*ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھۆرمىتىگە مۇھتاج ؛
*ئاياللار ئەرلەرنىڭ زوقلىنىشىغا مۇھتاج .
*ئەرلەر دادا بولغاندىن كېيىن دادىسىنى چۈشۈنىدۇ ؛
*ئاياللار ئانا بولغاندىن كېيىن ئانىسىنى چۈشۈنىدۇ .
*ئەرلەرنىڭ كەسپى ھاياتلىق كېمىسى؛
*ئاياللارنىڭ كەسپى ھېسسىيات سەپىرى .
*ئەرلەرنى كۆز يېشى كىشىنى بىزار قىلىدۇ ؛
*ئاياللارنىڭ كۆز يېشى ئىچ ئاغرىتىدۇ .
*ئەرلەر مۇھەببەتنى ھاياتىنىڭ بىرقىسمى دەپ قارايدۇ ؛
*ئاياللار بولسا مۇھەببەت ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلىدۇ .
*ئەرلەر ئارىسىدىكى ئايال مەلىكىدۇر ؛
*ئاياللار ئارىسىدىكى ئەر قۇلدۇر.
*ئەرلەر ئاياللارنى كۆرگەندە يۈرىكى سالىدۇ ؛
*ئاياللار ئەرلەرنى كۆرگەندە يۈزى قىزىرىدۇ .
*ئەرلەر كىرىمى توغرىسىدا پاراڭلىشىشنى خالىمايدۇ ؛
*ئاياللار يېشى توغرىسىدا پاراڭلىشىشنى خالىمايدۇ .
*ئەرلەر ئاچچىقلانغاندا خوتۇنىنى ئۇرىدۇ ؛
*ئاياللار ئەركىلىگەندە ئېرىنى مۇشتلاپ قويىدۇ .
*ئەرلەر شېرىن-شىكەر گەپلىرى بىلەن ئاياللارنى بويسۇندۇرىدۇ ؛
*ئاياللار گۈزەل جامالى بىلەن ئەرلەرنى بويسۇندۇرىدۇ .
*ئەرلەر باشقىلارنىڭ خوتۇنى توغرىسىدا پاراڭلىشىشقا ئامراق ؛
*ئاياللار ئەرلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىشقا ئامراق .
*ئەرلەر ئۆزى سۆيىدىغان ئايالنى ئىزدەيدۇ ؛
*ئاياللار ئۆزىنى سۆيىدىغان ئەرنى ئىزدەيدۇ .
*ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئالدىدا جەسۇرلىشىپ كېتىدۇ ؛
*ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدا لىۋەنلىشىپ كېتىدۇ .
*ئەرلەر ئۆزىنىڭ بوي ئىگىزلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ؛
*ئاياللار ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ .
*ئەرلەر ئۆزىنىڭ يۈز ئابرويىنى قەدىرلەيدۇ ؛
*ئاياللار ئۆزىنىڭ نامىنى قەدىرلەيدۇ .
*ئەرلەرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كەمچىلىكى خوتۇنىدىن قورقۇش؛
ئاياللارنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كەمچىلكى كۆز يېشىنىڭ كۆپلىكى .
*ئەرلەر نامراتلىقتىن قورقىدۇ ؛
*ئاياللار ئېرىنىڭ باي بۇلۇپ باشقا ئايال تېپىۋېلىشىدىن قورقىدۇ