@TuranTekin يوللانغان ۋاقتى 2006-7-9 14:51:39

ﺧﯘﻧﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﯩﺮﻯ

خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ئىجتىمائى ئەمىلىيەت داۋامىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۈمۈتۋار بۇلۇپ ئالغا ئىنتىلىش رۇھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يەرلىك مىللەتلەر مەدىنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى مۇجەسسەملەپ، ئۈزىنىڭ ئۆزگىچە مەدىنىيەت سەنئىتىنى ئىجات قىلدى. ئۇيغۇر مەنىۋىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى. خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدىنىيەت- سەنئىتى جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدىنىيەت غەزىنىسىدىكى بىر مۆجىزىدۇر.
ئۇيغۇرلار باتۇر، قەيسەر مىللەت، خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ياشاش ۋە راۋاجلىنىش جەريانىدا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش يۇلىدا، ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا كۆپ زىيارەت چىكىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، ئۇلاردىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ مۇنەۋۋەر پەرزەنىتلەر مەيدانغا كەلگەن.
جىيەن جەمەتىدىكىلەر چوڭدېدىن تارتىپ ئەمەل-مەرتىۋىدىن، ھەربى تەمىناتتىن مەھرۇم بۇلۇپ، ھەربىيلىكنى تاشلاپ دېھقانچىلىق قىلىشقا ماجبۇر بولغان. جەڭ يېغىلىقلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن جىيەن تۇغلۇق قۇشۇنىدىكىلەر بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىپ ماكانلاشقان ھەم يۇرتنى گۈللەندۈرگەن.
بىرىنچى قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشىدا خۇگۇاڭ ھەربى ۋالىسى قۇشۇنىنىڭ مىڭبېشى جىيەن رۇيەن خۇمىننى ساقلاپ، ئەنگىلىيە قۇشۇنى بىلەن خۇمىن پوتىيىدە 10 نەچچە كۈن كەسكىن ئېلىشقان. 70 كە كىرىپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىدا ھۇجۇمغا ئۈتۈپ، ئاخىرى چېگرادىكى جەڭگاھنى قانغا بۇيىغان. نەن لىڭ ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى جيەن شەن شۆ جيەن رۇيەننىڭ تەسىرىگە چۇڭقۇر ئۇچرىغاچقا، نەن لىڭ ئەتراپلىرىدا ئەپيۇن كۆيدۈرۈپ، زەھەرلىك چىكىملىك ئەتكەسچىللىرىنى قاتتىق جازالاپ، خەلىقنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتقان.
بىرىنچى قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلاۋى ئۇرۇش دەۋرىدە جيەن دۇنبى ئەر-خۇتۇن مىللى ئەركىنلىك ۋە ئازاتلىق يۇلىدا تەرەققىپەرۋەر ژورنال چىقارغان، ئىنقىلاۋى ھەركەتلەرنى تەشكىللىگەن ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان. شۇڭا ئۇلار زۇلمەت كۈچلىرىنىڭ قىلىچى ئاستىدا ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن.
ياپۇن باسقۇنچىللىرىغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدە خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن چىققان تەرەققىيپەرۋەر زاتلا ئارقا-ئارقىدىن ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئالدىنقى سەپكە ئاتلانغان. جيەن بوزەن، جيەن ۋەنمىڭ قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېيجىڭ ۋە تيەن جىنگە بېرىپ، ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلىكسەپكە قاتناشقان. بۇ مەزگىلدە چاڭدې ئۇيغۇرلىرى خۇيزۇ قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە 1939-يىلى «جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ۋەتەن قۇتقۇزۇش جەمىيىتىنىڭ چاڭدې شۆبىسى» نى قۇرغان. بۇ جەھەتتە بۇ شۆبە ئارقىلىق ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، مۇنقەرىزلىكتىن قۇتۇلۇش ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بارىپ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن يىتىشىپ چىققان ئالىم جيەن بوزەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىنى ئايلىنىپ، جەمىيەتنىڭ تارىخى تەرەققىيات جەريانىدىن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مىللى ئازاتلىق يۇلىنى ئىزدەپلا قالماي، بەلكى ئۈزىنى ئىنقىلاۋى ئەمىلى ھەركەتكە بېغىشلىغان.
چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كىيىن خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن نەچچە يۈز كىشى ئارمىيىگە قاتنىشىپ چاۋشيەنگە يارىدەم بەرگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شاڭ گەنلىڭ، چى لوڭشەن قاتارلىق جايلاردىكى چوڭ ئۇرۇشلاردا ئالاھىيدە دەرىجىلىك، 1-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.
خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ چاڭدې، تاۋيۇەن ئەتراپلىرىغا كۈچۈپ كىلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىغا ئۇزۇن ۋاقىت بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ نۇپۇسى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن، خەنزۇلارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ دىنى ئىتىقادى، ئۆرۈپ-ئادىتى بىرئاز ئۆزگىرىپ كەتكەن. تاۋيۇەن ناھىيىسىدىكى فېڭ شۇ ئۇيغۇر-خۇيزۇ يىزىسىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلىدۇ. ئۆرۈپ-ئادىتىمۇ ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭكىگە ئوخشۇشىپ كىتىدۇ. ئۇلار ئەنئەنە بۇيىچە خۇيزۇلار بىلەن نىكالىنىدۇ. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھازىر غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەنمۇ نىكالىنىدىغان بولدى. ھازىرقى خۇنەن ئۇيغۇرلىرى ئۇمۇميۈزلۈك خەنزۇ تىلىنى، ئاخۇنلار دىنى سورۇنلاردا ئەرەپچىنى قوللۇنىدۇ.

khuldar يوللانغان ۋاقتى 2006-7-9 19:04:33

ﺟﯩﻴﻪﻥ ﺑﻮﺯﻩﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﺲ . ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯧﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
بەت: [1]
: ﺧﯘﻧﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﯩﺮﻯ