qiqek يوللانغان ۋاقتى 2006-7-15 21:06:04

: ﺑﻪﺩﻩﻥ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﻗﺎﻳﺴﯩﻼﺭ؟

1.ﺑﻪﺵ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﻢ، ﻛﯚﺯﻯ ﭼﻮﯓ-ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ، ﻳﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ.
2.ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﯩﻨﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ، ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ.
3.ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﺗﻪﯕﭙﯘﯓ ﺑﻮﻟﯘﺵ ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ؛ ﮬﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ.
4.ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯜﺭﯨﻤﯘ ﺗﺎﻧﺎﺳﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﺵ ،ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯜﺭﯨﺴﻰ ﻛﻪﯓ ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻣﯩﻼﻕ ،ﺗﯚﯞﻩﻧﮕﻪ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻗﯩﻴﭙﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﺵ .
5.ﺋﻮﻣﯘﺭﺗﻘﯩﺴﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯜﺯ ، ﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻓﯩﺰﺋﯩﻠﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﮔﺮﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺗﺎﻏﺎﻕ ﺳﯚﯕﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﯩﻨﻮﺭﻣﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ .
6.ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﻗﻪﭘﯩﺰﻯ ﻛﻪﯓ ، ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﻣﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘﺵ . ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻰ ﭼﯩﯔ ، ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﻛﺴﻰ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﺗﯩﻚ ﻳﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺧﺎﺱ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻓﯩﮕﯘﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ.
7. ﺑﻪﻝ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ، ﻛﯜﭼﻠﯘﻙ ، ﺳﯧﻠﯩﻨﺪﯨﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺵ ، ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﯜﺯ ﺑﻮﻟﯘﺵ.
8.ﺳﺎﻏﺮﺍ ﻳﯘﻣﯩﻼﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ؛ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﺮﯨﺴﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ؛ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﺮﯨﺴﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ .
9.ﭘﯘﺕ ،ﻳﻮﺗﺎ ﯞﻩ ﭘﺎﻗﺎﻟﭽﺎﻕ ﺋﯘﺯﯗﻥ ، ﻳﺎﻥ ﭘﺎﻗﺎﻟﭽﺎﻕ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰﺭﻩﻙ ﮬﻪﻡ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ .
10.ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﮔﻪﯞﺩﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ .
11. ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﻗﯩﺰﻏﯘﭺ ، ﺳﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ .
12.ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﻣﺎﺳﻼﺷﻘﺎﻥ ، ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ، ﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ .

(ﮬﻮﺳﯘﻥ ﺗﯘﺯﻩﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺟﺎﯞﺍﭘﻼﺭ ) ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﯩﻨﺪﻯ .

sara يوللانغان ۋاقتى 2006-8-6 16:48:38

mayorﻏﺎ :
ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺯﺍﺩﻯ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺳﯩﺰﻣﯘ ؟ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﺳﯩﺰ ﺟﯘﻣﯘ ؟ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﯖﯩﺰ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﺩﻩﻙ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ .

maQak يوللانغان ۋاقتى 2006-8-5 16:08:46

ﻛﯩﻢ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﭘﺎﻛﺎﺭ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﮬﯧﺮﯨﺴﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ !!!!!
ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﮔﻪﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﻩ ﺑﯘ !!!

mayor يوللانغان ۋاقتى 2006-8-7 00:04:21

ﺳﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻘﯩﺰ ........................  ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﯖﯩﺰ ﺋﯧﻐﯩﺮﺩﯗﺭ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻧﯧﻤﯩﺴﻰ ..... ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ !!!!!

mayor يوللانغان ۋاقتى 2006-7-16 21:02:52

ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻳﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ، ﻗﯩﺰﭼﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻐﺎ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ؟ ﻳﺎ ﺑﯩﺰ ﺋﯧﯖﯩﺸﺎﻣﺪﯗﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺳﻪﻛﺮﻩﻣﺪﯗ ؟!!!!!!!!!!!!!!!!

aktilak102 يوللانغان ۋاقتى 2006-7-15 22:15:08

ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ  ﭼﯩﻨﯩﻘﯩﭗ  ﻳﯘﺭﺳﺎﻡ ﺑﯘﻟﻐﯩﺪﻩﻙ!

mayor يوللانغان ۋاقتى 2006-7-15 22:38:57

8.ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﺮﯨﺴﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ....
ﺑﯘ ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﺎﭘﺘﯘ ~ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺩﯦﺴﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﺮﯨﺴﻰ ﺩﯗﻣﯩﻼﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ، ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ ﻓﻮﻛﯘﺱ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ، ﭼﺎﺗﺎﻕ ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﻜﯩﻦ !
ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ :
24 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺗﯜﺭﯛﻙ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ !
ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﺑﯩﺮﺍﯞﻏﺎ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺋﺎﭼﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ !
ﮔﻪﯞﺩﯨﻨﻰ ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻣﯧﯖﯩﺸﻰ !
ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯩﻠﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ !
ﭼﺎﭺ ﻗﯩﺴﻘﺎ ، ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﺗﻪﻣﺒﻪﻝ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ !
ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ، ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ، ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﺮﯨﭗ ﻣﯧﯖﯩﺸﻰ !
ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ، ﻛﯩﺮﻗﺎﺕ ﻳﯘﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﻱ ﺗﺎﺯﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2006-7-16 08:25:13

ﺑﯩﺮﺍﺯﯨﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻻ ﻛﺎﺳﺴﺎ ﺋﻮﭘﯩﺮﺍﺗﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ

matu يوللانغان ۋاقتى 2006-7-16 13:23:24

ﮬﻪﻱ ﺋﯘﺷﺸﯘﻕ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ،ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﭽﻪ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﺳﺴﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻧﺴﯩﻠﻪﺭ...
ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ،ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ...

zilwa يوللانغان ۋاقتى 2006-7-16 18:51:14

ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻟﭽﻪﻣﮕﻪ ﺗﯘﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺯﺍﯞﯗﺗﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﺗﯘﭖ ﻳﺎﺳﺎﺗﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻻﺭﻛﯩﻦ؟

qiqek يوللانغان ۋاقتى 2006-7-16 18:58:57

ﻗﯩﺰﻻﺭ،ﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﺳﺴﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ،ﺑﻮﻱ ﺋﯩﮕﯩﺰﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ، ﺑﻮﻳﯘﻧﻪﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭ!

matu يوللانغان ۋاقتى 2006-7-17 17:22:20

ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺩﯨﮕﯜﺩﻩﻙ ﭘﺎﻛﺎﺭ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﮬﯧﺮﯨﺴﻤﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ،ﺟﯩﻖ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻛﯜﺗﻤﻪﯕﻼﺭ...

tizimlattim يوللانغان ۋاقتى 2006-7-17 18:04:19

ﻗﯩﺰﻻﺭﻣﯘ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﻛﺎﺳﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﺳﻠﻰ...

yexilkum يوللانغان ۋاقتى 2007-11-26 21:05:17

ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻳﻮﻕ ﺩﯨﻴﻪﺭﻟﯩﻚ ~!

hap-piy يوللانغان ۋاقتى 2008-5-25 19:59:25

ﻧﯩﻤﺪﯨﮕﻪﻥ  ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ .

hap-piy يوللانغان ۋاقتى 2008-5-25 19:59:27

ﻧﯩﻤﺪﯨﮕﻪﻥ  ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ .

lokman يوللانغان ۋاقتى 2008-10-1 08:52:56

مايورنىڭ گىپىگە قوشۇلىمەن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2008-10-1 09:22:43

ھازىرقى قىزلار چاچقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان ئوخشايدۇ...چېچىم ئۆسكەن چاغدا مېنى ئىزدەيدىغان قىزلار جىقىيىپ كېتىدۇ...بىراق ھەر يىلى بىر قېتىم چاچنى چۈشۈرىدىغان ئادىتىم بار، تاقىر باشقا ئايلانغاندىن كېيىنلا يېرىم يىلغىچە ئىش بولمىسا قىزلار ئىزدىمەيدۇ ...

hushpurak يوللانغان ۋاقتى 2013-2-24 19:26:41

كەينىمدە بەش يىل يۇرگەن يىگىتنى بۇيى پاكاركەن دەپ توي تەكلىپىنى رەت قىلغانتىم.

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2013-2-24 20:52:29

مانا ، مەن زىلۋا قىزلارغا ئامراق ،  \"\"


\"\"


\"\"

بەت: [1] 2
: : ﺑﻪﺩﻩﻥ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﻗﺎﻳﺴﯩﻼﺭ؟