارقىدىن يۆتكىلىپ كېلىشى، قاراخانىيلارنىڭ سامانىيلارنى مۇنقەرز قىلىپ ماۋارائۇننەھردە ئىلىكخانلىقلارنى بەرپا قىلىشى، قاراخانىيلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەرەب خەلىپىلىكىدە تۇتقان ئورنىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي رايونلىرىدا ئۇيغۇر تۈركىي شەكلىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتى ئالامەتلىرى شەكىللىنىپ ئىسلامىيەت شەكلىدە يەنىمۇ راۋاجلىنىشىغا ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشىگە ئېلىپ كەلدى. ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بېيىتتى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ ئىسلام مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىدەك ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىلەن بېيىتتى.
ئالەم ۋە ئۇنىڭ مەنبەسى، ئادەم ۋە ئۇنىڭ تەڭرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدىكى شامانىزملىق، ئاتەشپەرەسلىك، بۇددىزملىق ۋە مانىزملىق دىنىي تەسەۋۋۇر ۋە ئەقىدىلەر ئورنىغا "ئاللانىڭ بىلىكى " ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى، ئادەمنىڭ يارىتىلغانلىقى ۋە مۇسۇلمانچىلىق مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدىكى يېڭى ئەقىدە ۋە قاراشلار ئورۇن ئالماشتۇردى. ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلغان مۇسۇلمانچىلىق پەرھىز لىرى- ئىمان، ناماز، روزا، ئۆشرە- زاكات، ھەج قىلىش شەرتلىرى ئۇيغۇر روھىيىتى ۋە ئېتىقاد تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە تىرەن ئورنىشىپ غايەت زور ۋە دائىمىي ئېتنىك دىنىي پائالىيەت تۈسىنى ئالدى.
ئىسلامىيەتنىڭ ئەخلاق ۋە قانۇن (شەرىئەت) قاراشلىرى ئىلگىرىكى ئىجابىي، ئەنەنىۋى قاراشلار بىلەن قوشۇلۇپ، تەڭرىگە ۋە ئىنسانغا ھالال مۇناسىۋەتتە بولۇشنىڭ يېڭى ئۆلچەملىرىنى شەكىللەندۈردى. ۋىجدان نازارىتىدىن تاشقىرى پەزىلەت كۆزەتكۈچى، ياخشى- يامانلارنى ھېسابلاپ تۇرغۇچى غايىب پەرىشتىلەر، نازارىتى ئىسلاملاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ نىيەت ۋە پائالىيەتلىرىنى تىزگىنلەيدىغان بولدى. ئىسلام قانۇنى جازالىرى، جامائەت پىكرى ئەيىبلەشلىرى، ۋىجدان ئازاب ئۈستىگە يەنە قىيامەت سورىقى بىلەن دوزاخ ئازابى تەشۋىشلىرى قوشۇلۇپ، شەخسنىڭ ئۆز- ئۆزىنى تىزگىنلەش مەسۇلىيىتى ۋە تەسەۋۋۇرىنى كۈچەيتتى.
ئۇيغۇرلاردا مەخسۇس دىنىي تەبىقە- شەيخۇلىسلام، ھەر دەرىجىلىك قازى ۋە مۇپتىلا، ھەر دەرىجىلىك جامە- مەسچىت ئىماملىرى، مەزىنلەر، مازار- ماشايىق شەيىلىرنى، دىنىي مەدرىس- مەكتەپ مۇدەررىس- ئۆلىمالىرى، دىنىي ئىلىم بويىچە گەر دەرىجىلىك ئالىملىق مەرتىۋىلىرى مەيدانغا كەلدى.
ئىسلام مەدەنىيىتى ئائىلە، يۇرت- مەھەللە، شەھەر قۇرۇلۇشلىرىدىن ئۇيغۇر جەمىيىتىگە خاس بىناكارلىق ئۇسلۇبى شەكىللەندۈردى. ئوردا- قەسىر، جامە- مەسچىت، مەقبەرە، قەبرە- گۈمبەزلىرىنىڭ ياسىلىشى ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ ئەڭ نەپىس شەكلى ۋە نۇسخىلىرىنى قوبۇل قىلدى. بۇ، ئەسلىدىمۇ ئىسلامىيەتكە ئۇيۇشقان ياكى تەسىر كۆرسەتكەن ھەر قايسى ئەللەر ۋە خەلقلەر بىناكارلىق تەجرىبىلىرىدىن جەمغۇلەڭەنىدى.
ئەرەب يېزىقى تەدرىجىي ئۇيغۇر يېزىقى شەكلى بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا ئاساس بولغان نەرسە مەيلى ئورخۇن دەۋرىدىكى "رونىك" شەكلىدىكى يېزىق بولسۇن، مەيلى سوغدى يېزىقى ئاساسىدىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقى بولسۇن، يالغۇز ھەرپنى ئاساس قىلغان سېمىت يېزىقى سىستېمىسىغا تەۋە يېزىق بولغاچقا ئالماشتۇرۇش ئاسان ئىدى. ئەرەب يېزىقى كۆپ قېتىم ئىسلاھ قىلىنىپ ئۇيغۇر تىلى ئىملا قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى. ئەرەب يېزىقى بىلەن بىللە بىر قىسىم ئەرەبچە سۆزلۈكلەر بىلەن مەلۇم سالماقتا پارىس سۆزلۈكلىرى ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىگە كىرىپ كەلدى. ئاتالمىش "چاغاتاي" تىلى ئۇنىڭ تىپىك ئىپادىسى بولدى. ئەرەب يېزىقى شەكلىدە ئۆزگەرتىلگەن ئۇيغۇر يېزىقى خەتتاتلىق سەنىتىنى يېڭىچە شەكىل ۋە نۇسخىلار بويىچە ئۆزگەرتتى.
ئىسلام مەدەنىيىتىدىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇرلار باي ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە تەرجىمە ئەدەبىياتى ئەنەنىسىگە ئىگە ئىدى. يىپەك يولى مەدەنىي ئالاقىسى ئۇيغۇرلارنى خەلقارا سودىگەر ۋە تەرجىمان مىللەت قىلىپ قويغانىدى. كلاسسىك ئەدەبىياتى پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلاردا بىخلىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نادىر كلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى بىلەن تونۇلۇشقا باشلىدى. ئەسلىدىكى "ئۈركىي ئارۇز" بەھرىدىن تاشقىرى ئەرەب كلاسسىك شېئىرىيىتىدىكى باشقا ئارۇز ۋەزىنلىرى بىلەن غەزەل، روبائىي، قىتە، تەرجىبەند، مۇرەببە، مۇخەممەس قاتارلىق بېيىت شەكىللىرى ئۇيغۇر ئارۇز شېئىرىيىتىنىڭ يېڭى نەۋائىلىرىنى شەكىللەندۈردى. ئىستېداتلىق ئۇيغۇر شائىرلىرى بۇ خىل بەھىر شەكىللەر ئارقىلىق ئارۇز شېئىرىيىتى ۋە شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتىغا يېڭى تەماتىك مەزمۇنلار ۋە بەدىي ئوبرازلار بېغىشلىدى.
ئەرەب خەلىپىلىكىدىن توپلىغان كالېندارچىلىق، ماتېماتىكا ۋە تىبابەتچىلىك ئۇتۇقلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، مائارىپى ۋە ئىلىم - پېنىنى يېڭى ئۈچۈر ۋە سەۋىيە بىلەن بېزەندۈردى. ئۇيغۇرلار ئەرەب مەدەنىيىتى ئارقىلىق گرېك- رىم، ئىسكەندىرىيە ۋە مىسىر، سۈرىيە، ئىران ۋە ھىندىستان ئىلىم- پەن نەتىجىلىرى بىلەن قايتا تونۇشتى. قەمەرىيە كالەندارى، ھەندەسە ۋە ئالگېبرا (گېئومېتىرىيە ۋە ئالگېبرا) ماتېماتىكلىرى، خارس ئىبىن كەلىدا، ئەبۇبەكرى مۇھەممەد زەكارىيە ئەررازى قاتارلىق ئاپتورلارنىڭ تىبابەتچىلىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلار ئەرەب مەدەنىيىتى ئارقىلىق يەنە بى قېتىم ئارىستوتىل، ئەپلاتون، بۇقرات، ئوقدىلىلۇس قاتارلىق قەدىمكى گرېك مۇئەللىپلىرى بىلەن تونۇشتى. ئۇيغۇرلار ئىسكەندەرنىڭ شەرققە يۈرۈشى ۋە گرېك- باكتېرىيە دۆلىتى داۋام قىلغان قەدىمكى زامانلاردىلا گرېك ئاپتورلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم تونۇشقانىدى.
ئىسلامىيەت مەدەنىي مۇناسىۋەتلىرىگە ئەگىشىپ ئەرەب ساياھەتچىلىرىنىڭ توققۇز ئۇيغۇرلار ھاياتى توغرىسىدىكى يازما خاتىرىلىرى ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا مەنپەئەتلىك مەنبە بولدى.


4


ئۇيغۇرلار ئىسلام مەدەنىيىتىگىمۇ كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ئەرەب مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى ئارقىلىقمۇ، بىۋاستە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئارقىلىقمۇ ئەمەلگە ئاشقان.
جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئۇتۇقى ھېسابلانغان قەغەزچىلىك ۋە يىپەكچىلىك تېخنىكىسى ئۇيغۇر زېمىنى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئابباسىيە خەلىپىلىكىگە تارقالغان.
جۇڭگو تىبابەتچىلىكى بىلەن ئەرەب ۋە گرېك تىبابەتچىلىكىنىڭ ئۇتۇقلىرى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئىبىن سىنا ئەسەرلىرىگە ۋە ئەرەب تىبابەتچىلىكىنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىشىغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن. پورۇخنىڭ ئەرەب دۇنياسىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى ئاقساق تۆمۈردىن باشلانغانىدى. ئىسلامىيەت دۇنياسىدا توققۇز ئۇيغۇر پەيلاسوپى ۋە ئالىمى ئەبۇ نەسىر فارابى ناتۇرال پانتېزملىق پەلسەپىۋى سىستېمىغا ئاساس سېلىپ ئارىستوتېلدىن كېيىنكى "ئىككىنچى ئۇستاز" دەپ شۆھرەت قازانغان، فارابى ئەرەب پەلسەپەسىگە ئەرەبلەرگە گرېك پەلسەپىسىنى تونۇشتۇرۇشقا، ئەرەب پەلسەپىسىدىكى ئىلمىي ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇشقا، ئەرەب ماتېماتىكىسىغا، ئەرەب مۇزىكىسىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا فارابى قاراشلىرى، بولۇپمۇ فارابىنىڭ "تۆت زات" قاراشلىرىدا چىڭ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ "تۆت تادۇ" ، "تۆت ئاناسىر" ئاساسىدىكى تىبابەتچىلىك قاراشلىرىنى پۈتكۈل ئىسلام شەرقىگە، ھەتتا غەربىي ياۋروپاغا تارقاتقانىدى.
مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ "تۈركىي تىللار دىۋانى" ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى تەقدىم قىلىپ ئەرەب- ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئالمىشىشىغا ھەسسە قوشقان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ "قۇتادغۇ بىلىك" ناملىق چوڭ تىپتىكى ئەسىرى ئىسلام شەرقىدە خەلىپە ھارۇن رەسىد ۋە خەلىپە مەمۇنىدىن باشلانغان مەدەنىيەت ئويغىنىشى يېڭى باسقۇچىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ، ئەينى زامان تەپەككۈر مۇنبىرىدە يېڭى بىر ئېگىزلىكى پەيدا قىلدى. ئەخمەت ئىبىن تولۇد ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ھۇمارابا قاتارلىق توققۇز ئوغۇز سىياسىيونلىرى مىسىردا قۇرغان تولۇن خانلىقى (905- 868) مىسىر ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە خەلىق ئىگىلىكى تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇش بىلەن ھەربىي فىلوت تەشكىللەپ ئاكا دېڭىز بازىسىنى بەرپا قىلغانىدى. غوجا ئەخمەت يەسەۋىي ۋە باھائىددىن نەقىشبەندى مۇخلىسلىرىدىن مەۋلانە سەدىدىن قەشقەرى (ئابدۇراخمان جامىنىڭ ئۇستازى) ئىسلامىيەت تەسەۋۋۇپچىلىقىنىڭ خىلمۇ خىللىقىنى بېيىتتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلىشىر نەۋائى ۋەكىللىكىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى روھىيەت ئالاھىدىلىكلىرى تۈپەيلى ئىسلامىيەتنىڭ تۈركىي تۈردىكى كلاسسىك ئەدەبىياتىنى بېيىتتى. فارابى مۇزىكا نەزەرىيىسى ۋە مۇزىكاشۇناسلىق پائالىيىتى ئىسلام مۇزىكا مەدەنىيىتى تەرەققىياتىغا نەزەرىيىۋى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.
مىڭ يىللاپ داۋام قىلغان شەرق مۇزىكا سەنىتىدىكى ئاجايىپ كاتتا بايلىق "ئون ئىككى مۇقام" ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلىقلىرى سالجۇقلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى ۋە تۆمۈرلەڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا- يېقىن شەرقتە 14- ئەسىردىن كېيىن پەيدا بولغان "ماقام"، "مۇقام" ھادىسىسىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتتى.


5


ئىسلام مەدەنىيىتى ئوتتۇرا ئەسىر شەرقىدىكى ئالەمشۇمۇل تارىخىي مەدەنىيەت تىپى سۈپىتىدە ئىسپانىيە (ئاندالىشىيە) دىن جۇڭگوغىچە ئەزەربەيجاندىن شىمالىي ئافرىقىغىچە كەڭ تېررىتورىيىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. سېلىپ ئۇرۇشلىرى ئالدى- كەينىدە ياۋروپاغا تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت ياۋروپا مەدەنىيەت ئويغىنىشى (رەنسانىس) ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سالدى.
ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن بۇيان ئون ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقت ئۆتتى.
ھازىرقى كۈندە ئىسلام مەدەنىيىتى پەن- تەخنىكا ۋە سانائەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئۆزىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزىگە خاس ئىسلام دۇياسى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ "ئىلىم چىندە بولسىمۇ ئۇنى ئىگەللەش لازىم"،"ئالىملارنىڭ سەھىپە بەلىرىگە يازغان سىياھى شەھىدلارنىڭ قەبرە تاشلىرىغا ئويۇلغان يېزىقلار بىلەن ئوخشاشلا قەدىرلىنىدۇ"، "مۇسۇلمانلار مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇشتا باشقا خەلقلەردىن ئارقىدا قالماسلىقى كېرەك" دېگەن سۆزلىرى ھېلىمۇ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭىچە ئاڭ- پىكىر، ئىلىم- پەن ۋە مەدەنىيەتنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى تەكىتلەشكە ئىلھامبەخش كۈچىنى يوقاتقىنى يوق.
*****************************************************************

ManYuksel يوللانغان ۋاقتى 2006-8-8 08:29:15

ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺑﯘ! ﺭﻩﮬﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻠﯩﻜﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ!!!

zulal يوللانغان ۋاقتى 2006-8-8 09:29:07


ﻛﻮﻟﺪﯗﺭﻣﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ، ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﯩﺰﻏﯘ ؟
بەت: [1]
: ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ (ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﻪﻣﯩﺘﯩ