@TuranTekin يوللانغان ۋاقتى 2006-7-2 00:11:15

ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە

مىلادى 840-يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قىرغىزلا تەرىپىدىن يىمىرىلگەندىن كىيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ئارقا-ئارقىدىن كۈچۈشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى   جەنۇپقا كۆچتى، يەنە بىر قىسمى غەرىپكە كۆچتى. شۇ ئاساستا ئۇلار باشقا رايۇنلاردىكى  ئۇيغۇرلار ئارىسىغا قۇشۇلۇپ كەتتى. ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇپ-شىمالىدا ۋە خېشى كارىدورىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كۈچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى شىمالدىن كۈچۈپ كەلگەن زور  تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇبۇل قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ، يېڭى بىر ئۇيغۇرلار توپىنى ھاسىل قىلدى. ھەمدە كىيىن گۈللىنىپ تېخىمۇ زور بولغان ئۆچ چوڭ خانلىقنى بەرپا قىلدى. يەنى قارىخانىيلار خانلىقى، قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئىبارەت. سېرىق ئۇيغۇرلار بولسا بۇ ئۈچ خانلىق ئىچىدىكى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر. تارىخى كىتاپلاردا يەنە خېشى ئۇيغۇرلىرى، لىياڭجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەپمۇ ئۇچرايدۇ. ئاساسلىق پائالىيەت دائىرىسى خېشى رايۇنىدا بولغاچقا كۈپۈنچە ھاللاردا ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ خېشى ئۇيغۇرلىرى دىيىلىدۇ. بۇلارخېشى رايۇنىدىكى گەنجۇ(ھازىرقى گەنسۇنىڭ جاڭيى شەھىرى)، لىياڭجۇ (ھازىرقى ۋۇۋېي شەھىرى)، گۇاجۇ (ھازىرقى ئەنشى ناھىيىسى)، شاجۇ (ھازىرقى دۇنخۇاڭ شەھىرى)، خېلۇچۇەن (ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇل ئېچىنا دەرياسى)، خېلەنشەن (نىڭشىيا دائىرىسىدە)، چىنجۇ (ھازىرقى گەنسۇنىڭ تىيەنشۈي شەھىرى) قاتارلىق جايلاردا پائالىيەت قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە، گەنجۇنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىر كۈچى زور بولغان. ئۇيغۇرلار دەسلەپتە تۈبۈتلەرگە بېقىنغان، كىيىن بەيئەتچىلەر قۇشۇنىغا (جاڭيىچاۋ باشچىلىقىدىكى ئالتۇن تاغ پادىشالىقى) بېقىنغان، ئاخىرىدا بەيئەتچىلەر قۇشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ گەنجۇنى ئىشغال قىلغان. گەنجۇنى ئىشغال قىلغاندىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ نىسبى مۇقۇملىقى ئىشقا ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن گەنجۇ خېشى رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدىنىيەت مەركىزى بۇلۇپ قالغان.  شۇندىن باشلاپ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى دىگەن ئۇقۇم كەڭ تارقالغان ۋە قوللۇنىلغان. ئەمما كىيىنكى دەۋىرلەرگە كەلگەندە گەنجۇ تاڭغۇتلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن خېشى ئۇيغۇرلىرى ئۈزىنىڭ سىياسى قۇماندانلىق مەركىزىدىن ئايرىلىپ قالدى. ھەمدە بىر يېرىم ئەسىردەك داۋام قىلغان خېشى ئۇيغۇرلا ھاكىمىيىتى ئاخىرلاشتى.
ئۇنداقتا ئۇلار نىمە ئۈچۈن سېرىق ئۇيغۇرلار دىيىلىدۇ؟ خېشى رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندىن كىيىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار سەيدام ئويمانلىقىنىڭ غەرىبى چېتىگە بېرىپ چارۋىچىلىق قىلدى. بۇلار سوڭ سۇلالىسى ۋە جىن سۇلالىسى تارىخى كىتاپلىرىدا شاجۇ ئۇيغۇرلىرى دەپ ئېلىنغان. 11- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئۇدۇن ۋە سالجۇق تۈرۈكلىرىنىڭ ئەلچىللىرى ئوتتىرا تۈزلەڭلىككە كەلگىچە شاجۇ ئۇيغۇرلىرى چارۋىچىلىق قىلغان رايۇنلاردىن ئۆتكەن. سوڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخى كىتاپلىرىدا ئاشۇ ئەلچىلەرنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىگە ئاساسەن، بۇ رايۇندىكى ئۇيغۇرلارنى "سېرىق باش ئۇيغۇرلار" دەپ تەرجىمە قىلغان. بۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئورنى ھازىرقى گەنسۇ، چىڭخەي ۋە شىنجاڭنىڭ چىگىرلىنىدىغان جايغا توغرا كەلگەن.
سېرىق باش ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق قىلغان جايلىرى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا "سۇرى" يەنى "كەڭ" دەپ ئاتالغان. خەنزۇچە تارىخى كىتاپلاردا بۇ سۆزنى بەزىدە 锡勒 (شىلې) دەپ ياكى 撒里 (سالى) دەپ تەرجىمە قىلغان. ئىكىسپىدىتسىيەچى سىتەيىن ئۇنى 疏勒盆地 (سۇلى ئويمانلىقى) دىگەن. سوڭ دەۋرىدىكى تەرجىمە ئۇسۇلى بۇيىچە ئۇنى "شىلې ئۇيغۇر " دەپ 锡勒回鹘)) تەرجىمە قىلىش، ھازىرقى زامان تەرجىمە ئۇسۇلى بۇيىچە "سۇلې ئۇيغۇر" دەپ (疏勒回鹘) تەرجىمە قىلىش كىرەك. بۇ سۆز قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى "سارىغ" (سېرىق) دىگەن سۆزنىڭ ئاھاڭىغا بەكمۇ يېقىن كىلىدۇ. شۇڭا سوڭ سۇلالىسى تارىخىدا ئۇنى "سېرىق" (黄) دەپ خاتا تەرجىمە قىلغان. سوڭ سۇلالىسى تارىخىدا مەنە تەرجىمىسى بىلەن ئاھاڭ تەرجىمىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ، يەر نامىنى "سېرىق" دەپ، مىللەت نامىنى "ئۇيغۇر" دەپ تەرجىمە قىلغان. نەتىجىدە ئادەم چۈشەنگىلى بولمايدىغان "سېرىق باش ئۇيغۇر" دىگەن بىر ئاتالغۇ كىلىپ چىققان. بۇنىڭدىن باشقا قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى "سارى" كۆپ مەنىلىك سۆز بۇلۇپ، ئادەتتە "سېرىق" دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. لىكىن ئۇنىڭ يەنە "كەڭ" دىگەن مەنىسىمۇ بار. سوڭ سۇلالىسى تارىخىدا ئۇنىڭ ئادەتتىكى "سېرىق" دىگەن مەنىسىنىلا ئالغان، ھەمدە يەر نامىنى خاتا ھالدا  "سېرىق باش" دەپ چۈشەنگەن. قىسقىسى "سېرىقباش" دىگەن سۆزنى يەر نامىدىن كەلگەن دەپ چۈشۈنۈشكە بۇلىدۇ. بۇ "سېرىقباش" ئۇيغۇرلار كىيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە، يەنى 13- ئەسىردە مۇڭغۇللارنىڭ زور قۇشۇنى غەرىپكە يۈرۈش قىلغاندا "سېرىقباش" ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللارغا بەيئەت قىلىپ، "سارى ئۇيغۇر" (سېرىق ئۇيغۇر) دەپ ئاتالدى.
يۇقىرىدىكى بۇ ئەھۋالدىن سارى ئۇيغۇرلار "سېرىقباش" ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىكەنلىكىنى كۇرۇۋالغىلى بۇلىدۇ. لىكىن :سېرىقباش" بىلەن "سارى" نىڭ نىمە مەنىسى بار دىگەن بۇ مەسىلىدە ئوخشاش بولمىغان قاراشلار مەۋجۇت. بىرىنچى خىلى: ئىرىق، كىيىم-كىچەك، ئۆرۈپ-ئادەت جەھەتتىن ئاساس ئىزدەش. مەسىلەن: سېرىق كىيىم، سېرىق چاچ دىگەنگە ئوخشاش. بۇ مىللەتتە بۇنداق ئالاھىيدىلىك بولمىغاچقا بۇ خىل قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمىغان، ھەم بۇ قاراشنى قوللايدىغانلا كۆپ بولمىغان. ئىككىنچى خىلى: باشقا مىللەتلەردىن ئاساس تېپىش. مەسىلەن: "سېرىقباش شىرۋىلار" ، "سېرىقباش تۈركەشلەر" دىگەن قاراش. لىكىن بۇ قاراشتىكى كىشىلەرمۇ كۆپ ئەمەس. ئۈچۈنچى خىلى: "ئاقسۈڭەك قەبىلىلەر" نىڭ ھەممىسى "سېرىق" دەپ ئاتىلىدۇ دىگەن قاراش. بۇنىڭ ئاساسى::سېرىقباش ئۇيغۇرلار" ۋە "سارى ئۇيغۇرلار" نىڭ ئىچىدە تاڭ سۇلالىسى ۋە بەش دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان "ياغلاقار" قەبىلىسىنىڭ ئەۋلاتلىرى بار. ئالتاي تىل سېستىمىسىدىكى تىل  تۈركۈملىرى ئىچىدە ، ئۇمۇمەن ھۈكۈمىران ئۇرۇندا تۇرغان ئاقسۈڭەك قەبىلىلەر "سېرىق" دەپ ئاتىلىدۇ دىگەندىن ئىبارەت. تۆتىنچى خىلى:يەر نامى توغرىسىدىكى قاراش. ئالتاي تىل سېستىمىسىنىڭ ئۈچ چوڭ تىل ئائىلىسىدىكى تىللارنىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيىلىك ماتىرىياللىرىدىن تەكشۈرۈپ قارىغاندا، ئۇمۇمەن يەر شەكلى كەڭ كەتكەن، چۆل- جەزىرلىرى ۋە ئارلىقلىرىدا كىچىك ئېقىن سۇلار بىلەن سۇغۇرۇلىدىغان كىچىك بوستانلىقلىرى بار رايۇنلار "سۇرى" دەپ ئاتىلىدۇ. سۇرى دىگەن سۆز "سۇر" دىگەن سۆز يىلتىزىدىن كەلگەن بۇلۇپ، خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى 撒里 ،苏勒 ، 疏勒 ، 素尔 دىگەنگە ئوخشاش خەتلەر بىلەن يېزىلىدۇ. بۇ ئىگىز تاغ – داۋانلىرى، بۈك- باراقسان ئورمانلىرى، دولقۇنلاپ ئېقىپ تۇرۇدىغان چوڭ دەريالىرى بار جايلارنىڭ "قارا" دەپ ئاتىلىدىغانلىقىغا ماس كەلگەن ھالدىكى ئاتىلىشىدۇر. شۇڭا ئاسىيادا ئالتاي تىلى سېستىمىسىدىكى مىللەتلەر كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلغان رايۇنلارنىڭ ھەممىسىدە "قارا" ياكى "سارى" دىگەن يەر ناملىرىنى قالدۇرغان. "سارى ئۇيغۇر" دىگەن سۆزدىكى "سارى" پەقەت شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىدىنلا ئبارەت. "سۇرى" دىگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىدىكى "سېرىق" دىگەن سۆزنىڭ ئاھاڭىغا بەك يېقىن بولغاچقا، كۆپلىگەن كىشىلەر يەر نامىنى خاتا ھالدا "سېرىق" دەپ چۈشەنگەن. شۇنىڭ بىلەن "سېرىقباش ئۇيغۇر" دىگەن ئاتالغۇ كىلىپ چىققان. ھەمدە خەنزۇچە 撒里 (سالى) دىگەن سۆزنى ئۇيغۇر تىلىدىكى "سېرىق" نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى دەپ خاتا قارىغان. لىكىن بۇ قاراشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار بۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ نىمە ئۈچۈن "سېرىق" دەپ ئاتايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلمىگەن.
مۇڭغۇللار غەرىپكە قىلغان يۈرۈشىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كىيىن باش سانغۇن سۇبۇتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىن قۇشۇنىنى باشلاپ شەرىققە قايتىشىدا "سېرىقباش ئۇيغۇرلار" تۇرۇشلۇق چارۋىچىلىق رايۇنلىرىدىن ئۆتكەندە، "سېرىقباش ئۇيغۇرلار" نى ئۈزىگە قاراتقان. شۇندىن ئىتىبارەن "سېرىقباش ئۇيغۇر" دىگەن نامنىڭ ئورنىنى "سارى ئۇيغۇر" دىگەن نام ئالغان.ئاخىرىدا بارا-بارا مۇڭغۇللار بىلەن قۇشۇلۇپ كەتكەن. مۇڭغۇل ئىمپىريىسى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى يۇەن سۇلالىسى سارى ئۇيغۇرلار رايۇنىغا مۇھىم ۋەزىرلەر باشچىلىقىدا قۇشۇن ئىبەرتىپ تۇرغۇزدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇزاقراق تۇرغان ھەم تەسىرى چوڭراق بولغىنى ئەلەمدە مەشھۇر شىنىڭ بىگى چۆبە ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىدى. بۇلارنىڭ سارى ئۇيغۇرلار رايۇنىغا ھۈكۈمرانلىق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى چاغاتاي ئەۋلاتلىرىنىڭ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارغا ھۈكۈمرانلىق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بىلەن بەكمۇ ئوخشىشىپ كىتىدۇ. بۇ ئوخشاشلىق شۇنىڭدىن ئىبارەتكى ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى رەھبەرلىك قىلغان ھەربى قۇشۇن ۋە قەبىلىلەر تەدىرىجى ھالدا سارى ئۇيغۇرلارغا قۇشۇلۇپ، ئاخىر سارى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. مۇڭغۇللارنىڭ سارى ئۇيغۇرلارنىڭ تەركىۋىگە قۇشۇلۇپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇلارغا مۇڭغۇل خان جەمەتلىرى باشچىلىق قىلغانلىقى ھەمدە چۆبە يۇەن سۇلالىسىنىڭ بىرلىكىنى قەتئى قوغداپ، چاغاتاي ئەۋلاتلىرىغا ئوخشاش بۈلۈنۈپ كەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، سارى ئۇيغۇرلار رايۇنىنىڭ نىسبى ئەمىنلىكى ساقلىنىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن يۇەن سۇلالىسى دەۋرى سارى ئۇيغۇرلار راۋاج تېپىپ زۇرايغان مۇھىم تارىخى مەزگىل بۇلۇپ قالغان .
مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، سارى ئۇيغۇرلار يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى سارى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بارغانسىرى يىراقلىشىپ، ئوخشاش بولمىغان يۈنۈلۈشكە قاراپ راۋاجلانغان. مىڭ سۇلالىسى قۇشۇنلىرى غەرىپكە قاراپ ئىلگىرلىگەندە، سارى ئۇيغۇرلارنىڭ سەردارى بۇيان تېمۇر ھەممىدىن ئاۋال مىڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلغان. شۇندىن كىيىن مىڭ سۇلالىسى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ، سارى ئۇيغۇرلارنى يۈلىگەن. بىرىنچىدىن، مىڭ سۇلالىسى سارى ئۇيغۇرلار قەۋمىنى تۆت قىسىمغا ئايرىغان. ھەمدە ھەر قايسىسىغا تامغا ئويدۇرۇپ بىرىپ، ئۆز قەۋمىنى ئۈنۈملىك ئىدارە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. ئىككىنچىدىن، سارى ئۇيغۇرلارنىڭ سەردارى بۇيان تېمۇرنى ئەندىڭ ۋاڭ (安定王) قىلىپ تەيىنلىگەن. ئۈچۈنچىدىن، سارى ئۇيغۇرلار رايۇنىدا يېرىم ھەربى خەرەكتىرلىك ياساۋۇلخانىلارنى تەسىس قىلغان. يەنى ئەندىڭ، ئۇدۇن، كۇسەندىن ئىبارەت. بۇلار سارى ئۇيغۇرلار رايۇنىدا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان ئۈچ ياساۋۇلخانا بۇلۇپ، ئادەتتە غەرىبى قىسىمدىكى ئۈچ ياساۋۇلخانا دەپ ئاتىلىدۇ. سارى ئۇيغۇرلارنىڭ تۆت قىسمى مۇشۇ ئۈچ قاراۋۇلخانىغا تەۋە بولغان.
سارى ئۇيغۇرلار رايۇنى غەرىپتە گەنسۇغىچە بارىدىغان 1500 چاقىرىملىق جاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرىقتە خەندۇڭ (ھازىرقى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ غەرىبى قىسمىدىكى داڭخې دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنى) غىچە بارىدۇ. غەرىپتە تەڭرى تېغىغا ئۇلىشىدۇ. شىمال تەرىپى گۇاجۇ (ھازىرقى گەنسۇنىڭ ئەنشى ناھىيىسى)، شاجۇ (ھازىرقى گەنسۇنىڭ دۇنخۇاڭ شەھىرى) غا تۇتۇشىدۇ. جەنۇپ تەرىپى تۈبۈت (ھازىرقى شىزاڭ) بىلەن چىگىرلىنىدۇ. سارى ئۇيغۇرلار رايۇنىدىكى ياساۋۇلخانىلار مۇشۇ جايلاردا قۇرۇلغان.
يۇقۇرىدىكى تۆت قىسىم سارى ئۇيغۇرلىرىدىن باشقا، يۇەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى ۋە مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا بۇيان تېمۇرنىڭ يەنە بەزى پۇقرالىرى گەنسۇنىڭ غەرىبى قىسمىدا تارقاق جايلاشقان. مىڭ سۇلالىسى قۇشۇنلىرى غەرىپكە ئىلگىرلىگەندە ئۇلار تەرەپ- تەرەپكە قېچىپ كەتكەن. بۇيان تېمۇر مىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن ئەندىڭ ۋاڭ بۇلۇپ تەيىنلەنگەندىن كىيىن، قېچىپ كەتكەن پۇقرالار ئارقا-ئارقىدىن ئۆز يۇرۇتلىرىغا قايتىپ كىلىپ، مىڭ سۇلالىسىگە ئەل بولغان. مىڭ سۇلالىسىمۇ بۇ پۇقرالارغا تۆت جايدا يېرىم ھەربى خەرەكتىرلىك ياساۋۇلخانا قۇرۇپ بەرگەن. يەنى، شاجۇ ياساۋۇلخانىسى (ھازىرقى گەنسۇنىڭ دۇنخۇاڭ شەھىرى)، چىجىن مۇڭغۇل ياساۋۇلخانىسى (ھازىرقى گەنسۇنىڭ يۈمىن شەھىرى دائىرىسىدە)، خەندۇڭ ياساۋۇلخانىسى (ھازىرقى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭو غەرىبى قىسمىدىكى داڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى)، خەندۇڭ سول قانات ياساۋۇلخانىسى (شاجۇ ئايمىقىنىڭ قەدىمقى قەلئەسىدە) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ ياساۋۇلخانىلار ئادەتتە شەرىقى قىسىمدىكى تۆت ياساۋۇلخانا دىيىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا شەرىقى قىسىمدىكى تۆت ياساۋۇلخانا بىلەن غەرىبى قىسىمدىكى ئۈچ ياساۋۇلخانا ۋە قۇمۇل ياساۋۇلخانىسى قۇشۇلۇپ، "سەددىچىننىڭ غەرىبىدىكى ياساۋۇلخانىلار" دەپ .ئاتالغان.
ئەمما كىيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە بۇ ياساۋۇلخانىلارنىڭ ئەھۋالى ئوبدان بولمىدى. يەنى ھەرقايسى ياساۋۇلخانىلاردىكى قەبىلە سەردارلىرىنىڭ ئۆز-ئارا قىرغىن قىلىشىشى، يۇەن سۇلالىسى ئەۋلاتلىرىنىڭ بۈلۈنمە كۈچلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشى، ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ شەرىققە كىڭىيىشى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن، ئاخىر مىڭ سۇلالىسى ئۇزىنى قوغداش بىلەن بۇلۇپ كىتىپ، ياساۋۇلخانىلار بىلەن كارى بولمىغان. مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلى، سارى ئۇيغۇرلا تەنھا، يارىدەمچىسىز قېلىپ، غەرىپتە شەرىقى چاغىتاي خانلىقى بىلەن يەكەن خانلىقىنىڭ قەدەممۇ- قەدەم قىستاپ كىلىشى، شىمالدا ئويراتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز پاراكەندە قىلىشى جەنۇپتا ئىبرانىڭ داۋاملىق زىيان- زەخمەت سېلىشىدەك ھەر تەرەپلىمە ھۇجۇمىغا ئۇچۇرغانلىقتىن جىيايۈگۇەن (سەددىچىن سېپىلى) قوۋىقىنىڭ ئىچىگە كىرىشكە مەجبۇر بولغان. يەنى شەرىققە كۈچۈشكە مەجبۇر بولغان. كۈچۈش ۋاختىمۇ ئۇزۇن بۇلۇپ، 16 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن. شەرىققە كۆچكەن سارى ئۇيغۇرلار جىيايۈگۇەندىن ئۆتكەندە، مىڭ سۇلالىسى ئۇلارنى بار ئامالى بىلەن ئۇرۇنلاشتۇرغان. ھەمدە مىڭ سۇلالىسىنىڭ لەشكىرى پىرقە دىۋانبېگى ۋاڭ چۇڭ ئۈزى گەنسۇغا بېرىپ، تارقاق ئۇرۇنلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بۇيىچە بىر قىسىم سارى ئۇيغۇرلارنى گەنجۇ (ھازىرقى جاڭيى شەھىرى) نىڭ جەنۇبى تېغىغا ئۇرۇنلاشتۇرغان. بۇلار كىيىنكى چاغلاردا ئاۋۇپ، ھازىرقى شەرىقى يۇغۇرلار بۇلۇپ شەكىللەنگەن. يەنە بىر قىسمى سۇجۇ (ھازىرقى جيۇچۇەن شەھىرى) نىڭ قورۇل ئىچىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان. بۇلار كىيىنكى چاغلاردا ئاۋۇپ، ھازىرقى غەرىبى يۇغۇرلار بۇلۇپ شەكىللەنگەن.
شەرىققە كۈچۈش سارى ئۇيغۇرلارغا ناھىيىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. شەرىققە كۆچكەندىن كىيىن، ئەسلىدىكى غەرىبى قىسىمنىڭ ئۈچ قاراۋۇلخانىسى بىلەن شەرىقى قىسىمنىڭ تۆت قاراۋۇلخانىسى بىر جايدا بىللە ئولتۇراقلىشىپ، ئىقتىسات، مەدىنىيەت، تۇرمۇش، تىل جەھەتلەردە تەدىرىجى بىردەكلىككە يۈزلىنىپ، ھەممىسى ئۆزلىرىنى "يۇغۇر" دەپ ئاتايدىغان بولغان. شۇڭا شەرىققە كۈچۈش – ھازىرقى يۇغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. دىمەك، مۇڭغۇللار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا سىڭىشىشى نەتىجىسىدە، بىر يېڭى مىللەتنىڭ ئورتاق گەۋدىسى شەكىللەنگەن. ئۇلارنىڭ مەدىنىيەت ئالاھىيدىلىكى ۋە مىللى پىسخىك خۇسۇسىيىتى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ، ھەم ئىلىمىزنىڭ شىمالىدىكى مۇڭغۇل مىللىتىدىن تامامەن پەرىقلىنىدۇ. مانا بۇ – بۈگۈنكى يۇغۇر مىللىتىدۇر.
بۈگۈنكى كۈندە يۇغۇر دەپ ئاتالغا بۇ سېرىق (سارى) ئۇيغۇرلار گەنسۇ ئۆلكىسىگە قاراشلىق جاڭيى ۋىلايىتىنىڭ سۇنەن سېرىق ئۇيغۇر ( سارى) ئاپتۇنۇم ناھىيىسىدە ۋە جىيۇچۇەن شەھىرىنىڭ خۇاڭنىپۇ سېرىق ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم يېزىسىدا توپلۇشۇپ ياشايدۇ. 1990- يىلدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئى سانى12مىڭ 297 كىشى بۇلۇپ، بۇ جەمئى نۇپۇسنىڭ 1800 ى خۇڭنىپۇ سېرىق ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم يېزىسىدا، 8820 ى سۇنەن سېرىق ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم ناھىيىسىدە ياشايدۇ. ئاپتۇنۇم ناھىيىدە ياشايدىغانلار پۈتۈن سېرىق ئۇيغۇر نۇپۇسىنىڭ %71.77 نى تەشكىل قىلغان. قالغان 1677 نەپەر كىشى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە، ئاز بىر قىسمى مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرىغا تارقالغان. كىيىنكى يىللاردا مەملىكەتنىڭ ھەممىلا يىرىدىن شىنجاڭغا كىلىپ يەرلىشىش دولقۇنىغا ماسلاشقان سېرىق ئۇيغۇرلاردىن 278 كىشىنىڭ قۇمۇل شەھىرى ۋە ماناس ناھىيىسىگە كىلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقى ئېنىقلانغان. سېرىق ئۇيغۇرلار 1990- يىلىدىكى نۇپۇس تەكشۈرۈشتە مىللەتلەرنى جەمئى سانىغا قاراپ رەتكە تۇرغۇزغاندا 47- رەتتىن ئۇرۇن ئالغان.
مۇڭغۇلچە سۆزلىشىدىغان شەرىقى سېرىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ئۇمۇميۈزلىك ھالدا يۇغۇر، شېرا(شېرا- مۇڭغۇلچە سۆز بۇلۇپ، سارىق، سېرىق دىگەن مەنىدە) يۇغۇر دەپ ئاتايدۇ. (ئۆزلىرىنى تۈركى تىلدا سۆزلەيدىغان غەرىبى سېرىق ئۇيغۇرلاردىن پەرىقلەندۈرۈش ئىھتىياجى تۇغۇلغاندا)؛ ئۇلار يەنە تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان غەرىبى سېرىق ئۇيغۇرلارنى "قارا يۇغۇر" دەپ ئاتايدۇ. تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان غەرىبى سېرىق ئۇيغۇرلار بولسا ئۆزلىرىنى ئۇمۇمەن "يۇغۇر" ، "سارىغ يۇغۇر" ، يەنى مۇڭغۇلچە سۆزلىشىدىغان شەرىقى سېرىق ئۇيغۇرلاردىن ئۈزىنى پەرىقلەندۈرۈش ئىھتىياجى تۇغۇلغاندا "سارىغ يۇغۇر" دەپ ئاتايدۇ.
سېرىق ئۇيغۇرلارتۈركى تىللىق خەلىقلەر ئىچىدىكى ئالاھىيدە بىر خەلىق بۇلۇپ، ئىككى خىل تىل ئىشىلتىدۇ. يەنى شەرىقى سېرىق ئۇيغۇرلار مۇڭغۇل تىلى گۇرۇپپىسىغا ئائىت بولغان نىسبەتەن قەدىمقى مۇڭغۇلچىغا يېقىن بىر تىلنى ئىشلەتسە، تۈركى تىل گۇرۇپپىسىدا سۆزلىشىدىغان غەرىبى سېرىق ئۇيغۇرلار قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىغا نىسبەتەن يېقىنلىشىدىغان يەنە بىر خىل تىلنى ئىشىلتىدۇ.
سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى تەشكىلات قۇرۇلمىسى قەدىمقى ئۇيغۇرلار ياكى كۆچمەن چارۋىچى خەلىقلەرگە ئوخشاش قەبىلە، ئۇرۇق ئاساسىغا تايىنىدۇ. سېرىق ئۇيغۇرلار ئادەتتە قەبىلىنى "ئوتوق" دەپ ئاتايدۇ. چىڭ سۇلالىسى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتە ئوتوق شەكلىدە ياشايدىغانلىقىغا ئاساسەن ئۇلارنى بۈلۈپ باشقۇرغان. بۇ ئوتوقلار: شىكى ئوتوق، كورېكى ئوتوق، نەيمان ئوتوق، ياڭكې ئوتوق، خورونغۇت ئوتوق، باياتتاۋىن ئوتوق ۋە ياغلاقار ئوتوقتىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ياغلاقار قەبىلىسى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانلىرى تەۋە بولغان قەبىلە بۇلۇپ، بۈگۈنكى سېرىق ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئاساسلىق قەبىلىدۇر. ھازىرقى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى تامامەن دىگۈدەك خەنزۇلارنىڭ ئادىتى بۇيىچە بولماقتا. لىكىن بەزى زىيالىلارنىڭ ئۈزى ۋە ياكى باللىرىدىن باشلاپ ساپ يۇغۇرچە ياكى ئۇيغۇرچە ئىسىم ئادىتىگە قايتقانلىقىمۇ كۈرۈلمەكتە. مەسىلەن، تىمۇر، مارجان، ئاي قادىن ۋە باشقىلار. ھازىرقى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى يېزىقى يوق. بۇ سەۋەپلىك ئۇلار ئۇقۇ- ئۇقۇتۇش ۋە كۈندىلىك ئالاقە ئىشلىرىدا پۈتۈنلەي خەنزۇ تىلى ۋە يېزىقىنى ئىشلەتمەكتە.
ئازاتلىقتىن كىيىنكى "فىيۇدالىزىمغا قارشى تۇرۇش"، "تۆت كونىنى يۇقۇتۇش"، "مەدىنىيەت زور ئىنقىلاۋى" دىگەندەك سولچىل سىياسەتلەر نەتىجىسىدە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئىبادەت سورۇنلىرى تاقالغان ياكى كۆيدۈرۈلۈپ، راھىپلار خەلىق ئىچىگە قايتۇرۇلغان. خەلىقنىڭ مىللى كىيىم- كىچەكلىرى چەكلىنىپ، ئۇزۇن چاچلىرى قىسقارتىلغان. قىسقىسى، ئىلگىر – كىيىن بۇلۇپ 20 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان سولچىل سىياسەت نەتىجىسىدە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى مەدىنىيەت قۇرۇلمىسىدا بۇرۇلما خەرەكتىرلىك ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرىغا چىققان. 1980- يىللاردىن كىيىن سىياسەت ياخشىلىنىپ، قانۇن جەھەتتىكى كاپالەت نىسبەتەن ئۇمۇملىشىشقا باشلىغان بولسىمۇ ئەمما سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسىنىڭ ئاز بۇلىشى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى، ئۇلاردا ئۇيغۇر، تىبەت مىللەتلىرىدىكىدەك جىددى ئۈزىگە قايتىش ھەركىتى ئوتتۇرىغا چىقمىغان. پەقەت 1990- يىلدىن كىيىن سېرىق ئۇيغۇر زىيالىلىرىدا نىسبەتەن ئۈزىنى ئىزدەش، ئۈزىدىكى پەرىقلەرنى داۋاملاشتۇرۇش، يۇقالغانلارنى ئىلمى نۇقتىدىن قېدىرىش ئىستىكىنىڭ ئالامەتلىرى كۈرۈلگەن. ھازىرقى ئەھۋالدا، سېرىق ئۇيغۇر رايۇنىدىكى غەرىبى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرىغا نىسبەتەن قىزغىن مۇھەببەتتتە بۇلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ تېلىۋىزورلاردا بىرىلىدىغان ئۇيغۇرلار ياكى شىنجاڭ بىلەن مۇناسىبەتلىك كۆرسەتمىلەرنى ناھايىتى زوق ئىشتىياق بىلەن كۈرۈدىغانلىقى، ئۇيغۇرچە لىنتا ۋە VCD پىلاستىنكىللىرىنى ئۆيمۇ-ئۆي ئايلاندۇرۇپ كۈرۈدىغانلىقى مەلۇم.

dada يوللانغان ۋاقتى 2006-7-2 00:46:43

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ.....

hilali يوللانغان ۋاقتى 2006-7-2 02:00:23

honzade يوللانغان ۋاقتى 2006-7-2 11:24:35

ARGINA يوللانغان ۋاقتى 2006-7-2 11:27:14

ﺗﺎﯓ!!!!!؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2006-7-2 14:52:41

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻜﻪﻥ ، ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ  ﺑﺎﺭ .
ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﺎﭘﺴﺎﻡ ﮔﻪﻧﺴﯘﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﻛﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ، ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺭﺯﯗﻳﯘﻡ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯘ -ﻛﯩﻴﯘ ﻧﯘﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ، ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯜﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻗﯘﻳﺪﯨﻜﻪﻧﺘﯘﻕ . ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻜﻪﻥ .

atella يوللانغان ۋاقتى 2006-7-8 13:50:26

ﯞﺍﮬ ﺩﻩﻝ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻝ ،،،ﻛﯚﭖ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺟﯘﻣﯘ ﺳﯩﻠﮕﻪ..

President يوللانغان ۋاقتى 2007-6-20 16:39:26

ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﻮﻻﺭﺋﯩﻜﻪﻥ!

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2013-7-11 17:54:42

ئىزدىنىش مۇنبىرى بەكلا پىشقەدەم مۇنبەر ئىكەن...
بەت: [1]
: ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ