• 2009-01-07

    چۈش تەبىرى!!

    چۈش تەبىرى!!

    چۈش كىشىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنىشى بولۇپ , ئەلمىساقتىن تارتىپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى ياخشى تەرەپكە ئۆرۈپ , يامان چۈشلەرنىمۇ ئامال بار ياخشى تەرەپكە ئۆرۈپ كىشىلەرنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تولدۇرۇپ , بەلگىلىك رىغبەتلەندۈرۈش , تەسەللىي بىرىش ۋە ئىلھام بىرىش ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتىرجەملىككە ئىگە قىلماقتا . ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس چۈش تەبىرى بولۇپ , بۇ تەبىرلەرگە شۇ مىللەتنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتى , دىني ئېتىقادى , ۋە شۇ مىللەتنىڭ بەلگىلىك مەدىنىيەت خاراكتىلىرى سىڭىپ كەتكەن . بۇنىڭ شۇ مىللەتنىڭ ئىندىۋۇدال خاراكتىرىنى ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك قىممىتى بار . شۇنى دەپ ئۆتۈش كېرەككى , بۈگۈنكى ئىلىم - پەن تەرەققىي قىلغان دەۋىردىمۇ , نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى چۈشىنەلمەي , بۇنىڭدىكى سىرغا ھەيران قىلىپ يۈرمەكتە . بېشىدىن كۆپ ئىسسىق - سوغۇق ئۆتكەن پىشقەدەملىرىمىز ھەرخىل چۈشلەرگە بىرخىل بەلگىلىك رىغبەتلەندۈرۈش , تەسەللىي بىرىش ۋە ئىلھام بىرىشنى ئاساس قىلىپ , ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ كەلمەكتە .
    تۆۋەندە بىز ئۆزىمىز توپلىغان بىر قىسىم چۈش تەبىرلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزورىغا سۇندۇق .دوستلارنىڭ << شاكىلىنى چىقىرۋىتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىش >> نى تەۋسىيە قىلىمىز .

    بىلىڭ ۋە ئاگاھ بولۇڭكى تارىخ يازغۇچى ۋە رىۋايەتچىلەردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , ھەزرىتى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام چۈش تەبىرىدىن قالدۇرغان رىۋايەتكە ئېيتىپدۇركى , ھەر كىشى بىرەر چۈش كۆرسە چۈشىگە تەبىر بەرگۈچى ياخشىلىققا تەبىر بەرسۇن يامانلىققا تەبىر بەرمىسىۇن .

    1. ھەركىمنىڭ ئۆيى تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئوغۇل پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر . ئۆينىڭ تۆۋەن تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە قىز پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر . ئۆينىڭ قىبلە تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئاتا تەرەپكە , شەرق تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئانا تەرەپكە خەتەر يېتەر ، تورۇس ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئۆينىڭ چوڭىغا خەتەر يېتەر .
    2. قەبرىستاندا يۈرۈپ چۈش كۆرسە گۇناھى ئازلىغان بولۇر .
    3. مەسجىدنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە خۇدانىڭ خەزىنىسىدۇر .
    4. مەسجىددە ناما ز ئوقۇپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يېتەر .
    5. چوڭ دەرەخ يىقىلىپ چۈش كۆرسە شۇ جاينىڭ چوڭىغا خەتەر يىتەر .
    6. كۆچەت قويۇپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي .
    7. تاغدا يۈرۈپ تاغنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئىززەت ۋە ھۆرمەتلىك بولغاي .
    8. ئوتنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يىتەر .
    9. تۈتۈن ئىسىنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئازاپقا گىرىپتار بولۇر .
    10. ئوتۇن كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىناما ز بىلەن دوست بولۇر .
    11.ئانارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىر يەردىن سوغات خەۋىرى كېلۇر .
    12. بىيە كۆرۈپ چۈش كۆرسە كېسەل بولۇر .
    13. ئىشەكتىن يىقىلىپ چۈش كۆرسە ئۆزىگە زىياندۇر .
    14. تۆمۈر ئەسۋاب كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنتى كۆپ بولۇر .
    15. قامچا كۆرۈپ چۈش كۆرسە چوكان ئالۇر .
    16.ئىت قاۋاپ چۈش كۆرسە دۈشمەن قەسىت قىلۇر .
    17. ئىلان ھەم دۈشمەن سۈرىدۇر .
    18. ئاق ئىلان مۇسۇلماندۇر .
    19.قارا ئىلان دۈشمەن سۈرىدۇر .
    20. چاشقان ئوغرى سۈرىدۇر .
    21. توشقان كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت نىسىپ بولۇر .
    22. قاغا قىچقىرىپ چۈش كۆرسە قۇرقۇنچلۇق خەۋەر كېلۇر .
    23. پاختەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .
    24. قۇشقاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمكىن بولۇر .
    25. كەپتەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى ئالىم بولۇر .
    26. لاچىن كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى باتۇر بولۇر .
    27. دەمدەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە شۇ جايدىن قۇرئان ئاۋازى ئۈزۈلمەس .
    28. تورغاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولغاي .
    29. سېغىزخان كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھارامخۇر بىلەن دوست بولۇر .
    30. بۇلبۇل كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى نەغمىچى بولۇر .
    31. قالغاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى راسىت سۆزلۈك بولۇر .
    32. ھۆپۆپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى بېخىل بولۇر .
    33.ئاسمانغا ئۇچۇپ چۈش كۆرسە دۆلىتى زىيادە بولۇر .
    34. يەر ياقىلاپ چۈش كۆرسە ياكى ئۇچۇپ يىقىلىپ چۈش كۆرسە سەپەردە خەتەرگە ئۇچرار .
    35. ئېگىز ئۇچۇپ چۈش كۆرسە سەپىرى سالامەت بولۇر .
    36. كەتمەن كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يىتەر .
    37. ئارا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .
    38. خامان تېپىپ چۈش كۆرسە خەلىققە باش بولۇر .
    39. دەريانى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋان بولۇر .
    40. كېيىكنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە نېمەتكە داخىل بولۇر .
    41. كالا قوغلاپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلارنىڭ نەزىردىن يېقىلۇر .
    42. كالا بوغۇزلاپ چۈش كۆرسە يۇرتىغا خەتەر يېتەر .
    43. كالا گۆشى تەقسىم قىلىپ چۈش كۆرسە ئۆي سەرەمجانلىرى تەقسىم قىلىنۇر .
    44. قوي گۆشى تەقسىم قىلىنىپ چۈش كۆرسە تەقسىم نۆۋىتى كېلۇر .
    45. پاقلان كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى يىتىم قالۇر .
    46. ئۆچكە جىننىڭ سۈرىدۇر .
    47. ئوغلاقنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەككار پەرزەنت كۆرەر .
    48. مال بېقىپ چۈش كۆرسە خەلىققە باشلىق بولۇر .
    49. تۆگە قوغلاپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالارنىڭ غەزىۋىگە ئۇچرار .
    50. تۆگە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر .
    51. مىكيان كۆرۈپ چۈش كۆرسە خوتۇن ئالۇر ياكى ئەرگە تېگەر .
    52. تۇخۇم يەپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرمەس .
    53. تۇخۇم چېقىلىپ چۈش كۆرسە پەرزەنتى تۇرماس .
    54. قوناق كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكىلى ئاسان بولۇر .
    55. ئىت قەسىت قىلىپ چۈش كۆرسە دۈشمەن سۈرىدۇر .
    56. شەھەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكىلى ئاسان بولۇر .
    57. چوڭ بولۇپ چۈش كۆرسە رەنجىگە گىرىپتار بولۇر .
    58. تارازا كۆرۈپ چۈش كۆرسە داۋاگەر بولۇر .
    59. كۆۋرۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئابرۇيلۇق بولۇر .
    60. گۈلنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلاردىن ئىنام ئالۇر .
    61. قورسىقى تويۇپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر .
    62. قورسىقى ئېچىپ چۈش كۆرسە غەمدىن قۇتۇلار .
    63. جامائەتلەرنى كۆرسە خۇشاللىق بولۇر .
    64.بىلەيزۈكنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە نىكاھى مۇستەھكەم بولۇر .
    65. ھارۋا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ياكى پۇتىغا ئاياق كىيىپ چۈش كۆرسە خوتۇن ئالۇر .
    66. قىز بالا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمۈرى ئۇزۇن بولۇر .
    67. چوكان كۆرۈپ چۈش كۆرسە پۇل ماللىرى ئامان بولۇر .
    68. زىنا قىلىپ چۈش كۆرسە غۈسلى تاھارەت قىلىپ يۇيۇنسۇن ، مۇرادىغا يىتەر .
    69. ئوڭ قولى غايىپ بولۇپ چۈش كۆرسە ئوغۇل پەرزەنتىگە ، چەپ قولى غايىپ بولسا قىز پەرزەنتىگە خەتەر يىتەر .
    70. زىكەر غايىپ بولسا پەرزەنت كۆرمەس .
    71.بەدېنىگە موي چىقىپ چۈش كۆرسە پۇل ماللىرىغا زىيان يېتەر .
    72. ئاياللار پەرجىدىن قان ئېقىپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي .
    73. چوڭ - كچىك بۆلۈپ چۈش كۆرسە دۇنياسى كۆپ بولۇر .
    74. ھايۋاننىڭ تېزىگىنى تېرىپ چۈش كۆرسە ئومرى مۇشەققەت بىلەن ئۆتكۈزگەي .
    75. ئۆيگە كىرىپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر .
    76. ئۆيدىن چىقىپ چۈش كۆرسە غەمدىن قۇتۇلار .
    77. ئۆيگە سۇ كىرىپ چۈش كۆرسە ئۆيگە بەركەت كىلۇر .
    78. ئۆيگە ئوت كېتىپ چۈش كۆرسە بەدنىيەت ئادەمگە ئۇچرار .
    79. دەريانى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەرتىۋىسى ئۆسەر .
    80. دەرياغا چۈشۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر .
    81. كېمىگە چىقىپ چۈش كۆرسە يۈزدە يۈز مەرتىبە تاپار .
    82. پاقىنى كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر .
    83. بېلىق كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھالالدىن رىزقى كۆپ بولۇر .
    84. ئات يۈگۈرتۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يېتەر .
    85. ئات مېنىپ جەڭ قىلىپ چۈش كۆرسە خوتۇنى بىلەن ماجرالىشىپ ئۆي بۇزۇلۇر .
    86. ئاتتىن يىقىلپ چۈش كۆرسە خوتۇندىن يامانلىق كىلۇر .
    87. يايلا قۇيرۇقلۇق ئاتقا مېنىپ چۈش كۆرسە خوتۇنى كېسەل بولۇر .
    88. لەھەڭ دەم تارتىپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلاردىن ئىنئام ئالۇر .
    89. ئەجدەرھا پادىشاھ سۈرىدۇر .
    90. قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە رىزقى كۆپ بولۇر .
    91. توڭ قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە جۇداغا قالۇر .
    92. ئاچچىق قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە بىر كىشىدىن ئىزا - ئاھانەتكە قالۇر .
    93. ئاق ئۈجمە يەپ چۈش كۆرسە رىزقى كۆپ بولۇر .
    94. ياڭاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە جۇداغا قالۇر .
    95. كۆك ئۈزۈم يەپ چۈش كۆرسە يىغا - زارلىق بولۇر .
    96. توڭ ياڭاق يامان ئەمەستۇر .
    97. جۇگاز يىغى كۆرۈپ چۈش كۆرسە پاراڭ جۇداغا قالۇر .
    98. غەلۋىر كۆرۈپ چۈش كۆرسە ۋەيرانلىققا قالۇر .
    99. ئۆتكەمە كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر .
    100. خوتۇن كىشى ئوغۇل تۇغۇپ چۈش كۆرسە قىزدۇر .
    101. ئالما كۆرۈپ چۈش كۆرسە دېدار كۆرۈشەر .
    102. چىسلا كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى دوختۇر بولۇر .
    103. جىگدە كۆرۈپ چۈش كۆرسە نائەھلى بىلەن دوست بولۇر .
    104. تولا يىغلاپ چۈش كۆرسە كېسەل بولۇر .
    105. گۆر كولاپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر .
    106. ھەرە كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىراۋدىن ئازارلىنۇر .
    107. ئورۇس كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەمەلسىز پەرزەنت كۆرەر .
    108. ھىندى كۆرۈپ چۈش كۆرسە قارغۇ پەرزەنت كۆرەر .
    109. چېچەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى راھەتتە بولۇر .
    110. شىكەر ناۋات كۆرۈپ چۈش كۆرسە خۇشاللىق بولۇر .
    111. غەم بولۇپ چۈش كۆرسە تولا كېسەل بولۇر .
    112. قاپاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە كېسەلدىن شىپا تاپار .
    113. قۇلىغى گاس بولۇپ چۈش كۆرسە بەتنام سۆزدىن قۇتۇلار .
    114. بوغۇز تۆگە كۆرۈپ چۈش كۇرسە جان ئالغۇچىنڭ سۈرىدۈر .
    115. كەكلىك كۇرۈپ چۈش كۇرسە خۇدا جۈپ پەرزەت بېرەر .
    116. قارچۇغا كۇرۈپ چۈش كۇرسە دوستى قولىغا كېلۇر .
    117. سېۋەت كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەرتبسىدىن چۈشەر .
    118. چىراق كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئالىم پەرزەنت كۆرەر .
    119. سۇرە پەلەقنى ئوقۈپ چۈش كۆرسە ئالىم پەرزەنت كۆرەر .
    120. سۈرە پەلەقنى ئوقۇپ چۈش كۆرسە سېھرى جادۇدىن قۇتۇلار .
    121. سۇرە ياسىن ئوقۈپ چۈش كۆرسە خۈدا دوزاق ئازابىدىن ساقلار .
    122. قۈرئان ئوقۈپ چۈش كۆرسە ياخشى كۈن كۆرەر .
    123. تاھارەت ئېلىپ چۈش كۇرسە ئابروي كۆتۈلەر .
    124. روھ كۈلۈپ چۈش كۆرسە ئازاپ تارتقاننىڭ سۈرىدۈر .
    125. روھ دەشنام قىلىپ چۈش كۆرسە مەدەت قىلغاننىڭ سۈرى .
    126. روھ ئۈرۈپ چۈش كۆرسە ساقايماس كېسەلگە قالۈر .
    127. روھ ئىززەتلەپ چۈش كۆرسە ئۆز يېنىغا تارتقاننىڭ سۈرىدۈر .
    128. روھ سۆزلسە راست سۆزلىگەي .
    129. روھ تائام بېرىپ چۈش كۆرسە دۇئا تەلەپ قىلغاندۈر .
    130. روھ تاھارەت ئېلىپ چۈش كۇرسە گۈناھى تۆكۈلەر .
    131. تۈگمەن قۈرۈق چۆگىلەپ چۈش كۇرسە قۇرۇق سۆز قۇرۇق تۆھمەتكە قالغاي .
    132. تۈگمەندە ئۇن تارتىپ چۈش كۆرسە پۇل مالى كۆپ بولغاي , ھاجىتى راۋا بولغاي .
    133. يامغۇر يېغىپ چۈش كۆرسە ئەرزانچلىق بولۇر .
    134. ئاپتاپ چىقىپ چۈش كۇرسە مەرتېبىلىك بولۇر .
    135. كۈننى كۇرۈپ چۈش كۇرسە خۈدانىڭ جامالىدۈر .
    136. كۈن تۈتۈلۈپ چۈش كۇرسە خەلق زۈلۈمدا قالغاي .
    137. ئاي كۈن بىر يەردە جەم بولۈپ چۈش كۆرسە دەرىجسى كۆتۈرۈلگەي .
    138. يېڭى ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي ، تولۇن ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكۈلى ئاسان بولۈر .
    139. يېرىم ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە قىلغان ئىشى چالا بولغاي .
    140. ئاي كۆرۈپ كېتىپ چۈش كۆرسە يۈرت ئىچىدە پىتنە پاسات بولۈر .
    141. يۇلتۇز كۆرۈپ چۈش كۇرسە مۈرادىغا يېتەر .
    142. يۇلتۇزلار تۆكۈلۈپ چۈش كۆرسە قۇرۇق تۆھمەتكە يولۇقار .
    143. ئۈكەي يۇلتۇزنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ساھابىلەردىن مەدەت بولۇر .
    144. يۇلتۇز ئېقىپ چۈش كۆرسە بىر ئالىم ۋاپات بولۈر .
    145. يەر تەۋرەپ چۈش كۆرسە گۈناھلار كۆپلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر .
    146. ھاۋا گۈلدۈرلەپ چۈش كۆرسە قۇرۇق سۆزگە قالۇر .
    147. چاقماق چېقىپ چۈش كۆرسە پادىشاھنىڭ ئالدىدا گۇناھقا لايىق بولۇر .
    148. باش غايپ بولۇپ چۈش كۆرسە ئەجىلى يېقىن بولۇر .
    149. بېشىغا قېلىچ تېگىپ چۈش كۆرسە پادىشاھقا خەتەر يېتەر .
    150. باش چۈشۈپ چۈش كۇرسە يېرىم ھەج ساۋابى بولۈر , قىلغان ئىشى چالا بولۇر .
    151. چېچى ئۆسۈپ چۈش كۆرسە قەرزدار بولۇر .
    152. كۆزى كور بولۇپ چۈش كۆرسە تىنەپ قالۇر .
    153. ئايالىنىڭ چېچى ئۆسۈپ چۈش كۆرسە بەختى كېلۇر .
    154. بىر كۆزى كۆرمەس بولۇپ چۈش كۆرسە نامەرتنىڭ قولىغا قالۇر .
    155. بۇرنى پۇچۇق بولۇپ چۈش كۆرسە ئەيىبى ئاشكارا بولۇر .
    156. ئاق تون كېيپ چۈش كۆرسە ماتەمدار بولۇر .
    157. قىزىل تون كېيىپ چۈش كۆرسە روشەنلىككە چىقار .
    158. كۆك تون كېيىپ چۈش كۆرسە يىغا زارلىق بولۇر .
    159. دەللە تون كېيىپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالاردىن مەدەتدۇر .
    160. يالاڭ ئاياق بولۇپ چۈش كۆرسە گۇماندىن پاك بولۇر .
    161. ئۆي سۇ كۆرۈپ چۈش كۆرسە رەنجى مىھنەتلىك بولۇر .
    162. سۈزۈك سۇ كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئاز قالغان بولىدۇ .
    163.تۇز كۆرۈپ چۈش كۆرسە بەتنامگە قالۇر .
    164.قۇش كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۆلىتى زىيادە بولۇر .
    165.ئەگەر قۇشلار سوقۇشۇپ چۈش كۆرسە دۈشمىنى بىلەن دوسىت بولۇر .
    166.قان كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۈشمىنى بىلەن دوسىت بولۇر .
    167. سارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە پاسىق بىلەن دوسىت بولۇر .
    168. تۈلكە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھىلىگەر بىلەن دوسىت بولۇر .
    169. قەبرىستاندا يۈرۈپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە گۇنادىن پاك بولۇر .
    170. گورنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمسىز بولۇر .
    171. كىپەن راسلاپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .
    172. جىنازا كۆرۈپ چۈش كۆرسە خەلقىغە چوڭ بولۇر .
    173. ئۆلۈك تىرىلىپ چۈش كۆرسە روھ قۇۋۋەت تاپقاندۇر .
    174. روھ ئۆلۈپ چۈش كۆرسە روھ ئاجىزلىغاننىڭ سۈرىدۇر .
    175. روھ يىغلاپ چۈش كۆرسە روھقا بىھوش بىسىپ بولغان سۈرىدۇر .
    176. روھقا بىر نەرسە بېرىپ چۈش كۆرسە قوللىغان سۈرىدۇر .
    177. قازانغا ئوت قالاپ چۈش كۆرسە بەتنىيەت بىلەن دوسىت بولۇر .
    178. ساندۇق كۆرۈپ چۈش كۆرسە كەسپى دۇنياسى راۋاج تاپار , ساندۇقتىن نەرسە ئېلىپ چۈش كۆرسە غەمدىن ئامان بولۇر .
    179. كوزا كۆرۈپ چۈش كۆرسە خوتۇنى تۇغۇتى تەس بولۇر .
    180. تاۋاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرەر , تاۋاق چېقىلىپ چۈش كۆرسە بالىسى تۇرماس .
    ئالتۇن كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئىماندىن ئاجراش خەۋپى باردۇر .
    181. كۆمۈش كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۇئاسى ئىجاۋەت بولۇر .
    182. داچەن كۆرۈپ چۈش كۆرسە پۇشايمانغا قالۇر .
    183. ئۈزۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسىنىڭ بىر ئەزاسى كام بولۇر .
    184. ئەينەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھەپەر تەرەپتىن خەۋەر كېلۇر .
    185.ئەينەككە قاراپ چۈش كۆرسە دىدار كۆرىشەر .
    186. بۇغداي كۆرۈپ چۈش كۆرسە جاپا بىلەن دۇنيا تاپار .
    187. يىڭنە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر .
    188. قوناق كۆرۈپ چۈش كۆرسە روشەنلىككە چىقار .
    189. مايسا كۆرۈپ چۈش كۆرسە يىغا- زارلىق بولۇر .
    190. ئارپا كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەينەتچىلىككە قالۇر .
    191. تېرىق كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇشكىلى ئاسان بولۇر .
    192. ھايۋان بىلەن سۆزلۈشۈپ چۈش كۆرسە ھەقىقىي مۇسۇلمان بولۇر .
    193 .سۈرە ئەررەھمان ئوقۇپ چۈش كۆرسە ئىككى ئالەمدە سائەتمەن بولغاي .
    194. قۇرئان ئوقۇپ چۈش كۆرسە ياخشىلىقنىڭ ھىساۋى بولماس .
    195. سېمىز ئىنەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەمۇرچىلىق بولۇر , ئورۇق ئىنەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە قەھەتچىلىك بولۇر .
    196. ئورۇق بۇغداي سېمىز بۇغداينى چىرماپ چۈش كۆرسە ئاسماندىن يامغۇر ياغماي تېرىقچىلىق ھوسۇل بەرمەي كىشلەر ھالاك بولۇپ , ئاتا-ئوغولدىن قىز -ئانىدىن قېچىپ ھالاك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
    197. بۇغداي ئوخشاپ چۈش كۆرسە مەھسۇلات ئېشىپ مەمۇرچىلىق بولۇر .


    ياخشى چۈش كۆرسە خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىش ناچار چۈش كۆرسە خۇداغا ئىستىقپار ئېيتىپ پېقىر - مىسكىنلەرگە خەيرى ئېھسان قىلىش لازىم . سەدىقە قىلىش توغرا بالايى- ئاپەتلەرنى توسۇدۇ ۋە ئۆمرىنى زىيادە قىلىدۇ . شۇ سەۋەپ بىلەن خۇدايتائالاغا شۈكرى كەلتۈرۈپ , ئاز-كۆپ بەرگەن رىزىقلىرىگە قانائەت كەلتۈرۈش بىلەن پۇل- مالىمىز ھىسابقا يەتسە قىرىقتىن بىرىنى ، باي دېھقانلارغا زىرائەتنىڭ ئوندىن بىرىنى بېرىشكە ، كەمبەغەللەرگە سەبرى قانائەت قىلىش ، بايلارگە خۇدانىڭ بەرگەن كۆپ ئىممەتلىرىگە ھىساپسىز شۈكرى قىلىپ تائەت - ئىبادەتكە كامىل تەقۋادار بولۇش لازىم .
    باي كىشلەرگە ئاسانلا كېبرى-تاماخورلۇق , مەنمەنلىك يۇقۇپ قالىدۇ . بۇ شەيتاننىڭ سۇيقەستى ، سەدىقە ، ئىخلاس بىلەن ئىسلامدىكى بەش پەرىزنى ئادا قىلىش زۈرۈردۇر .