-
2009-01-19
ئەر ئاياللىق مۇناسىۋەت - [تەرمىلەر]
1- تويدىن بۇرۇن ئەرلەر قەرز ئېلىپ بولسىمۇ لايىقىنىڭ كۆڭلىنى ئالىدۇ ؛ تويدىن كېيىن بولسا ئاياللار قەرز ئېلىپ بولسىمۇ ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئالىدۇ .
2- ئەرلەر پۇل تاپقاندىن كېيىن ئاجرىشىشنى ئويلايدۇ ، ئەرلەر پۇل تاپالمىسا ، ئايالى ئاجرىشىپ كېتىشنى ئويلايدۇ .
3- ئاياللارنىڭ « ئەجەپ ئۆچ بولدۇم » دىگىنى ئەرلىرىگە ئەركىلىگىنى ، ئەرلەرنىڭ « ئەجەپ ئۆچ بولدۇم » دىگنى ئايالىغا راستىنلا ئۆچ بولغىنى .
4- ئۆيدە پۇل قالمىغاندا ئەرلەر ھىساپ قىلىشقا ئامراق ، ئۆيدە پۇل كۆپەيسە ئاياللار ھىساپ قىلىشقا ئامراق .
5- ئەر - ئايالنىڭ مۇناسىۋىتى ھەرقانچە يىرىكلەشسىمۇ ، ئەرلەرنىڭ قېينانىسى بىلەن ئەپ ئۆتمىكى ئاسان ، ئەر - ئايالنىڭ مۇناسىۋىتى مىڭ ياخشى بولسىمۇ ، ئاياللارنىڭ قېينانىسى بىلەن ئەپ ئۆتمىكى تەس .
6- ئەرلەر پىكاپنى قائىدىگە خىلاپ توختىتىپ جەرىمانە تۆلەش توغرا كەلسە ساقچى بىلەن جىدەللىشىدۇ ، ئايالى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىدۇ . ئاياللار پىكاپنى قائىدىگە خىلاپ توختىتىپ جەرىمانە تولەش توغرا كەلسە ، ئېرى بىلەن سوقىشىدۇ ، ساخچى ئۇلارغا نەسىھەت قىلىدۇ .
7- ئەرلەرنىڭ سىرتقا قاراپ قېلىشى بىردەملىك ھاياجان ئۈچۈن ، ئاياللارنىڭ سىرتقا قاراپ قېلىشى ، ئائىلىسىنى ئۇنۇتقانلىقى ئۈچۈن .
8- 40 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن ئاياللاردا ھازىرقىدىن ياخشى ئەر تېپىش ئىستىكى بولىدۇ . 40 ياشتىن كېيىن ئەرلەردە ھازىرقىدىن ناچار بولسىمۇ ، باشقا ئايال تېپىش غەرىزىدە بولىدۇ .
9- ئەرلەر پۇللۇق بولغان ھامان ئالدى بىلەن يانفۇنىنى ، ئاندىن پىكىپىنى ، ئارقىدىن ئۆيىنى يېڭىلايدۇ ، ئاخىرىدا ئۈستىبېشىنى تۇزەشتۈرىدۇ ، ئاياللار پۇللۇق بولسا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە .
10- ھەر قانچە نامرات ئەر كىشى كۆكتات سېتىۋالغاندا باھا تالىشىپ يۈرمەيدۇ ، ھەر قانچە پۇلدار ئايال كۆكتات سېتىۋالغاندا ، باھا تالاشماي قالمايدۇ .
评论
ھەم بەك قىززىقارلىق، ھەم بەك يۇمۇرلۇق تۇيۇلىدىكەن.....