بالا تەربىيلەشتىكى 40 ماددا
بالىڭىزنى ياخشى تەربىيلەپ ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقماقچى بولسىڭىز ، تۆۋەندىكى تەكلىپلەردىن پايدىلىنىپ كۆرۈڭ :
1 - بالىلار ئوتتۇرىغا قويغان ئەمەلىي مەسىلىلەر ۋە كۆز قاراشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك .
2 - بالىلار ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق مەسىلىلەرگە سوغۇققانلىق ۋە راستچىللىق بىلەن جاۋاپ بېرىش كېرەك .
3 - بالىلارنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىتاب تەكچىسىدىن بىرنى قويۇپ قويۇڭ ھەمدە كىتاب تەكچىسنىڭ ئۈستىگە بالىنىڭ ئۆزى ياسىغان نەرسىلىرىنى تىزىپ ئويناشقا يول قويۇش كېرەك .
4 - بالىلار ھەرخىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ياتاق ئۆي ياكى شىرەنىڭ ئۈستىنى قالايمىقان قىلىۋەتسە ، بالىلارنى ئەيىبلىمەسلىك كېرەك .
5 - بالىغا بىر ئۆي بېرىش ياكى ئۆينىڭ مەلۇم قىسمىنى تەۋە قىلىپ ئايرىپ بېرىش كېرەك .
6 - بالىغا بالىنىڭ تولىمۇ سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىنى دائىم بىلدۈرۈپ تۇرۇش كېرەك .
7 - بالىلارنىڭ شەخسى پىلان تۈزۈشىگە ۋە شەخسى پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش كېرەك .
8 - بالىلار قىلالىغۇدەك ئىشلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىگە قىلدۇرۇش كېرەك .
9 - بالىلارنى قىزىقارلىق جايلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىش كېرەك .
10 - بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك .
11 - بالىلارنىڭ ھەرخىل قاتلامدىكى بالىلار بىلەن نورمال ئارىلىشىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك .
12 - بالىلارنى ياخشى پەزىلەت ، ئېسىل خىسلەت يېتىلدۈرۈشكە ئادەتلەندۈرۈش كېرەك .
13 - بالىلارنى ئۆزىنى تۆۋەن چاغلايدىغان قىلىپ قويماسلىق كېرەك .
14 - بالىلارنى ھەرگىزمۇ ھاقارەتلىمەسلىك ،تىللاپ جازالىماسلىق كېرەك .
15 - بالىلارنى كىتاب ، ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ ، بالىلارنىڭ ئۆزى قىلىشنى خالىغان ئىشلارنى قىلىشقا يول قويۇش كېرەك .
16 - بالىلارنى مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا ئۆگىتىش كېرەك .
17 - بالىلارغا بەزى پايدىلىق نەرسىلەرنى قەرەللىك ئوقۇپ بېرىش كېرەك .
18 - بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك .
19 - بالىلارغا ھېكايە ، چۆچەك توقۇشقا ، خام - خىياللارنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك .
20 - بالىلارنىڭ شەخسى تەلەپلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك .
21 - ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ بالىلار بىلەن بىردەم - يېرىمدەم بىرگە بولۇش كېرەك .
22 - بالىلارنى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلارنى پىلانلاشقا ۋە سىرتلارغا چىقىش ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇش كېرەك .
23 - بالىلارنىڭ ساددىلىقىدىن پايدىلىنىپ بالىلارنى ئەخمەق ئېتىپ ئوينىماسلىق كېرەك .
24 - بالىلارنىڭ شېئىر يادلاش ، ھېكايە .ئېيتىش ، ناخشا ئوقۇش قاتارلىق ئىشلىرىنى ۋاقتىدا تەقدىرلەش كېرەك .
25 - بالىلارنى ئۆزىدىن چوڭ ۋە كىچىك ھەر ساھەدىكى كىشىلەر بىلەن ئىختىيارى بېرىش - كېلىش قىلىشىغا ئۈندەش كېرەك .
26 - بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ، تەجرىبە قىلىش پىلانلىرىنى تەپسىلى تۈزۈپ چىقىشىغا ياردەملىشىپ ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋېلىشىغا يېتەكلەش كېرەك .
27 - بالىلارنىڭ تۈرلۈك كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئوينىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك .
28 - بالىلارنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا مەسىلىلەرنى بايقاشقا ۋە ھەل قىلىشىغا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك .
29 - بالىلارنىڭ ئىشلىرىدىن ماختاشقا تېگىشلىك بولغانلىرىنى تېپىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .
30 - بالىلارنى ئورۇنسىز ماختىماسلىق كېرەك .
31 - چوڭلار بالىلارغا بولغان ھېسسىياتنى سەمىمىي ئىپادىلىشى كېرەك .
32 - بىر قىسىم ئىشلارنى بالىلار بىلەن بىرگە مەسلىھەتلىشىپ قىلىش كېرەك .
33 - بالىلارغا مۇستەقىل قارار چىقىرىش پۇرسىتى بېرىش كېرەك .
34 - بالىلارنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېر يېتىلدۈرۈشكە ياردەملىشىش كېرەك .
35 - بالىلارغا بالىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان تېلېۋىزىيە نومۇرلىرى كۆپرەك كۆرسىتىش كېرەك .
36 - بالىلار ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشى ، ئۆز ئىقتىدارىنى تونۇشى ۋە ئاكتىپلىق بىلەن جارى قىلدۇرۇشى كېرەك .
37 - بالىلار ئىشنى بۇزۇپ قويسا ، ئۇلارغا خاپا بولماي ۋە تاپا - تەنە قىلماي مەن بۇ ئىشنى قىلالمايمەن ، ئىككىمىز بىرلىكتە قىلايلى دەپ ئىلھام بېرىش كېرەك .
38 - بالىلارنى ئىمكان قەدەر چوڭلارغا يۆلىنىۋالماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك .
39 - بالىلارنىڭ ئەقلىگە ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش كېرەك .
40 - بالىلار بىرەر ئىشنى مۇستەقىل قىلىۋاتقان بولسا ، چوڭلار بالىلارنىڭ بۇ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان تەقدىردىمۇ ، ئىشنىڭ ئاساسى قىسمىنى بالىلارنىڭ قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك









بەت:
[1]