评论

  • تارىم بلوگىدىكى 2 ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى بېلەت تاشلاش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، پەقەت Blogbus تا بلوگى بارلارلا بېلەت تاشلىيالايدىكەن. بېلەت تاشلاش پروگراممىسىنى سىناۋاتقان باشقا بلوگگىرلارمۇ مۇشۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىپ قويساڭلار.
    iplas回复تارىم说:
    مېنىڭچىمۇ شۇنداقكەن
    2009-01-23 20:31:51
  • مېنىڭچىمۇ ئۇيغۇر تىلىدا بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەك ياخشى ئەمەس. سىز بەلكىم باشقىلارغا بىر خىل غەلىتىلىك تۇيغۇسى بېرىمەن دەۋاتقان بولىشىڭىز مومكىن. مەن تۇنجى قېتىم كۆرۈپلا بىر قىسما بولۇپ قالغان ئىدىم. شۇڭىلاشقا بىلوگىڭىزنى ئۇلىنىش قىلغاندىمۇ يۇقارقى ئىسىمنى ئىشلەتمەي"ئاجايىباتلار دۇنياسى" دېگەن ئىسىمنى ئىشلەتكەن ئىدىم. يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇسام ئۆزىڭىز تۈزۈكلا بالىدەك قىلىسىز. نېمە ئۈچۈن "ئىپلاس" دېگەن بۇ نامنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىڭىزنى بىلەلمىدىم. مېنىڭچە بىرىنچى ئىنكاستا دېيىلگەندەك سىزنىڭ ۋە بۇ ئىسىمنى ياقتۇرۇپ قالغانلارنىڭ پىسخىكىسىدا بەزى ئاجىزلىقلار بولىشى چوقۇم. بىز ئۇيغۇرلار مەيلى باللىلىرىمىزغا ئىسىم قويۇش، لەقەم قويۇش ۋە باشقا شەيئىلەرگە نام قويۇشتا بولسۇن خەيىرلىك، مەنىسى ياخشى، بىر ئاڭلىغان كىشىگە ھۇزۇر بېرەلەيدىغان ئىسىملارنى قويۇشنى قوغلىشىپ كەلمەكتىمىز. سىز ھازىرقى زاماندىكى ياش بەلكىم سىز ھازىرقى زاماندىكى بىر ياش بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئالدىنقىلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرمىسام بولمايدۇ دەپ قارىشىڭىز مومكىن. توغرا، باشقىلاردىن ئۆزگىچە ئىجابىي ئارتىۇقچىلىقلىرىڭىز بىلەن پەرىقلەنسىڭىز بۇ ياخشى ئىش. مېنىڭ تەكلىپىم يۇقارقى ئىسىمنى قانچە بالدۇر ئالماشتۇرۋەتسىڭىز، شۇنچە بالدۇر توغرا يولغا ماڭغان بولىسىز. چۈنكى بىز ئىسمنى ئادەمنىڭ روھى بىلەن بىرلىشىپ كىتىدىغان ئابىستىراكىت نەرسە دەپ قارايمىز. بىزدەيەنە"ساق ئادەمنى 3 قېتىم ساراڭ دېسە راستىنلا ساراڭغا ئايلىنىدۇ" دېگەن گەپمۇ بار. ئۆزىڭىزنى "ئىپلاس" دېگەن ئىسىم بىلەن باغلىۋىلىپ كىيىن راستىنلا مۇشۇنداق ئادەم بولۇپ قالسىڭىز. سىز بىزگە نىسبەتەن بىر ئاپەت بولىسىز. بۇ تەرەپنىمۇ ئويلاپ بېقىڭ.
  • سىز ئىسىم چىقمىغاندەك مۇشۇ ئىسىمنى قويغىنىڭىز نىمىسى؟ كىشىگە بىر خىل روھى كىسەل، نىرۋىسى چاتاق ئادەمدەك تۇيغۇ بىرىدىكەن. ياكى بىر قارىماققا سېرىق مەزمۇنلار يېغىلغان تور بىتىمۇ دەپمۇ قالىدۇ ئادەم. مېنىڭچە ئۆزگەرتىڭ. ئۇيغۇرچىدا نۇرغۇن چىرايلىق ئىسىملار تولۇپ يتىپتۇ. سىزگە يارايدىغىنى چوقۇم چىقىدۇ.
  • ئىپلاس دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى رەھىمسىز، يۈزسىز دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
    سىزنىڭ ئىشلەتكىنىڭىز بۇ سۆزنىڭ كۆچمە مەنىسى دەپ ئويلايمەن. ئاشۇ كۆچمە مەنىسى توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بېرىڭ. ئاندىن بېلەت تاشلىۋىتەي.