erturk يوللانغان ۋاقتى 2006-8-3 19:09:15

ﺑﻪﺩﺋﯩﻴﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ

بەدئىيلىك بىلەن سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا
ئەنۋەر مۇھەممەد
بەدئىيلىك ئەدەبىياتنىڭ جۈملىدىن ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ سەنئەت قانۇنىيىتىدۇر. سىياسىي دېگىنىمىز ھاكىمىيەت ئىشىدۇر، مۇنداقچە ئېيتقاندا”سىياسىي كۆپچىلىكنىڭ ئىشىدۇر“(دېڭ شياۋپىڭ). سىياسىي كۆپچىلىكنىڭ ئىشى، ھەم كۆپچىلىك ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش بولغانىكەن، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنى يازىدىغان ۋە شۇ تۇرمۇشنى ھەر خىل ئىجتىمائىي قاراش مەيدانىدا تۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇسۇلىمۇ سىياسىيدىن ئايرىلىپ كېتەلمەيدۇ، ئاپتور مەيلى مودېرنىزىملىق ياكى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى بىلەن ئەسەر يازسۇن، ياكى ھەر قانداق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ۋە ئۇ ئېقىم، بۇ ئېقىم بىلەن ھېسابلاشماي ئەسەر يازسۇن، ئۇنىڭ يازغانلىرى ئۇنىڭغا تونۇشلۇق تۇرمۇشقا، شۇ تۇرمۇشنىڭ تەپسىلاتىغا (شۇ ھاياتنىڭ مەنزىرىسىگە)، شۇ تۇرمۇشنىڭ نېگىزلىك تەرەپلىرىگە ئازدۇر-كۆپتۈر باغلانغان بولىدۇ. بىزنىڭ بۇ دەۋردىكى تۇرمۇشىمىزنى گويا بىر ئادەمنىڭ بىر پۈتۈن ئۇستىخىنى دېسەك، سىياسىينى شۇ ئۇستىخاننىڭ تەركىۋىدىكى كالتىسىي ماددىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەتنى سىياسىيدىن چەتلەشتۈرۈش ياكى ئايرىۋېتىش خاھىشى تارىختا ئۆتكەن ئەدىبلەردە بولغان، مودېرنىزىمچىلاردىن بەزىلەر ئۇ خاھىشنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ”سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت“ دەپ جار سالغان. غەرب ئەللىرىدە ھازىرمۇ شۇ خاھىشىڭ مەۋجۇتلۇقى مەلۇم، ئەمما ئومۇميۈزلۈك دەۋر سۈرەلمەيۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەدەبىياتنى سىياسىيدىن ئايرىۋېتىمەن دېيىش لۈشۈننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا،”ئاسمانغا چىقىمەن دەپ ئۆزىنىڭ چېچىنى ئۆزى تارتقانغا ئوخشاش “تۇر. ئەمما بىز بۇ يەردە دەۋاتقان سىياسىي ۋە ئۇنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى تۇرمۇشنى نوقۇل سىياسەت، يانى پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرى ۋە سىياسىي تۇرمۇش دەپ يۈزەكى چۈشىنىۋالىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. سىياسىي بىر ئىدىئولوگىيە ۋە بىر ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇپ، ئۇقۇم دائىرىسى كەڭ، ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرى كۆپ بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ئاڭ، ھېسسىيات پائالىيىتى بولغان ئەدەبىي ئىجادىيەتكىمۇ مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمدى سىياسەت دېگىنىمىز دۆلەتنىڭ ۋە شۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك كونكرېت، سىياسەت بەلگىلىمىلەر، قانۇن-تۈزۈملەر بولۇپ، يەرلىك خاراكتېرى كۈچلۈك، كۆپ خىل بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەدەبىياتنى(ئەدەبىيات-سەنئەتنى) جۈملىدىن ئەدەبىي ئىجادىيەتنى كونكرېت سىياسەت تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇش خاراكتېرى ۋە ۋەزىپىسى كۈچلۈكرەك، ئەمما ھەقىقىي بەدئىيلىك ۋە سەنئەت چىنلىقى نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بىۋاسىتە سىڭىپ كىرىش خاراكتېرى ئاجىزراق ياكى ئاساسەن يوق بولىدۇ. سىياسىي تۇرمۇش دېگەندە سىياسىئونلارنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى بەكرەك كۆزدە تۇتۇلىدۇ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بولسا سىياسىيدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىجتىمائىي ھادىسىلەر، مەسىلەن، دىن، ئەخلاق، قانۇن، ئۆرپ-ئادەت...قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.
ئەدەبىي ئىجادىيەتنى بۇ سوتسىيالىستىك دەۋرىمىزدە سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش خاھىشى مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكىكدەك زىيادە كۈچلۈك بولمىسىمۇ ھېلىھەم مەۋجۇت،”ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش“ سىياسىتى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە زور ئەركىنلىك ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى يەنىلا شۇ يىللاردىكى سولچىل سىياسەتۋازلىقنىڭ ئىدىيىۋى ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرالمايۋاتقان بەزى قەلەمكەشلىرىمىز تېخىچە ئىدىيىسىنى ئازاد قىلالماي، بەدئىي ساپاسىنى ئۆستۈرمەي، بەدئىي قىممىتى ئىنتايىن تۆۋەن، سىياسىي تەشۋىقاتى”يۇقىرى“ ئەسەرلەرنى يېزىپ يۈرمەكتە. بۇنداق ئەسەرلەردىن ئەدەبىي تىل تۈسى قويۇق ۋە جانلىق يېزىلغان سىياسىي ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈمى ياخشىراق. ئەدەبىي ئىجادىيەتنى سىياسىيدىن چەتلەشتۈرۈش ياكى سىياسەتكە زىيادە بېقىندۇرۇش مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى بەكمۇ تار چۈشەنگەنلىكتۇر. باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، سىياسىي بىلەن سىياسەت بىر بىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، ئەمما پەرقى بولغان ئۇقۇم، ھەر قانداق تىلدا ئۇلار پەرقلەندۈرۈلىدۇ. مەسىلەن خەنزۇ تىلىدا سىياسىي 政治، سىياسەت بولسا 政策 دېيىلىدۇ؛ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە باشقا بارلىق ئەدەبىيات سەنئەت پائالىيىتىگىمۇ ئۇلار پەرقلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەنى سىياسىي بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتسە، سىياسەت كۆپ ھاللاردا ۋاسىتىلىق، ئاجىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىنسان روھىغا سەنئەت چىنلىقى بىلەن تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئەسەرلەردە بولسا ئۇنىڭ تەسىرىنى ئاساسەن كۆرگىلىمۇ بولمايدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىدا بەدئىيلىكنى مۇرەككەپ ئىنسان تەبىئىتىدىن ئىزدەش كېرەككى، بەلگىلەنگەن سىياسەت، قانۇن، پرىنسىپ بويىچە ئىزدەپ خالتا كوچىغا كىرىپ قالماسلىق كېرەك. ھەر ئىشنىڭ بىر قانۇنىيىتى ۋە ئىگىسى بار؛ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە سەنئەت قانۇنىيىتىگە چوقۇم ھۆرمەت قىلىش كېرەك. سىياسىۋىلىكى كۈچلۈك، ئەمما بەدئىيلىك تۆۋەن ئەسەر سىياسەتكە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىگەننىڭ ئۈستىگە ئوقۇرمەننىڭ دىلىغىمۇ تەسىر قىلالمايدۇ ياكى ئىستېتىك زوقىغا ماس كەلمەيدۇ.
تارىخىي مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىدىن شۇ دەۋرنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ۋە بىر دەۋرنىڭ ئۆزگىچە ھالىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدا سىياسىي بىر تارىخىي ئىجتىمائىي ھادىسە سۈپىتىدە شۇ ئەسەرلەردىكى بىر پۈتۈن بەدئىي مۇھىتقا سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. پوتىئېرنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئىنتېرناتسىئونالىزىم شېئىرىدىمۇ سىياسىي پۇراق بىلەن بەدئىي خۇشپۇراقلار شۇنداق گۈزەل مۇجەسسەم بولغاچقا پۈتۈن دۇنياغا ناخشا ئاھاڭى بىلەن تارالغان.
دېمەك سىياسىي، ئەدەبىيات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىيلىكنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار. ئەدەبىي ئىجادىيەت شەخسنىڭ ئىشى، بىراق شەخس كوللىكتىپتىن ئايرىلالمايدۇ. يازغۇچى ئايرىم ئىنسان بولغانىكەن، ئىنسان تەبىئىتىنى يازسا بولىدۇ. بىراق”ئىنسان تەبىئىتى ئىنساندا ئەسلىدىن بار ماھىيەتلىك نەرسە بولماستىن بەلكى ئۇ كېلىپ چىقىش جەھەتتىنمۇ بارلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر“ (ماركىس). ماركىس ئېيتقان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت يەنىلا كوللىكتېپنىڭ ئىقتىسادىي ، سىياسىي، ئەخلاقىي ۋە باشقا بارلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم شۇ كوللىكتېپ ئىچىدە ياشاپلا تۇرىدىكەن، ئۇ مۇناسەۋەتتىن قۇتۇلالمايدۇ. دېمەك، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە روھىمىزنى ئۇرغۇتىدىغان ئىنسان تەبىئىتىنى يېزىش ئەركىنلىكىمۇ ئىجتىمائىي ھادىسە بولغان سىياسىيىدىن، جۈملىدىن دىن، ئەخلاق، جامائەت پىكرى، مىللىي خاسلىق، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلانىڭ تەسىرى ۋە چەكلمىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
شۇنى تەكتلەش كېرەككى، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بەدئىيلىكنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يەنىلا ئىنسان روھىنى قېزىش، ئىنسان روھىغا ئۆچمەس ئىز سالغان، سېلىۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى سەنئەت چىنلىقىغا ئۇيغۇن ھالدا ماھارەتلىك  يېزىش كېرەك. يازغاندا كۆپچىلىكنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتىگە، ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سىياسەت، قانۇن، تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا يازغۇچىلار ئۆز مەنپەئەتىنىمۇ قوغدىيالايدۇ.
بەدئىيلىك بىلەن سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتىنى زادى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟  بۇ ئىشتا يازغۇچىلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدىغان بىرىنچى مەسىلە بەدئىي دىت بىلەن سىياسىي سەزگۈرلۈك ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. سوتسىيالىستىك جەمئىيتىمىزدە بۇ جەمئىيەتنىڭ ماددىي تۇرمۇش ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت مۇھىتىدا ياشاۋاتقان يازغۇچىلار ھەر دائىم مۇنداق بىر مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ: كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان سىياسىي ۋەزىيەتنى قانداق بايقاش ۋە قانداق ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك؟ ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ مەنبەسى تۇرمۇش، ھالبۇكى تۇرمۇش سىياسىي ۋەزىيەت بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورى ئىچىدىكى ئادەم سىياسىيدىن مۇستەسنا يۆچۈن مەخلۇق بولمىغاچقا، ئۇنىڭ تەبىئىتى، ئۇنىڭ تۇرمۇشى ھەم ئۇنىڭ تەقدىرى جەزمەن سىياسىي مۇھىتقا زىچ باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەنە شۇ سىياسىي مۇھىتتىكى تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىنى بايقاش ۋە يېزىش بىلەن شۇ ئادەملەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى قېزىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە بەدئىي دىت كەم بولسا بولمايدۇ.
«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ 1998-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان«گۇناھ»ناملىق پوۋېستىمدا مەن ئەنە شۇنداق بىر بەدئىي دىت ئارقىلىق تاپقان ئىلھامىمغا ئاساسەن، كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان سىياسىي مەسىلىلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ باققانىدىم، يەنى يېزىلاردا يەرلىك خاقان بولۇۋالغان بەزى ساپاسىز ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز دىنىنىمۇ، پارتىيىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنىمۇ چۈشەنمەي، بۇرمىلاپ، كىچىك ئىشنى يوغانتىپ، ئاۋام خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، ئايرىم مەسىلىلەرگە قارىتىلغان سىياسەتنى ھەممىگە قارا-قۇيۇق تېڭىۋاتقانلىقىنى،`دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا بەزى ھوقۇق-ئەركىنلىكىمۇ چۈشەپ قويۇلغان  دېھقانلىرىمىزنىڭ ئۆزگەرمەيۋاتقان نامراتلىق، باش ئۈستىدىكى بېيرۇكراتلىق، شۇنداقلا بارغانچە چىڭىپ كېتىۋاتقان جاھان ئالدىدا تېڭىرقاپ، ئۇ خىل روھىي سىقىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىدىكى ئىزگۈ ئېتىقادنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئۆزىگە چوڭ تەسەللىي ئىزدەۋاتقانلىقىنى، بېيرۇكراتلار بىلەن ئاۋام خەلقنىڭ ئۆز ئارا زىددىيىتىنى ۋە ئۇ زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى ئۆزگىچە بەدئىي مۇھىت ۋە كونكرېت پىرسۇناژلار ئوبرازى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرگەنىدىم. بۇ ئەسەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە باشقا جايلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە غولغۇلا قوزغىلىپتۇ؛ بولۇپمۇ ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى يازغۇچى-قەلەمكەشلەر ئارىسىدا بۇ پوۋېست قىزىقارلىق بىر مۇھاكىمە تېمىسىغا ئايلىنىپ، كېيىن ھەتتا شۇ ھەقتە مەخسۇس بىر مۇھاكىمە يىغىنىمۇ ئېچىلىپتۇ. يىغىن ئەھلىنىڭ كۆپى ئەسەرنىڭ مۇۋاپپەقىيىتىنى، ئۇنىڭ يېڭىلىقى، چىنلىقى ۋە ئاپتورنىڭ دادىللىقىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپتۇ. ئاز ساندىكىلەر ئەسەرنىڭ يېتەرسىزلىكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. بۇ ئەسەردە سىياسىي مەسىلە بار، مۇھەررىر ئويلاشمايلا ئېلان قىلىۋېتىپتۇ، بۇ بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك دېگۈچىلەرمۇ بوپتۇ(تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان مۇشۇنداق تېجىمەللەر ئەدەبىياتىمىزنىڭ، دېموكراتىك قانۇن-تۈزۈملەر مۇكەمملىشىۋاتقان  سوتسىيالىستىك جەمئىيىتىمىزنىڭ باكتېرىيىلىرى). ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تېمام بىلەن ساپاسى يۇقىرى، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىىتىنى ھەم ئاۋامنىڭ ئارزۇسىنى ياخشى چۈشىنىدىغان باشلىقلارنىڭ يىغىنلاردا سۆزلىگەن سۆزلىرى ئارىسىدا  ھېچ پەرق يوق. مەيلى ئەدەبىي ئەسەر، ماقالە ياكى يىغىن نۇتقى بولسۇن، ئاشۇنداق توغرا، دادىل تېماتىك پىكىرلەر  سوتسىيالىستىك جەمئىيىتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان، ئۆزى پارتىيىلىك تۇرۇپ پارتىيىنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدىغان ھېلىقىدەك ساپاسىز، بېيرۇكرات، سىياسىي نەيرەڭۋازلارغا  ئەجەللىك زەربە بېرەلەيدۇ.
يازغۇچىدا بەدئىي دىت بولمىسا ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىدىكى سىياسىي پىكىر، سىياسىي مەسىلىلەرنى، جۈملىدىن سىياسىيغا چېتىلىدىغان تۇرمۇش ھادىسلىرىنى بايقىيالىشى ۋە بەدئىيلىك قانۇنىيىتى بويىچە ماھارەتلىك ئىپادىلىيەلىشى تەسكە توختايدۇ. بەدئىي دىتنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش يالغۇز جەمئىيەتتە قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالغان سالماقلىق سىياسىي مەسىلىلەرنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقاشنىلا ئەمەس، بەلكى شۇ مەسىلىنى بەدئىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈش، سەنئەت قانۇنىيىتىگە جەزمەن ئەمەل قىلىش دېگەنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نوقۇل سىياسىي قىزغىنلىقنى ھەم كىشىلەرنىڭ دىققىنى قوزغاشنى كۆزلەپ ئەسەرگە ھەددىدىن ئارتۇق سىياسىي مەزمۇن بېرىۋەتكەندە ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى بەدئىي ئەسەرلىك خۇسۇسىيىتى ئۆزگىرىپ، ئىستېتىك زوق بېرىش ئالاھىدىلىكىدىن ئايرىلىدۇ. بۇنداق ئەدەبىي ئەسەرلەردىن كۆرە بەدئىي تىل بويىچە ئۆتكۈر، جانلىق يېزىلغان سىياسىي ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈمى بىۋاسىتە، كۈچلۈك بولىدۇ.
شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئاساسىي مەيدانى توغرا، بەدئىيلىكى يۇقىرى ئەسەرلەرنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن مەتبۇئات مەسئۇللىرى، جۈملىدىن مۇھەررىرلەردىمۇ بەلگىلىك سىياسىي ساپا، ئەدەبىيات ساپاسى ۋە مەدەنىيەت ساپاسى بولۇشى كېرەك؛ شۇنداق بولغاندىلا ئۇلاردا ياخشى ئەسەرلەرنى بايقاش ئىقتىدارى، ئۇنى دادىل ئېلان قىلىش شىجائىتى بولىدۇ.   


Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2008-11-12 11:16:48

ئەسەر دىگەننى راست بولغان ئىشتەكلا يازىدىغان يازغۇچى، بەك ئەمەلىيەتچىل يازغۇچىكەنسىز.

absdf يوللانغان ۋاقتى 2008-11-12 16:47:57

بىر تال نەشپۈت مىسال،نەشپۈتنىڭ پوستى بەدئيلىك،قورساققا كىرگىنى ئوزۇق ئشىپ قالغىنى سىياسەت.بۇ بەك ئاددى چۈشەنچە.قالماقلار ئىلىپ كەلگەن بۇلۇشى مۈمكىن.
بەت: [1]
: ﺑﻪﺩﺋﯩﻴﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ