• 2009-02-17

    مۇھەببەتنىڭ خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى

    مۇھەببەت رەڭسىز، كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى پۇراق چىقىرىدۇ، ئۇ ھەم ئاچچىق ھەم تاتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بۇلۇپ، قاتىق ماددا، سۇيۇقلۇق، گاز قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىغا تەۋە بولمىغان ئالاھىدە ماددا.

     

     مۇھەببەتنىڭ خېمىيلىك فورمۇلاسى:

     

     

     ئاتوم تۈزۈلىشى:

     

    ساپ مۇھەببەت ئاتومىنىڭ ئاتوم تۈزۈلىشى ھىدروگىن ئاتومىنىڭ ئاتوم تۈزۈلىشىگە ئاساسەن ئوخشاش بۇلۇپ، يادرو سىرتىدا بىر دانە مەنپى ئىلىكتىرون ئاتوم يادروسىدا بىر دانە مۇسبەت پىروتون بار. ئەمما مۇھەببەت ئاتومى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە ئالاھىدە بۇلۇپ، ئۇنىڭ پىروتون ۋە نىترونلىرى ھىدروگىن ئاتومىنىڭىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. مۇھەببەت ئاتومىنى پەقەت قۇرۇلما جەھەتتىنلا ھىدروگىن ئاتومىغا ئوخشىتىشقا بۇلىدۇ.

    ئاتوم ئېغىرلىقى:

     

     

    مولىكۇلا فورمۇلاسى:

    مۇھەببەتنىڭ مۇلىكۇلا فۇرمۇلاسىمۇ ئىنتاين مۇرەككەپ ۋە ئالاھىدە بۇلۇپ، دانە مۇھەببەت ئاتومى خالىغانچە بىرىكىپ ھەرخىل مۇھەببەت مۇلكۇللىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. مەسلەن: كۆپ ئۇچرايدىغان مۇھەببەت مۇلىكۇلىلىرىدىن رومانتىك مۇھەببەت، ھەقىقى مۇھەببەت، بىۋاپا مۇھەببەت، شىرىن مۇھەببەت، ساختا مۇھەببەت، ئازاپلىق  مۇھەببەت قاتارلىقلار.

    باغ تۈزۈلىشى:

    مۇھەببەتنىڭ باغ تۈزۈلىشىمۇ ھەرخىل ۋە مۇرەككەپ. ئاساسلىق باغ تۇزۈلىشى كۋالىنتلىق باغ، ئىئونلۇق باغ، ئاتوملۇق باغ قاتارلىقلار.

     

     

     

     

     

     

     

     

     

    ئۇ ھەم كېسلاتالىق ھەم ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئگە بۇلۇپ، H P قىممىتى 14~1؛ مۇھەببەت ۋاپاسىزلىق، ۋىجدانسىزلىق قاتارلىق ماددىلارغا يۇلۇققاندا كېسلاتالىق  خۇسۇسىيەت ئىپادىلەپ لاكمۇس سىناق ئېرىتمىسىنى قىزارتىدۇ. ساختىلىق، ئادامچىلىق قاتارلىق ماددىلارغا يۇلۇققاندا ئىشقارلىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلەپ فىنوفىتالىن رەڭسىز ئېرىتمىسىنى قىزارتىدۇ. ساداقەتمەنلىك، كۈيۈمچانلىق ۋاپادارلىق قاتارلىق ماددىلارغا يۇلۇققاندا نىترال خۇسۇسىيەت ئىپادىلەپ HP قىممىتى 7 ئەتراپىدە بۇلىدۇ. بۇ خىل مۇھەببەت بىر قەدەر تۇراقلىق بۇلۇپ ئاسان رەڭ رىئاكسىيىسىگە كىرىشمەيدۇ. ئاسان پارچىلانمايدۇ.

    ئاساسى خېمىيۋى رىئاكسىيىسى:

     

     

     

    مۇھەببەت ناھايىتى سەزگۈر ۋە تۇراقسىز ماددا بۇلۇپ، ئۇ ئاسان خۇسۇسىيەت ئۆزگەرتىدۇ، ئاسان پارچىلىنىدۇ، نەتىنجىدە ئادەمگە ئازاپ ئېلىپ كىلىشى، زەھەرلەپ قۇيىشى ھەتتا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىشىڭىزغا ياردەم قىلىشىمۇ مومكىن. ئۇ ئاسانلا كۈچلۇك ئوكسىدلاش خۇسۇسىيىتىنى ئىپادىلەپ ئادەمنى زەھەرلەپ قويىدۇ. يەنە ئاسانلا كۈچلۈك ئوكسىدسىزلاش خۇسۇسىيىتىنى ئىپادىلەپ ئادەمگە ئېغىر بىئاراملىق ۋە يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ناۋادا سىز مۇھەببەتتىن زەھەرلىنىپ قالسىڭىز دەرھال مۇھەببەت ئوكسىگىنخانىسىغا  كېلىپ ساپ ئوكسىگىن ئارقىلىق جىددى قۇتقۇزۇشنى قۇبۇل قىلىشىڭىز كېرەك. بولمىسا تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن.

    تەجىربخانىلاردا ئۇ ھىم پولات تۇڭلاردا ساقلىنىدۇ. ئادەتتە ئۇنى ئىشلەتكەندە ئەستايىدىل،  تەمكىن، سەمىيمى بۇلۇش، خېمىيۋىلىك زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىش كىيىمىنى چۇقۇم كىيىش كېرەك.

    بەزى مۇھەببەت مولىكۇلىلىرى ھەقىقەتەن ناھايىتى خەتەرلىك ۋە زەھەرلىك. ئەمما يەنە بەزى مۇھەببەت مولىكۇلىلىرى تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇنلىغان يېڭىلىق ۋە خوشاللىقلارنى ئېلىپ كىلەلەيدۇ، ھەتتا ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانلارنى قۇتۇلدۇرالىشى مۇمكىن. بۇ ئۇنىڭ مۇرەككەپ خېمىيۋى خۇسۇسىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ساپ مۇھەببەت دۇنيادا ھازىرغا قەدەر بايقالغان ئەڭ ياخشى دورا. ئۇنى ئەڭ ساپ، بىخەتەر ساقلاشنىڭ ئۇسۇلى يۈرەكتىن ئىبارەت ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا مەخپى نۇمۇر بىلەن ساقلاشتىن ئىبارەت

     

    مۇھەببەتتىن پايدىلىنىش ۋە ساقلاش

     

     

     

     

     

     

     

    بىۋاپا مۇھەببەت+ كاتالىزاتور(3-شەخىس) =====  بەربات بولغان مۇھەببەت

     

    مۇھەببەت ناھايىتى ئاكتىپ ماددا بۇلۇپ ئاسانلا بىرىكىش رىئاكسىيىسىگە كىرىشىدۇ، يۇقۇرى تېمپىراتۇرىدا تېخىمۇ ئاسان رىئاكسىيەگە كىرىشىدۇ.  بۇ جەرياندا كۆڭۈل ۋە ھېسيات كاتالىزاتورلۇق رۇلىنى ئوينايدۇ.

    تەنھا مۇھەببەت+كاتالىزاتور=====شىرىن مۇھەببەت ياكى ئازاپلىق مۇھەببەت.

     

     

     

    مۇھەببەت ئاسانلا ئوكسىدلىنىش-ئوكسىدسىزلىنىش رىئاكسىيىسىگە كىرىشىدۇ. ئوكسىدلىغۇچىغا يۇلۇققاندا ئاسانلا سىرتقى قەۋەتتىكى بىر دانە ئېلىكتىروننى بېرىۋىتىپ كۈچلۈك ئوكسىدسىزلاش خۇسۇسىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئوكسىدسىزلىغۇچىغا يۇلۇققاندا بىر دانە ئېلىكتىروننى قۇشىۋېلىپ كۈچلۈك ئوكسىدلاش خۇسۇسىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ.

     

     

     

     

    3) ئوكسىدلىنىش-ئوكسىدسىزلىنىش رىئاكسىيىسى:

     

    2) بىرىكىش رىئاكسىيىسى:

     

    سىقىپ چىقىرىش رىئاكسىيىسى:

     

    ياشلىقتىكى مۇھەببەت+(يۇقۇرى بېسىم)+كاتالىزاتور===ئازاپلىق مۇھەببەت

     

    ياشلىقتىكى مۇھەببەت ھەم ئاجىز ھەم سەزگۈر بۇلۇپ، يۇقۇرى بېسىم ۋە تۆۋەن تېمپىراتۇرىدا ئاسانلا پارچىلىنىش رىئاكسىيىسىگە  كىرىشىدۇ.

     

    1) پارچىلىنىش رىئاكسىيىسى:

     

    كېسلاتا- ئىشقارلىق خۇسۇسىيىتى:

     

     

    مۇھەببەتنىڭ زىچلىقى 520 كىلوگىرام كۇپ مېتىر،

    ئۇ تېمپىراتۇرا ئۆزگىرىشىگە ئىنتايىن سەزگۈر. يۇقۇرى بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

     

    بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەڭ يۇقۇرى بېسىمى= ئىچكى بېسىم+ تاشقى بېسىم .

     

    فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى:

     

    3) ئاتوملۇق باغ: بۇ ئاساسەن ساختا مۇھەببەت، بىۋاپا مۇھەببەت، ۋە تۇرمىشىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئادەتتىكى مۇھەببەتلەرنىڭ باغ شەكلى بۇلۇپ، خالىغان ئككى مۇھەببەت ئاتومىنى ئۆز-ئارا بىرىكتۈرىغان باغ شەكلى. بۇ بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان خەتەرلىك،  ئشەنچىسىز، ئىنتايىن تۇراقسىز، ئاسان پارچىلىنىدىغان باغ شەكىللىرىنىڭ بىرى.

     

    2) ئىئونلۇق باغ:  بۇ يەنە نورمال ئىئونلۇق باغ ۋە بىنورمال ئىئونلۇق باغ دەپ  ئككى  تۈرگە بۆلىنىدۇ. نورمال ئىئونلۇق باغ ئاساسەن بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قالغان مۇھەببەت، قەدىرلەنمىگەن مۇھەببەت ۋە كۆپ قىسىم ئادەتتىكى مۇھەببەتنىڭ باغ شەكلى  بۇلۇپ، بىر مۇسبەت ۋە بىر مەنپى مۇھەببەت ئاتومىنى ئۆز-ئارا باغلايدۇ. بۇ خىل باغ كۋالىنتلىق باغقا قارىغاندا سەل تۇراقسىز. يۇقۇرى بېسىم، تۆۋەن تېمپىراتۇراغا يۇلۇققاندا، بەزى سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە ۋە ياكى 3-شەخىسنى كۆرگەندە ئىئونلىنىپ پارچىلىنىشى مومكىن. بىنورمال ئىئونلۇق باغ ئالىملىرىمىز تېخى يېقىندا بايقىغان باغ شەكلى بۇلۇپ، ئككى مۇسبەت مۇھەببەت ئاتومى ۋە ياكى ئىككى مەنپى مۇھەببەت ئاتومىنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرىدىغان باغ شەكلى. بۇ ئەڭ ئاۋال ئامىركىدا بايقالغان باغ شەكلى بۇلۇپ، ھازىر بۇ خىل باغ شەكلى ئاستا- ئاستا تۇرمىشىمىزغا سىڭىپ كىرمەكتە، بۇ خىل باغ شەكلى ناھايىتى خەتەرلىك، شۇڭا ئۇنىڭ تۇرمىشىمىزغا سىڭىپ كىرىشىنى تۇسىشىمىز كېرەك.

     

    1) كۋالىنتلىق باغ: ئۇ ئاساسەن ساپ مۇھەببەت، رومانتىك مۇھەببەت، ھەقىقى مۇھەببەت قاتارلىقلارنىڭ باغ شەكلى بۇلۇپ، ئورتاق ئىشلىتىدىغان مۇھەببەت  ئىلىكتىرون جۈپى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ باغ بىرقەدەر تۇراقلىق ۋە ئشەنچىلىك.

     

    مۇھەببەتنىڭ ئاتوم تۈزۈلىشى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغانلىقتىن تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقىنى ئۆلچەيدىغان تېخنىكا تېخى تېپىلمىدى. ھازىر ھەر قايسى دۆلەت ئالىملىرى بۇ ھەقتە ئىزدەنمەكتە.