• 2009-01-29

    ئونىۋېرسىتتىكى ئاجايىباتلار

    ئونىۋېرسىتتىكى ئاجايىباتلار

    ساپانىڭ لۈكچەكلشىشى

    مەكتەپ قوروسىدىكى پاراڭلارغا قۇلاق سالسىڭىز ئۇلارنىڭ ئېغزىدىن چىقدىغان گېپى"ئاناڭنى"،قىزلارنىڭ ئېغىزدىن چىقۋاتقىنى"پاسكىنا". مەكتەپتە ئۆزىڭىزنى خۇددى بىرتوپ لۈكچەكلەرنىڭ ئارسىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلسىز.زادى ئوقۇغۇچىلار لۈكچەكلىشىپ كەتتىمۇ ياكى لۈكچەكلەر ئوقۇغۇچى بولۇپ كەتتىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ.ئۆزگىچىلكنى نامايەن قىلىش،خۇشخۇيلۇق بىلەن ماختاپ ئۇچۇرۇشلارنى ئەسلى لۈكچەك ئوبراز بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقىمۇ بولدىكەن ئەمەسمۇ؟ توۋا دىگۈلۈك!

    سۆيۈشۈشنىڭ ئاشكارىلىشىشى

    بۇ بەلكىم ئەركىنلىكنىڭ بىر قىسمى بولسا كېرەك ياكى غەرىپ مەدەنيىتىنىڭ دولقۇنىغا ئۇچىرغانلىقمۇ؟ ھازىرقى ئاليى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سۆيۈشۈش،قۇچاقلىشىشتا سورۇن تاللىمايدىغان بولۇپ كەتتى. قىلۋاتقان كىشى خىجىل بولماي خۇددى باشقىلار ئۇلارنى ماراۋاتقاندەك باشقىلارغا ھوميىپ قارىشىدۇ!

    ئىستىمالنىڭ سەۋىيلىششى

    ئىستىمال سەۋىيسىنى تىلغا ئالساق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىدا بىردىن يانىفون كەم ئەمەس،كىيىملىرگە قارىسىڭىز ھەممسى داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كىيىپ يۈرگەن، سورۇننىڭ كۆپلۈكى باشلىقلاردىن قېلىشمايدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىمال سەۋىيسىنىڭ يۇقىرلىششى ھەققەتەن ئادەمنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ؟ ئەجەبا شۇلارنىڭ ئاتا-ئانلىرى شۇلار كەيگەننى كېيىپ،ئىشلىتىپ باققانمىدۇ؟ يا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانلىرى باشلىق يا بانكېر بۇلۇپ كەتتىمۇ؟

    دەرىسخانىنىڭ سەيلىگاھلىششى

    ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگىننىڭ جەميەت ئەمەليىتىدىن ئايرىلىپ كېتشى، ئوقۇتۇش مىتودىنىڭ ئۆلۈك بولشى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ"يېڭى بىلىمنىڭ كېرىكى يوق" نەزەريىسى تۈپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلار دەرىستە ئۇخلاش،دەرستىن قېچىپ مۇھەببەتلىشىدىغان ئادەتلەر ئۇمۇملىشىپ كەتتى.

    چاقماق تېزلىكىدىكە مۇھاببەت

    مۇھاببەتلىشىش بىر خىل مودىدەك ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشىدا مۇقەررەر بولۇپ قالدى. بەزىلەر مۇھاببەتلىشىشنى زېرىكىشلىك،مەنسىز ئاليى مەكتەپ تۇرمۇشىدا ئىش پۇشقىنى چىقرىش ھېساپلايدۇ،يەنە بەزىلەر" بۇدىگەن جەميەتكە قەدەم بېسىشنىڭ تەييارلىقى" دەيدۇ. ئۇلار ئۇدۇل باش تېمغا كىرىشكەندىن كېيىن ناھايتى تېز سۈرئەتتە زېرىكىپ چاقماق تېزلىكىدە ئايرىلىپ كېتشىدۇ.مانا بۇ چاقماق تېزلىكىدىكى مۇھاببەت ياكى بولمىسا شەھۋانيى نەپىس ۋە جىنسيى ئىنتلىشنىڭ تاماقخانىلىششى.

    تولۇقلىما ئىمتاھاننىڭ كەسىپلىششى

    "ئۆگۈنۈشنى مەقسەت قىلمىغاندا تۇرمۇش مەنلىك ئۆتىدۇ"مانا بۇ ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاپنامىسى.ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى كېڭەيتىش مۇقەررەر ھالدا بىر تۈركۈم ئۆگنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغانلارنى ئونىۋېرسىتىتقا سۆرەپ كىردۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىلى تېخمۇ كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن باللار تولۇقلىما ئىمتاھان بېرىشنى نومۇس دەپ قارمايدۇ.ھەتتا نۇرغۇنلىرنىڭ تولۇقلىما ئىمتاھان بېرىشكە كەسپيى سەۋىيسى بولسا كېرەك