adip يوللانغان ۋاقتى 2006-7-26 08:53:15

ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺑﺎﻳﺎﻥ

ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ:kirzis

ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ،ﺋﯩﻠﻢ-ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻨﻰ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﺗﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ

ﺳﻪﺋﯩﺪﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻪﺋﯩﺪﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ-ﺋﺎﻗﺴﯘ ﯞﺍﻟﯩﻴﺴﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻥ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺟﯩﺘﻜﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ،ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻥ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﺎﺑﯩﻞ،ﺯﯦﺮﻩﻙ،ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻠﯩﻚ،ﻏﻪﻳﯘﺭ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺪﻯ،ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﯩﻜﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﯚﻫﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﺘﻰ.
ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻥ ﺗﻪﺧﯩﺘﻜﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻢ-ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ،ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ،ﺳﻪﻧﻪﺕ،ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ،ﺳﯘ ﻧﺸﺎﺋﺎﺗﻰ،ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﺴﻠﯩﺰ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﻯ،ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻥ ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ،ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﺗﯩﺮﺟﻰ ﺋﺎﺯﻟﯩﺘﯩﭗ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺩﻩﺳﺴﻪﺗﺘﻰ،ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ-ﻳﻮﺳﯘﻧﻼﺭﻧﻰ،ﭘﺎﺭﺱ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﺧﻪﺕ-ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ-ﻳﻮﺳﯘﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﺧﻪﺕ-ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﺪﻯ،ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺋﯩﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ،ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ،ﺋﻮﺭﺩﯗﭼﻪ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﻯ،ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻥ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺳﯘ ﻧﺸﺎﺋﺎﺗﯩﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ،ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺑﻪﺷﻜﯧﺮﻩﻣﮕﻪ ﺳﯘ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺳﺘﻪﻙ ﺗﺎﻍ ﮔﯜﻣﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﺗﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ،ﻣﯩﺮﺯﺍ ﻫﻪﻳﺪﺍﺭ ﻛﻮﺭﮔﺎﻥ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ ﭼﺎﭘﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ،ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻥ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ،ﻣﯧﻤﺎﺭﻟﯩﻖ،ﻧﻪﻗﻘﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ،ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻪﺭﻛﻪﻧﺪﻩ ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ،ﺧﺎﻧﻘﺎ،ﻣﻪﺳﺠﯩﺪ،ﺟﺎﻣﻪ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ،ﺑﺎﻍ،ﺋﯧﺮﯨﻖ-ﺋﯚﺳﺘﻪﻙ،ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ،ﻛﯚﻝ ﯞﻩ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﻫﻴﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ،ﺟﺎﻱ-ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺩﺭﺳﯩﻨﯔ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ 2263 ﻛﻪ،ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ 1533 ﻛﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ،ﭼﻮﯓ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﺎﻫﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻳﯧﺰﺍ-ﻗﯩﺸﻼﻗﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﻪ ﻣﻪﺩﺭﺳﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ،ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﻪﺭ،ﺩﯗﻛﺎﻥ،ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺴﺎﺭﺍﻱ.ﺗﯜﮔﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩﺧﭙﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﻣﻪﺩﺭﺱ،ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺘﻰ،ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻏﻪﺯﯨﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ،ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺭﻩﺷﯩﺪﯨﻴﻪ ﻣﻪﺩﯨﺮﯨﺴﻰ،ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻣﻪﺩﺭﺱ،ﺟﺎﻣﻪ ﻣﻪﺩﯨﺮﺳﻰ،ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﺳﻰ،ﺳﺎﻗﯩﻴﻪ ﻣﻪﺩﺭﺳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺋﺎﺭ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﺩﺍﯕﻖ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ،
ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﭼﻪﺗﻪﻟﻠﯩﻚ ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ،ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﻠﻢ ﺗﻪﻫﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻳﯩﺘﺘﻰ،ﺋﯩﻠﻢ ﻫﯧﺮﯨﺴﻤﻪﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ،ﺑﺎﻏﺪﺍﺩ،ﺗﯧﻬﺮﺍﻥ،ﻛﺎﺑﯘﻝ، ﺩﯦﻬﻠﻰ،ﻗﺎﺯﺍﻥ،ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻠﻢ ﻧﻪﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ،ﺷﯘﯕﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯩﻠﻢ-ﭘﻪﻥ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ""ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ""(ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ)ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﺪﻯ.ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﯚﯞﺑﯩﺘﻰ،ﺯﻩﻟﯩﻠﻰ،ﻧﺎﺯﺍﺭﻯ،ﺧﯩﺮﻗﺘﻰ،ﻏﯧﺮﯨﺒﻰ،ﺳﻮﺑﯘﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ،ﺧﺎﻧﯩﺶ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺨﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻫﯩﻤﺎﻳﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﺭﻩﺗﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ،ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﺨﯘﻣﺎﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﯩﺘﺘﻰ ﯞﻩ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﯩﺘﺘﻰ،ﺷﯘﯕﺎ ﺟﺎﻫﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﻗﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻛﯩﺌﯩﺸﻠﻪﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﺍﯕﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﻠﻢ-ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ،ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ،ﺋﺎﻟﯩﻢ،ﺋﻪﺩﯨﺐ،ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﻫﻪﻳﺪﻩﺭ ﻛﻮﺭﺍﮔﺎﻧﻰ،ﻣﯩﺮﺯﺍ ﻫﯜﺳﯩﻴﯩﻨﻠﻪﺭ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﮔﻪﻥ،ﺋﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﯘﺗﯩﺒﯩﺪﯨﻦ ﺧﻮﺟﺎﻡ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﻮﺭﻏﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﺴﺪﺍ ﺳﻮﭘﻰ-ﺋﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ،ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﯩﺘﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﻮﺟﺎ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺷﯧﺮﯨﭗ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﻩ ﺗﻪﺭﯨﻘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ.ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻥ ﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ،ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﻫﻪﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯧﻘﯩﻨﻤﺎﻱ،ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﻘﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ،ﺩﯨﻨﻨﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ،ﺳﻪﻧﻪﺕ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﺭﻻﺷﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻥ،ﺩﯨﻨﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ-ﻣﯘﺩﺩﺍﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻥ 27 ﻳﯩﻞ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺳﯜﺭﯛﭖ 1560-ﻳﯩﻠﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻣﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺷﯩﺪﺧﺎﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻤﺨﺎﻥ ﺗﻪﺧﯩﺘﻜﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ،ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻤﺨﺎﻧﻤﯘ ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﯞﻩ 33 ﻳﯩﻞ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﻫﯩﺠﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 1000-ﻳﯩﻠﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

kuluk يوللانغان ۋاقتى 2006-7-26 12:45:00

ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺑﺎﺭﯨﻜﺎﻟﻼ !
بەت: [1]
: ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺑﺎﻳﺎﻥ (2)