-
2009-02-13
يىگىتىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى چېچىغا قاراپمۇ بىلگىلى بولىدۇ .
يىگىتىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى چېچىغا قاراپمۇ بىلگىلى بولىدۇ .
1.چېچى ئاتنىڭ قىلىدەك ھەم توم ، ھەم يىرىك ، قويۇق كىشىلەر ئىش قىلسا بېرىلىپ قىلىدۇ ، ئۇلار جاسارەتلىك ، رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەردۇر ، ئەپسۇسلىنارلىقى ، بۇنداق ئادەملەر « مۇھەببەت » نىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدۇ .
2 . چېچى توم ، رەڭگى سۇس ، يىرىك لېكىن شالاڭ كىشىلەر تەرسا ھەم ئۆز گېپىنى يورغىلىتىدىغان ، باشقىلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشقا ئامراق ، قورسىقى تار كىشىلەردۇر. بۇنداقلارنىڭ ئەڭ چوڭ بىر ئالاھىدىلىكى بىر ئىشلارنى ئەپلەشكە ئۇستا كېلىدۇ .
3 . چېچى توم قارا ، قويۇق ، يۇمشاق ، يىپەكتەك كىشىلەر مىجەزى ياخشى ، ئويۇنكەش ، جاپا تارتىشنى خالىمايدىغان ، كىشىلەرنىڭ رايىغا باقىدىغان كىشىلەر بولۇپ ، ساياھەتتە كۆڭۈلدىكىدەك ئەر بولالايدۇ .
4 . چېچى يۇمشاق بولغان بىلەن شالاڭ كەلگەنلەر ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق ، ھە دېسىلا باشقىلار بىلەن مۇنازىرلىشىپلا يۈرىدىغان ، شۇنداقلا ھاكاۋۇر ، ئۆزىنى بەك چوڭ تۇتىدىغان ، بىرەر ئىشقا ھۆكۈم قىلالمايدىغان ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىپەرۋا ، ئۇنۇتقاق كىشىلەردۇر .
5 . چېچى يۇمشاق ، ئەمما قويۇق ، ماي سۈركەپ تۇرسىمۇ رەتلىك تارالمايدىغان كىشىلەر خارەكتىرى ئاجىز، ئوڭايلا قىزىرىدىغان ، قانداقلا ئىش قىلمىسۇن ئىككىلىنپ بىر قارارغا كېلەلمەيدىغانلاردۇر .
6 . چېچى قويۇق ھەم دانلىق ، تەبىئىي سېلىنىپ تۇرىدىغان كىشىلەر ئادەتتە سېمىزراق بولۇپ ، ھەركەت قىلىشنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ ، ئىشىق - مۇھەببىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ ، بۇنداقلار كۆڭۈلدىكىدەك ئەر بولالايدۇ .
7 . چاچ - ساقىلى تۇتۇشۇپ كەتكەن ، تىرىك ھەم قويۇق چاچلىق كىشىلەر ، ئەركىن مەردانە ، ئارتۇق ئىشقا ئارلىشىشقا ئامراق كىشىلەردۇر .
8 . چېچىنىڭ رەڭگى سۇس ، شالاڭ ، لېكىن دانلىق ، يىرىك كىشىلەر تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ، تۇغما ناتىق كىشىلەردۇر، بۇلار پايدا ئالساملا دەيدۇ ، زىيانغا چىدىمايدۇ .
9 . چېچى قويۇق ، يۇمشاق ، تەبىئىي تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدىغانلار جىمىغۇر ، خىيالچان ، چىداملىق بولۇپ ، سەنئەتكار ، ئالىملار مۇشۇ خىلدىكى ئادەملاردىن كۆپ چىقىدۇ .
10. چېچى بۈدرە قىلغاندەك ئىچىگە قايرىلىپ تۇرىدىغانلار مىجەزى ئىتتىك ، ئۆزىنىڭ پايدا - زىيىنىنىڭلا غېمىدە يۈرىدىغان ، گۇمانخور كىشىلەردۇر .
11. چېچىنىڭ تۈۋى يىغىلىۋالىدىغان ، ئۇچى تەرىپى تۈز كەلگەن كىشىلەر ئۆزىنىڭكىنى راست دەپ تۇرىۋالىدىغان ، نەزىرىدە ئۆزىدىن باشقا ئادەم يوق ، باشباشتاق ، باغرى تاش ، زوراۋان كېلىدۇ .
12. قارا چېچىنىڭ ئارىسىدا قىزىل چاچ بار كىشىلەر ئىسراپخور، يات جىنىسلاردىن دوست تۇتۇشقا ئامراق ، جىنسىي تەلىپى ئىنتايىن كۈچلۈك كىشىلەر بولۇپ ، ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك خەتەرلىك كىشىلەردۇر .
13. بېشىنىڭ كەينىدىكى چېچى ئاق - قارا ئارىلاش كەلگەن كىشىلەر غەمكىن ، ھېسسىياتچان ، بىردەم خوشال بولسا ، بىردەمدىلا غەمگە پېتىپ كېتىدىغان ، ئۆزىنى ئۆزى ئىشقى - مۇھەببەتلىك ھېسابلايدىغان ، ئۇخلىغاندا جۆيلۈيدىغان كىشىلەر بولۇپ ، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى ئۇلاردا نېرۋىسى ئاجىزلىقنىڭ ئالامەتلىرى بار .
<< خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى تېمىغا يېزىلغان ئاگاھلاندۇرۇش | باش بەت | راسىت -يالغان ئارلىشىپ كەتكەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىم >>