• 2009-02-20

    ۋاپا قىلمىغان كەش

    ۋاپا قىلمىغان كەش

    ئەپەندىم بىر ئېرىقتېن ئاتلىغانىكەن،پۇتىدىكى بىر پاي كەشى ئېرىققا چۈشۈپ ئېقىپ كىتىپتۇ.بۇنى كۆرگەن بىر كىشى كەشكە ئىچ ئاغرىتىپ؛

    -ھەي،ھەي،ئەپەندىم،بىر ئوبدان كەشىڭىزدىن ئايرىلىپ قالدىڭىز-دە ،-دەپتۇ.

    ئەپەندىم ھەسرىتىنى يوشۇرۇپ:

    -ئوبدانلىقى قۇرۇسۇن،ئىگىسىگەۋاپا قىلمىغان كەشتىن قۇتۇلغىنىم مىڭ ياخشى،-دەپتۇ-دە،يولىغاكېتىۋېرىپتۇ.

                                                                                    (ئۇيغۇر)

    بىر تۆگە زىيان تارتقۇچە...

    ئەپەندىمنىڭ بەش تۆگىسى بار ئىكەن.ئۇتۆگىلىرىنى باققىلى ئاچىقىپ،كەچتە بىر تۆگىسىگە مىنىپ،قالغىنلىرىنى ھەيدەپ قايتىپتۇ.يولدا تۆگىلىرىنى سانىسا تۆگىسى تۆت چىقىپتۇ.ئۇ دەرھال مىنىۋالغان تۆگىسىدىن چۈشۈپ سانىسا بەش چىقىپتۇ.ئەپەندىم خاتىرجەم بولۇپ تۆگىگە مىنىپ يەنە بىر قىتىم ساناپ باقسا تۆگىسى يەنە تۆت چىقىپتۇ.ئەپەندىم تۆگىدىن سەكرەپ چۈشۈپتۇ-دە،يەنە تۆگىسىنى ساناپتۇ.قارىسى تۆگىسى بەش ئىكەن.شۈنىڭ بىلەن ئەپەندىم:

    -خەير،بىر تۆگە زىيان تارتقۇچە ،تۆگىلەرنى ياياق ھەيدەپ كەتكىنىم تۈزۈك ئىكەن،-دەپ،تۆگىلىرىنى ھەيدەپ ئۆيگە قايتىپتۇ.

     

     

                                                                                                  (قىرغىز)

    قەيەردىن چىقىپ كەتتىكىنتاڭ

    بىركۇنى، پادىشاھ ئوۋغا چىقماقچى بولۇپ ئەپەندىمنى چاقىرتىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا قارچۇغىلارنى ئېلىپ كەينىدىن بېرىشنى بۇيرۇپتۇ.ئەپەندىم پادىشاھنىڭ تازا ئوبدان قارچىغىسىدىن ئۇچنى ئاپتۇۋە قاپقا سىلىپ ئاغزىنى چىڭ بوغۇپتۇ.ئوۋ مەيدانىغا بارغاندا :

    -ئەپەندىم،قارچىغىلار قېنى ؟-دەپ سوراپتۇ پادىشاھ .

    ئەپەندىم قاپنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قارىسا  ،قارچىغىلار ئۆلۇپ قاپتۇ.

    -قانداق گەپ بۇ!-دەپ كايىپتۇ پادىشاھ .

    -پادىشاھىئالەم ،قاپنىڭ ئاغزىنى ناھايىتى ھىم قاپلىغانىدىم ،قارچىغىلارنىڭ جىنى قەتەردىن چىقىپ كەتتىكىنتاڭ ،-دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ئەپەندىم.

                                                                                                    (ئۇيغۇر)

    غازنىڭ شورپىسى

     

    ئەپەندىم مىجەزى يوق بولۇپ قىلىپ ،تىۋىپقا بارسا ، تېۋىپ غاز شورپىسى ئىچىشنى بۇيرۇپتۇ.

    ئەپەندىم بېلىكىگە ئىككى ناننى تۈگۈپ،قولىغا ئۇزۇن تاياقنى ئىلىپ شەھەر ياقىسىدىكى چوڭ كۆل بويىغا غاز ئوۋلىغىلى چىقىپتۇ.كۆلدە غاز كۆپ بولسىمۇ ،ئەپەندىم كەچكىچە ئاۋارە بولۇپ بىرمۇ غاز  تۇتالماپتۇ.ئاخىرى كەيپى ئۇچقان ھالدا كۆل سۈيىگە ناننى چىلاپ ئولتۇرسا ،بىر ئوۋچى كىلىپ قىلىپ:

    -ئەپەندىم، نېمە قىلىپ ئولتۇرىسىز؟-دەپ سوراپتۇ،

    -ئاغرىقىمغا شىپا بولار دەپ غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەۋاتىمەن ،-دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.

                                                                                                            (ئۇيغۇر)

    ھاسىنىڭ ئۇزۇن تەرىپى

    ئەپەندىم قىرىغان كۇنلىرىدە، بىر دوستى ئەپەندىمگە چىرايكىق بىر ھاسا سوۋغا قىپتۇ.بىراق،ھاسا ئەپەندىمنىڭ بويىغا ئۇزۇنلۇق قىپتۇ.ئەپەندىم ھاسىسىنى بويىغا لايىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ،ھاسىنىڭ باش تەرىپىدىن ئىككى غىرىچ كىسىۋىتىپتۇ-دە. باش تەرىپىگە لاتا ئورىۋاپتۇ.

    بۇنى ككرگەن كىشىلەر ھاسىغا ئىچ ئاغرىتىپ:

    -ئىسىت،ئىسىت!ھاسىڭىز خويمۇ چىرايلىق ئىدى ،بىشىنى بىكار كىسىۋىتىپسىز، ئۇزۇنلۇق قىلغان بولسا ئۇچىدىن كەسسىڭىز بولمايتتىمۇ،-دەوتۇ.

    -ھاسىنىڭ بىشىغۇ چىرايلىق ئىدى ،بىراق،ئۇزۇن كىلىپ ئىسىلىپ قالدىم. ھاسىنىڭ ئۇزۇن تەرىپى مۇشۇ تۇرسا!-دەپتۇ ئەپەندىم.