Udmish يوللانغان ۋاقتى 2006-7-20 21:25:25

ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺴﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﻧﻪﻣﺴﯩﺰ؟

بىز ھەمىشە باشقىلارنىڭ ۋە گاھىدا ئۆزىمىزنىڭ "قاتتىق دېسكامنىڭ سىغىمى شۇنداق چوڭ تۇرۇپ ،يەنە بولۇش يىتىشتۈرەلمەي يۈرىمىنا..." ، "كومپىيۇتېرېمدا  يەنە شۇنداق كۆپ بوشلۇق تۇرسىمۇ نىمىشقا مەۋھۇم ئىچىكى ساقلىغۇچ يېتىشمىدى دەپ سېستىمام ئاستىلا پ كېتىدۇ؟؟؟؟ "  دېگەندەك قاقشاشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇمىز.
|ئەجابا بىزگە 80 ،120گىگابايت بوشلۇقلار راستىلا يېتىشمەمدۇ؟
|lمېنىڭچە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلەرگە بىمالال يېتىدۇ، شۇ پەقەت دېسكىنى رايۇنلاغا بۆلىشى مۇۋاقىت بولمىغا ياكى دېسكا كىرەكسىز ئۇچۇرلا بىلەن ياكى ئۆچۈرۈۋەتسىمۇ بولىدىغان ئەمما كۆز قىيمايدىغان نەرسىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىدىندۇر.
مەن ئۇزۇن مەزگىل شەخسىي كومپىيۇتېرىمنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئاشۇنداق ئىشلاغا كۆپ قېتىم يولۇقۇپ تولا بۇرنۇمغا سۇ كىرىپ ئاخىرى "قاتتىق دېسكىنى قانداق باشقۇرۇش كېرەك"  دېگەن تىمىدا قىسقىچە خۇلاسىگە كەلدىم ۋە ئۇنى مۇشۇنداق بىر ئېسىل بولغان مىللەت تەربىيىلەش سورىنىدا قېرىداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە كومپيۇتېر ئىكرانىغا قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن ، ئۇندىن باشقا قېرىداشلاغا قاتتىق دېسكا توغۇرلۇق بىلگەنلىرىمنىڭ ئېسىمگە كەلگەلىرىنى سۆزلەپ ئۆتەي،  قېرىنداشلارغا ئازتولا ياردىمى تەگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.


يۈزەكىرەك قىلىپ چۈشەندۇرسەم بىز ئىشلىتىۋاتقان قاتتىق دېسكا توك يول تاختىسى ، ماگىنىتلىق ساقلاش تەخسىسى ، ئۇچۇر ئوقۇش بېشى ، ئۇچۇر ئېغىزى (بىز دەيدىغان خەنزۇچىدىكى 接口) ۋە سىرقى قاپ لاردىن تۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ماگىنىتلىق ساقلاش تەخسىسى دەل ئۇچۇر ساقلىنىدىغان يېرى بولۇپ، قاتتىق دېسكا ئۇنىڭدىن بىرنى  ياكى بىر-قانچىنى ئۆزئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.ئادەتتە ھەربىر تەخسىسىنىڭ مۇقۇم چوڭلىقى بولىدۇ (مەسىلەن  40G) ، قاتتىق دېسكىنىڭ ئومۇمى سىغىمى= تەخسە سانى * بىر تەخسىنىڭ چوڭلىقى   بولىدۇ.مەسىلەن سىزنىڭ قاتتىق دېسكىڭىزدا ئىككى تەخسە بار ۋە ھەربىر تەخسىنىڭ چوڭلىقى 40G بولسا ، دېمەك سىزنىڭ دېسكىڭىزنىڭ سىغىمى 80G دېگەن گەپ(ئەلۋەتتە ، بىز ئۈچۈن مۇھىمى تەخسە سانى ياكى يەككە تەخسىنىڭ چوڭلىقى ئەمەس بەلكى دېسكىڭىزنىڭ سىغىمى، دېسكىنى رايۇنغا بۆلگەندىمۇ"تەخسە سانى" دېگەن پارامىتىر ئىشلىتىلمەيدۇ،قوشۇمچە قىلىپ قويدۇم خالاس).
سىز مۇنداق بىر ئىشقا دېققەت قىلدىڭىزمىكىن!؟ ،  سىز سېتىۋالغان ئاتالمىش 80GBلىق قاتتىق دېسكىنى كومپيۇتېرغا چېتىپ سىغىمىنى تەكشۈرسىڭىز80*1024=81920MB=80GB ئەمەس بەلكى 80*1000=80000MB=78.125G چىققانلىقىنى بايقايسىز، ئەجابا  بۇ ساقتىلىقمۇ ؟ ئۇنداق ئەمەس، بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق:
قاتتىق دېسكا ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇت 1GB(گىگابايت) نى 1000MB(مىگابايت) قا تەڭ دەپ ھېسابلايدۇ ۋە شۇ ئۆلچەمدە دەل 40GB,80GB,120GB قاتارلىق سىغىملاردىكىنى ياسايدۇ، ئەمما سىز ئىشلىتىۋاتقان Windows, Linux ياكى باشقا مەشخۇلات سېستىمىلىرى 1 گىگابايت نى 1024 مىگابايت دەپ ھېساۋات قىلىدۇ، مۇشۇ پەرق ئەشۇنداق ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
قاتتىق دېسكىنى ئوقۇش يېزىش سۈرئىتىگە كەلسەك ، ئۇ   قاتتىق دېسكىنىڭ كومپيۇتېر ئاساسى تاختىسى بىلەن ئۇلىنىدىغان ئېغىزىنىڭ تىپى ، تەخسىنىڭ ئايلىشى سۈرئىتى قاتارلىق تەرەپلەردىن  بەلگىلىنىدۇ. بىز كۆپ ئىشلىتىۋاتقان قاتتىق دېسكىنىىڭ ئېغىزدىن (مۇشۇنداق ئاتاپ تۇراي)  DMA(ATA) 100/133 ، SATA ، SCSI  دەپ ئۈچ تۈرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە:
  DMA(ATA) 100/133
بىرقەدەر بۇرۇنرا چىققاچقا كۆپرەك ئومۇملاشقان(80% كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ تىپتىغۇ دەيمەن) (ئۇنى 40چىشلىق كەڭرى سىم بىلەن ئۇلايدۇ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوپتىك قوزغاتقۇچنىڭ ئېغىزىمۇ مۇشۇ تۈردە)، ئۇنىڭ يانداش (مەلۇم پەيتتە بىر-نەچچە بىت ئۇچۇر بىراقلا يوللىنىدۇ دېگەنلىك) ئېغىز بولۇپ ئۇنىڭ سىرتقا ئۇچۇر ئەۋەتىش سۈرئىتى 133MS/s  (بۇ پەقەت نەزىرىۋى قىممەت بولۇپ ئەمەلىيەتتە بەك چوڭ بولغاندىمۇ 50MB/S قا ئاران چىقىدۇ).
SATA
بۇ ATA دىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئېغىز تىپى بولۇپ ئۇنىڭ ھازىرقى نەشىرىنىڭ (v1.0)  نىڭ سىرتقا ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتى بارلىق ئۈسكىنىلەر ياخشى ماسلىشالىسىلا 150MB/S قا يېتەلەيدۇ ، يەنە ئۇ ئارقىمۇ-ئارقا(مەلۇم پەيتتە پەقەت بىر بىت ئۇچۇر يوللىنىدۇ دېگەنلىك) شەكىلىدە ئۇچۇر يوللايدىغان بولۇپ  ئۇلاش سىمنىڭ ھەجىمى ATA نىڭكىگە قارىغاندا كۆپ كىچىك، ئۇندىن باشقا ئۇنىڭ توك سەرپىياتى تۆۋەن بولۇپ ±250mV  لىق بېسىمدا خىزمەت قىلىدۇ (ATA بولسا+12V, +5V ).
ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئەۋزەللىكلېرى بولغاچقا يڭى قۇراشتۇرلىۋاتقان كومپيۇتېرلارغا ئاساسەن دېگىدەك مۇشۇ تىپتىكى قاتتىق دېسكا سەپلىنىۋاتىدۇ (ئۇنىڭ باھاسى ئوخشاش سىغىمدىكى ATA قاتتىق دېسكىدىن نەچچە ئون يۈەنلا پەرقلىق).

SCSI
بۇ كىشىلەر كۆپ ئىشلەتمەيدىغان بىراق توردىكى مۇلازىمېتىرلەردە كۆپرەك ئىشلىتىدىغان تىپ. بۇ تىپلىق قاتتىق دېسكا تەخسىسىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ناھايىتى يۇقىرى(بىر مىنۇتتا ئون مىڭ قېتىم ، بۇتوغۇرلۇق ئاستىدا توختىلىمەن) بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتى160MB/s  قا يىتىدۇ، ئۇنىڭ ئەك چوك ئالاھىدىلىكى شۇكى ،ئۇ خىزمەت قىلغانداCPU  نى ئەڭ ئاز ئىشلىتىدۇ(5% ئەترپىدا ئىكەن، قارىغاندا مۇشۇ ئەڭ تۆۋىنى ئوخشايدۇ)، ئەمما ئۇنىڭ توك سەرپىياتى(دېمەك ئىسسىقلىقنى كۆپ چىقىرىدۇ) ۋە باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ ئائىلىلەرگە تازا ماس كەلمەيدۇ.

بايا مەن "تەخسىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى" دېگەن گەپنى چىقاردىم ، بۇ يەردىكى "سۈرئەت" قاتتىق دېسكا ئىچىكىدى ئۇچۇر ساقلاش تەخسىسىنىڭ بىر مىنۇتتا ئايلانغان قېتىم سانىنى كۆرسىتىدۇ(ئۇنىڭ ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىدىغانسىز:). ئايلىنىش سۈرئىتى قانچە تېز بولسا ئۇچۇرنى شۇنچە تېز ئوقۇپ(يېزىپ)چىقىدۇ، ئەكسىچە بولسا ئەكسىچە بولىدۇ.ھازىرقى قاتتىق دېسكىلار ئاساسەن ياكى 5200 لىك ياكى 7200 لىك (SCSI بولسا 10000لىق دېدىمغۇ بايام...)


يەنە بىر نەرسىنى ئۇنتۇپۇ قالغىلى تاس قاپتىمەن.... قاتتىق دېسكىنىڭ ئىچىدە "باففېر" (مۇنداق دەپ تۇراي، ئۇ خەنزۇچىكىدى 数据缓冲器) دەيدىغان بىر ئۇچۇر ساقلاش ئورنى بولۇپ قاتتىق دېسكا تەخسىىسىگە يېزىلىدىغان(ياكى ئوقۇلىدىغان) ئۇچۇرلار ئاۋال مۇشۇ ئورۇنغا تېز سۈرئەتتە توشۇلۇپ ئاندىن كومپىيۇتېر ئىچكى ساقلىغۇچىغا يوللىنىدۇ ياكى ئىچىكى ساقلىغۇچىتىن قاتتىق دېسكا تەخسىسىگە يېزىلىدۇ.
قاتتىق دېسكا تەخسىسىدىكى ئۇچۇرنىڭ باففېر غا يوللىنىش ياكى باففېر دىكى ئۇچىرنىڭ تەخسىگە يوللىنىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇپ ئادەتتە 600MB/s ئەتراپىدا بولىدۇ (بىز پات-پات ئاڭلايدىغان قاتتىق دېسكىنىڭ ئىچكى يوللاش سۈرئىتى دېگەن مۇشۇ شۇ). ئەلۋەتتە باففېرنىڭ سىغىمى قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى، بىراق باففېرنىڭ توك يولىنى توپلاشتۇرۇش ناھايىتى تەس بولغاچقا ھازىر ئۇ 2MB,8MB ۋە بىر قىسىم ئالى قاتتىق دېسكىلاردا 16MB لا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شۇڭا قاتتىق دېسكا سېتىۋالغاندا مۇشۇنىڭغىمۇ دېققەت قىلىپ قويۇڭ.

تۆۋەندە قاتتىق دېسكا ئىچىنىڭ رسىمىدىن بىرنەچچىنى بېرەي:


http://photos.album.5q.com/52/49/d0/beea3c5/1153408332704.jpg
http://photos.album.5q.com/52/49/d0/beea3c5/1153408296267.jpg

ئەمدە گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك، قاتتىق دېسكىنى قايسى ئۆلچەمدە رايۇنغا بۆلگەن مۇۋاپىق؟
رايۇنغا بۆلگەندە تۆۋەندىكى ئىككى پىرىنسپقا (پىرىنسىپ دېۋالدىمغۇ..) ئەمەل قىلىڭ
1.مەشخۇلات سېستىمىسى قاچىلىنىدىغان دېسكا بۆلىكى 10GB دىن كەم بولمىسۇن.
بۇ ئىتايىن مۇھىم، سېستىمىڭىزنىڭ پات-پات مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ يېتىشمىدى دەپ خاپا قىلىشى كۆپۈنچە سېستىما تۇرۇشلۇق دېسكا بۆلىكىگە بېرىلگەن بوشلۇقنىڭ كىچىك بولۇپ قالغانلىقىدا، چۈنكى 256M,512M دېگەن چوڭلۇقتىكى ئىچكى ساقلىغۇچلا سېستىمىڭىزدا نۇرغۇن پروگراممىلا ئىجرا بولغاندا ھەرگىز يېتىشىپ بولالمايدۇ، شۇڭا مەشخۇلات سېستىمىسى ئۆزى تۇرۇشلۇق(پەقەت سىز ئۆزگەرتىپ قويمىغان بولسىڭىزلا) بۆلەكتىن بوشلۇق ئاجرىتىپ ئىچكى ساقلىغۇچ ئورنىدا ئىشلىتىدۇ(شۇڭا مەۋھۇم دېگەن گەپ)، بۇ مەۋھۇم ئىچىكى ساقلىغۇچىنىڭ چوڭلىقى ئادەتتە 768Mدىن يۇقىرى بولىدۇ (ئۆزىڭىز مۇقۇم قىلىپ تەڭشەپ قويالايسىز) بولىدۇ ، دېمەك سىزنىڭ سېستىما تۇرۇشلۇق دېسكا بۆلىكىڭىزدە كەم دىگەن بىر گىگبايت ئورۇن بىكار تۇرمىسا بولمايدۇ (ئەمەلىيەتتىكى تەلەپ ئۇنىڭدىن كۆپ جىق). ئۇنىڭدىن باشقا ناۋادا سىز پات-پات سېستىما ۋاقىتلىق چىقارغان ئەخلەتلارنى تازلاپ تۇرمىسىڭىز سېستىما بۆلىكى ئاسانلا تولۇپ قالىدۇ (ئادەتتە ئاپتوماتىك تازلانمايدۇ، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى ئەخلەت ساندۇقىنىڭ ئىچىدىكى ھۆججەتلەر ئەمەس بەلكى پروگراممىلار ئىجرا بولغاندا قەپ قالغان قالدۇقلار، ئېنىڭ ئورنىنڭ كېيىن ئەسكەرتەي).
گەپنى يىغىنچاقلىغاندا ناۋادا سىزنىڭ قاتتىق دېسكىڭى بەك كىچىك بولمايلا قالسا سېستىما بۆلىكىگە كەم دىگەندە 10G ئورۇن بېرىڭ ، ناۋادە \"بۇرۇنقى مەن\"گە ئوخشاش 5G بۆلۈپ قويسىڭىز ، كېيىن ئۇنى چوڭايتىپ بولالماي ياكى قاتتىق دېسكىڭىزنى پۈتۈلەي قايتا بۆلۈشكە ئامال قىلالماي پۇشايماندا قالىسىز.
http://photos.album.5q.com/52/49/d0/beea3c5/1153408873872.jpg
.دېسكىنى بەك كۆپ بۆلەكلەرگە بۆلىۋەتمەڭ
دېسكىنى بەك كۆپ بۆلەكلەرگە بۆلۈۋىتىش  كېيىن سىزگە خۇددى بىر چوڭ ئۆينى نۇرغۇن كىچىك ئۆيلارگە بۆلۈۋىتىپ قىستى-قىستاڭچىلىقتا يۈرگەندەك قىلىپ قويىدۇ. مەسىلەن سىز80G  لىق دېسكىڭىزنى 10G دىن 8 گە بۆلۈپ قويسىڭىز (بەلىكىم شۇ چاغدا بۆلەك قانچە كۆپ بولسا ئوخشىمىغان تۈرلۈك ھۆججەتلارنى  ئايرىپ باشقۇرۇشقا قولايلىق دەپ ئويلىغانسىز) ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە قارسىڭىز ھەر-بىر بۆلىكىڭىزدىن بىر،ئىككى،ئۈچ گېگابايتتىن ئورۇن قالغان ،يىغىپ كەلسىڭىز دېسكىڭىزدە 20 ،15 مىگابايت چە ئورۇن بار لىكىن بىرەر چوڭراق نەرسىنى ساقلاي دېسىڭىز ئۈزلۈكسىز بوشلۇقنىڭ تايىنى يوق..................................ھەي....بۇنىڭ دەردىنى بەك كۆپ تارتقانمەن.....
تۆۋەندە مېنىڭ خىيالىمدىكى مۇۋاپىق بۆلۈش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ ئۆتەي (بۇ پەقەت مېنىڭ خىيالىم خالاس، ئۆلچەم ئەمەس).  
http://photos.album.5q.com/52/49/d0/beea3c5/1153408142679.jpg

مۇشۇنىڭ بىلەن بولدىمۇ ؟  ياق ........ سىز يەنە دېققەق قىلىدىغان ئىشلار بار.
سىز بىر نەچچە سائەت ۋاقىت چىقىرىپ كومپيۇتېرىڭىزدىكى بارلىق ھۆججەتلەرگە تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ ، نەتىجىدە سىز ئاشۇلارنىڭ 40% گە يېقىنىنىڭ سىز ئىشلەتمىگىلى ئۇزۇن بولغان( ئەمەلىيەتتە بۇندىن كېيىن ئىلىتىلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن كىچىك)، ئەمما سىزنىڭ ئۆچۈرۋېتىشكە كۆزىڭىز قىيمايدىغان(بۇندىن كېيىن ئىشلەپ قالار دەپ) ياكى ھەتتا سىز بارلىقىنى بىلمەيدىغان ھۆججەتلەر ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
--------------  ئۇلارنى ئۆچۈرۋېتىڭ!!!!---لازىم بولغاندا تاپالايسىز----------------
پات-پات ئەخلەت چىلىكىنى قۇرۇقداپ تۇرۇڭ . ئەخلەت چىلىكىدىكى ئەخلەتلەر ئەمەلىيەتتە يەنىلا بوشلۇق ئىگەللەپ تۇرىدۇ.
سېستىما شەكىللەندۇرۈپ قويىدىغان ئەخلەتلرنى تازىلاپ تۇرۇڭ . بۇ ئەخلەتلار ئاساسەن ماۋۇ يەرلەردە كۆپرەك:
X:\Documents and Settings\XXXXXX\Local Settings\Temp
X:\Documents and Settings\XXXXX\Local Settings\Temporary Internet Files
"(يۇقارقىلاردىكى X: سېستىما قاچىلانغان بۆلەكنىڭ بۆلەك بەلگىسى، XXXXXX بولسا ئابونت ئىسمى)


پات-پات  دېسكىڭىزنى سېستىمىنىڭ "دېسكا رەتلاش" قۇرالى ئارقىلىق رەتلەپ تۇرۇڭ . لىكىن كۆپ قىلىش خەتەرلىك، دېسكىڭىزنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىپ قويىدۇ، چۈنكى ئادەتتە بىر قېتىم دېسكا رەتلىسىڭىزدېسكىڭىز پۈتۈن دېسكىدىكى ئۇچۇرلانى قايتا يېزىپ\ئوقۇپ چىققاندىنمۇ كۆپ ئوقۇپ\يېزىلىدۇ.

ئامال بار كومپىيۇتېردىنى توكتىن بىۋاستە ئۈزۈۋەتمەڭ، سېستىمىنىڭ ئۆچۈرۈش تەرتىۋى بويىچە ئۆچۈرۈڭ ، بولمىسا دېسكىڭىزدا ئاسانلا بۇزۇق سېكتور پەيدا بولىۋالىدۇ (بۇزۇلىدۇ...).
قاتتىق دېسكىڭىز ھاۋا ئۆتىشىدىغان يەردە تۇرسۇن. ئەلۋەتتە ، قاتتىق دېسكا ئاساسەن ماشىنا ساندۇقىنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ، دېمەك ساندۇق ھاۋا ئۆتۈشلۈك بولسۇن.
قاتتىق دېسكا يەر يۈزى (ئېغىرلىق مەركەز ئوقى بىلەن تىك) پاراللىل بولسۇن. بەزىلەر تىك قولۇۋالىدۇ ،مېنىڭچە فىزىكا نوختىسىدىن چىققاندا بۇنداق قىلىش تازا ياخشى ئەمەس.
-----------  
ھازىرچە كاللامغۇ مۇشۇنچىلىك نەرسە كەلدى، قالغىنىنى بارا-بارا مۇشۇ يەردە تولۇقلايلى.

  

   Udmish
2006.07.20
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ

azim520 يوللانغان ۋاقتى 2006-7-29 19:15:35



ﻣﻪﻥ ﯸﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ ﮔﻪ   ﺑﯩﺸﯩﻤﻨﯩﯔ  ﺭﻩﺳﯩﻤﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮ ﯞﺍﻻﻱ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭﭼﯘ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2006-7-31 00:57:08

ﺑﯘﺭﺍﺩﯨﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﻮﻟﻼﭘﺘﯘ،
ﻣﻪﻥ 50 ﮔﯧﮕﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ 150 ﮔﯧﮕﺎ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻳﯜﺩﯛﭖ ﻳﯜﺭﮔﯩﻠﻰ 3-4 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﺎﻱ ﺩﯨﺪﻯ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺴﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﻠﻪﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺟﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﺗﺘﯩﻢ، ﺷﯘﯕﺎ:
ﺩﯦﺴﻜﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯚﻟﯜﺵ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﭗ ﺑﯧﺮﻩﻱ:
1- ﺧﯩﻠﻰ:
       ﺋﻪﯓ ﺗﯜﯞﻩﻥ     ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ       ﭼﻮﯓ  
C:     ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ       10         12-15    ( ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ Vista ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﺑﻮﻻﺭ)
D:      ﺑﻪﺵ            10             15
E:  =  ﺋﯘﻣﯘﻣﯩﻲ ﺩﯦﺴﻜﺎ ﺳﯩﻐﯩﻤﻰ - ( C+D+F)   
F:      ﺋﻮﻥ               15          20                                  ( ﺑﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺯﺍﭘﺎﺱ ﺭﺍﻳﯘﻥ)
ﺑﯘ ﺧﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ:
1: D: ﺩﯦﺴﻜﺎ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﭼﯩﻼﺷﻘﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﭖ، C  ﺳﯩﺘﯧﻤﺎ ﺩﯦﺴﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
2: ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺭﺍﻳﯘﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 120 ﻟﯩﻚ ﺩﯦﺴﻜﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ 80 ﮔﯧﮕﺎﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ،

|2- ﺧﯩﻠﻰ:
       ﺋﺎﺯ                    ﻛﯚﭖ
C    ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ           20~25
D   =  ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺩﯦﺴﻜﺎ ﺳﯩﻐﯩﻤﻰ - C+E
E     ﺋﻮﻥ                      20-30                        ( ﺑﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺯﺍﭘﺎﺱ ﺭﺍﻳﯘﻥ)
ﺑﯘ ﺧﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ:
1: ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﺎ ﯞﻩ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﺭ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ C ﻏﺎ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﻨﺪﯗ، ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﭼﯩﻼﭖ ﺭﺍﻳﯘﻥ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻳﺎﻛﻰ Ghost ﻻﺷﻘﺎ ﺗﺎﺯﺍ ﺑﺎﭖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺮﻻ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
2: ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺭﺍﻳﯘﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺯﺍﭘﺎﺱ ﺭﺍﻳﯘﻥ ، C ﺑﯩﻠﻪﻥ E ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ D ﻧﯩﯔ.
ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﭼﯩﻼﭖ ﻧﻪﺩﻩ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺟﺎﭘﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﻳﺴﯩﺰ، ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﻐﺎ 5 ﺗﯩﻦ 10 ﻏﯩﭽﻪ ﺑﺎﺵ ﻣﯘﻧﺪﻩﺭﯨﺠﻪ ﻗﯘﺭﯗﭖ ( ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: My Documents، ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ، ﻛﯩﻨﻮ، ﺭﻩﺳﯩﻢ، ﺋﯚﮔﯩﯩﺶ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯩﺸﻜﺎﭖ، |!ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭ....)  ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘﺭﯨﯟﯦﺘﯩﺴﯩﺰ.

ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ: ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺩﯦﺴﻜﺎ ﺭﺍﻳﯘﻧﻰ:
C ﺩﯦﺴﻜﺎ:   10 ﮔﯧﮕﺎ
D ﺩﯦﺴﻜﺎ:   249 ﮔﯧﮕﺎ
E ﺩﯦﺴﻜﺎ:    39  ﮔﯧﮕﺎ
ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 300 ﮔﯧﮕﺎ ، Raid ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ 150 ﻟﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ.
ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﯩﻐﯩﻢ 2 ﮔﯧﮕﺎ
ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯧﺘﯩﺮﻯ ﺑﯘ، ﺷﻪﺧﺴﻲ ﺋﻪﻣﻪﺱ،
40 ﮔﯧﮕﺎﻟﯩﻖ ﺭﺍﻳﯘﻧﻼﺭ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﺋﺎﺯ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ 60 ﻟﯩﻖ ﺭﺍﻳﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﯟﯦﻠﯩﯔ.

nawa717 يوللانغان ۋاقتى 2006-7-31 02:18:39

ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ ﺳﯩﺰﮔﻪ،ﺋﯘﺩﻣﺶ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﯧﻤﯧﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺳﯘﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ:ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﯖﻰ ﮬﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭ ﺋﯩﺪﯨﻢ،ﺑﺎﺵ ﺳﯘﺭﺗﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﺯﯗﻣﻨﯩﯔ ﺳﯘﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ،ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﭼﯘﺷﻪﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺑﻪﺭﺳﯩﯖﯩﺰ؟ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺭﻩﺧﻤﻪﺕ!ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻤﺎﺋﯧﻞ ﺋﺎﺩﺭﺳﯩﻢ:       ﻧﺎﯞﺍ717@126.ﻛﻮﻡ.  ﻛﯩﻴﯘ ﻛﯩﻴﯘ 363476126.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2006-8-9 23:40:10

ﺋﺎﯞﺍﻝ 163 ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﻨﺎﺩﯨﻦ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺑﯩﻠﻮﮒ ﺋﯧﻠﯩﯔ، ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﻳﻮﻟﻼﯓ،  ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﯓ ﭼﯧﻜﯩﭗ، ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﺑﺎﺵ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻳﯧﺰﯨﯔ

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2006-8-15 20:59:14

ﺑﻪﻟﻪﻥ ﺗﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﭘﺘﯩﻤﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ

RUSLAN@ يوللانغان ۋاقتى 2006-7-26 13:56:26

ﻛﯚﭖ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ.ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ.ﻛﯘﺭﺳﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺗﯘﺭﺍﺭﺳﯩﺰ.ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﮬﻪﻡ ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﺷﻠﯜﻙ ﺑﻮﭘﺘﯘ.

单鹰 يوللانغان ۋاقتى 2006-7-20 22:45:32

Udmish ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﯖﯩﺰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ،
ﻟﯩﻜﯩﻨﺰﻩ ﻣﯘﺷﯘ ﺧﻪﺗﻠﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﻼﺳﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ، ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻗﯘﻧﺎﻕ ﺋﯘﻧﻨﯩﯔ ﺧﯧﻤﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﻗﻮﻻﺷﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯧﺮﯨﻤﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯘ ﻣﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ.

yasin88 يوللانغان ۋاقتى 2006-7-20 23:03:15

ﭼﺎﺗﺎﻕ  ﻛﭙﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯩﺮﯨﯖﯩﺰﺩﺍ  ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ  . ﻣﻪﻥ ﺑﻪﻙ  ﺋﯩﻨﯩﻖ  ﺋﻮﻗﯘﺩﯨﻢ.
ﺑﻪﻙ  ﻳﺎﺧﺸﻰ  ﺑﻮﻟﺪﻯ  ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ  ﺩﯨﺴﻜﺎ  ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ  ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ  ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ،  ﺋﯩﮕﻪ  ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻏﺎ  ﻛﯚﭖ  ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯘﺭ  ﺋﯩﻴﺘﯩﻤﻪﻥ .
ﺳﯩﺰ  ﻳﯘﻗﯘﺭﺩﺍ  ﺳﯩﺴﯩﺘﯩﻤﺎ  ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ  ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ  ﺗﺎﺯﯨﻼﭖ  ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ  ﺳﯚﺯﻟﻪﭘﺴﯩﺰ ،
ﺑﯩﺮﺍﻕ  ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ  ﺗﺎﺯﯨﻼﻳﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﭘﺴﯩﺰ .
ﺑﯘﻧﯩﻤﯘ  ﺋﯘﮔﯘﺗﯘﭖ  ﻗﻮﻳﻤﺎﻣﺴﯩﺰ ؟

alma يوللانغان ۋاقتى 2006-7-21 11:20:26

ﺟﺎﭘﺎ ﭼﯩﻜﯩﭙﺴﯩﺰ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ.

bekram يوللانغان ۋاقتى 2006-7-21 12:01:00

ﺟﻪﯞﮬﻪﺭﻟﻪﻧﺪﻯ.

Laqin_1 يوللانغان ۋاقتى 2006-7-21 12:16:14

ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭ !!!

axik515 يوللانغان ۋاقتى 2006-7-21 20:56:55

ﺋﯘﺩﻣﯩﺸﻨﯩﯔ  ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺳﺎﯞﺍﺩﻯ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺪﻯ،،،،،،،،

ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﻩﻧﺠﯩﻤﻪﻱ ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯖﻼﺭ...... ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﯟﺍﻟﺴﯘﻥ..........

esir يوللانغان ۋاقتى 2006-7-22 10:35:33

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯧﺰﯨﭙﺴﯩﺰ! ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ.
ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺱ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻐﯩﻤﯩﻨﻰ 10 ﮒ ﺏ ﺩﯨﻦ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺑﻪﻙ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ، ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩ ﺭﺍﻳﻮﻧﻐﺎ ﻗﺎﭼﯩﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮﻣﯘ ﺋﺎﻗﯩﻼﻧﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺱ ﺭﺍﻳﻮﻧﻐﺎ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﺴﺎﻕ، ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ.

Udmish يوللانغان ۋاقتى 2006-7-22 16:33:20

3-ﻧﯘﻣﯘﺭﻟﯘﻙ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻘﺎ..
ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﭼﯜﺷﯜﻧﯩﻜﺴﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻘﯘ..؟
ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯩﻨﻜﺎﯞﺧﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺴﯩﺰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺧﻪﺗﻨﯩﻤﯘ ﺗﺎﺯﺍ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺴﺰ (ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﺴﻤﯩﯖﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻗﻮﻳﯘﯞﺍﭘﺴﯩﺰ).  ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﺩﯨﻦ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﯖﯩﺰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﻮﻗﻤﯘ ﻳﺎ ، ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺩﻩﻳﻤﯩﻨﺎ......

atella يوللانغان ۋاقتى 2006-7-27 08:10:25

ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯧﺴﺘﻤﺴﻰ ﯞﯨﻨﺪﻭﺱ ﺋﻜﯩﺴﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﻴﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯧﺴﺘﻤﺎ ﻓﻮﺗﻮﺷﻮﻑ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯨﺘﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﺎﭼﯩﻠﺴﺎﻗﻤﯘ ﺋﺠﺮﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﺸﻠﯩﺸﻰ ﭘﻪﺭﻗﯩﻠﻪﻧﻤﻪﻣﺪﯗ؟..

TAXLAGLAK يوللانغان ۋاقتى 2006-10-25 20:43:31

ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﯞﻩﻳﺘﯩﭙﺴﯩﺰ.ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻳﺴﯩﺰ....

VIP يوللانغان ۋاقتى 2006-10-25 22:00:32

ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯨﺴﻜﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﻪﭘﻤﯘ-ﺗﻪﯓ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻥ ، ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺭﺍﻳﻮﻧﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ . ﺑﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪﯕﻼﺭ ! ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﻡ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﺮﻩﻙ ﻳﺎﺯﺍﺳﯩﻠﻪﺭ....

VIP يوللانغان ۋاقتى 2006-10-25 22:14:12

ﮬﻪ ﺭﺍﺱ ، ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯩﺮﯨﻢ 40Gﺑﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯚﻟﺴﻪﻡ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ؟

VIP يوللانغان ۋاقتى 2006-10-25 22:14:12

ﮬﻪ ﺭﺍﺱ ، ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯩﺮﯨﻢ 40Gﺑﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯚﻟﺴﻪﻡ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ؟
بەت: [1] 2
: ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯦﺴﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﻧﻪﻣﺴﯩﺰ؟