• 2009-02-19

    دۇنيادىكى قىزىقارلىق مىللەتلەرنى بىلەمسىز ؟

    دۇنيادىكى قىزىقارلىق مىللەتلەرنى بىلەمسىز ؟

    خۇنزالار :
    بۇ مىللەت ھىمالايا   تاغلىرىنىڭ چوڭقۇر جىلغىلىرىدا ياشايدىغان بولۇپ 60 مىڭدىن كۆپرەك ئاھالىگە ئىگە     ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ساغلام مىللەت دەپ قارالماقتا . ئۇلار دۇنيادىن مۇستەسنا ياشايدۇ گۆشنى ئىنتايىن ئاز يەيدۇ ، دائىم قوي سۈتى ئىچىدۇ ، ئۈرۈك مېغىزىنى دائىم ئىستىمال قىلىدۇ . دەريالاردىن مۇزنى ئېرىتىپ ئىچىدۇ . ئۇلار ئىنتايىن ساغلام بولۇپ ئوتتۇرچە ئۆمرى 100 ياشتىن ئاشىدۇ .

    كامانگالار :
    بۇ لىۋىيىدە سۆزلەشنى بىلمەيدىغان كامانگا ئىندىيانلىرى بولۇپ ، ئۇلار 40 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىگە   ئىگە بولۇپ پەقەت قول ئىشارىتى ئارقىلىق ئالاقە قىلىدۇ .

    بۇشمېنلار :

    بۇ ئافرىقىنىڭ سەھرايى كەبىر چۆلىگىدە ياشايدۇ ، ئۇلارنىڭ مال - مۈلۈك قارشى يۇق بولۇپ ، سودىدا باشقىلاردىن نەپ ئېلىشنى خالىمايدىكەن . نىمە تاپسا شۇنى تەڭ يەيدىكەن .

    زۇفېنگلار :

    ئەنگىلىيىنىڭ   غەربى دېڭىز   بويلىرىدا كىچىك ئاراللاردا ياشايدۇ ، ئۇلار يىغلاش ئارقىلىق ئۆز خۇشاللىغىنى ئىپادىلەشنى ئادەت قىلغان بولۇپ ، ھەر قېتىم تويغا ئوخشاش خۇشاللىق كۈنلەردە بىر يەرگە يىغىلىپ ھۈ تارتىپ يىغلاپ ، خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدىكەن .

    دەنمەنلەر :

    كۈلكىنى ياقتۇرمايدىغان مىللەت بولۇپ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشايدۇ ئۇلار كۈلكىنى ئەدەپسىزلىك ، ئۇزاق ئۆمۈر كۈرۈشكە ھاقارەت قىلغانلىق دەپ دەپ قارايدۇ . ئەگەر كۈلگەن كىشى بايقالسا ، قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ .

    ئەما مىللەت :
    مىكسىكىنىڭ تاغلىق رايونىدا ئىپتىدائىي ئورمانلىقتا ياشايدۇ . ئاھالىسى 300 دىن ئارتۇق بولۇپ ، كۈرۈش قۇۋېتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان ئىكەن .
    پاپىلار :
    بېنگالنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايوندا ياشايدۇ . ئۇلارنىڭ بۇيى بىر مېتىرغىمۇ يەتمەيدىكەن .

    قۇياش نۇرىدىن قورقىدىغان مىللەت :

    بىرازىلىيىنىڭ سان لويىس شەھىرىگە 130 كېلومېتىر   كېلىدىغان بىر ئارالدا بىر نەچچە يۈز پۇقرا ياشايدۇ ، ئۇلارنىڭ چېچى ، تېرىسى پۈتۈنلەي ئاپئاق بولۇپ كۈن نۇرىدىن ئىنتايىن قۇرقۇدىكەن . كۈندۈزى سىرىتقا چىقماي ئاخشىمى سىرىتقا چىقىدىكەن .

    قان ئىچىپ گۆش يىمەيدىغان مىللەت :

    كېنىيىدىكى بىر قۇملۇقتا ئىپتىدائىي تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان بىر مىللەت   ، چارۋېچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ ، ئاساسلىقى تۆگە باقىدىكەن ، ھەم ھايۋانلارنىڭ قېنىنى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىكەن بىراق قەتئى گۆش يىمەيدىكەن