ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻪﺳﯩﮭﯩﺘﻰ
ئىدىقۇت ئېلى قىتانلارنىڭ ھۈكۈمىرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇڭغۇل ئېلى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەندىن كىيىن، ئىدىقۇت خانى بىلەن مۇڭغۇل خانى ئۆز-ئارا قۇدۇلىشىپتۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا مۇڭغۇل ئېلىنىڭ خاقانى چىڭگىزخان قىزى ئالتەن بەكە (مۇڭغۇل تىلىدا ئالتۇن دىگەن مەنىدە) نى ئىدىقۇت ئېلىگە يولغا سېلىش ئالدىدا قىزىغا نەسىھەت قىلىپ: "بەخىتلىك ئايالنىڭ ئۈچ ئىرى بۇلىدۇ، بۇلارنىڭ بىرى دۆلەت، ئىككىنچىسى ياخشى نام، ئۈچۈنچىسى ئۆز ئىرىڭ. مانا مۇشۇ ئۈچ ئەرگە ئىگە بۇلالىساڭ، سەن بەخىتلىك بۇلىسەن. ئەگەر سەن دۆلەتكە سادىق بۇلۇپ، ئەدەپ-قائىدىلەرگە ئەمەل قىلساڭ، تەبىئى ھالدا ياخشى نامدىن ئىبارەت ئىككىنچى <ئەرگە> ئىگە بۇلىسەن. ياخشى نامىڭنى مەھكەم ساقلىيالىساڭ ھېچقانداق ئەرنىڭ سېنى تاشلىۋەتكۈسى كەلمەيدۇ" دەپتۇ.
<ئىدىقۇت يۇلتۇزى> ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘ .
![](images/Emotions/28.gif)
بەت:
[1]